ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئونسۇدا ‹‹ئەمىن ئۆي›› قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەكشۈرۈلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى يېزا-بازار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى نەق مەيداندا

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى: 21-سېنتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى يېزا-بازار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىگە كەلدى .

    ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسۋەتلىك خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ ناھىيەنىڭ جام بازىرى ئۈستۈنكى تۈمەن كەنتى ۋە توخۇلا يېزىسىنىڭ يېڭى قۇرۇل كەنتىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ياردەم بېرىپ سېلىۋاتقان «ئەمىن ئۆي» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە بۇ جەرياندا نەق مەيدانغا بېرىپ دېھقانلاردىن دۆلەت ياردەم بەرگەن مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ، دوكلات ئاڭلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە يۇقىرى باھا بەردى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!