جۇڭگو ئاخبارات تورى 7 - ئۆكتەبر خەۋىرى: گرېنۋىچ ۋاقتى 7 - ئۆكتەبر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، 2011 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۈچ نەپەر ئايال بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئورتاق ئېرىشكەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە نوبىل ھەيئىتى لىبېرىيە ئايال پرېزىدېنتى ____ ئافرىقا "تۆمۈر ئايال"دەپ نامى بولغان ئېلىن جونسون سىرلېيف (Ellen Johnson-Sirleaf)، "تىنچلىق كۈرەشچىسى" بولغان لىبېرىيە پائالىيەتچىسى لېيمان گېبوۋ (Leymah Gbowee) ھەمدە يەمەن مۇخبىرى شۇنداقلا ئاياللار ھوقۇق - مەنپەئەتىنىڭ پائالىيەتچىسى تەۋەككۈل كارمان (Tawakkul Karman) قاتارلىق ئۈچ ئايال 2011 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبىل ھەيئىتى بۇ ئۈچ نەپەر ئايالنى زورلۇق ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىنچلىق خىزمىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ماختىغان. بىرئاز ئىلگىرى، نوبىل ھەيئەت رەئىسى Thorbj rn Jaglandبۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىتتىپاقلىقنىڭ ساداسى، تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىلىرى مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ،دەپ قارىدى. نوبىل ھەيئىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى تەشكىل ۋە شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 241 نامزات تاپشۇرۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 53 تەشكىل بار ئىكەن. ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر توغرىسىدا ھەرخىل قىياسلار بولغان ئىدى. نورۋېگىيە سودا رادىئو ئورگىنى TV2 نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىبېرىيە پرېزىدېنتى سىرلېيف بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسى بار، سىرلېيف ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يېڭى ئوبرازى دېگەن. سىرلېيف ئافرىقا تۇنجى قېتىم خەلق سايلىغان دۆلەت باشلىقى بولۇپ، ئۇ كېلەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى (10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) داۋاملىق رىقابەتلەشمەكچى. (mehray)