ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قاراشەھەردە 2- نۆۋەتلىك ئېسىل تائاملار ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان تۇردى خەۋرى ، فوتوسى : دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش ، قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئېسىل تائاملار مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، 2-نۆۋەتلىك ئېسىل تائاملار ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى 1-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . ئىككى كۈن داۋاملاشقان بايرامدا ناھىيە تەۋەسىدىكى يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 60 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى ھەرخىل ئېسىل تائاملارنى تەييارلاپ ، قارا شەھەر تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىنى نامايان قىلدى .

    بۇ قېتىملىق بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ئابدۇرېھىم ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ دوڭبىڭ ، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن شىنچۇەن ۋە قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى .

 

 

ياش كارخانىچى ياسىنجان توختىنىڭ قايدۇ ماركىلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!