ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازافىنىڭ قىزى ئۈنئالغۇ سۆزىدە ئاتىسىنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگوئاخبارات تورىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋىرى: لىۋىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى قازافىنىڭ قىزى ئائىشە ئۈنئالغۇ سۆزى قىلىپ، دادىسىنىڭ ناھايىتى سالامەت ۋە روھلۇق ھالدا دۆلىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى ئاي قوشنا دۆلەت ئالجىرىيىگە قېچى
  

 

جۇڭگو ئاخبارات  تورىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋىرى: لىۋىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى قازافىنىڭ قىزى ئائىشە ئۈنئالغۇ سۆزى قىلىپ، دادىسىنىڭ ناھايىتى سالامەت ۋە روھلۇق ھالدا دۆلىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى ئاي قوشنا دۆلەت ئالجىرىيىگە قېچىپ كەتكەن ئائىشە، سۇرىيىدىكى بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئۇنىڭ لىۋىيە ئىنقىلابى ئارمىيىسى پايتەخت تىرىپولىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاشكارا سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تۆت مىنۇتلۇق ئۈنئالغۇ لىنتىسى ئارقىلىق ئۆزىنى لىۋىيىنىڭ بىرىنچى مەلىكىسى دەپ ئاتىۋالغان ئائىشە، ئاتىسى قازافى ۋە ئاكىلىرىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپتە دۆلىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، كەڭ لىۋىيە خەلقىنىڭ مۇشۇنداق بىر رەھبىرىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان، ئۇ ئەرەپ دۆلەت ئەللىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سەككىز ئايدىن بۇيان توختىماستىن باشقىلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا بىر چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن ھەمدە لىۋىيە قەھرىمانلىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئائىشە بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپىسى ۋە ئىككى ئىنىسىنى ئېلىپ قوشنا دۆلەت ئالجىرىيىگە قېچىپ كەتكەن، قازافىنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى نامەلۇم، لىۋىيە ئۆتكۈنچە ھۆكۈمەت كېڭىشى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى پىلانلىغان. بىر قانچە كۈندىن بۇيان،مىللىي ئارمىيە قازافىنىڭ كونا يۇرتى سىرتە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا قازافىغا سادىق قىسملارنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن، نۆۋەتتە، قازافىغا سادىق ئارمىيىنىڭ قورال كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قارشى تۇرىشى بىلەن ئىنقىلابىي ئارمىيە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. خەۋەردە دېيىلىشچە، قازافى ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەيىف يۇشۇرۇنغان بۇلىشى مۇمكىم بولغان بانى ۋالىد شەھىرىدە قازافىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى باشقۇرۇلغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكتىن ئىنقىلابىي ئارمىيە ئارقىغا ئىككى كىلومېتىر چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. چۈشەندۈرۈلىشچە، ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە، مىللىي ئارمىيە كۆپ قېتىم بانى ۋالىدقا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت كېڭىشى ئەمەلدارى قازافىنىڭ ئوغلى سەيىفنىڭ بەنى ۋالىد شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى، قازافىنىڭمۇ شۇ يەردە بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئاتا-بالا ئىككىسىنى ياللانما ئەسكەرلەر قوغداۋاتقان بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن. (dolqun)  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!