جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

ۋاقتى:2011-07-02 10:15مەنبە: يوللىغۇچى: تۇتىيا چېكىلىشى:قىتىم
   ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغا"بەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۈرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقانغۇ.ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى.نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بالا بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن بارغاندىكىن قىزىمىزغا قاراپ قويار "دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم.نىمە ئۈچۈنكىن ئاپامنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ بىر خىل ھاياجانلاندىم...
ھەش-پەش دىگۈچە مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغىنىمغىمۇ بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى.دەرۋەقە ئاپام ئېيتقاندەك سەن مەكتەپتە ماڭا بۆلەكچە باش-پاناھ بولدۇڭ.شۇ تەرىقىدە كىچىكمىزدىكى دوستلىق بىزنى ئاستا مۇھەببەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.كۆڭلۈم سېزىپ تۇرسىمۇ،مېھىرلىك تىكىلىشلىرىڭنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ سېنىڭ ئاشۇ كۈنى قىزىرىپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_دىل،مەن..مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،_دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ھىسسىياتىمنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن.مەنمۇ ئوخشاشلا ،ساڭا ئوخشاشلا شۇ سىرلىق ئايدىڭ كېچىلەردىكى بۇلاق سۇلىرىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق،تاڭ سەھەردىكى  بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدا مەستخۇشلۇق  ئىلكىدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بەرگىلىرىدەك نازۇك ھىسسىياتلىرىمنى بىر ساڭىلا ئاتىغان ئىدىم..بىزنىڭ كۈنلىرىمىز رىقابەتكە تولغان قىزغىن ئوقۇش كۈنلىرىمىزنى قايناق مۇھەببەت كۈيلىرى بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇۋەتكەن  مۇھەببەتلىك سۆيۈنۈش،ئەقىدە،ئارمان ئىسكەنجىلىرىدە كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي ئاۋال سەن،2 يىلدىن كېيىن مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدۇق.دادامنىڭ شەھەردىن تېپىپ قويغان خىزمىتىگە قاتتىق قارشىلىقلار بىلەن ئۇنىماي تاغلىق يېزىغا ئوقۇتقۇچى سېنى پەقەت سېنى دەپلا قايتىپ كەلگەن ئىدىم،چۈنكى سەنمۇ ئاپاڭنىڭ تەلىۋى بىلەن ئۆز يېزاڭغا قايتىپ كېلىپ ئەينى يىللىرى بىز ئوقىغان ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتىڭ،شۇنداق قىلىپ بىز توي قىلدۇق.تويىمىز كىملەرنىدۇر نارازى كىملەرنىدۇر خۇشال قىلغان بولسىمۇ بىز چەكسىز بەخت ئىلكىدە گويا بۇ دۇنيانىڭ بارلىق خوشاللىقلىرى پۈتۈن بىز ئۈچۈن مىھىرلىك قۇچىقىنى ئاچقاندەك شۇنداق بەختىيار ئىدۇق،بىز ئۆزىمىزنىڭ خىيالىي دۇنيارىمىزدىن رىئاللىقتىكى كىچىككىنە دۇنيارىمىزدا ھەقىقى جەم بولغان ئاشۇ ئاخشىمى سەن مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ "دىل.مېنىڭ پەرىشتەم،سىزنى سۆيىمەن،سىزنى مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر قۇچاقلاپ يېنىمدىن بىر ئۆمۈر ئايرىمىسام دەيمەن،ئېيتىڭا،سىز مەن بىلەن بەخىتلىكمۇ؟؟"دىگەن ئىدىڭ.مەن بەختىيارلىق ئىلكىدە سېنىڭ سۇئالىڭغا لەۋلىرىم بىلەن جاۋاپ بېرىپ ۋۇجۇدۇڭغا بىرلىشىپ كەتكەن ئىدىم... ئىز تورى بەك ياخشى
ھەش-پەش دىگۈچىلا توي قىلغىنىمىزغىمۇ 8 ئاي بولۇپ قالدى.بەختىيار كۈنلىرىمىز،شادىمان كۈلكىلىرىمىزنىڭ دەل ئەكسىچە ئاپاڭنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئوساللىشىپ كەتتى.ئۇ كۈن-كۈنلەپ ھىچكىمگە گەپ قىلماي يالغۇز ھوجرا ئۆيگە بېكىنىۋالاتتى،بىزنىڭ پەرۋانە بولۇپ  سورىغان سۇئاللىرىمىز،كۆيۈنۈشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جاۋاپسىز قالاتتى.ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈندۇر مېنى ئىچ-ئىچىدىن يامان كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالاتتىم.بەزىدە ئۇنىڭدىن "ئاپا،نىمە تاماق ئېتەي،كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ؟"دەپ سورىغىنىمدا ئۇنىڭ ماڭا ئاجايىپ تەننى جۇغۇلداتقۇچى قاراشلىرىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كېتەتتى.بىر كۈنى ئۇنىڭ مەن ئەتكەن تاماقنى ئۆيۈمدە يەيمەن دەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كەينىدىن چىقىپ مەن تاماق ئېتىپ بولۇپ پاكىز سۈرتۈۋەتكەن پولغا تۆكۈۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلىپ ئۆزۈمنى باسالماي يىغلاپ كېتىپ ساڭا دەپ سالغىنىمدا سەن ئاچچىق بىلەن ئاپاڭغا قاتتىق ۋارقىرىغان ئىدىڭ.ئاشۇ كۈنى يېنىكلىك قىلىپ ساڭا دەپ سېنىڭ ۋارقىرىشىڭ بىلەن كۆڭلى ئازار يەپ قالغان ئاپاڭنىڭ گەپ قىلماي ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن بىئارام بولۇپ پۇشايمان بىلەن كەچتە قېشىغا كىردىم: copyright by www.iz.la
_ئاپا،سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن ئىدىم.
ئۇ ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاۋاتاتتى.مەن گېپىمنى ئاڭلىمىغان چېغى دەپ قېشىغىراق سۈرۈلدۈم.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىغا نىمىنىدۇر بىر نىمە تۇتۇۋىلىپ غەزەپ بىلەن قولىدىكى بىگىزنى سانجىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالدىم."مەن سېنىڭدىن ھامان ئۆچ ئالىمەن،ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچىمىتتىڭ،مەن كىم بىلەمسەن؟؟مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى ساڭا بېرىۋەتمەيمەن،ھەرگىز.."
_ئاپا..
_ھە_ئۇ بىردىنلا ئېسىگە كەلگەن ئادەمدەك چۆچۈپ ماڭا قارىدى.شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قولىدىكى مېنىڭ رەسىمىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر چىقىپ كەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_ھى،ھى،نىمە بولدى،نىمە ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىز؟؟_ئۇ يېقىمسىز ھىجىيىپ قويۇپ گويا ھىچ ئىش بولمىغاندەك كۆزلىرىمگە بىزارلىق بىلەن تىكىلدى.
"بۇ زادى نىمە گەپ ئەمدى..ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغاندۇر؟؟"
شۇ ئان يادىمغا بىز توي قىلىپ تېخى بىر ھەپتە بولغاندىكى بىر ۋەقە كېلىپ قالدى.ئۇ كۈنى كۈندىكىدەك كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ھەممە ئىشلارنى بېسىقتۇرىۋىتىپ ئۆيىمىزگە چىقىپ كېتىشكە تەيارلاندۇق.
-ۋاي بېشىم، بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ..ۋايەي..
_نىمە بولدۇڭ ئاپا.بېشىڭ نىمە بولدى،دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟؟
ياق بولدى،بۈزگۈن سەن مېنىڭ قېشىمدا ياتقىن،دىلنار چىقىپ كېتىۋەرسۇن!!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

_بۇ..ئاپا..
_نىمە بولدى؟سەن ماڭىمۇ قارشى چىقامسەن؟ۋاي بېشىم ۋايەي بېشىم...
سەن يەنە نىمىنىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىڭنى ئۆمەللىدىڭ،
_مەيلى جۈرئەت،سىز ئاپامنىڭ قېشىدا يېتىپ قېلىڭ،ھىچقىسى يوق_مەن گەرچە شۇنداق دىسەممۇ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن ساڭا تارتىشىپ چىقىپ كەتتىم.بىر ھازادىن كېيىن سەن ئارقامدىن كىرىپ ناھايىتى خېجىللىق بىلەن ئەپۇ سورىدىڭ.ئاپاڭنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سەن بىلەنلا ياشاپ كەلگىنى ئۈچۈن بۇ ئايرىلىشقا دەماللىق چىدالمايۋاتقانلىغىنى،توغرا چۈشىنىشىم كېرەكلىكىنى،بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاپاڭنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتىدىغان بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭ.مېنى قىيماسلىق ئىچىدە يېنىش-يېنىشلاپ باغرىڭغا بېسىپ،ياخشى چۈش كۆرۈشۈمنى تىلەپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن،توي قىلغاندىن بېرىقى تۇنجى ئازاپلىق كېچىنى ،ئۇياققا ئۆرۈلۈپ،بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇيقىسىز ھالەتتە تولىمۇ تەسلىكتە ئاتقۇزغان ئىدىم... ئىز تورى بەك ياخشى
مانا ئەمدى ئاپاڭنىڭ مېنىڭ رەسىمىمگە بۇنچە غەزەپ بىلەن بىگىز سانجىشىنى مەن نىمە دەپ چۈشىنەي؟؟ئۇنىڭ "ساراڭ ئادەمدەك توۋلايسىزغۇ"دىگەن گېپى بىردىنلا مېنى سەگىتكەندەك بولدى.مەن ئاستا قېشىڭغا چىقتىم.سەن مېنىڭ چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بىئارام بولغان ھالدا:
_ئاپام كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىمۇ؟_دەپ سورىدىڭ.
_مەن قورقىۋاتىمەن جۈرئەت،
_نىمىدىن؟؟
_ئاپام..ئۇ..
_تېز دەڭا نىمە بولدى؟؟
_ئاپام راستىنلا غەلىتە بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ ئۇ،ئۇ نېرۋا كېسەل بولۇپ قالمىغاندۇر ھە؟؟
_نىمە دەۋاتىسىز؟؟ئادەم قېرىغاندا شۇنداق غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قالىدۇ.بەلكىم ئەتكەن تامىقىڭىزنىڭ بىر نىمىلىرى ئۇنىڭغا ياقماي قالغاندۇر،بىر قېتىم تامىقىڭىزنى تۆكۈۋەتكەنگە ئۇنى نېرۋا كېسەل دىسىڭىز...بۇ..ھەي بولدىلا ئۇخلايلى...
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇجۇققان غەرەز

    -ھوي كېۋىر،بارمۇسەن؟بۈگۈن سېنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كەلدىم،قانداق،بالىچاقلىرىڭ ئامان،ئىشلىرىڭ دەريادەك راۋاندۇ؟-رەسۇل ھاكىم (سانتانا)ماركىلىق پىكاپتىن چۈشۈپلا ئالدىمغاا كەلدى ۋە مېنىڭ جاۋابەن ھال-ئەھۋال سورىشىمنى كۈتمەستىنلا،ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگە...

  • ھاراقكەش ئىشەك

    (ھىكايە) ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن يالغۇزلۇقتىن ئىچىم پۇشۇپ ، كىتابخانىغا بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ ، جاھاننى بار كۈچى بىلەن ئىسىتماقتا . بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن ، بازار تۇلى...

  • بىر تال تەڭگە پۇل

    ھېكايە لى جيۇۋېن رۇخسەتمۇ ! كىرىڭ ! يۈزلىرى ئوتقاشتەك جىلۋىلەنگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى : مۇئەللىم ، مەن بىر پۇڭ تېپىۋالدىم . مۇئەللىم تەئەددى بىلەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى-دە ، نېمىلەرنىدۇر خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . بۇ چاغدا قىز تەڭگىنى شىرەگە قويۇپ قو...

  • مۇھەببەت ۋە سۈيقەسىت

    ھېكايە دالىم جەتىل (بوتان) كارل دوستنىڭ ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەندە سورۇن قىزىپ كەتكەنىدى. كارل پۇلدار سودىگەر بولۇپ، ئوتتۇز نەچچە ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ، تېخىچە كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالمايۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىگ...

  • كۆرۈمسىز ئۆردەك چۈجىسى

    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قىزلار ئەينەككە كۆپ قارايدىغان،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ،بۇ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان قىزلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك،بىراق كىشى ئۆزىنىڭ چىرايىنى تاللىۋالالمايدۇ،چىراي ش...

  • پەرزەنىت ئۈچۈن

    قار توختىماي يېغىۋاتاتتى،موماي ھاسىسىنى توكۇلداتقىنىچە يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىدا يەنە پەيدا بولدى.ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە دىجۆرنىلىك قىلىۋاتقان چىرايلىق ساقچى قىز تۇمشۇقىنى ئۈچلاپ مومايغا ناھايتى قۇپال تەگدى. -قاراڭ قىزىم مەن ئەكرەم سوجاڭنى ئىزلەيتت...

  • كۆزۈمنى ئوبدان ئاسىراڭ

    ئىنتايىن چىرايلىق چوڭ بولغان بىر قىز بۇلۇپ ، ئۆزى ۋە ئوغۇل دوستىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن. ئوغۇل دوستى ئىنتايىن كۆڭۈلچەك بولۇپ ، بۇ قىزغا ئىنتايىن كۆيۈنىدىكەن. چۈنكى ئۇ بۇ قىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈن...

  • سەھەر قىزى

    ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك چۈشۈپ، ھەمشە ماجىرالىشىپ تۇراتتى. مەغرۇرلۇقتا بىر شىر بولسا، بىرى يولۋاس ئىدى. بىر-بىرىنىڭ دىدارىغا قاراشقۇسى يوق بولۇپ، گويا ئۇلارغا بۇ جاھانمۇ تار كېلەتتى. ئۇلانىڭ بىرىگە ئەجەل ئوقى تېگىپ ئالەمدىن ئۆتتى، يەنە بىرى ئۇنىڭ...

  • روھىنىڭ قىساسى(ۋەھىمىلىك ھىكايە )

    بەكرى ئۈزى تۇرپانلىق بۇلۇپ ئالىي مەكتەپنى پۇتۇرۇپ جەنۇبي شىنجاڭدىكى بىر تۈرمىگە خىزمەتچى بۇلۇپ كەلدى ،ئۇنىڭ ئاپسى بۇرۇنلا تۇگەپ كەتكەچكە ئاچىقىي يامان ،تەلەپچان ئەمما خۇتۇنپۇرۇش دادسى ھەم ھەپتىدە بىر ئالمىشىپ تۇردىغان ئۆگەي ئاپىلارنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغا...

  • سېرىق تاكسى

    ئاپتۇرى: ئۆمەر مەھمۇت مەن ئاشۇ تاكسىلارغا ئەجەپلىنىپ قارايمەن،ئۇلارنىڭ ئاستى ئۈستى تەرپىدىكى قىسمەن يېشىل رەڭلىرنى ھىسابقا ئالمىغاندا،ئاساسەن سېرىق دىيشكە بولاتتى.ئۇلار شۇنچىلىك ئاددى، ھىچقانداق ئالاھىدە جەلپ قىلدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق.بىراق شۇنچە كۆپ سىتود...

  • ۋاقىتسىز قازا

    ئابدۇرېھىم ياقۇپ (ھېكايە) بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىر...

  • شۇ چاغلاردا

    ھىكايە ئابدىۋەلى مۆمىن (شۇچاغلار) بۇ ھىكايەمنى سىېنىڭدىن ، يەنە سەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن باشلايمەن، توۋا ، ياش ۋاقىتلىرىم، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىچىكلىكتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي، ئىنتىرنىت تورىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بەزىدە قى...

  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...