ئىستانبۇل كادى كۆيدىكى مەدىپول دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ ئانىسى تەنزىلە ئەردوغان بۈگۈن ئەتتىگەن (10-ئاينىڭ 7-كۈنى) سائەت 09:15 تە ۋاپات بولدى. ئەردوغاننىڭ ئانىسى تەنزىلە ئەردوغان ئۆتكەن ئاي 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەچ سائەت 18:00 ئەتراپىدا قورساق ئاغرىقى ۋە قاتتىق قىزىش سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان ئىدى. دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن ئوپراتسىيە قىلىنىشى كېرەك بولۇپ، بۇ ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 11:00 دە پروفېسسور دوكتۇر ھەسەن تاشچى باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە بىلەن ئۆت خالتىسى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. تەنزىلە ئەردوغان 83 ياشتا ئىدى. تەنزىلە ئەردوغاننىڭ جىنازا نامىزى ئەتە پىشىن نامىزىدىن كېيىن فاتىھ جامىئىسىدە چۈشۈرۈلىدۇ. ۋە كاراجا ئەھمەت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتى