ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە سابىق ھاكىمىيىتىنىڭ زۇڭلىسى ماخمۇد قولغا ئېلىندى

2011-يىلى09-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     2011–يىلى 8–ئاۋغۇست ، لىۋىيە سابىق ھاكىمىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مەخمۇد پايتەخت ترىپولىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا ( ماتېرىيال سۈرەت )      شىنخۇا تورى تۇنىس 22–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : 22-سېنتەبىر ، تۇنىس ئىچكى كابىنتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، لىۋىيە سابىق ھاكىمىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مەخمۇد 21-سېنتەبىر كەچتە تۇنىس بىلەن ئالجىرىيە تۇتىشىدىغان رايوندا قولغا ئېلىنغان .

   بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، مەخمۇد  تۇنىس ئارقىلىق ئالجىرىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان . بۇ ئەمەلدار مەخمۇدنىڭ تۇنىسقا قاچان كىرگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان .

   ئەرەب تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مەخمۇد ‹‹ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ›› ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان . تۇنىس تەرەپ مەخمۇدنى لىۋىيە ئۆتكۈنچى كومىتېتى دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن .

   ماخمۇد 2006–يىلى 3–ئايدىن باشلاپ كازافى ھاكىمىيىتىنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!