ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

داغىستان پايتەختىدە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئاۋغۇست خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماھاچكالادا 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە ئۇدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، 60 ئادەم يارىدار بولغان. خەۋەرلەرگە ئاس
  

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئاۋغۇست خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماھاچكالادا 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە ئۇدا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، 60 ئادەم يارىدار بولغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسىسىلەر ماھاچكالادىكى پارتلاشنىڭ كۈچىنى تەكشۈرۈپ چىققان، دەسلەپكى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشنىڭ كۈچى تەخمىنەن 30-40 كىلوگىرام TNT نىڭ مىقدارىغا باراۋەر ئىكەن. بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش ساقچى ماشىنىسى كېتىۋاتقاندا پارتلىغان، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش ھەرىكەت خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن پارتلىغان. ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا 1 ساقچى ئۆلگەن، 44 ساقچى يارىدار بولغان، باشقا 16 يارىدار پۇقرالار ئىكەن. ئىككى پۇقرا ۋە بىر ساقچىنىڭ يارىسى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!