ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خۈي لياڭيۈ بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مۇرالىس بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۈي لياڭيۈ ئۈلۈشكۈن سان كرۇزدا بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مورالىس بىلەن كۆرۈشتى.

خۈي لياڭيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بولىۋىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، جۇڭگو بىلەن بولىۋىيەنىڭ دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مورالىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بولىۋىيە خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردىكى، بولىۋىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ جۇڭگوغا ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتنىڭ بولىۋىيە بىلەن سەمىمىي ئۇچرىشىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىشى بولىۋىيەنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!