ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پەلەستىن ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنماقچى

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، پەلەستىننىڭ «ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى» سۇنىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان مەزگىلدە بان كىمون 21-سېنتەبىر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنى بۇ مەسىلىدە سوغۇققان بولۇشقا دەۋەت قىلغان .

    ب د ت باياناتچىسى مارتىن نېسىركىي مۇنداق دېگەن : باش كاتىپ بان كىمون ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىنى پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا سوغۇققان بولۇش ، ھەرىكەت قولانغاندا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ ، تەمكىن بولۇشقا دەۋەت قىلدى .

    پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 16-سېنتەبىر: مەن 23-سېنتەبىر ب د ت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا تاپشۇرۇماقچى ، دېگەن . ئىسرائىلىيە ئارقىدىنلا بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ، ھەمدە زۆرۈز ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۆچ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!