« ئىككى باشلىق مومىيا » www.iz.la
باتۇر جەڭچى قاتارلىقلا ر ھۇشىغا كەلدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭىڭ بىر قاراڭغۇ جايغا كىلىپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قىلىشتى . ئىز تورى www.iz.la بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى! www.iz.la www.iz.la بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ۋاي خۇدايىم ~! باتۇر جەڭچى بۇ يەر قەيە ؟- سورىدى كۈنقىز ھەيران بولۇپ .
- مەندىن سورىسىڭىز ، مەن كىمدىن سورايمەن ؟ - دېدى باتۇر جەڭچى .
- ئاناڭنى ~! ھەجەپمۇ نەس باستى . -دېدى كۈسەنقىز ئاچچىغلاپ .
- راستنىلا نەس باستى . بالامنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم . -دېدى باتۇر جەڭچى مەيۇسلەنگەن ھالدا.
- ئايالىڭىز تۇغاي دەپ قالغانما ؟ -سورىدى كۈنقىز .
-شۇنداق ..
- قايسى كۈنى تەۋەللۇت قىلا ؟ ھەي ، ئىسمىنى ئويلاشقانمۇ ؟
- بىر نەچچە ھەپتە قالغان ئىدى . بۇ ۋاقىتقىچە تەۋەللۇد قىلىپ بولدى . ئىسمىنى باتۇرجان قويايلى دىگەن .
-نىمە دىگەن مەتو ئىسىم بۇ ؟ -دېدى كۈسەنقىز .
- ھە....ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، بىز گىپىمىزنى قىلىشىۋىرەيلى .
- كاساپەت ~! ئولتۇرىۋەرمەكچىمۇ سىلەر ؟ بىر ئامال قىلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كىتەيلى . بولمىسا بۇ يەردە مەڭگۇ قالىمىز . -دېدى كۈسەنقىز كايىپ .
- توغرا ، بىز ئالدى بىلەن بۇ يەردىن چىقىپ كىتەيلى . -دېدى باتۇر جەڭچى .
ئۇلار سومكىسىدىن قولچىراغنى ئىلىپ ئەتراپقا سەپ سالدى .
- ۋاھ~! قاراڭلار ، تام رەسىمى . -دېدى كۈنقىز . ئىز تورى بەك ياخشى
- بۇ پىرامىدا شەكىللىك قۇرلۇشكەن . تاملىرى شۇنداق سىلىقكەن .-دېدى باتۇر جەڭچى .
- ھە ~! بالىلار ، بىز ....بىز.... شۇيەرگە كەپ قالمىغاندۇق ھە ~؟!-دېدى كۈسەنقىز .
- قەيەرگە دەيسىز ؟ -سورىدى باتۇر جەڭچى .
- ھىلىقى ....ھىلىقى ....مى...مىسىرغىچۇ ؟
- بۇمۇمكىنمۇ ؟؟؟ -دېدى كۈنقىز .
- بۇ گىپىڭىزنىڭ ئاساسى بار . قاراڭ ، تامدىمۇ ساپلا مىسىرغا ئائىت سۇرەتلەر باركەن . بىز ئالدى بىلەن چىقىش ئىغىزى ئىزدەيلى . -دېدى باتۇر جەڭچى .
ئۇلار سىرىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى . بۇ ئەگرى -توقاي ھەم تار يوللار ئۇلارنى سەل قىناۋاتقاندەك قىلاتتى . كۈنقىز قورقىنجىلىقتا ئالدى -كەينىگە قاراپ مىڭىۋىرىپ ئاخىرى يىقىلىپ چۇشتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ۋايجان~!
- نىمە بولدۇڭ ؟ ئاۋايلا ~! -دېدى كۈسەنقىز .
كۈنقىز قولچىرىغىنى ئىزدەۋىتىپ بىر تومىلاق ھەم ئۇزۇن نەرسىنى تۇتۇپ سالدى .
- نىمدۇ بۇ ؟ ھەجەپ سىلىق نەرسىكەن . مىدىرلاۋاتامدۇ نىمە ؟ ھە.....قولچىراغ بۇ يەردىكەن .
- كۈنقىز بولساڭچۇ ~`! -دېدى كۈسەنقىز چاقىرىپ .
- ھە مانا ~!
كۈنقىز قولچىراغنى ئىلىپ بايا تۇتقان نەرسىسىگە ئىڭشىپ قارىۋىدى ، قورققىنىدىن خۇددى قىتىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدى . كۈسەنقىز بىلەن باتۇر جەڭچى ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى .
- ئانا~~~~~~~~~!-دېدى كۈسەنقىز زەھەرلىك يىلاننى كۆرۇپ . ئۇنىڭ چىقىرىشى بىلەن كۈنقىز ھۇشىدىن كەتتى . يىلان بۇ ئاۋازدىن ئۆركۇپ كۈنقىزنى چاقاي دىۋىدى ، باتۇر جەڭچى پىچىقىنى چىقىرىپ ، يىلاننىڭ كاللىسىنى ئۇزۇۋەتتى . كۈسەنقىزمۇ قورقىنىدىن تىتىرەپلا كەتتى .
- ئۇ ئۆلدى ، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ كۈسەن .
كۈسەنقىز باتۇر جەڭچىنىڭ مۇرىسىگە ئىسىلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى . ئۇ تا مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق يوغان زەھەرلىك يىلاننى كۆرۇپ باقمىغاچ بەكلا قورقۇپ كەتتى . بىر دەمدىن كىيىن كۈنقىز ھۇشىغا كەلدى . كۈسەنقىز كۈنقىزنى يۆلەۋىتىپ ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۇپ تاشلىدى .
ئىككىلىسى بۇنىڭدىن ھەيرانلا قالدى . ئەسلىدە كۈنقىز قورققىنىدىن ئىشتىنىغا سىيىۋەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ كۈلىشىدىكى سەۋەبى شۇ ئىدى .
- نىمە بولدى ؟ بايا ئۆلىدىغاندەك قىلاتتىڭىز ، ئەمدى كۈلىۋاتىسىزغۇ ؟ كاللىڭىزدىن چاتاق چىقمىغاندۇ ؟
- ھىچ ...ھىچ...ھىچنىمە بولمىدى .
- ئەمسە نىمىگە كۈلىسىز ؟
- يىلان سىيىۋىتىپتۇ .
- قان كۆزىڭىزگە سۇيدۇك كۆرنىۋاتامدا ؟ ئادەمنى قورقۇتۇپ نىمە دەيدىغانسىز ؟
- بولدىلا ، كۈنقىز ماڭالمايدىغاندەك قىلىدۇ . قاراڭ ، تىخىچە خۇدىنى بىلەي ئولتۇرىدۇ . ئۇنى سىز يۇدىۋىلىڭ .
- مەن ؟
- مەن دەيسىزغۇ ؟ سىزدەك ئەركىشى بار يەردە مەن يۇدۇپ ماڭسام سەت تۇرا ؟
- بۇ يەردە ئادەممۇ يوقتى .
- تولا گەپ قىلماي يۇدۇڭ .
باتۇر جەڭچى ئامالسىز كۈنقىزنى يۇدىۋالدى. ئۇ شۇ جايىدا تۇرۇپلا قالدى .
- ھا ھا ھا.....ماڭمامسىز ؟
- بۇ ...بۇ.... ھە ھىچنىمە . ھىچنىمە .
ئۇلار يولىنى داۋاملاشتۇردى . ھەمدە مىڭ تەستە سىرتقا چىقتى .
ئۇلار سىرتقا چىقىپلا ھەيران قىلىشتى . ئۇلار مىسىرغا كىلىپ قالغان ئىدى . ئۇلار كىرىپ قالغان جاي دەل ئەلئىھرام ئىدى .
- ۋاي خۇدايىم ، ئاخىرى ئىلىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن . نىمە ئىش بوپكەتتى بۇ ؟- دېدى كۈسەنقىز .
- ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق تىپىۋالدۇقمۇ نىمە ؟ -دېدى باتۇر جەڭچى .
كۈنقىز تىخىچە خۇدىنى بىلمەي ئولتۇراتتى . كۈسەنقىز ئۇنىڭغا قاراپ چىكىلدىغىنىچە باتۇر جەڭچىگە :
- ھەي جەڭچى ، بىرىپ يىگىدەك نەرسە ئەكىلىڭ . قورساق ئىچىپ كەتتى .
- مىنىڭ ئىسمىم ھەي جەڭچى ئەمەس . باتۇر جەڭچى .
- ھە بولىدۇ ...بولىدۇ ...سۆيۇملۇك باتۇر جەڭچى دەرھال بىرىپ يەيدىغان نەرسە تەپكىلىڭ . قورساق بەكلا ئىچىپ كەتتى.
- مەن نەدىن تەپ كىلىمەن ؟ بۇ ئەتراپتا بىرەر ئۆي ، يە دۇككان بولمىسا ؟!
- بۇ گەپ قاملاشمىدى جۇمۇ ، نەدىن تەپ كىلىمەن دىگەنمۇ گەپمۇ ؟ سىزدىگەن ئەركىشى جۇمۇ~!
- سىز........ بولىدۇ مەن تەپ كىلەي . مەن تەپ كىلەي ...
باتۇر جەڭچى سومكىسىنى تاشلاپ قويۇپ بىر نىمىلەرنى دىگىنىچە كىتىپ قالدى .
- بۇ چاڭگىباشلار بىلەن كىلىپ بالاغا قالدىمغۇ ئەمدى ؟ تىخى ماڭا بۇيرۇق چۇشۇرىۋاتقىنىنى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئايالىم جىنىدا بۇنداق گەپ قىلالمايتى ماڭا . خەپ ئالۋاستىلار ، نىمىشقىمۇ ئۇلار بىلەن ماڭغان بولغۇيتۇم ؟!
- خاناچا ، لەڭپۇدەك لىغىلداپ تۇرماي ، نان يىگەندەك ئولتۇرساڭچۇ ؟ -دېدى كۈسەنقىز .
- مۇشۇ ھالىم بىلەن......مۇشۇ ھالىم بىلەن قانداقمۇ نان يىگەندەك ئولتۇرالايمەن ؟ جۇۋەينىمەك ، بۇزۇق كانايدەك چىقىراپ تاس قالدىڭ مىنى ئۇدۇنياغا يولغا سالغىلى ۋۇ ئۆلگۇر .
- ھا ھا ھا......ھا ھا ھا........
- ئىشىكى ئۆلەۋاتسا ، قوڭى غىجەك تارتىپتۇ دەپ نىمىگە كۈلىسەن ؟
-ھا ھا ھا.....ۋاييەي...سىنىڭ تىخى مىسىردا ئۆلگۇڭ بارمىتى ؟ ھا ....توغرا ، بۇ يەردە ئۆلسەڭمۇ ياخشى بولغۇدەك . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن كىشىلەر جەسىتىڭنى بايقىسا مىسر خانىشى ...ياق، سىنىڭ نەرىڭ مىسىر خانىشىغا ئوخشىسۇن ؟ تۇرقۇڭدىن دىدەكلەرگىلا ئوخشايسەن ؟ ئۇنىڭ ئۈسىتىگە سىنى مومىيالىمىغاندىكىن چىرىپ ئۈستىخىنىڭ قالىدۇ دە . ئەڭ ياخشىسى مىسىر خانىشى دىدىكىنىڭ ئىسكىلىتى بايقالدى دىگىنى تۇززۇك . ھا ھا ھا..............
- سىزنى كىم ئىغىزلاندۇرغان بولغىيتى ؟ نىمانداق تولا گەپ بۇ ؟ -دېدى باتۇر جەڭچى
- ھە ، قايتىپ كەلدىڭىزما ؟ ۋاھ~! بولكا ، نىمە دىگەن ياخشى . -دېدى كۈسەنقىز .
ئۇ قولىنى دەرھال بولكىغا ئۇزتىۋىدى ، باتۇر جەڭچى پاققىدە قولىغا بىرنى سالدى . ۋە بىرمۇنچە كايىپ كەتتى . كۈسەنقىز رەنجىگىنىچە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ، بىر نىمىلەرنى دىگىنىچە غوتۇلداپ ئولتۇردى .
- مۇشۇ تاپتا مىنى بوغۇپلا قويغىڭىز كىلىۋاتىدۇ ھە~؟!-دېدى باتۇر جەڭچى .
- بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ؟
- سىز .......
- بولدى قىلىڭلار ، ئالدى بىلەن بىر نەرسە يەۋالايلى چۇ ؟!- دېدى كۈنقىز .
ئۇلار بىر - بىرىگە تەتۇر قاراشقىنىچە بولكىنى يىيىشتى .
- ھەي......قورسىقىمنىڭ بىر بۇر جىكىگىمۇ بارمىدى . قارىڭە سىزنى ، مۇشۇ بويىڭىز بىلەن ، مۇشۇ سالاپىتىڭىز بىلەن يىرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ، خىجىل بولماي مۇشتۇمدەك بىر بولكىنى كۆتۇرۇپ كەلگىنىڭىزنى . يارىماس ~!
- نىمە ؟ گىپىنىڭ چوڭلىقىنى قارا ، نوچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز تەپ كىلىڭ ~! نىمە بالاغا قالدىم ئەمدى بۇ قۇيۇندا ساراڭ بىلەن .
- نىمە دېدىڭىز ؟
- ھە ، ھىچنىمە . ھىچنىمە دېمىدىم .
- بىر نىمە ساراڭ دېدىڭىزما ؟
- ھىچ نىمە دېمىدىم دېدىمغۇ ؟!
- بىرنىمە ساراڭ دېگەندەك قىلدىڭىز ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- بۇ گەپنى ئۆزىڭىز دېدىڭىز جۇمۇ ~! ئەستا تولا گەپ قىلماي يەيدىغان نەرسە تەپ كەلمەمسىز
كۈسەنقىز غوتۇلدىغىنىچە كىتىپ قالدى .
- ئۇ ئۆزى يالغۇز بارمىسا بولاتتى ؟ بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالماس ھە ؟ - دېدى كۈنقىز ئەنسىرەپ .
-ھىچنىمە بولمايدۇ . ئەنسىرىمەڭ .- دېدى باتۇر جەڭچى .
خىلى ۋاقىتتىن كىيىن كۈسەنقىز بىر مۇنچە مىۋە -چىۋە ، پىرەنىكلەرنى كۆتۇرۇپ كەلدى .
- مەن قايتىپ كەلدىم .
- ۋوي ، نىمانداق كۆپ ؟ -دېدى كۈنقىز ھەيران بولۇپ .
- بۇنى نەدىن تەپ كەلدىڭىز ؟ - سورىدى باتۇر جەڭچى ھەيران بولۇپ .
- ئوغۇرلۇدۇم .
- ئوغۇرلۇدۇم ؟!
- شۇنداق . كىتىپ بارسام بىر ئەرەب دۇككىنىنى تاقىمايلا مەسچىتكە كىرىپ كەتتى . قارىسام ئەتراپتا بىرمۇ ئادەم يوق ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇلارنى ئىلىپلا قىچىپ كەلدىم . قانداق يامان مىكەنمەن ؟ ھا ھا ھا.....
- نۇمۇس قىلماي كۈلىۋاتقىنىنى ، ناماز ئۆتىگىلى كىرىپ كەتكەن ئادەمنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلاشتىن خىجىل بولمىدىڭىزما ؟
- خىجىل بولۇپ نىمە كەپتۇ ؟ خىجىل بولۇشتىن جان ساقلاش مۇھىم . قىنى يەڭلا ~!!
- بۇنى قانداقمۇ يىگىلى بولسۇن ؟
- خۇدايىم بەردى دەپ يەۋەرمەمسىز . كۈنقىز تۇتە ، بۇنى يەپ توشقاندەك جانلىنىپ كەت .
سىز راستنلا يىمەيسىز ؟
- شۇنداق ، يىگۇم يوق .
- مەيلى ئەمسە .
كۈسەنقىز بىلەن كۈنقىز ئىككىسى مىۋىلەرنى ئىشتەي بىلەن يىيىشكە باشلىدى . باتۇر جەڭچى ئۇلاردىن نىرى كىتىپ ئولتۇردى . شۇندىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ مىۋە يىگەندە چىقارغان ئاۋازى ئۇنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاشقازىنىمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ خولدۇرلاشقا باشلىدى . ئۇ ئاخىرى چىدىيالماي ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ يىيىشكە باشلىدى .
- ھە ، قورساقمۇ تويدى. يەنە بىر ئاز ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ، بۇ يەردىن تىزراق كىتىۋالايلى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- كەچتە نەدە ياتىمىز ؟ - سورىدى كۈنقىز . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- مېھمانخانىدا -دېدى كۈسەنقىز .
- پۇلىمىز بارما ؟
- ئۇنىڭدىن ئەنسىرمە . باتۇر جەڭچىدە بار .
- مەندە ؟! مەندە نەدىمۇ پۇل بولسۇن ؟!
- سىزدە پۇل يوق . ئەمما پۇلغا يارايدىغان نەرسە بار .
- پۇلغا يارايدىغان نەرسە ؟ ھى ، مەندە ئۇنداق نەرسە يوق ~!
- يوقما ؟!
- يوق ~!
- راستىنلا يوق ~؟!
- راستىنلا يوق ~!
- سومكىڭىزدىكى چوكا ئالتۇنلار چۇ ؟!
- سىز ...سىز....جويلىمەڭ ~! مەندە ئالتۇن يوق .
-ھاھ~! مىنى بىلمەيدۇ دەۋاتامسىز ؟ توپتوغرا 35 دانە چوكا ئالتۇن بار سىزدە . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- كۈسەنقىز بولدى قىل . ئۇ يوق دىدىغۇ .
- شۇنىڭغا ئىشەندىڭما ؟ ئۇيالغان ئېيتىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدا راستىنلا ئالتۇن بار .
- سەن قانداق بىلىسەن ؟
- بايا ئۇ يىمەكلىك تاپقىلى كەتكەندە سومكىسىنى ئاختۇرۇپ باققان ئىدىم .
- نىمە ~! سىز ئوغرىمۇ ؟ نىمە دەپ سومكامنى ئاختۇرىسىز ؟! ۋۇ.....
- ھەي ، كىم ئوغرىكەن ؟ بىرەر نەرسىڭىزنى ئوغۇرلاپتىمەنمۇ ؟!دەڭە قىنى ....
- بولدى قىلىڭلا ~!
دەل مۇشۇ چاغدا بىر توپ ئاتىلىق ئادەملەر ئۇلارنىڭ يىنىغا يىتىپ كەلدى .
- ھە...ياخشىمۇ سىلەر خانىملار ؟ !
ئۇلارنى كۆرۇپ بۇ ئۇچەيلەن شۇنداق قورقۇپ كەتتى .
- ھەي ، كۈنقىز ئۇ نىمە دەيدۇ ؟ -سورىدى كۈسەنقىز ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۇۋىلىپ .
- ياخشىمۇ سىلەر دەۋاتىدۇ .
ھىلىقى مىسىرلىقلار بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ كۈلۇشۇپ كىتىشتى .
- باتۇر جەڭچى چاتاق بولدى ، بىر ئامال قىلىپ قاچايلى . ئۇلار بىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ ساتىمىز دەيدۇ . تىز بولۇڭ ~! - دېدى كۈنقىز قورقۇپ .
- نىمە ؟ ۋاي خۇدايىم ، مىنىڭ سىتىلغۇم يوق . باتۇر جەڭچى بىرلىكتە قاچايلى . تىز~! - دېدى كۈسەنقىز .
- بىردىن ئۈچكىچە سانايمەن . ئۈچ دىگەن ھامان ھىچنىمىگە قارىماي ، ئۇدۇل كەينىڭلارغا قاراپ قىچىڭلار . ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ - دېدى باتۇر جەڭچى . ئىز تورى بەك ياخشى
- ھە ھە ھە ...ئاڭلىدۇ ق
- دىققەت . بىر ....ئىككى .....ئۈچ~! قىچىڭلار~~~~~~!!!
ئىككى قىز شۇھامان ھىچ نىمىگە قارىماستىن يۈگۇرۇپ قاچتى . باتۇر جەڭچى بولسا قاراقچىلارنىڭ ئالدىنى توسىۋالدى . ئۇ شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۇشۇپ قالدى . ئىككى قىزمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە تۇتۇپ كىلىندى . ئۇلار بۇ ئۇچىنى تۆگىگە باغلاپ ئىلىپ ماڭدى . ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بىسىپ ئاخىرى بىر خارابىللىككە كىلىپ توختىدى . بۇ يەر دەل دىبىس ئىدى . ئۇلار ئەمدىلا گۇلخان يىقىپ ئولتۇرىشىغا بىر توپ چەتەللىكلەر يىتىپ كەلدى . قاراقچىلار ئۇلار بىلەن ئىتىشىپ كەتتى . بىراق چەتئەللىكلەر بەك كۆپ بولغاچ ھەممىسى ھالاك بولدى . چەتئەللىكلەر باتۇر جەڭچى قاتارلىقلارنى باغلاقتىن يىشىۋەتتى .
- سىلەر قايسى دۆلەتتىن ؟-سورىدى بىر ئايال .
- بىر جۇڭگۇنىڭ بىر ئۆلكىسىدىن . شىنجاڭدىن . شىنجاڭ .....-دېدى باتۇر جەڭچى .
- شىنجاڭ ؟ شىنجاڭ .......ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز ....
- سىلەرمۇ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلدىڭلارما ؟ - سورىدى باتۇر جەڭچى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئوۋ ~ ياق ، بىز ئارخولۇگلار . بۇ يەرگە تەكشۇرۇشكە كەلدۇق . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئەمدى ئۇلار ئۆلدى . سىلەرمۇ كەتسەڭلار بولىدۇ . -دېدى بىر ئەر .
- بىز يولنى بىلمەيمىز ، ئۇلار بۇ يەرگە كەلگىچە كۆزىمىزنى تىڭىپ قويغان . بىز يولباشلىغۇچىسىز قايتىپ كىتەلمەيمىز .
- ئەمسە سىلەر بىزگە ياردەملىشىڭلار ، ئىشلار تۇككەندە بىرگە قايتايلى . - دېدى ئايال .
ئۇچى بىر - بىرىگە قارىشىپ بىر دەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن ماقۇل بولدى .
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار بىر ئىشىك بىلەن بۇ قەدىمى خارابىللىكنىڭ ئىچىگە كىرىشتى . خارابىللىكنىڭ ئىچى مەشئەل يۇرۇقىدا يورۇپلا كەتتى . رەڭدار تام سۇرەتلىرى ، ئالتۇن ھەيكەللەر ، تۇرلۇك قول - ھۇنەر سەنئەت بويۇملىرى ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى . ئۇلار ئىلىپ چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى تاشقىرغا ئىلىپ چىقتى . ھىلىقى ئايال ئارخولۇگ ئۇنەرسىلەرگە قەغەز چاپلاپ تىپىلغان ئورۇن ۋە ۋاقىت دىگەندەكلەرنى يىزىشقا باشلىدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- 1921 - يىلى ؟ خاتا يازدىڭىزمۇ نىمە ؟ بۇدىگەن 2008 - يىلى .-دىدې باتۇر جەڭچى .
- 2008- يىلى ؟ ھا ھا ھا ........ياق ئەپەندىم ، مەن ئەمەس بەلكى سىز خاتالاشتىڭىز . ھازىر دىگەن 1921-يىلى . 2008-يىلىغا تىخى خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بار .
باتۇر جەڭچى نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى . كۈنقىز بىلەن كۈسەنقىز بۇ ئىشنى بىلگەندىن كىيىن قاتتىق چۆچۇپ كىتىشتى .
- ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ۋەتەنگە قايتساق ئۆيىمىزنى قانداق تاپىمىز ؟ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىچۇ ؟ 1921 -يىلى بىز تۈگەشتۇق . ئۆلۇشتىن بۇرۇن ھايات خاتىرەمگە شۇنداق يىزىۋالاي . ئۆلگۇر .....-دېدى كۈسەنقىز ئۆزىنى باسالماي .
- بولدى قىل ، ئۆزۇڭنى بىسىۋال . نىمىلا بولمىسۇن بىز قايىتمىساق بولمايدۇ . ئۇ دىگەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىز . نىمىلا بولساق شۇيەردە بولغىنىمىز ياخشى ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايلى . بولامدۇ ؟ ھەرگىز جىددىيلەشمە . ئىشلار ھامىنى ياخشىلىنىپ كىتىدۇ . -دېدى كۈنقىز .
چۇش بولدى . ئۇلار تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ چىدىرلىرىغا كىرىپ ئۇخلاپ قىلىشتى . كۈسەنقىز كۈنقىزنى ئويغۇتۇپ ، خارابىللىكنىڭ ئىچىدىن ھىلىقى ئالتۇن ۋە ياقۇتلاردىن ئىچىقىۋالايلى دەپ ئەكىرىپ كەتتى . ئۇلار ماڭغانسىرى ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتى . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- ۋايجان ~! مەن بولالمىدىم . بەك ھىرىپ كەتتىم .
كۈنقىز شۇنداق دەپ بىر ئالتۇن ھەيكەلنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۋىدى ، ئالدى تەرەپتىكى يەر ھەرىكەتلىنىپ ، بىر يەر ئاستى يول ئىچىلدى .
- ۋاھ ~! يەر ئاستى يول . بۇ يەردە چوقۇم نۇرغۇن بايلىقلار بار . بەلكىم فىر ئەۋىننىڭ غەزىنىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن . يۇرە ، چۇشۇپ باقايلى - دېدى كۈسەنقىز .
- بولدىلا ، بەك ئىچكىرلەپ كىرىپكەتمەيلى . ھىلىمۇ بەك ئىچكىرى كىرىپ كەتتۇق .
- شۇنچە ئىچكىرلەپ كىرگەندىن كىيىن ، بۇيەرگىمۇ كىرىپ باقايلى .
- ئەسلى باتۇر جەڭچىنىمۇ ئىلىۋىلىشىمىز كىرەك ئىدى . شۇنىڭدا بىر ئاز خاتىرجەم بولاتتۇق .
- ھەي ~~~~! ئۇ بىچارە ئايالىم بىلەن بالامنى كۆرەلمىدىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا چۇشىدە بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدىم . ئۇنى ئويغاتقان بولساق شەخسىيەتچىلىك قىلغان بوپ قالاتۇق . ھا ھا ھا.........
- نىمىگە كۈلىسەن ؟
- ھەي ، سىنىڭچە ئۇ چۇشىدە نىمىش قىلىۋاتقاندۇ ؟
- مەن نەدىن بىلەي .
- مىنىڭچە ئۇ ھازىر زاكا يۇيىۋاتىدىغۇ دەيمەن ھا ھا ھا............
دەل شۇچاغدا باتۇر جەڭچى ئۇلارنىڭ كەينىدىن كىلىپ « باھ » دىۋىدى ، كۈسەنقىز ئىككىسى بىر -بىرىنى قۇچاقلاشقىنىچە كۆزلىرىنى يۇمىۋىلىپ ، قاتتىق چىقىراپ كەتتى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- ھا ھا ھا........... ھا ھا ھا........
ئۇلار كۆزلىرىنى ئاستا ئىچىپ ۋاقىرىغان ئادەمنىڭ باتۇر جەڭچى ئىكەنلىكىنى بىلدى .
- ھەي بالا ~! بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟ مۇشۇنداقمۇ چاق -چاق قىلغان بارمۇ ؟ يۇرۇگۇم قىپىدىن چىقىپ كىتەيلا دېدى . ........
- شۇ ئەمەسمۇ ، باتۇر جەڭچى ، بىزگىمۇ شۇنداق چاقچاق قىلامسىز ؟ تاس قالدى جىنىم چىكەتكىلى . سىسز سىزمۇ بۇيەردە قورقۇپ ئاران تۇرىۋاتىمىز . ئۇنداق ئادەم قورقۇتۇپ يۇرمىسىڭىز قانداق ؟
- شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ......ھوي ، بۇ يەردە يەر ئاستى يول بار كەنغۇ ؟
- شۇنداق ، چۇشۇپ قاراپ باقامدۇق ؟ - دېدى كۈسەنقىز .
- بولىدۇ ، چۇشۇپ قاراپ باقايلى .
ئۇلار بىرلىكتە يەر ئاستىغا چۈشتى . يەر ئاستىدىمۇ شۇنداق كۆپ بايلىقلار يۇشۇرۇنغان ئىدى . ئەمما ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتقىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم قۇلۇپلانغان ئالتۇن ئىشىكلىك بىر ئۆي بولدى . ئۇنىڭ ئالدىدا بىر توپ زەنجىرگە باغلاقلىق ئىسكىلىت تۇراتتى . ئۇلارنىڭ شۇ ھالەتلىرىدىن خوجايىنىغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئىشىككە قاراش ئۈچۇن تىرىك پىتى باغلانغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى . ئۇلار بۇ ئۆيگە بەكمۇ قىزىقىپ قالدى . كۈسەنقىز بىر ھەيكەلنىڭ قولىدىكى پالتىنى ئىلىپ باتۇر جەڭچىگە بەردى . باتۇر جەڭچى خىلى ۋاقىتقىچە ھەپىلىشىپ يۇرۇپ مىڭ تەستە زىنجىرنى ئۇزۇپ ئىشىكنى ئاچتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ شۇنداق كۆپ ئىسكىلىت بار بولۇپ ، ئادەمنىڭ تىنىنى شۇركەندۇرەتتى . ئوتتۇرىدا بولسا ناھايىتى يوغان بىر تاۋۇت قويۇغلۇق ئىدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ۋاھ ~! نىمە دىگەن يوغان تاۋۇت بۇ ؟ قاراڭلار ئالتۇندىن ياسىلىپتۇ . بەك نەپىسكەن . - دېدى كۈنقىز .
- شۇنداق ، بەك چىرايلىقكەن . قارىغاندا بىرەر پادىشاھ ياكى خانىشنىڭ تاۋۇتى ئوخشايدۇ . -دېدى باتۇر جەڭچى .
- قاراڭلار ، بۇيەرگە بىر شەمشەرنى قىستۇرۇپ قويۇپتۇ .
كۈسەنقىز شۇنداق دەپلا شەمشەرنى تارتىپ ئىلىۋىدى ، تام ئىككى تەرەپكە بۆلۇنۇپ ، ئىچىدىن بىر كىچىك ساندۇق چىقتى . ئۇلار ساندۇقنى ئىچىۋىدى ، قەنتچىلىك چوڭلۇقتا قىزىل ۋە ھاۋا رەڭ ياقۇتلار چىقتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ۋاھ ~! بۇ چۇشۇممۇ ئوڭۇممۇ ؟ نىمە دىگەن چىرايلىق ياقۇتلار بۇ ؟! -دېدى كۈسەنقىز ھاياجانلانغان ھالدا .
- بۇ تاۋۇتنىڭ ئۈستىدىكى بەلگىلەر بەك كۆپكەن . نىمىلەر يىزىلغان بولغۇيتى بۇنىڭغا ؟
ھەي قولۇڭدىكى ياقۇتتىن بىرنى بىرە - دېدى كۈنقىز كۈسەنقىزغا .
كۈسەنقىز ئۇنىڭغا بىرنى بەردى . كۈنقىز قولىدىكى ياقۇتنى تاۋۇت ئۈستىدىكى ئورچەككە سىلىۋىدى ، ئۈستىدىن مۇشتۇمچىلىك بىر تۆشۇك ئىچىلىپ ، قۇياش نۇرى چۇشۇشكە باشلىدى .
بۇنى كۆرۇپ باتۇر جەڭچىمۇ تاۋۇتنىڭ يىنىغا كەلدى . كۈسەنقىز ئورنىدىن تۇرىۋىتىپ ، تاۋۇتقا ئۇسسۇپ سىلىپ بىشىنى يىرىۋالدى . شۇندىمۇ ئۇ بۇ كارامەتنى كۆرۇپ قان چىققاننى سەزمەيلا قالدى . ئۇلار قوللىرىدىكى ياقۇتنىڭ ھەممىسىنى ئورچەكلەرگە سىلىۋىدى ، تاۋۇت بىردىن ئۈستىگە كۆتۇرلۇپ ، قىزىل ۋە ھاۋا رەڭ نۇرلار پەيدا بولۇپ پۇتكۇل ئەتراپنى يورۇتىۋەتتى . ئۇلار مۇ كۆزلىرىنى ئاچالماي قىلىشتى . تاۋۇت ئۇڭغا ئۈچ قىتىم ئايلانغاندىن كىيىن ئاستاغىنە ئەسلىدىكى ئورنىغا چۇشتىدە ، تاۋۇتنىڭ ئاغزى ئىچىلىپ كەتتى .
- ۋاي خۇدايىم ~! ئىككى باشلىق ئادەم ؟ ..............دېدى كۈنقىز ھەيران قىلىپ .
- ئۇ مىسىرنىڭ فىرئەۋىنى بولسا كىرە - دېدى باتۇر جەڭچى .
- توۋا خۇدايىم ~! نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ، چىرىپ كەتمەي ، شۇ پىتى تۇرغىنىنى ؟ ئۇنى مومىيالىمىغانمىدۇ ؟ قاراڭلار ، چاچلىرى ، كۆزىمۇ ئوچچۇقكەن تىخى ، ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۇرۇپ. جەڭ كىيىملىرى شۇ پىتى . خۇددى تۇنۇگۇن ئۆلگەندەك .
كۈسەنقىز شۇنداق دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە ئىڭشىپ قارىۋىدى ، پىشانىسىدىكى قان مومىيانىڭ پىشانىسىگە ئىقىپ چۇشتى . ئاندىن مومىيانىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە سىرغىپ كىرىپ كەتتى .
- مىنىڭچە مومىيالانغان . بولمىسا بۇنداق بىقىرىم تۇرالمايتتى . مىنىڭچە ئۇنىڭ بىر بىشى بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن . شۇنداقمۇ ؟ - دېدى باتۇر جەڭچى كۈسەنقىزغا قاراپ .
-ۋوي ، پىشانىڭىزغا نىمە بولدى ؟ قاناپ كىتىپتىغۇ ؟
- ھە ~! ھە ئىسىمگە كەلدى . بايا ئورنۇمدىن قوپقىچە تاۋۇتقا ئۈسسىۋالغان ئىدىم .
باتۇر جەڭچى يىنىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ كۈسەنقىزنىڭ بىشىنى تىڭىپ قويدى .
دەل شۇچاغدا ھىلىقى چەتئەللىك ئارخولۇگلار ئۇلارنىڭ يىنىغا كىرىپ كەلدى .
- سىلەر بۇ يەرنى قانداق ....قانداق تاپتىڭلار ؟ - سورىدى ھىلىقى ئايال ھەيران بولۇپ .
باشقىلىرى بولسا ، ئاغزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپلا قىلىشتى .
- بىز ...........
- قاراڭ جىننى ، ئۇنىڭ ئىككى بىشى باركەن . سول تەرەپتىكى يۇزى سەل سۇرلۇككەن . -دېدى بىر ئەر .
- شۇنداق ، بەك بىجىرىم ساقلىنىپتۇ . ئۇ ، قارىغاندا مومىيالانمىغاندەكلا كۆرنىدىكەن . بەك ئۇستىلىق بىلەن مومىيالىنىپتۇ . بۇنداق مومىيالانغان ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن .
ئۇلار تاۋۇتنىڭ ئاغزىدىكى تەسۋىرى يىزىقنى تەققىق قىلىشقا باشلىدى . بىر دەمدىن كىيىن ئۇلار جىمىپلا قىلىشتى .
- ئۇ ئويغانغانمىدۇ ؟ - سورىدى جىننى يەنە بىر ئەردىن .
ئۇلار مومىيانىڭ بەدىنىگە سەپ سىلىپ چىقتى .
- قاراڭ ، پىشانىسىدا قان دىغى تۇرىدۇ . ئۇ تىرلىپتۇ . سىزنىڭ قىنىڭىز ئىقىپتۇدە دە ؟ - دېدى يەنە بىر ئەر كۈسەنقىزنىڭ پىشانىسسىگە قاراپ .
- بۇيەردىن چاپسان چىقىپ كىتەيلى . بولمىسا ھەممىمىز تۇگىشىمىز . ئۇلار ئالدىراپ - سالدىراپ چىقىپ كىتىشتى . ئەمما قاراڭغۇ چۇشۇپ كەتكەنلىكتىن ، ئۇلار ئەتە سەھەردە كەتمەكچى بولدى . ھەممەيلەن قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتى . بىر چاغدا كۈسەنقىز ئۇخلىيالماي چىدىر سىرتىغا چىقتى . ئۇ چەكسىز كەتكەن قۇملۇق تەرەپكە كۆز يۇگۇرتۇپ ، نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىۋاتاتتى ، بىر چاغدا ئۇنىڭ ئالدىدا ھىلىقى تاۋۇتتىكى ئادەم پەيدا بولدى . كۈسەنقىز شۇيەردىلا يىقىلىپ چۇشۇپ ، ھۇشىدىن كەتتى . ئەتىسى ئۇلار كۈسەنقىزنى ھىچ يەردىن تاپالمىدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مىنىڭچە ئۇ خارابىللىكنىڭ ئىچىدىمىكىن . بىز كىرمىگەن پەقەت شۇ جايلا قالدى . -دېدى كۈنقىز .
- راس ، بۇ ھەجەپ ئىسىمگە كەلمەپتىيا ؟ - دېدى باتۇر جەڭچى .
ئۇلار قوللىرىغا مەشئەل ئىلىپ ئىچىگە كىردى . ئۇلارنىڭ كىرگىنىنى كۆرۇپ ھىلىقى چەتئەللىك ئارخولۇگلارمۇ كىرىشكە باشلىدى . باتۇر جەڭچى ئۇلارنى كۆرۇپ خاتىرجەم بولدى . ئۇلار ھەممە جاينى ئاختۇرۇپ ، ئاخىرى يەر ئاستىغا چۇشتى . ئۇلار ھىلىقى تاۋۇتنىڭ ئىچىگە قارىۋىدى ، ئىچى قۇپقۇرۇق . ئۇلار سەل قورقۇشقا باشلىدى . كۈنقىز بىرسىنىڭ چىچىنى سىلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىدە ، دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى . ئۇ كۈسەنقىز ئىدى . كۈسەنقىز كۈنقىزغا بىرخىل سۇرلۇك نەزەر بىلەن قارىدى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-ئۇف ~! ھەجەپمۇ قورقۇتتۇڭ ئادەمنى . نەگە كەتكەنتىڭ ؟ - دېدى كۈنقىز .
ھەممەيلەننىڭ دىققىتى كۈسەنقىزدا بولدى .
- نەگە كەتكەنتىڭ ؟ مەن نەگە كەتتىم ؟ مىنىڭ ئىسىمدە يوق . ئويغانسام چىدىردا يىتىپ تىمەنغۇ ؟ نىمە بولدى ؟
دەل شۇ چاغدا بىر خىل غەلىتە ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
- ئاڭلاڭلار ، بۇنىمە ئاۋاز ؟ -دېدى ئەر چەتئەللىك .
- ئىشنى قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس . -دېدى جىننى .
- چاتاق ، بۇيەردىن چاپسان چىقىپ كىتەيلى .
ئۇلار ھىچ نىمىگە قارىماستىن سىرىتقا قاراپ قىچىشقا باشلىدى . چىقىش ئىغىزىغا ئاس قالغاندا ئىشىك ئۆزلىگىدىن ئىتىلىپ قالدى . مەشئەللەر ئۇچۇپ ، ھەممە جاينى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى . ئۇلار نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قورقۇپ تۇرغاندا بىر سىنىڭ قاتتىق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . بۇ ھىلىقى چەئەللىك ئايال جىننى ئىدى . ئۇلار گەرچە ھىچنىمىنى كۆرمىسىمۇ ئەتراپقا قاراپ ۋاقىرىغان پىتى قالايمىقان ئوق چىقىرىشقا باشلىدى . ئىچىنىشلىق ئاۋاز توختىدى . ئىشىك ئىچىلىپ ، مەشئەللەر ياندى . ئۇلار جىننىنىڭ جەسسىتىنى كۆرۇپ قاتتىق ئازابلاندى . ھەممىسى قورقۇپ تۇرىۋاتقان شۇ پەيىتتە كۈسەنقىز خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ، چىرايىنى مىت قىلماي تۇراتتى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ ئەھۋال ئۇلارنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى . ھەممىسى چىدىرلىرىغا كىرىپ نەرسە - كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا قۇملۇقتا قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى . ئۇلار مىڭىشقا ئامال سىز قالدى . شۇكۈنى كىچىسى ھەممىسى بىر چوڭ چىدىرغا كىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ، سىرتتىن غەلىتە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئۇركۇپ قىچىپ كەتتى .
- ھە ~! تۆگىلىرىمىز قىچىپ كىتىۋاتىدۇ . چاپسان تۇتىۋالايلى ، بولمىسا بۇيەردىن كىتەلمەيمىز .
- ياق چىقما ، خەتەرلىك ~!
- ياق ، مىنىڭ بۇ نەس باسقان قۇملۇقتا قەپ قالغۇم يوق ~! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چەتئەللىك ئارخولۇگ شۇنداق دەپ سىرتقا چىقتىن ، ھەممىسى كەينىدىن تاڭلا چىقىشتى . ئۇلار جايىدا تۇرۇپلا قىلىشتى . چۇنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھىلىقى تاۋۇتتىكى مومىيا تۇراتتى .
- ئا~~~~~~~~!
ئۇلار ۋاقىراشقىنىچە قىچىشقا باشلىدى . ھىلىقى مومىيا سول تەرەپتىكى بشىنى ئۇلارغا توغۇرلىدىدە ، تىلىنى چىقىرىۋىدى ، ئۇزىرىغان پىتى ئىككى چەتئەللىكنى باغلىۋالدى. مومىيا ئۇ ئىككىسىنى خۇددى بولكىنى يىگەندەك مەزى قىلىپ يەۋەتتى . ئۇچى تۆگىگە مىنىپ قىچىۋىدى ، ئۇ قانداقتۇر بىر ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ يۇرۇپ ، تۆگىنى كەينىگە ياندۇردى . ئۇلار تۆگىدىن سەكرىۋالماقچى بولۇپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئىتىۋىدى ، شۇھامان يەر يىرىلىپ ئۇلارنى قوينىغا ئالدى . باتۇر جەڭچى ، كۈنقىز ، يەنە ئىككى چەتئەللىك بىر لىكتە ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا باشلىدى . بىراق ئېتىلغان نەچچە پاي ئوق مومىياغا قىلچە تەسىر قىلمىدى . مومىيا كەلگەنچە كىلىپ ، بىر چەتئەللىكنى تۇتىۋالدى . ئاندىن باشقىلارغا قاراپمۇ قويماستىن خارابىللىككە كىرىپ كەتتى .
- كۈسەن قىنى ؟ -دېدى كۈنقىز ھەيران بولۇپ .
ئۇلار ئەتراپقا قاراشتى . ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ ئۇنى تاپالمىدى .
- دوستۇڭلار قىچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . -دېدى چەتئەللىك .
- مەن تىخى قاچمىدىم .
كۆزلىرى قىزىرىپ قورقۇنۇشلۇق تۇسكە كىرگەن ، كىيىم -كىچەكلىرى قانغا مىلەنگەن كۈسەنقىز ھەممەيلەننى قورقۇتىۋەتتى .
- نەگە باردىڭ ؟ كىيىملىرىڭدىكى نىمە قان ئۇ ؟ - سورىدى كۈنقىز .
- ئادەمنىڭ قىنى ھا ھا ھا...........
ئۇنىڭ قاقاقلاپ كۈلۇشلىرى ئۇلارنى تىخىمۇ قورقىتىۋەتتى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ ھاۋاغا كۆتۇرلدى . ئاندىن ھەركىشىنىڭ ئاۋازىدا سۆزلەشكە باشلىدى .
- سەنلەر مىنىڭ ئارامىمنى بۇزۇشتۇڭ ~! ھەممنىڭ ئۆلۇسەن . مىنىڭ قاغىشىم ھەممىڭنى ھالاك قىلىدۇ . ھالاك قىلىدۇ ~~~~~!
كۈسەنقىز شۇنداق دەپلا يەرگە يىقىلىپ چۇشۇپ ، ھۇشىدىن كەتتى .
- ئۇنى ئۆلتۇرىۋىتەيلى ، ئۇ ئالۋاستىغا ئۆزگۇرۇپتۇ . - دېدى چەتئەللىك .
- ياق ~! ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز . -دېدى باتۇر جەڭچى .
- ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ ؟ ئۇ ھەممىمىزنى ھالاك قىلىدۇ . ھىلىمۇ ئۇ كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۇرىۋەتتى .
- ياق ، مىنىڭچە ئۇ ئۆلتۇرمىدى ، ماڭا ئىشىنىڭ . مومىيانىڭ روھى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ . بىز ئامال قىلىپ خارابىللىككە كىرىپ ئالۋاستىنى يوقىتايلى . بولامدۇ ؟ ئىز تورى بەك ياخشى
- ئۇنىڭغا ئوقمۇ كار قىلمايۋاتسا قانداق يوقتىمىز ؟
- ئىشنى قىلىپ بىر ئامال قىلىپ باقايلى . بۇ ئۆلىمىمىزنى كۈتۇپ ئولتۇرغاندىن ياخشىراق .
چەتئەللىك بىردەم جىمىپ قالغاندىن كىيىن باتۇر جەڭچىگە ماقۇل بولدى . ئۇلار يانلىرىدا بار سايمانلارنىڭ ھەممىسىنى چىقاردى . بومبا ، قۇرال ، قىزىشقا ئىشلىتىدىغان سايمانلاردىن نەيزە ........قاتارلىق بىرمۇنچە كارغا كەلگۇدەك قۇراللارنى ياساپ چىقتى . باتۇر جەڭچى ، چەتئەللىك ، كۈنقىز ئۇچى تولۇق قۇراللىنىپ خارابىللىك ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
ئۇلار يەر ئاستىغا چۇشۇش ئىغىزىغا كەلدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- چۇشۇش ئىغىزى ئىتىلىپ قاپتىغۇ ؟
- مەن ئىچىشنى بىلەن . دەسلەپتىمۇ بۇ يەرنى مەن ئاچقان .
كۈنقىز شۇنداق دەپ ھىلىقى ئالتۇن بۇتنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇردى . ئىغىز ئىچىلدى .
- قانداق ؟ قالتىسمىكەنمەن ؟
-قاراڭلار ، ئاۋۇ بۇتنىڭ قولىدىكى نىمە ؟ - دېدى چەتئەللىك .
- ئۇ ، بىر تۆت چاسا تاختىدەك قىلىدۇ . ھەيران قالغۇچىلىكى يوق . -دېدى باتۇر جەڭچى .
چەتئەللىك بۇتنىڭ يىنىغا كەلدىدە ، ئۇ تاختىنى ئالدى .
- ۋاھ ~! قاراڭ بۇنىڭغا ، قەدىمقى مىسىر يىزىقى . ھەممىسى ئەپسۇندەك قىلىدۇ .
چەتئەللىك ئۇ تاختىدىكى بەلگىلەرگە قاراپ يۇرۇپ ، بىرىنجى جۇملىنى ئوقۇپ چىقالىدى . دەل شۇ چاغدا يەنە ھىلىقى غەلىتە ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
- ئۇ يەنە كەلدى ~! -دېدى كۈنقىز .
باتۇر جەڭچى بىلەن كۈنقىز يەر ئاستى چىقىش ئىغىزىغا قۇراللىرىنى قارىتىپ ، ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتتى .
- ھو~، ئۇ ......ئۇ كۈسەنغۇ ؟ ئۇ چىدىردا قالغانتىغۇ ؟ بۇ يەرگە قانداق چۇشكەندۇ ؟ - دېدى كۈنقىز ھەيران بولۇپ .
- دىققەت قىلىڭ ~! ئۇ بۇرۇنقى كۈسەن ئەمەس ، ئۇ دىگەن ئالۋاستى . ئىتىڭ ~~~~~!
كۈنقىز بىلەن باتۇر جەڭچى كۈسەنقىزنىڭ نەچچە يىرىدىن تۆشۇك ئىچىۋەتتى . ئۇ يەرگە يىقىلدى .
- ئۇ ئۆلدى ، ئۇ ....ئۇنى بىز ئۆلتۇرىۋەتتۇق . بىز ئۆلتۇرىۋەتتۇق ھۇ ھۇ ھۇ.......... ئىز تورى www.iz.la
باتۇر جەڭچى ئاستا غىنە كۈسەنقىزغا يىقىنلاشتى . ئۇ مىتمۇ قىلماي ياتاتتى . باتۇر جەڭچىنىڭ قوللىرى تىتىرەپ كەتتى . شۇندىمۇ ئۇ كۈسەنقىزنىڭ مۈرىسىنى ئاستا تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە ئۆرىمەكچى بولىۋىدى ، جىم ياتقان كۈسەنقىز بىردىنلا ۋاقىرغان پىتى ئۆرۇلۇپ ، باتۇر جەڭچىنىڭ گىلىدىن سىققان پىتى ئورنىدىن تۇردى . كۈنقىز بولسا قورققىنىدىن ۋاقىراپ يىغلاپ كەتتى .
كۈسەنقىز باتۇر جەڭچىنىڭ گىلىنى بىر قولىدا سىققان پىتى يەردىن ئېگىز كۆتۇرۇپ ، نەچچە مىتىر نىرىغا تاشلىۋەتتى . copyright by www.iz.la
- كۈنقىز ~! تىز ، ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىڭ ~!
كۈسەن باتۇر جەڭچىنىڭ يىنىغا كەلدى ، كۈنقىز قۇرالنى ئىلىپ ، كۈسەنگە قارىتىپ ئاتتى . ئوق تۇگىدى .
- ئوقۇم تۈگىدى ~!
- سومكىدىكى قۇراللارنى ئاممامسىز ؟!
كۈنقىز قۇرال ئالاي دەپ مىڭىۋىدى ، كۈسەن باتۇر جەڭچىنىڭ گىلىنى يەنە بىر قىتىم قاتتىق سىقتى . باتۇر جەڭچىنىڭ بولالماي قالغىنىنى كۆرگەن كۈنقىز قۇرالمۇ ئالماستىن كۈسەننىڭ يىنىغا كەلدىدە ، چىچىدىن كاپپىدە قىلىپ تۇتتى .
- ۋۇجىن ~، ئۇنى قويىۋەت ~! بولمىسا سىنى ئۆلتۇرىۋىتىمەن ~! ئىز تورى بەك ياخشى
كۈسەن بىر قولىنى كەينىگە سوزۇپ ، كۈنقىزنىڭ چىچىدىن تۇتۇپ ئالدى تەرەپكە ئىتىۋەتتى .
بىچارە كۈنقىز ئنجىقلىغان پىتى يەردە يىتىپ قالدى . ئۇ باتۇر جەڭچىنى يەنە بىر قىتىم قاتتىق تاشلىۋەتتى . باتۇر جەڭچى ھۆتۇلۇپ ، گاللىرىنى سىلاپ كەتتى . كۈسەن ئۇ تەرەپكە مىڭىۋىدى ، كۈنقىز ئۇنىڭ پۇتىغا ئىسىلىۋالدى . كۈسەن كۈنقىزغا تىكىلىپ قاراۋىدى ، كۈنقىز بىردىنلا كۆككە كۆتۇرلۇپ كەتتى . كۈسەن تىكىلىپ قاراپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى . ئۇ كۈنقىزنى توختاتماستىن پىقىرتىپ جىنىنى ئالغىلى تاس قالغاندا ، باتۇر جەڭچى يا ئوقىنىڭ ئۇچىغا ئوت يىقىپ ئۇنىڭغا ئاتتى . كۈسەن چىقىرىغان پىتى يەرگە يىقىلدى . ئوت ئۇنىڭ پۇتۇن ئەزايىنى كۆيدۇرۇپ تاشلىدى . كۈنقىز بولسا ئېگىزدىن يەرگە قاتتىق دۇم چۇشتى .
- كۈنقىز ، كۈنقىز ، ھىچ نىمە بولمىغانسىز ؟ -سورىدى باتۇر جەڭچى .
- ھە ~، ياق ، ھىچ ....ھىچنىمە بولمۇدۇم . ئۇ چۇ ؟
- ئۇ ئاخىرى تۇگەشتى . كۆيۇپ كۈلگە ئايلاندى . كاساپەت........
- ئۇنداق دىمەڭ نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ ئىشنى قەستەن قىلمىغان تۇرسا .
- ئۇ ئەپسۇنلارنى ئوقۇيالىدىڭىزمۇ ؟
- ئاخىرقى بىزنەچچە جۇملە قالدى . ھازىرلا تۈگەيدۇ .
دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ كەتتى .
- بۇ نىمە ئىش ~؟! -دېدى كۈنقىز قورقۇپ .
- مەنمۇ بىلمىدىم ~! بەلكىم ھىلىقى ئىككى باشلىق مومىيا كەلگەن بولىشى مۇمكىن . -دېدى باتۇر جەڭچى .
دىگەندەك پەس تەرەپتىن ھىلىقى مومىيا چىقىپ كەلدى . باتۇر جەڭچى ئىككى دانە بومبىنى تۇتاشتۇرۇپ پەسكە ئاتتى . گوم ~! قىلغان ئاۋاز بىلەن پۇتۇن ئەتراپنى توپا- چاڭ قاپلاپ كەتتى .
- تۇفى ~! تۇفى ~! ئۆھۇ ....ئۆھۇ ~! ئۇ ئاخىرى ئۆلدى . -دېدى كۈنقىز يەردىن قوپقاچ كىيىملىرىنى قىقىپ . يارايسىز باتۇر جەڭچى . ھەقىقەتەن قالتىس ئىش قىلدىڭىز .
كۈنقىز شۇنداق دەپلا باتۇر جەڭچىنىڭ يۇزىگە بىرنى سۆيۇپ قويدى . باتۇر جەڭچى خىجىل بولغىنىدىن يۇزى قىزىرىپ كەتتى .
- سىزمۇ ...سىزمۇ قالتىس ئىش قىلدىڭىز . راس ، بەك قەيسەركەنسىز .
- رەخمەت سىزگە . ....................بۇ يەردىن ...قانداقمۇ كىتەرمىز ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئەنسىرمەڭ چوقۇم كىتەلەيمىز .
تۇيۇقسىز كۈنقىزنىڭ پۇتىنى بىرسى تارتتى . ئۇ يەرگە قاتتىق يىقىلدى دە ، قورققىنىدىن چىقىراشقا باشلىدى .
- باتۇر جەڭچى ~! مىنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ ~! مىنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ ~!
باتۇر جەڭچى قولىغا پىچاقنى ئىلىپ ئۇنىڭ قولىنى كىسىۋەتتى . كۈنقىز يۇگۇرگەن پىتى چەتئەللىكنىڭ يىنىغا كىلىۋالدى . مومىيا يەريۇزىگە چىقتى ، ئۇنىڭ سول بىشى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرگەن بولۇپ ، كۆزلىرىدىن ۋە بۇرۇنلىرىدىن قان تىمىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئىككى بىشى بىرلەشتى . ئاندىن يەنە ئىككىگە بۆلۇنۇپ ، بىر بشى ئالدىغا ، بىر بىشى كەينىگە كىلىپ توختىدى . ئاندىن تىلىنى چىقىرىپ باتۇر جەڭچىنى تۇتماقچى بولدى . ئەمما باتۇر جەڭچى ئۇيان - بۇيان قىچىپ يۇرۇپ زادىلا تۇتۇق بەرمىدى . مومىيا غەزەپلىنىپ ئوت پۇركۇشكە باشلىدى .
كۈنقىز بىلەن چەتئەللىك دەرھال قاچتى . چەتئەللىك قىچىۋىتىپ يىقىلىپ چۇشتى ، ئۇنىڭ قولىدىكى تاختا ئۇدۇل بىرىپ مومىيانىڭ ئالدىدا توختىدى . بۇنى كۆرگەن باتۇر جەڭچى ئۇنى ئالداپ كەينى تەرەپكە ئىلىپ كەتتى . ئۇلار يۇگۇرۇپ كىلىپ تاختىنى ئىلىۋالدى .
مومىيا ئاخىرى باتۇر جەڭچىنى تۇتىۋالدى . ئۇ باتۇر جەڭچىنىڭ قىنىنى شوراشقا باشلىدى .
- مەن قۇراشتۇرۇپ چىقتىم ~! بۇ ئۇنى يوقىتىدىغان ئەپسۇنكەن ~!
- ئەمسە ئۇنى تىز ئوقىمامسىز ؟! ئۇ ئۆلەيلا دەپ قالدى .
- ( ئەپسۇن) زۇلمەت ئىلاھى ~! ھىرموسنىڭ روھىنى چەكسىز ئالامنىڭ ئۇچىتىگە ئىلىپ كەتكەي ~! ئۇنىڭ جىسمى ئەبەدىل - تاشقا ئايلانغاي ~! مەڭگۇ قايتا تىرىلمىگەي ~! زۇلمەت ئىلاھى ، ئۇنىڭ روھىنى بەدەن قەپىزىدىن چىقارغىن ~!
دەل شۇچاغدا ئۈستى تام يىرلىپ ، قاپقارا بىر قۇش ئۇچۇپ كىردىدە ، مومىيانىڭ بىشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى . مومىيا ھۆكۇرگەن پىتى يەرگە يىقىلدى . ئۇنىڭ روھى بەدەن قەپىزىدىن چىقىپ كەتتى . جىسمى بولسا تاشقا ئايلىنىپ كەتتى . شۇ تاپتا باتۇر جەڭچىمۇ ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىۋاتاتتى .
- باتۇر جەڭچى ~! باتۇرجەڭچى ~!
- كۈن ....كۈن......
- بولدى سۆزلىمەڭ .
- كۆزۇم..... ھىچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ . ئۇ....ئۇ....
- ئۇ ...ئۇ ئۆلدى . قاراڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتتى ئۇ نىجىز .
- مەن بولالمايۋاتىمەن . ئاھ ~! بەك قىيلىنىپ كىتىپ بارىمەن . بالامنى ....بالامنى ...بالامنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم . ئۇنى ...ئۇنى مەن ئۇچۇن بىرنى سۆيۇپ قويارسىز . ئاھ~! سۆمكامدا ....ئاھ~!
- بولدى گەپ قىلماڭ ، سىزدىن ئۆتۇنۇپ قالاي ئەمدى گەپ قىلماڭ . ھا ھا ھا ..
- دوستۇم ، قانداقلا سۆزىڭىز بولسا دەڭ . بىز چوقۇم دىگىنىڭىز بويىنچە قىلىمىز . -دېدى چەتئەللىك . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
باتۇر جەڭچى تىخىمۇ ھالسىزلىنىشقا باشلىدى .
- مىنىڭ ...ئا....ئاۋۇ سومكامدا بىر نەچچە زىخچە ئالتۇنلار بار . ئۇنى ...ئۇنى ئايالىمغا بىرىپ قويۇڭ . مەن....مەن ئۇنى ..............
ئۇ شۇنداق دەپلا جان ئۇزدى . كۈنقىزنىڭ ياشلىرى يامغۇر كەبى قۇيۇلۇشقا باشلىدى . شۇ مىنۇتلاردا ئۇ مىسىرغا يىڭى كەلگەن ۋاقىتلارنى ، باتۇر جەڭچىنىڭ ، كۈسەنقىزنىڭ، يىمەكلىك تەپ كەلگەن ، ئۇ ئىككىسىنىڭ زىخچە ئالتۇن توغرىسىدا تاكاللاشقان ۋاختىنى ، كۈسەنقىزنىڭ ئۇنى چاقىرىپ ، خارابىللىككە كىرگەن ، باتۇر جەڭچىنىڭ ئۇلارنى قورقۇتقان ۋاقىتلىرىنى بىر - بىرلەپ ئەسلىدى . ئۇلار باتۇر جەڭچىنى سىرتقا ئەچىقىپ قۇملۇققا دەپنە قىلدى . ئاندىن قىپ قالغان بىر تۆگە بىلەن قاھىرەگە قاراپ ماڭدى . قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە . قاتتق بوران چىقىپ كەتتى . كۈنقىز غايەت زور قۇيۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . بىر چاغدا ئۇ ھۇشىغا كەلدى . قارىسا ئەتراپىدا ئۇرۇق -تۇققانلىرى تۇراتتى . ئۇ ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ كەلگىنىنى بىلگەندىن كىيىن خاتىرجەم ھالدا يەنە ئۇخلاشقا باشلىدى . ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ، كۈنقىز باتۇر جەڭچىنىڭ ۋەسىيىتى بويىنچە ئالتۇننى ئايالىغا تاپشۇرۇپ بىرىش ئۈچۇن ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدى . ئۇ باتۇر جەڭچىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ، ھەيران قالغىنىدىن جايىدا تۇرۇپلا قالدى . چۇنكى باتۇر جەڭچى ھويلىسىدا بالىسى بىلەن ئويناۋاتاتتى . كۈنقىز بۇنى كۆرۇپ خۇشاللىقىدىن يىغللىۋەتتى . ئىز تورى بەك ياخشى
- ۋوي ~! كۈنقىز كەپقاپسىزغۇ ؟ ۋوي تىخى يىغلاپسىزغۇ ، بىرەر ئىش بولدىما ؟ قىنى ئۆيگە كىرىڭ . -دېدى باتۇر جەڭچى كۈنقىزنى كۆرۇپ .
- سىز .....سىز....ئۇيەردىن قانداق قايتىپ كەلدىڭىز ؟
- نەدىن ؟ مەن بىر يەرگە بارمىدىمغۇ ؟
- مى...مىسىر............
- مىسىر ؟ مىسىرگە بارماقچى بولىۋاتامسىز ؟
- ھە ، ياق ھەي .
- ھەجەپ چۇشۇنىكسىزلا گەپ قىپ كەتتىڭىزغۇ ؟
- مەن .....مەن ......بولدىلا . مەن قايتاي .
- ھەي....ھەي..كۈ كۈ كۈ كۈنقىز ، ئۆيگە كىرمەيلا كەتكىنىڭىز نىمىسى ؟! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۈگىدى ... ئىز تورى بەك ياخشى
--------------------- بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ تور دۇنياسى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!