ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئالىملار نۇرنىڭ تېزلىكىدىن تېز زەرىچىنى بايقىدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا زەرىچە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالىملىرى 22-سېنتەبىر دېيىشىچە، ئۇلار ھەرىكەت تېزلىكى نۇردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىككىلەمچى ئاتوم زەرىچىسىنى ئۆلچەپ چىققان، ھەرى
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا زەرىچە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالىملىرى 22-سېنتەبىر دېيىشىچە، ئۇلار ھەرىكەت تېزلىكى نۇردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىككىلەمچى ئاتوم زەرىچىسىنى ئۆلچەپ چىققان، ھەرىكەت تېزلىكىنى جەنۋەدىكى تەجرىبىخانىدىن 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشقا بىر تەجرىبىخانىغا قويۇپ بېرىلگەن مىكرو زەرىچىلەردىن ئۆلچەپ چىققان. ئالىملار بۇ نەتىجىدىن گاڭگىراپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ نەتىجىگە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولغان ھەمدە باشقا ئالىملارنىڭمۇ بۇ ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ بايقىشى ئىسپاتلانسا، ئېنىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزىرىيىسىدىكى «نۇرنىڭ سۈرئىتى ھەر قانداق جىسىمنىڭ سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەن بۇ ئاساسىي فىزىكا قانۇنىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىكەن. ئەمما تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى ئانتونىي:«بىز بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىشەنچىمىز بار. بىز نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ئەسلىھەلەرنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ چىقتۇق، ھەممىسىدىن ھېچقانداق خاتالىق بايقىمىدۇق» دېگەن. ئېنىشتىيىن 1905-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدە، ۋاكۇئۇمدا، ئالەمدىكى ھەر قانداق جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى نۇرنىڭ سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دېيىلگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە ۋاقىتنى چۈشىنىشىدىكى نەزىيە ئاساسى بولۇپ قالغان ھەم ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەگەر نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ ھادىسە راستىنلا ئىسپاتلانسا، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل فىزىكا نەزەرىيە سىستېمىسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. (نەپرەت تەرجىمىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!