ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

زامبىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نامزاتى سايلامدا غەلبە قىلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
9 -ئاينىڭ 24-كۈنى نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زامبىيە باش سودىيىسى ساكالا ( Ernest Sakala ) موشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى جاكارلىشىچە، زامبىيە ئۆكتىچى پارتىيىسى ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى نىڭ رەئىسى مايكول ساتا ( Michael Sata ) 2011
  

 

9-ئاينىڭ 24-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زامبىيە باش سودىيىسى ساكالا (Ernest Sakala) موشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى جاكارلىشىچە، زامبىيە ئۆكتىچى پارتىيىسى «ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى» نىڭ رەئىسى مايكول ساتا (Michael Sata) 2011-يىللىق پىرىزدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە زامبىيەنىڭ 5-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان. «كۆز ئەينەكلىك يىلان» دېگەن نامى بار ساتانىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ پىرىزدېنت بولالايدىغان بولالمايدىغانلىقىنى ئەنسىرەتكەن ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلگىرىكى 3 قېتىملىق سېسىق گەپ قىلىدىغان ئوبرازىنى نەزەردە تۇتقاندا، ساتانىڭ تۆتىنچى قېتىملىق دولقۇنى يېتىپ كېلىشىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن، گەرچە كۆرۈنۈشتە مۇلايىم، ئەمەلىي، بولۇپمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جۇڭگوغا قارشى كەسكىن سۆزلەرنى قىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى ئىلگىرىكى سايلاملاردا جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى، جۇڭگو كاپىتالىنى زامبىيەدىن قوغلاپ چىقرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، 2010-يىلى جۇڭگولۇقلار مەبلىغىدىكى كاندا باشقۇرغۇچى نامايىش قىلغان ئىشچىلارغا ئوق چىقرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىمۇ، ئۇ شۇنداق قىلغان، ئەمما كېيىن ئۇ كىرىچىنى تېخىمۇ كېرىپ، تىغ ئۇچىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە بىۋاستە قاراتقان. (نەپرەت تەرجىمىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!