ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىككى فرانسىيەلىك مۇسۇلمان ئايال ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋىرى: ئەنگىلىيە ب ب س تورى پارىژدىن تارقاتقان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، فرانسىيەلىك ئىككى مۇسۇلمان ئايال ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش پەرمانىغا قارشى چىقىپ، ئاممىۋى سورۇندا ھىجابلىنىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سوتن
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋىرى: ئەنگىلىيە ب ب س تورى پارىژدىن تارقاتقان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، فرانسىيەلىك ئىككى مۇسۇلمان ئايال ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش پەرمانىغا قارشى چىقىپ، ئاممىۋى سورۇندا ھىجابلىنىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سوتنىڭ سوراق قىلىشغا ئۇچرىغان. بۇ ئىككى مۇسۇلمان ئايالغا ئېھتىمال 150 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىشى مۇمكىن ئىكەن. ساقچىلار ھىندا ئاماس ۋە كەنزا درىدېر ئىسىملىك بۇ ئىككى مۇسۇلمان ئايالنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا پارىژنىڭ شەرقىي رايونىدا ھىجاپلىنىپ چىققانلىقىنى بايقاپ قالغان، ھىجاپلىنىپ چىقىشى فرانسىيە 4-ئايدا ئېلان قىلغان چەكلەش پەرمانىغا خىلاپ ئىدى. مەزكۇر پەرماندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجاپلىنىپ چىقىشىنى چەكلىگەن. مەزكۇر دېلوغا سوت ئېچىلىشى فرانسىيە ۋە پۈتكۈل ياۋروپا رايونىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئىككى مۇسۇلمان ئايال ۋە قوللىغۇچىلىرى ھىجاپلىنىش، ئۆزىنى ئوراپ يۈرۈش شەخسىي ئېتىقاد بولۇپ، قانۇننىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولىشى كېرەك دەپ قارىغان. ئەگەر سوت ئۇلارغا جەرىمانە قويسا، ئىككى ئايال ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق سوتىغا ئەرز قىلىدىكەن. فرانسىيەدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار جامائىتى فرانسىيەنىڭ بۇ چەكلەش پەرمانى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاياللارنى فرانسىيەدە مۈشكۈل ئەھۋالدا قويدى دېگەن. (نەپرەت)

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!