ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت لىۋىيە مەسىلىسى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 20-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا لىۋىيە مەسىلىسى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىپ، لىۋىيەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى قۇراللىقلىرى بەنى ۋەلىد، سەبھا، سىرت قاتارلىق ئۈچ شەھەرنى تېخىچە تولۇق ئالالمىدى، لىۋىيەنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئۇرۇش يەنىلا كەسكىن بولماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىن-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 66-نۆۋەتلىك يىغىنىدا لىۋىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەل قىلىنغان ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەگە ياردەم بېرىش ئالاھىدە ئۆمىكى قۇرۇشنى قارار قىلغان بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېچىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!