ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ باشلىقىنى قولغا ئالدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ07-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ياپونىيە جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ باشلىقىنى قولغا ئالدى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" ياپونىيە جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ باشلىقىنى قولغا ئالدى يەر شارى تورىنىڭ 7-نويابر خەۋىرى: ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ناگاساكى ئاراللىرى دېڭىز ساھەسىدە، كېمىنى توختىتىش بۇيرۇقىنى ئاڭلىماي قاچقانلىقتىن قولغا ئېلىنغان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ باشلىقى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ناگاساكى پورتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە ناگاساكى دېڭىز ئامانلىق مىنىستېرلىكى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگولۇق كېمە باشلىقىنى ناگاساكى پورتىغا يۆتكەپ كەلگەن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ياپونىيە دېڭىز ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرەيدىكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ناگاساكى دېڭىز ئامانلىق مىنىستېرلىكى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن 10 نەپەر كېمە خادىمىنى ناگاساكى پورتىغا يۆتكەپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان. ياپونىيە يەنە بېلىقچىلىق كېمىسىگە چىقىپ تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان. ياپونىيە ناگاساكى دېڭىز ئامانلىق مىنىستېرلىكى 6-نويابر ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، جۇڭگودىن كەلگەن بېلىق كېمىسى ناگاساكى ئايمىقىنىڭ گوتو شەھىرى دېڭىز سەھەسىگە تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ياپونىيە دېڭىز ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىپ، ياپونىيە بېكىقچىلى قانۇنىغا ھەمدە تەكشۈرۈشتىن قېچىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تۇتۇپ قېلىنغان، 47 ياشلىق كېمە باشلىقى جاڭ تىيەنشيوڭ قولغا ئېلىنغان.(نەپرەت)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!