ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەرەب ئىتتىپاقى سۇرىيە مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن ئاچماقچى

2011-يىلى11-ئاينىڭ07-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئەرەب ئىتتىپاقى سۇرىيە مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن ئاچماقچى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" ئەرەب ئىتتىپاقى سۇرىيە مەسىلىسىدە جىددىي يىغىن ئاچماقچى يەر شارى تورىنىڭ 7-نويابر خەۋىرى: قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،سۇرىيە ھۆكۈمىتى «ئەرەب-سۇرىيە ئىتتىپاقى تىنچلىق كېلىشىمى» نى ئىجرا قىلمىغانلىقتىن ھەمدە سۇرىيە دائىرلىرى يېقىندا ئاز دېگەندە 15 نەپەر نامايىشچىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقتىن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇرىيە مەسلىسىدە جىددىي يىغىن ئاچماقچى بولغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مىنىستېرلىرى سۇرىيە بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەرەب ئىتتىپاقى دېيىشىچە، ئىككى تەرەپ كېلەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى يىغىن ئاچىدىكەن، چۈنكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھېلىمۇ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى كىرزىسنى ھەل قىلىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەرەب دۆلەتلىرى دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرى قاھىرەدە ئىنتايىن تەستە قولغا كەلتۈرگەن كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا زوراۋانلىق ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي توختىتىشقا قوشۇلغان ھەمدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياراشتۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ ياراشتۇرىشى ئارقىسىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغان. ئەمما، سۇرىيە تىنچلىق كېلىشىمىگە قوشۇلۇپ 4-كۈنى يەنە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. قاتار باش مىنىستىرى :«ئەگەر سۇرىيە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۇنداقتا ئەرەب دۆلەتلىرى مىنىستېرلىرى كومىتېتى يەنە يىغىن ئېچىپ، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن. (نەپرەت)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!