شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننېسبورگ، 20 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 20 – سېنتەبىر ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتنى تارقىتىپ: ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، داخىل ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.
مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت 5 – سېنتەبىر، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىگە يازغان خېتىدە، ئافرىقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، يۇرت – ماكانىنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، لىۋىيەدىكى ئافرىقا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىك پۇقرالارنى قوغدايدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن.
ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بۇ ۋەدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدىيەسىنىڭ روھى بىلەن بىردەك، دەپ قارىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى ھەم داخىل ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنىغا ئېرىشىشىگە قوشۇلدى.