9-ئاينىڭ 28-كۈنى گۇڭجۇ نەنشا نىفىت-خېمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كېرەكسىز بۇلغانمىلارنى قويۇپ بىرىش ئېغىزىدىن دېڭىزغا قۇيۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز بۇلغانمىلار دېڭىز سۈيىنى سېرىق رەڭگە بۇيىغان بولۇپ، پۈتۈن دېڭىز بۇيى رايونى بىر خىل غەيرى پۇراققا تولغان ئىدى. "زاۋۇتلار كۆپلەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، بېلىقلار ئازلاپ، بېلىق تۇتۇش قىيىنلىشىپ كەتتى"دېدى، يېقىن ئەتراپتىكى بېلىقچى لاۋ جاڭ ياڭچېڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا. لاۋ جاڭنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى شۇيەردىكى دېڭىز بوغۇزىدا بولۇپ، شەرق تەرىپىدە گۇاڭدوڭ خۇاكەي نىفىت تەبىئىي گاز شىركىتى، جىيەنتاۋ خېمىيە سانائىتى، ئەنگىلىيە نىفىت شىركىتى ۋە توك-ئىلىكتىر ئىستانسىسى، شىمال تەرىپىدە شياۋخۇ ئارىلى بار بولۇپ، بۇ ئارالدىكى ئاساسلىق سانائەت بولسا خېمىيە سانائىتىدىن ئىبارەت. گۇاڭدوڭ دېڭىز ۋە بېلىقچىلىق ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشچە، نەنشا نىفىت-خېمىيە شىركىتىنىڭ دېڭىزغا قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز بۇلغانما تەركىبىدىكى ئانئورگانىك ئازوتنىڭ مىقدارى ئاللىقاچان تۆتىنچى تۈردىكى دېڭىز سۈيى سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، دېڭىز ئىكىلوگىيە مۇھىت سۈپەت ئۆلچىمى ناھايىتى پاسسىپ ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ھالەت دېڭىز سۈيى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدۇ. 2010-يىللىق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرىشىدا كۆرسىتىلىشچە، گۇاڭدوڭدىكى 40 پىرسەنت ئورۇننىڭ دېڭىزغا قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز بۇلغانمىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 16 پىرسەنت يېقىن دېڭىز رايونى بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان، 2010-يىلى جۇجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى سەككىز چوڭ رايون ۋە روڭجياڭ، شېنجېن، دوڭجياڭ قاتارلىق ئاساسلىق دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ئېقىتىپ كەلگەن كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىسى، ئارسېن، ئېغىر مىتال قاتارلىق بۇلغانمىلار 108 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇجياڭ دەرياسىدىن قويۇلغان بۇلغانما 70 پىرسەنتنى ئېگىلىگەن. نۆۋەتتە، كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرۈلىشىچە، بۇ خىل بۇلغانما ماددىلارنىڭ دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇ ئېنسانلارنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. يېقىن دېڭىز بويىدىكى بېلىقچىلىق بازىلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر
دوكتور گوپېڭ رەن گۈي شەن ئارىلىدىكى چۆكمە ماددىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، بۇ رايوندىكى چۆكمە ماددىلار تەركىبىدىكى مىس، قوغۇشۇن، سىنىڭ قاتارلىق ئۈچ خىل ئېغىر مىتالنىڭ مىقدارى بەلگىلىك ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ماددىلار دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنى يۇشۇرۇن ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ھالدا زەھەرلەيدىكەن. گۈي شەن ئارىلى يىراق دېڭىز رايونىغا تەۋە بولۇپ ، بۇلغىنىش دەرىجىىسى يېقىن دېڭىز رايونىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن ، گۇاڭدوڭنىڭ يېقىن دېڭىز رايونلىرىدىكى بېلىقچىلىق بازىلىرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇلار تۇتۇپ كەلگەن بېلىقلاردىن بىرخىل نىفىت پۇرىقى كېلىدىكەن، شۇ يەرلىك ئاشخانا خۇجايىنلىرى بۇ بېلىقلارنى "نىفىت پۇرايدىغان بېلىق" دەپ ئاتىشىدىكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى گۇاڭجۇ يەرشارى خېمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ گەن: " شېنجېن، جۇ خەي ۋە ئاۋمىن قاتارلىق رايونلاردىكى بېلىقچىلىق بازىلىرىدا چۆكمە ماددىلار تەركىبىدىكى مىس، كادمىي، سىنىك قاتارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئىچكى دەريالار ۋە دېڭىز بوغۇزى رايونلىرىدىن خېلى كۆپ، باشقا بېلىقچىلىق رايونلىرىدىكى ئېغىر مىتاللارنىڭ مىقدارى ئىچكى دەريا ۋە دېڭىز بوغۇزى رايونلىرى بىلەن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى چۆكمە ماددىلار تەكىبىدىكى ئېغىر مىتاللار ئوتتۇرا سەۋىيىدە تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجىن بېلىقچىلىق رايونىدىكى چۆكمە ماددىلار تەركىبىدىكى ئېغىر ماددىلارنىڭ مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ." دەپ كۆرساتكەن. ئۇ يەنە جۇجياڭ دېلتىسى بېلىقچىلىق رايونىنىڭ بۇلغىنىشى ئۇدا "يۇقىرى" ياكى "ئوتتۇرا" سەۋىيىدە بولۇپ، يۇشۇرۇن ئېغىر مىتال ئىكىلوگىيە خەتىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. گۇاڭدوڭ بېلىقچىلىق رايونىنىڭ ئېغىر ماددىلاردىن بۇلغىنىش ئەھۋالى يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ: ئاۋمىن، شېنجېن، جۇخەي، ماۋ مىڭ بولىدىكەن. جاڭ گەننىڭ قارىشىچە، جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سانائەتلىشىشى ۋە شەھەرلىشىشى يېقىن دېڭىز رايونلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ئېلىپ كەلگەن. بېلىق تەركىبىدە خروم بىلەن قوغۇشۇن، قولۇلە تەركىبىدە مىس بىلەن كادمىي
جەنجياڭ گۇاڭدىكى مۇھىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىسى بولۇپ، جەنجياڭ پورتى 2009- يىلدىن باشلاپ مال سىغدۇرۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ دۆلىتىمىزدىكى 15 چوڭ پورت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بىراق جەنجياڭ پورتى ۋە دېڭىز بويى سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
چېن چىڭنىڭ قارىشىچە، قاپلىق تۈردىكى جانلىقلىرىنىڭ مۇسكۇل قىسىمىدىكى ئېغىر مىتاللارنىڭ تەركىبى تۆۋەن، ھەزىم قىلىش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، دىمەك، قاپلىق تۈردىكى جانلىقلارنى ئىستىمال قىلغاندا، مۇسكۇل قىسىمى ئەڭ بىخەتەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇزۇقلىنىش ئادىتىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئادەتتە قاپلىق جانلىقلارنى ئىستىمال قىلغاندا، كۆپىنچە پۈتۈنلەي يۇمشاق قىسىملىرىنى تاللايدۇ، بۇ ئۇلارغا ئېغىر مىتال خەۋىپىنى ئېلىپ كېلىدىكەن. جۇجياڭ ئېغىزى دېڭىز رايونىدىكى جانلىقلارنىڭ ئېغىر مىتاللار بىلەن بۇلغىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر ئېغىر. خۇاڭ شىياۋ پېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە، ئېغىر مىتاللار ئاسانلا دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ بۆرەك، يۈرەك،جىنىسىي بەز، ساقاق قاتارلىق ئەزالىرىغا توپلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، گۇاڭدوڭدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خروم ۋە قوغۇشۇن مىتاللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نورمال ئۆلچەمدىن 24 ھەسسە ۋە 48 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، بىراق كىشىلەر داۋاملىق ئىستىمال قىلىدىغان مولى قۇلۇلىسى تەركىبىدە مىس ۋە كادمىي مىتالى نورمال ئۆلچەمدىن ئايرىم-ئايرى ھالدا 740 ھەسسە ۋە 90 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. خۇاڭ شىياۋ پېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جانلىقلارنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قولۇلە ۋە ئەجدىرھا باش بېلىقنىڭ بۇلغىنىشى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. سەدەپ قۇلۇلىسى تۈرىدىكى جانلىقلارنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئورگانىك بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ، بىر قىسىم بۇلغىنىش ئاللىقاچان كۆپ مىقداردا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئېستىمال قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. مۈشۈك چاشقان ئويۇنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ يېقىن دېڭىز رايونلىرىنىڭ بۇلغىنىشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆلكىلىك مۇھىت تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قول تۇتۇشۇپ تەكشۈرۈپ ۋە بۇلغىنىشنى تەرتىپكە سېلىپ كەلسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى ياخشىلىنىش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؟ بىر مەسئۇل خادىمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، نۆۋەتتە، خېمىيە سانائىتى تارماقلىرىنىڭ بۇلغانغان سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەننەرخى يۇقىرى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن جازالاش تەننەرخى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بەزى زاۋۇتلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە بۇلغانغان سۇلارنى قويۇپ بىرىش ئەھۋاللىرى توختىماي يۈز بىرىپ كەلگەن. كارخانىلار قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇلاردىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتقان تۇرمۇش كېرەكسىز سۇلىرىمۇ دېڭىزغا قۇيىلىدۇ. 2010-يىلى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە 54 توننا تۇرمۇشتىن چىقىرىلغان كېرەكسىز سۇ دېڭىزغا قۇيۇلۇپ، دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۆلكىلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى خۈينىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقۇرۇش تور قۇرۇلۇشى ، بۇلغىنىش سۈرئىتىگە يىتىشەلمەي قالغان، ھازىر گۇاڭدوڭ بىر ناھىيىدە بىر بۇلغانما بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرغان، بىراق باشقۇرۇش تورى قۇرۇشقا ئىقدىساد يار بەرمىگەن، ئۈچ يۈەنلىك بۇلغانما بىر تەرەپ قىلىش تەننەرخىنىڭ بىر يۈەننى زاۋۇت قۇرۇشقا، ئىككى يۈەننى باشقۇرۇش تورىنى يۈرۈشتۈرۈشكە سەرپ قىلغاندا بۇلغانما بىر تەرەپ قىلىش سوبىكتى قۇرۇلىشىنىڭ ئىقدىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى تەسكە توختايدىكەن. بىراق ئۆلكە مەبلەغنى تەڭشەپ، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقۇرۇش تورى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر بازارلارنىڭ بۇلغانغان سۇلارنى يىغىۋېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ داۋاملىق تۈردە شەھەر، بازارلارنىڭ دەريا ئېقىنلىرىنى باشقۇرۇش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە دېڭىز مۇھىتىنى نازارەت قىلىش قۇرۇلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارغا بولغان نازارەتنى قەدەممۇ-قەدەم كۆچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇڭدوڭ يېقىن دېڭىز رايونىدىكى تۆت چوڭ خەتەر
گۇاڭدوڭ يېڭىن دېڭىز رايونلىرىنىڭ توختىماستىن بۇلغىنىشقا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قاتار زىددىيەتلەر بارلىققا كىلىشكە باشلىدى، مەسىلەن: نىفىت پۇرايدىغان بېلىق، دېلفىن بەدىنىدە كۆپ مىقداردا كاربون-ھىدروگىن بىرىكمىسى توپلىشىپ قېلىش، يېقىن دېڭىز رايونلىرىدىكى مارجانلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت، بۇلغىنىش ئاللىقاچان سۇ جانلىقلىرىدىن پۈتۈن يېقىن دېڭىز رايونىنىڭ ئېكىلوگىيىلىك سىستېمىسىغا كېڭەيدى. بىرىنچى: غايىپ بولۇش ئالدىدىكى مارجان خادا تاشلىرى
"مارجانلارنىڭ نىسبىتى بارغانسىرى ئازلاشقا باشلىدى" جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى جەنۇبىي دېڭىز تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر چېن تيەنرەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دايا بوغۇزىدىكى مارجان خادا تاشلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مارجان خادا تاشلىرىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى 1983-يىلدىكى 76 پىرسەنتتىن ھازىرقى 20 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىپ، پەقەتلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىلىدىكى 1/4 ئۆلۈشنى ئىگىلىگەن. چېن تيەنرەننىڭ قارىشىچە، ئادەملەر دېڭىز مۇھىتىنى يامانلاشتۇرۇپ مارجانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، چىكىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن. ئىككىنىچى: نىفىت پۇرايدىغان بېلىق 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شېن جىن بېلىقچىلىق رايونىغا بىرنەچچە كىشى ماشىنىلىق كىلىپ بېلىق سېتىۋالدى، بىراق بېلىقچىلارنىڭ تۇتۇپ كەلگەن بېلىقلىرى ناھايىتى كىچىك ۋە سانىمۇ ئاز. " بىز قاق سەھەر سائەت ئىككىدە يولغا چىقىپ، ناھايىتى يىراق دېڭىز رايونلىرىغا بېرىپ بېلىق تۇتىمىز، ھازىر يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا بېلىق ۋە راكلار كۆپ ئەمەس" دىدى، بېلىقىچى لاۋ ۋۇ ئامالسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئېيتىپ. "بىزنىڭ ئاشخانا پورتقا يېقىن بولسىمۇ بىراق بىز بۇ يەردىكى بېلىقلارنى سېتىۋالمايمىز،"دېدى، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشپۇزۇل خوجايىنى مۇخبىرغا. "بۇ يەردىك بېلىقلارنىڭ ھەممىسى نىفىت پۇرايدىغان بېلىقلار، يىيىشلىك ئەمەس، بىز ئادەتتە باشقا جايلارغا بېرىپ سېتىۋالىمىز." گۇاڭدوڭ خەيياڭ ئۇنىۋېرستىتى دېڭىز بايلىقى ۋە مۇھىت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن شېڭلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دېڭىز بويى ئىقدىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەرنىڭ زامانىۋىلىشىىش سۈرئىتى توختىماستىن تېزلەشكەن، شېن جېن دەرياسى ۋە دا شا دەرياسى توختىماي دېڭىز بوغۇزلىرىغا كېرەكسىز بۇلغانمىلارنى قويۇپ بەرگەن، دېڭىز بويلىرىدا قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىيىشى شېن جېن دېڭىز بوغۇزى رايونىنىڭ ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر بىسىم پەيدا قىلىپ، جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان. ئۈچىنچى: دېلفىنلارتىنىدىكى رېكتىفىكاتسىيىلەنگەن نىفىت پاراخوتلاردىن ماي ئېقىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپ مىقداردىكى ماي دېڭىزغا ئېقىپ كىرىدۇ، يېقىنقى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز مۇھىت سۈپىتى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشچە، دېڭىز سۈيى تەركىبىدىكى نىفىت قويۇقلىقى ناھايىتى ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، گۇاڭدوڭنىڭ يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا ياشايدىغان ئاق دېلفىننىڭ بەدىنىدە ھىدرو-كاربونات بىرىكمىسى توپلىشىشقا باشلىغان. جەنۇبىي دېڭىز سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاق دېلفىن تىنىدىكى ھىدرو-كاربونات بىرىكمىسىنىڭ توپلىنىشى دېڭىز سۈيى تەركىبىدىكى نىفىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. " دېلفىن بولسا گۆشخۇر دېڭىز ھايۋىنى بولۇپ، دېڭىز جانلىقلىرى زەنجىرىدىكى مۇھىم تۈر.
تۆتىنچى: بېلىقچىلار قىرغاققا قايتتى
چاڭجۇ ئارىلى جۇجياڭ دېڭىزدىن چىقىش ئېغىزىدىكى بىر ئارال بولۇپ، تارىختىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدىكى مۇھىم پورتى بولۇپ كەلگەن، چاڭجۇ پورتىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ گۇاڭجۇدىكى بېلىقچىلار توپلاشقان جۇشاۋېي رايونىغا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ، بىراق جۇشاۋېينىڭ ھازىرقى بېلىقچىلىقى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بېلىقچىلىق كېمىلىرىمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتكەن. "ھازىر بېلىقچىلىق ئارقىلىق كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بولغاندى، بېلىقلارمۇ بۇرۇنقىدەك يىيىشلىك ئەمەس، بېلىقچىلارمۇ ئازلاپ كەتتى، بالىلارمۇ قىرغاققا قايتىپ چىقىپ ئوقۇشقا كىردى." بىر پىشقەدەم بېلىقچى مۇخبىرغا شۇنداق دېدى، "ھازىرقى ياشلارمۇ بۇندىن كېيىن بۇرۇنقىلاردەك بىر ئۆمۈر بېلىق تۇتۇپ ياشاشنى خالىمايدۇ." مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يىيىشتە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك گۇاڭدوڭ خەيياڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىروفىسسورى چېن چىڭشياڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئادەتتە، ئېغىر مىتال قاتارلىق بۇلغىغۇچى ماددىلار ناھايىتى ئاسانلا دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ بۆرەك، يۈرەك، جىنسىي بەز ۋە نەپەسلىنىش ئەزالىرىغا توپلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بىراق مۇسكۇل قىسمىدىكى ئېغىر مىتاللارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، يىمەكلىك بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن قارىغاندا، كىشىلەر راك قاتارلىق قاسراقلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى ئىستىمال قىلغاندا ئۇلارنىڭ يۇمشاق تېنىنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى ئىستىمال قىلىشنى ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ياخشىسى يۇقىردا ئېيتىلغان ئېغىر مىتاللار كۆپ بولغان ئىچكى قىسىملىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئېشىپ قالغان مۇسكۇل قىسىمىنى ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىكەن. پىروفىسسور گو پېڭرەن مۇخبىرغا: "بىز بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلغاندا، كۆپىنچە جىددىي خاراكتېرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ، بىراق ئادەم تىنىگە تەدرىجىي توپلىنىپ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ." دېگەن. توپلانغان بۇلغانما ماددىلار كۆپىيىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەم تىنىگە ئېغىر خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا راك قاتارلىق يامان سۈپەتلىك كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. گو پېڭرەن "دېڭىز مەھسۇلاتلىرنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىدۇ، بۇ تەتقىقاتچى خادىملار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە باغلىق، شۇڭا بىزمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا بۇلغىنىش ئېغىر بولغان رايونلاردىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بىراق كۆپ قىسىم ئاھالىلەر قايسى رايونلاردىكى بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئۆزلىرى ئىستىمال قىلىۋاتقان دېڭىز مەھسۇلاتلارنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۆكۈمەت بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، تەكشۇرۇپ،نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك." دېگەن.(dolqun) مەنبە: ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى