ئوساما بىن لادىننىڭ پاكىستاندىكى يوشۇرۇنغان جايىدا ئېتىپ تاشلىنىشى خۇددى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بىر پارچە ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندەك ئىش بولدى. بىراق ئاكىتىپ ھالدا كېيىنكى داۋالاش ئارقىلىق قالدۇق ئەل قائىد تەشكىلاتى ھۆجەيرىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئەگەشكۈچىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق يۆتكىلىشىنى توسۇش كېرەك. بۇ ئەگەشكۈچىلەر زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىسلامنى «پاكىزلاش» ۋە ھوقۇققا ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تەلەيگە يارىشا، ئوساما بىن لادىن ئالاھىدە ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ پەيتتە، كۆپ قىسىم ئىسلام دۇنياسى كەسكىن ئىجتىمائىي سىياسىي داۋالغۇشقا پېتىپ قالغان ئىدى__ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ھەمدە ئاممىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلىش شىكايەتلىرى بىن لادىنچە ئەسەبىيلىككە زەربە بەردى. ئەمما، مىسىر ۋە تۇنىس نۆۋەتتە قۇرۇۋاتقىنى، بەھرەيىن، لىۋىيە، سۇرىيە، يەمەن ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر تەمتىرەپ يۈرگەن دەسلەپكى دېموكراتىيە ئىسلام ئاشقۇنلۇقىنى يوقىتالامدۇ؟ بولۇپمۇ، بۇ خىل دېموكراتىيە سالافى/ۋاھابى مەزھىپىنى مەغلۇپ قىلالامدۇ يوق؟ بۇ مەزھەپلەر بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى مەنىۋى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنى يەنىلا قوغدىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېدىئولوگىيسى دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننى ئېتىپ تاشلاش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى، ئەل قائىدنىڭ ئىسلام دۇنيادىكى تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى چەتلەشتۈرۈش ۋە ئاجىزلىتىش جەھەتتە، تېزلا ئۇلغايغان ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ قىسقىغىنا نەچچە ئايدىكى نەتىجىسى بىلەن ئۆتكەن 10 يىلدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش دېگۈدەك بولدى. ئاخىرقى مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ ئىنقىلابلار بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىلمىشى ۋە ئىدىيىسىنى تەلتۆكۈس پاش قىلدى. بىن لادىن ۋە ئەگەشكۈچىلىرى قانۇنسىز، رەھىمسىز بولۇپلا قالماي، ئەمەلىيەتتىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا قولىدىن ھېچنىمە كەلمەيتتى. نەچچە مىليون ئەرەب خەلقى بىرلىشىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىش ئارقىلىق، كىچىككىنە ئۆلۈم-يېتىم بەدىلى ئارقىلىق ئەرەب ۋە ئىسلام قەدىر-قىممىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىدەك ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇلار بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى خەلق ھەقىقىي تەشنا بولغان قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلەيتتى، بۇ بىن لادىن ئۈمىد قىلغان توختىماي ئېلىپ بارىدىغان تېرورلۇق ئۇرۇشىغا قارشى كۈرەش قىلغانلىق ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، ئەرەب باھارى ھەرىكىتىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئىسلامىزىمنى ئىشلىتىش (ياكى قالايمىقان ئىشلىتىش) ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار تەڭرىدىن نالە قىلىپ، بەندىدىن رەنجىپ ئولتۇرمىدى، ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۆزىنى ئەزگەن دىكتاتورلارغا تىنچلىق بىلەن قارشلىق كۆرسەتتى. ئەرەب ئىنقىلابلىرى كۆپ خىللاشقان قىممەت نەزەرىيىچىلىرى يەنى مۇخلىسلارنىڭ كېيىنكى ئىسلامزىم (post-Islamist) مەۋقەسىنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئەمەلىيەتتە، دىننى قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە سۆرەپ كىرمەكچى بولغانلار دەل مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار، مەسىلەن بەھرەيىن، يەمەن، لىۋىيە، سۇرىيە ھۆكۈمرانلىرى، بۇ ھۆكۈمرانلار شىئە مەزھىپى، سۈنئىي مەزھىپى ئارىسىغا داۋاملىق بۆلگۈنچىلىك سېلىش، زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلدى.
ئامېرىكا تەن جەھەتتىن بىن لادىننى يوقاتقان بولسىمۇ، كېينكى داۋالاش باسقۇچىنى ئارقىغا سۆرىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا تاللاپ تۇرۇپ، يىراقنى كۆرەرلىكى كەمچىل ھالدا X نۇرى بىلەن ئەل قائىد تەشكىلاتى ۋەكىللىك قىلغان قىسمەن ئۆسمىلەرنى تازىلىدى، ئەمما يامان سۈپەتلىك بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاھابىزىم ۋە سالافىزم ئۆسىمىسىگە تېگەلمىدى. ئەمەلىيەتتە، گەرچە غەرب تېرورلۇققا قارشى 10 يىل ئۇرۇش قىلغان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەت ئىتتىپاق تۈزگەن بولسىمۇ، بۇ پادىشاھلىقتىكى ۋاھابىي دىننىي ئورگىنى دۇنيا دائىرىسىدە ئىسلام ئاشقۇنلىقى ئېدىئولوگىيسىگە مەبلەغ تەمىنلىدى. بىن لادىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن، مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، ئۇ بۇ خىل ئومۇملاشقان ئېدىئولوگىيىنىڭ مەھسۇلاتى. بىن لادىن دىننىي ئىسلاھاتچى ئەمەس، ئۇ ۋاھابىزمنىڭ مەھسۇلاتى، كېيىن ۋھابى ھاكىمىيىتى ئۇنى ئسىلام جەڭچىسى سۈپىتىدە ئېكىسپورت قىلدى خالاس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاھابىزمنى تارقىتىش ئۈچۈن 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلدى. پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا (پاكىستاندىن تارتىپ ئافغانىستان، يەمەن، ئالجىرىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر) مەكتەپ، مەسچىت ۋە خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ھەتتا تېخنىكىنىڭ يەر شارىلاشقانلىقتىن، «چاقىرىق» نىڭ كونترول قىلغۇسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىمۇ، يەنىلا پىلانلىرىنى داۋاملاشتۇردى. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان يەر ئاستى ئىسلام قوراللىق تەشكىلات تور بەتلىرىدە، تەپتارتماي تەرغىپ قىلغان ئىسلام سىياسىي ھەرىكەتلىرى بۇ پادىشاھلىقنى يەنە سىيپاپ ئۆتكەن ئىدى. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار سەئۇدى ئەرەبىستان ۋاھابى ئېدولوگىيىسىنىڭ ئېكىسپورت مەھسۇلاتى ئىدى، تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئىجرا قىلغۇچى 19 ئادەم ئىچىدىكى 15 ئادەمنى بىن لادىن تاللىغان، چۈنكى ئۇلاردىمۇ بىن لادىنغا ئوخشاش سەئۇدى ئەرەب قان سىستېمىسى ۋە مائارىپ تەربىيىسى بار. ئايروپىلان بۇلىغانلارغا ئوخشاش، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى يوشۇرۇن تېرورلۇق زاپاس قوشۇنى يەنىلا مەۋجۇت، چۈنكى ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ۋاھابى زاۋۇتى يەنىلا ھېچقانداق زەخمەتكە ئۇچرىمىدى. شۇڭا، تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي رەقىبى بىن لادىن ئەمەس، بەلكى سەئۇدى ئەرەبىستان قوللىغان ئېدىئولوگىيە زاۋۇتى. بىن لادىن پەقەت بۇ پادىشاھلىق ئېدىئولوگىيىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان زوراۋانلىقنىڭ ئەكىس ئېتىشى خالاس. بىن لادىننىڭ يوقىتىلىشى ئېھتىمال بىر قىسىم مۇستەبىتلەر (لىۋىيە رەھبىرى مۇئەممەر قازافىدىن يەمەن پىرىزدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھقىچە) نىڭ نەچچە ئون يىللىق باستۇرىشىنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇنلۇقلىقىنى مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكىغا ناھايىتى ئېنىق، سالىھ ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەل قائىد تەشكىلاتى پايدىلىنىشقا بولىدىغان دۈشمەن خالاس، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا تېرورىزىم ئىسلاھاتنى بوغۇشنىڭ بىر باھانىسى. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئامېرىكا يەمەن ۋە بەھرەيىندىكى ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى قوللاۋاتىدۇ، يەمەن ۋە بەھرەيىندە ھۆكۈمەت بىخەتەرلىك قىسىملىرى دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغۇچىلارنى ھەمىشە ئوققا تۇتماقتا. ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن دېموكراتىيە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىن لادىننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت ئىسلام ئاشقۇنلۇق ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى ئەركىنلىكنى بوغىدىغان ئەرەب ھاكىمىيەتلىرى ۋە ئاشقۇن ئېدىئولوگىيە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىشى كېرەك. بولمىسا، ئوساما بىن لادىننىڭ ئەرۋاھى دۇنيادا داۋاملىق ئەگىپ يۈرۈيدۇ. (نەپرەت تەرجىمە قىلدى، باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ) مەنبە: ئاپتورى ماي يامانى يازغۇچى، ئىنسانشۇناس، 1956-يىلى قاھىرەدە تۇغۇلغان، ئانىسى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىن، دادىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىدىن. «ئىسلامنىڭ كېلىپ-چىقىشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى. كېلەركى قېتىملىقى سەئۇدى ئەرەبىستان خانىم-قىزلىرىمۇ؟ (ماي يامانى) سەئۇدى پادىشاھلىقىغا ئاسىيلىق قىلىندىمۇ؟ (ماي يامانى)