شىنخۇا تورى بېنغازى 22-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : لىۋىيە ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت››ى 22-سېنتەبىر بېنغازىدا ، لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىدى .
لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جۈفرەھ ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا خۇنى ، سەبخا ۋىلايىتىنىڭ باياناتچىسى سۇلايمان مۇھەممەد ۋە مەرزۇق ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى ئالى كالاما شۇ كۈنى بېنغازىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلدى .
كالاما: 10 كۈن بۇرۇن ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› جەنۇبتىكى رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلىشنى پىلانلىغانىدى . يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر جەنۇبىي رايونلاردىكى قوراللىقلار ۋە سۇراتا ، جۈفرەھ ۋە سەبخا قاتارلىق رايونلاردىكى يەرلىك قوراللىقلار بىلەن بىرلىكتە سەبخانى ئىشخال قىلىپ ، بىرلىكتە ھەبىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ، جەنۇبتىكى رايونلارغا قېچىپ كەتكەن كازافى ھاكىمىيىتىدىكى ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بىر قىسىم رەھبەرلەرنى قولغا ئالدى ، دېدى ھەمدە نۆۋەتتە جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياشاش ھالىتى ئىنتايىن ناچار بولغاچقا ، ‹‹ ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نى بۇ رايوننى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە دەۋەت قىلدى .
مۇستافا خۇنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا : جەنۇبتىكى رايونلار لىۋىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ ، ‹‹ ئۆتكۈنچى كومىتېت›› تا چوقۇم تېگىشلىك ئورنى بولۇشى كېرەك ھەمدە ‹‹ ئۆتكۈنچى كومىتېت›› ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارار بەلگىلەش جەريانلىرىغا قاتنىشىش كېرەك ، دېدى . ئۇ ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبتىكى رايونلارنى ‹‹ ئۆگەيلىمەسلىك››ىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار سەبخا، جۈفرەھ ، مەرزۇق ، شاتى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ رايونلارنىڭ يەر كۆلىمى لىۋىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %30 ىنى تەشكىل قىلسىمۇ ، بىراق نوپۇسى ئاران پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %15 ىنى ئىگىلەيدۇ .