ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئەنۋەر ئەۋلاقىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىنىڭ مۇھىم رەھبىرى ئەنۋەر ئەۋلاقىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئوباما 30-سېنتەبىر ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشمە شىتاب ي
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىنىڭ مۇھىم رەھبىرى ئەنۋەر ئەۋلاقىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئوباما 30-سېنتەبىر ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشمە شىتاب يىغىن رەئىسى مايك مۇللېننىڭ پېنسىيەگە چىقىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئەنۋەر ئەۋلاقىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى يەمەندە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، بۇ ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقىغا قاتتىق زەربە بولغانلىقىنى، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئابىدىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.  ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى يەمەندە ئەنۋەر ئەۋلاقى ئولتۇرغان ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەۋلاقى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شىتابى ئېلىپ بارغان، ھەرىكەتتە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئاخبارات تەمىنلىگەن، بىرلەشمە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش شىتابى زەربە بېرىشكە مەسئول بولغان. (نەپرەت)

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!