يەمەندىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سالىھ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالدى، بىراق ئارقىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم شەرتلىرىنى قاندۇرالمىغانلىقىنى بانا قىلىپ گېپىدىن يېنىۋالدى. ھەمدە بىر يىلغا يېقىن ئارقىغا سۈردى. سالىھ 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى توقۇنۇشتا تۇيۇقسىز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزۈش نىيىتى يوق، بۇ قېتىمقى پوزىتىسىيەسى غەرب ئەللىرىنىڭ يەمەن مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەدبىرىگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!