جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن پايتەختىدە پىرىزدېنت سالىھ ھۆكۈمىتىنىڭ قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 22-سېنتەبىر 5-كۈنىگە قەدەم قويغان، ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 پۇقرا 22-سېنتەبىردىكى توقۇنۇشقا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئىككى تەرەپ توقۇنۇشقا باشلىغان 5 كۈندىن بۇيان، جەمئىي 89 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئىسيانچى قىسىملار 21-سېنتەبىر پايتەخت سانادا كەسكىن ئېتىشقان بولۇپ، 9 نەپەر ئىسيانچى ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، نەچچە ئون ئادەم يارىدار بولغان. ئىسيان كۆتۈرگەن قىسىملارنىڭ بىر بروۋنىك دېۋىزىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پولكوۋنىكنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى برۋونىك دېۋىزىيىسىگە 5 دانە زەمبىرەك ئوقى تەككەن، 9 ئەسكەر قازا قىلغان، نەچچە ئون ئەسكەر يارىدار بولغان. سانا شەھىرىدىكى دوختۇر ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇخبىرغا دېيىشىچە، نامايىشچىلار سانا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جەنۇبىدا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشقان، نامايىشچىلار ھۆكۈمەت ئارمىيىسىغا تاش ۋە كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتقان، ئاز دېگەندە بەش نامايىشچى زەمبىرەك ئوقى ياكى مەرگەن ئاتقان ئوقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى نۆۋەتتە ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغان. (نەپرەت تەرجىمىسى)