جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى پروگىراممىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8 يىل قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (ئەلجەزىرە) نىڭ باشلىقى بولغان ۋاداھ خانفار (Wadah Khanfar) ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، گەرچە ئۇ ئىستىپانامىسىدە ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئۆز كەسپىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائەتچىلىك قىياس قىلىپ، ۋىكىلىكس تورى يېقىندا ئاشكارىلىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئۇچۇرلار ۋاداھ خانفارنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىغان. ۋاداھ خانفار 8 يىل ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزلىكىدىن ئىستىپانامە سۇنغان، ئىككى بەتلىك ئىستىپانامىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئەينى يىلى قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (ئەلجەزىرە) نى خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان مەخپىي ئۇچۇرلار بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارىغان. ۋىكىلىكس تورى ئالدىنقى ئايدا ئاشكارىلىغان ئامېرىكىنىڭ دۇھادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بۇلتۇرقى دېپلوماتىيە ھۆججىتىدە، ۋاداھ خانفار بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسى داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرغان، ئامېرىكا (بولۇپمۇ بوش ھۆكۈمىتى) يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئامېرىكىغا ئائىت سەلبىي خەۋەرلىرىدىن نارازى بولغان، ۋاداھ خانفار ئالاقىدار خەۋەرلەرنى سۇسلاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ۋاداھ خانفار 1969-يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جەنىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇ دەسلەپتە يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرىغا ئالاقىدار تەھلىللەرنى تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلىنغان، كېيىن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بولغان، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلغان، 2003-يىلى قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (ئەلجەزىرە) نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان، شۇ يىلى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. قاتار يېرىم ئارال تېلېىۋىزىيە ئىستانسىسىنى قاتار ھۆكۈمىتى يۆلەيدىغان بولۇپ، قاتار پادىشاھ جەمەتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مەبلەغ سالغان. ۋاداھ خانفار ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، قاتارنىڭ تەبىئىي گاز شېركىتىنىڭ سابىق لېدىرى، خان جەمەتى ئەزاسى ئەخمەد ئىستانسا باشلىقلىقىغا ۋارىس بولغان. (نەپرەت تەرجىمىسى)