ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

BBC نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى چۈشۈردى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى:
BBC نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى چۈشۈردى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە رادىئو شېركىتى ( BBC ) بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان جۇڭگولۇقلار كەلدى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا جۇڭگولۇقلار ئا
  

BBC نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى چۈشۈردى

 

10-ئاينىڭ 9-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە رادىئو شېركىتى (BBC) بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇقلار كەلدى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا جۇڭگولۇقلار «ئافرىقىغا زور مىقداردا كىردى»، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مەبلىغى «ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئافرىقىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دەپ تەسۋىرلىگەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى كېنىيە، زىمبابۇۋى، زامبىيە، تانزانىيە، ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ ھۆججەتلىك فىلىم قوزغىغان تەسىرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كۆپ قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچىلار BBC نىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلىشىدىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازىنى چۈشۈرۈش، ئافرىقىدا جۇڭگوغا قارشى كەيپىيات قۇترىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ئافرىقا تاماشىبىنلىرى BBC نىڭ بۇ فىلىم ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش قىلمىشىنى ئانچە ئېتراپ قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كۆرۈرمەنلەر جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئافرىقا دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك دەپ قارىغان.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئافرىقا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې ۋېنپىڭ (贺文萍) نىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى ئىككى تەرەپكىلا پايدىسى بولۇپ، ئەمما ئافرىقىلىقلارنىڭ جۇڭگو مەبلەغ سالغان ئافرىقا دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك دېگەن ئەسكەرتىشىگە جۇڭگو ئەھمىيەت بېرىشى ھەمدە تىرىشىپ ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!