ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئابباس بان كىمونغا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇندى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-سېنتەبىر خەۋىرى: پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباس 9-ئاينىڭ 23-كۈنى نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ 194-ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان. ئابباس ب د ت يىغىنىدا سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىشقا
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-سېنتەبىر خەۋىرى: پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباس 9-ئاينىڭ 23-كۈنى نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ 194-ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان. ئابباس ب د ت يىغىنىدا سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىشقا ماڭغاندا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە دوستانە ئىسقارتىشلارغا سازاۋەر بولغان، ئەمما ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرى يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن. ئابباس ب د ت نىڭ رەسىمىي ئەزاسى بولۇش سالاھىيتىگە ئېرىشىش ئارزۇسىنى قىسقىچە شەرھىيلەپ ئۆتكەن. ئەمما ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئەگەر ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىدا داۋاملىق ئولتۇراق ئۆي قۇرسا، ئىسرائىلە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ يىمىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقىنى ئۇدا مەغلۇپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا مەسئول بولىشى كېرەك دەپ قارىغان. كۆچمەنلەر سىياسىتى پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى ئاجىزلاتتى، ھەتتا مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ دېگەن. بىر پەس ئالقىش سادالىرىدىن كېيىن، ئابباس ب د ت كاتىپى بان كىمونغا 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنغانلىقىنى ئېيتقان. كۈن تەرتىپ بويىچە، پەلەستىن ب د ت نىڭ رەسىمىي ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا ئىلتىماس سۇنىشى كېرەك، باش كاتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت يىغىنىغا سۇنغاندىن كېيىن، خەۋىپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ب د ت يىغىنىنىڭ پەلەستىننىڭ ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ب د ت يىغىنىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق رەسىمىي قارار چىقىرىدۇ. ئەمما ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولغان 5 دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىگە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 9-ئاينىڭ 23-كۈنى پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباسنىڭ ب د ت نىڭ 194-ئەزاسى بولۇش ئىلتىماسىنى ب د ت خەۋىپسزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئەنگىلىيە ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ پەلەستىنگە دوستلۇق قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ ب د ت قارارى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى پەقەت بىۋاستە سۆھبەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نېتانياخۇ پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباس بىلەن ب د ت دا دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەنى چوقۇم قوللىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇش ئىشىنى ئاقلىغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!