-زۈبەيدە بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى - دىدى پۇلات
گۈپۈلدەلدەپ پىننە پۇراپ تۇرغان چۆچۆرىنى يولدىشىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ بىرەر ئېغىز مەدىھىيە سۆزىنى ئاڭلاش تاماسىدا ئولتۇرغان زۇبەيدە دەماللىققا يولدىشىنىڭ گىپىنى ئاڭقىرالماي:
-نى...نىمە؟-دەپ سورىدى. پۇلات بىر نۇقتىغا قارىغىنىچە بايىقى سۆزنى يەنە تەكرارلىدى:
-بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى زۇبەيدە،- شۇندىلا ئۇ قۇلاقلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالدىمىغانلىقىنى سەزدى.
-چاخچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز؟- دەپ سورىدى زۇبەيدە بۇغۇق ئاۋازدا .پۇلات بىر نۇقتىدىن كۆزىنى يۈتكەپ :
-سەنچە چاخچاق قىلىۋاتقاندىمەنمۇ؟-دىدى، زۈبەيدە بۇنى ئاڭلاپ ھالسىزلىنىپ كېروسلوغا ئولتۇرلۇشۇپ قالدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قورۇقدۇلۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشتىن قالغان ئېدى ،يۈرىكىنىڭ سۇقۇشى ئۆزىگە بارا-بارا ئىنىق ئاڭلانماقتا ئىدى
-مەن چۈشەنمىدىم پۇلات، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟-دەپ سورىدى زۈبەيدە تىترەك ئاۋازدا، پۇلات ئېغىر تىنغان ھالدا كۆزلېرىنى يۇمۇپ بېشىنى كېروسلوغا قويدى.
زۈبەيدە تاتارغان ھالدا :-مەن سىزنى 10يىلدىن بېرى ياخشى كۈتەلمىدىممۇ؟-دەپ سورىدى،
-ياق ! زۈبەيدە سەن ...-دىيىشىگە ، ئىز تورى بەك ياخشى
زۈبەيدە:-مەن قايسى جەھەتتە سىزنى رازى قىلالمىدىم؟-دەپ سورىدى
پۇلات شۇندىلا ئۇنڭغا روبرو قاراپ تۇرۇپ:ياق زۇبەيدە ! سەن بىر ياخشى ئايال، ياخشى ئانا ، بىر ياخشى كىلىن! سەندەك ئايال ھېچنەدە تىپىلمايدۇ،-دىدى ھاياجانلىنىپ.
زۇبەيدە : ئۇنداقتا زادى نىمە سەۋەپ بىلەن مەن بىلەن ئاجراشماقچى ،-دەپ سورىدى،
پۇلات گويا بۇغۇزىنى بىركىملەر تۇتۇۋالغاندەك گەپ قىلالمىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
زۈبەيدە «ئايال كىشى ئۈچۈنمىدۇ»دىگەنلەرنى ئويلاپ ئېختىيارسىز يۈرۈگىنىڭ چىمىلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدى،
-نىمە سەۋەپتىن مەن بىلەن ئاجراشماقچى ئۇچۇقىنى دەڭا پۇلات-قايتىلاپ سورىدى زۈبەيدە،
پۇلات ئۈندىمىدى
-.زۈبەيدە :-زادى نىمە ئۈچۈن ؟ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇچۇقىنى دېسىڭىزچۇ؟-دىدى ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇرۇپ.
پۇلات:- بولدى سورىمىغىن-دىدى بوغۇق ئاۋاز بىلەن ،
زۈبەيدە:- نىمىشقا سورىمۇغۇدەكمەن! مىنىڭ سوراشقا ھەققىم بار! جاۋاپ بېرىڭ !زادى نىمە ئۈچۈن؟-دىدى غەزەپ بىلەن . بۇ ئۇنىڭ يولدىشىغا تۈنجى قىتىم قاتتىق تەللەپپوزدا گەپ قىلىشى ئىدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
پۇلات:......
زۈبەيدە تىت -تىت بولغۇنىچە : ئايال كىشى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟-دەپ سورىدى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ سوزلەرنى دەۋېتىپ پۇت-قوللىرنىڭ بوشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.
پۇلات بىشىنى لىڭشىتتى.
زۈبەيدە سەنتۇرلۈپ كەتتى.ئۇ يىقىلىپ كېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ كېروسلونىڭ يۈلەنچۈكىنى تۇتىۋالدى،ئۇ يولدىشىنىڭ ياق ئايال كىشى ئۈچۈن ئەمەس ،دىيىشىنى ھېچ بولمىغاندا سۈكۈتتە بولسىمۇ تۇرۇشىنى قانچىلىك ئۈمۈت قىلغان -ھە؟ئۇنىڭ يۈرىكى پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن ئېدى،يولداماڭغاندا ئايال كىشى زاتىغا تىكىلىپ قارىمايدىغان ئېرىنىڭ ئايال كىشىگە بوزولغىنىغا ئەقلى ھەيران ئېدى،«ئاھ خۇدا! بەختىم مۇشۇنداقلا توزۇپ كىتەرمۇ؟ بالام مۇشۇنداقلا تىرىك يىتىم بۇلارمۇ؟ 10 يىل تۇتقان گۈلدەك ئۆيى مۇشۇنداقلا باشقا بېرىگە مەنسۇپ بۇلارمۇ؟يەنە جاندىن ئەزىز سويگەن ئېرى باشقىلار بىلەن...» ئۇ خىياللىرنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا پىتىنالمىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى.
پۇلات: مىنى كەچۈرگىن ،ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن،ئەمما ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈز كىلەلمەيمەن-دىدى تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن.
-ئۇ كىم؟-دىدى زۈبەيدە ئازەپ بىلەن.
پۇلات تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن خىزمەت سومكىسىدىن بىر لىپاپىنى ئىلىپ زۇبەيدەگە سۇنۇپ تۇرۇپ: -ئاۋال بۇنى كۆرۈپ باققىن- دىدى،زۈبەيدە لىپاپىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئېچىدكى نەرسىلەرنى چىقاردى،ئۇ سۆرەت ئېدى. زۈبەيدە سۆرەتلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى.سورەتتىكىسى ئانا - بالىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى نەق مەيداندىن تارتىۋېلىنغان سۆرەتلىرى بۇلۇپ ناھايتى ئېچىنىشلىق ئېدى
پۇلات غەمكىن ھالدا :كۆرۈپ بولدۇڭمۇ؟-دەپ سورىدى،زۈبەيدە بېشىنى لىڭشىتتى، بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
پۇلات بىر پارچە رەسىمنى قۇلىغا ئېلىپ تۇرۇپ : بۇ ئايالنىڭ ئېسمى رازىيە ، بۇ ئۇنىڭ بالىسى ،بۇ ئانا-بالا بىر ئاي بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە ھادىسگە ئۇچۇرغان بالىنىڭ سورىتىنى ئۆزەڭمۇ كۆردۈڭ ،بالا ئۈلۈپ كەتتى، ئانا ئېغىر زەخىملىنىپ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنۋاتىدۇ،- دىدى مەيۈس.
زۈبەيدە:- چۈشەنمىدىم- دىدى ياشلىق كۆزلىرىنى يولدىشىغا تىكىپ
پۇلات: مەن دەل مۇشۇ ئايال ئۈچۈن سەن بىلەن ئاجراشماقچى -دىدى قەتئيىلىك بىلەن.
زۈبەيدە ھالسىز ھالدا:ئۇ زادى كىم؟-دەپ سورىدى.
پۇلات زۈبەيدەدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ : ئلدى بىلەن سىنىڭ ئۆزەڭنى بېسىۋېلىپ ئاڭلىشىڭىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،-دىدى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرۇپ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئۆزۈڭگە مەلۇم ،-دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى پۇلات تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ :-بىز ئېككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق ،مەكتەپنىمۇ بىر سىنىپتا بىللە ئۇقۇپ تاكى تولۇق ئۇتتۇرانى پۈتتۈرگىچە سەن بىلەن مەن ئايرىلمىدۇق! ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بەرگەندە سەن ئارزويۇڭ بۇيىچە پىداگوگىكا ئونۋېرسىنتىغا ،مەن ئېچكىردىكى تىببى ئونۋېرسىنتقا ئۇقۇشقا ماڭدۇق!
زۈبەيدە ئېڭىكىنى يۈلەپ ،ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزى دائېم ئەسلەيدىغان ئاشۇ گۈزەل بالىلىق چاغلىرىنىڭ شېرىن چاغلىرىنىڭ قوينىغا چۈكۈپ كەتتى!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-بەلكىم ،ئېككىمىز بىر مەكتەپكە ماڭغان بولساق ھازىرقىدەك ئازاپلارغا دۇچار بولاتتۇقمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،-سۆزنى داۋاملاشتۇردى پۇلات تاماكىسىنى كۈلدانغا ھېمىرگەچ،-مەن ئېچكىرىدكى مەكتەپكە بېرىپ يۇرتداشلار يېغىلىشدا بايا سەن رەسىمدە كۆرگەن قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم،ئۇ بىز بىلەن قوشنا ناھىيەدىن بولۇپ مەندىن بىر يىل يۇقىرى يىللىقتا ئۇقۇيدىكەن،شۇ قىتىملىق يىغىلىشتىن كىيىن بىز دائىم بىر -بىرىمىزنى ئېزدىشىدىغان بولدۇق! ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئۆزەمنىڭ بارا-بارا رازىيەنى كۆرمىسەم تۇرالمايدىغان بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىمنى سېزىشكە باشلىدىم! تۇغۇرىسى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
زۈبەيدە ئېزچىل تۈردە ئېرىنىڭ پەقەت ئۆزىنىلا يازخشى كۆرگەن دەپ ئالداپ كەلگەن تويغۇلىرىنىڭ ئاستا -ئاستا يىمىرلىشكە باشلىغانلىقىنى سەزدى.
پۇلات ئايالىنىڭ ئۆزگىرۋاتقان چىرايىغا قاراپ :-توغرا، ئۇ ۋاقتلاردا سەنمۇ پات -پات خەت يېزىپ تۇردۇڭ ،ئەمما مەن سىنى ئۆز سېڭلىمدەك كۆرەتتىم،- دىدى-دە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى.
زۈبەيدە تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن :-داۋاملاشتۇرۇڭ،-دىدى.
پۇلات سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:-شۇندىن كىيىن رازىيە بىلەن ئېككىمىز مۇھەببەتلىشىپ قالدۇق،بىز 4 يىلنى كىيىنكى تۇرمۇشىمىز تۇغۇرسىدىكى شېرىن تويغۇلار ،ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن ئۆتكۇزدۇق،مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا رازىيە ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ كەتتى ،ئەمما مۇناسىۋېتىمىز داۋاملىشىپ كەلدى ،مىنىڭ شۇ چاغدىكى بارلىق ئارزويۇم ئۇقۇشنى تېزىرەك تاماملاپ رازىيە بىلەن توي قىلىشتىنلا ئېبارەت ئېدى! ئاخىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بېلىنگەن بىر يىلمۇ توشتى، قايتىپ كىلىپ ھازىر ئېشلەپ كىلىۋاتقان دوختۇرخانىغا ئېشقا چۈشتۈم،بۇرۇن كېلىشۋالغىنىمىز بۇيىچە رازىيەمۇ بىر يىل بۇرۇن ئۆرۈمچىدە قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ مۇشۇ ناھىيەدىكى سەھىيە ئېدارىسىغا كەلگەن ئېدى.مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىكىلەرەە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئاتا-ئاناڭ كەينى كەينىدىن قازالىدى،ئۆزۈڭ بىلىسەن داداڭ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا مىنى سەندىن چاقىرتىپ ئاتا-ئانام ۋە ئەلە -مەھەلە ئالدىدا قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئارزۇلۇق يالغۇز قىزىنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىنى ،قىزى بىلەن توي قىلمىسا ئۆلسىمۇ كۆزى يۇمۇلمايدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ۋەسىيەت قىلدى، رەھمەتلىك مويسىپىتتىن ئاغرىنمايمەن ،بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا داداڭمۇ بىزنى شۇنداق دەپ ئويلاپ قالغان چېغى-دىدى بىشىنى ساڭگىلىتىپ.
بۇنىڭ بىلەن زۈبەيدەنىڭ يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى.ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ «كۆزۈم ئۇچۇق ۋاقتىدا سىنى بىرىگە تاپشۇرۋالسام بولاتتى» دىگەن گىپى بىلەن پۇلاتنىڭ ئېسمىنى چىقارغانلىقىنى پۇشايمان بىلەن ئەسلەشكە باشلىدى
پۇلات رازىيەنىڭ سۆرىتىنى مىھىر بىلەن سىلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى:- مەن داداڭنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ بىشىمنى لىڭشىتتىم ،چۈنكى سىنىڭ ياشلىق كۆزلىرىڭگە ،بوۋاينىڭ جان تالىشىپ تۇرغان ئېلتىجالىق كۆزلىرىگە ،بەرداشلىق بىرەلمىدىم .مەن چىقىپ كېتىۋېتىپ ،دادامىڭ «ئاغىنە ،سەن خاتىرجەم بولغىن،زۈبەيدە مىنىڭ ئۆز قىزىم ،ئۇلارنىڭ تۇيىنى ئۆزۈم باش بولۇپ قىلىپ قۇيىمەن»دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىكاھ تەغدىرىمنىڭ ساڭا باغلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم.داداڭ قازالاپ كەتكەن كۈنى يەنى -زىمىستاننىڭ شېۋېرغانلىق شۇ كۆنى مەن رازىيەنىڭ ياتىقى ئالدىدا بىر كېچە تۇردۇم،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىكە جۈرئەت قىلالمايتىم ،كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كىتەيلى دىيىشكە تېخىمۇ يۈرۈكۈم چىدىمايتى! -پۇلاتنىڭ بوغدىيىكى مىدىراپ كۆزىگە لىققىدە كەلگەن كۆز يىشىنى زورىغا سىڭدۈردى-دە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :-ئەتىسىدىن باشلاپ چاقىرغۇمنى ئېتىۋەتتىم ،ئېشخانىدىكى تېلغۇننىڭ كەينىنى چىقىرۋەتتىم!بۆلۈمدىكى سېستىرالارغا «بېرى مىنى ئېزدەپ كىلىپ قالسا ،ئوپراتسىيەدە دەپ قۇيۇڭلار »دەپ تاپىلاپ قويدۇم،قېسقىسى ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم ،چۈنكى شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەملا داداڭغا بەرگەن قەسىمىمگە خىلاپلىق قىلىپ قۇيۇشۇم مومكىن ئېدى.بىر كۈنى كىچىلىك ئېسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋاتقىنىمدا قايرىدىغان دۇقمۇشتىن ئالدىمغا رازىيە چىقىپ كەلدى،ئۇنىڭ سۇغۇقتا قىزىرىپ كەتكەن يۈزىدىن مىنى ساقلىغىلى خېلى بولغانلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئۇنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئېختىيارسىز پۇچۇلاندى . ئۇنىڭ كۆكەرگەن يۈزىنى ئالقانلىرىم ئارسىغا ئېلىپ ئېسسىتقۇم ،سۇغۇقتىن تېترىگەن بەدىنىنى شۇ زامات باغرىمغا بىسىپ ئېللىتقۇم كەلدى ،ئەمما ئۇنداق قىلالمايتىم .بىز روبىرو بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئۇزاق تۇرۇشتۇق،بىر چاغدا ئۇ ئېغىز ئېچىپ سورىدى:
-نىمىشقا مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇسىز ؟
-مىنى كەچۈرۈڭ .
-مىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىز شۇنداقمۇ؟
-ياق .ياق ئۇنداق ئەمەس!
-ئۇنداقتا زادى نىمىشقا ئۆزىڭىنى قاچۇرۇپ يۈرۈيسىز؟
-..........
-نىمىلا گەپ بولسا ئۇچۇقىنى دەڭا پۇلات!
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا سىنىڭ بىشىڭغا كەلگەن بەخىتسىزلىكلەرنى بىر باشتىن سۆزلەپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالمايدىغانلىقىمنى دىدىم،شۇ سۆزلەرنى دەۋېتىپ شۇ قەدەر ئازاپلاندىم .ئۇ سۆلىرىمنى ئۈن تېنسىز تىڭشاپ تۇرغاندىن كىيىن پەقەت مەندىن :
-ئۇ قىز سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ ؟-دەپ بىرلا ئېغىز گەپ سورىدى.
مەن بىشىمنى لېڭشىتتىم ،ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگەن پىتى دەرەخكە يۈلىنىپ قالدى،گەرچە شۇ گەپلەرنى دەپ بۇلۇپ يىنىكلەپ قالغان بولساممۇ ئەمما سۆيگەن قىزنى ئازاپقا دۇچار قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزەمگە نەپرەتلەندىم ،قېسقىسى ئەمدى ئۇنىڭغا قاراشقا يۈزۈم يوق ئېدى، بىز ئايرىلغان شۇ چاغ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،مەن بۇرۇلۇپ مىڭىشىمغا ئۇ تۇيۇقسىز يۈگرەپ كىلىپ كەينىمدىن قۇچاقلىغان پىتى ناھايتى ئۇزاق ئۆكسۈپ يىغلىدى .مەن كۆزۈمنى يۇمغان ھالدا ئېچىمدە ئاھ ئۇردۇم .ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ :
-سىزنى سۈيىمەن پۇلات ،سىزنى ئەبەدىل -ئەبەت سۈيىمەن ،ئەمما ماڭا چۇقۇم بەخىتلىك بولىمەن دەپ ۋەدە بېرىڭ ،ماقۇلمۇ؟-دىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ :-مەنمۇ سىنى سۈيىمەن! بىلسەڭ بۇ ئۆمرۈمدە سەندىن ئۆزگە ھېچكىمنى سۆيگەن ئەمەسمەن -دەپ باغرىمغا باسقىم كەلدى.ئەمما مەن قانداقتۇ نەمەلوم بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى تەستە بۇشىتۋېتىپ ئېتتىك مىڭىپ كەتتىم .ئەمما يۈرۈكۈم ئۇنىڭدا قالغان ئېدى ،مىھىر -مۇھەببىتىم ئۇنىڭدا قالغان ئېدى .كىتىۋاتىمەن ،كۆز ئالدىمدا رازىيەنىڭ سىماسى ،كىتىۋاتىمەن ،خىيالىمدا رازىيەنىڭ گۈزەل چىرايى ! ئويلىرىمدا :«سىنى سۈيىمەن رازىيە ! بىر سىنىلا سۈيىمەن ! سەنسىز بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن »دىگەن ئۈنسىز نىدا ياڭرىماقتا ئېدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
زۈبەيدە ئەزەلدىن كەمسۆز ،ھېسىياتسىز دەپ قارىغان يولدىشىنىڭ ئاغزىدىن ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەسەت،كۆندەش ،رەشىك ئوتىدا يۈرىكى گويا قوقاسقا سالغاندەك ئۆرتۈنۈپ تېترەپ كەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پۇلات كۆز يىشىنى زورىغا بىسىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :-ئەتسىدىن باشلاپ سەن توي تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتىڭ ،مەن بولسام پۈتۈن زېھنىمنى خېزمەتكە قاراتتىم ،ئېككىمىز توي قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي باشقىلاردىن رازىيەنىڭ ئۆز ناھىيەسىگە يۈتكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم ،شۇ چاغدا مەن ،بەلكىم توي قىلىپ بالىلىق بولسام ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەرمەن دەپ ئويلىغان ئېدىم ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر سەر ۋاقىت ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىدى! سەن شۇنچلىك مىھرىبان ،كۈيۈمچان ،لاتاپەتلىك بولساڭمۇ نىمە ئۈچۈندۇ ئۆزەمدە قانداقتۇ بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلدىم.
زۈبەيدە ئازاپتىن لەۋلىرىنى مەھكەم چىشلىدى.ئۇ ھەسرەت بىلەن :«بۇ ئون يىلدىن بېرى ئېرىشكىنىم ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ خەيرىخاھلىقىكەن ،ماڭا بەرگىنى ئوتلۇق يۈرۈكى ئەمەس ،بەلكى سوۋۇغان جېسمىكەن »دىگەنلەرنى ئويلدى. ئىز تورى www.iz.la
پۇلات تاماكىسىغا چاقمىقى بىلەن ئوت تۇتاشتۇرغاچ سۆزىنى داۋام قىلىدى:- بەلكىم بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى ھېلقى قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسا تۇرمۇشىمىز يەنە شۇ جىم -جىت ئاققان سۇدەك شاۋقۇنسىز ئۆتىشى مۆمكىن ئېدى ،شۇ كۈنى قاتناش ۋەقەسىدە يارلانغان ئانا -بالىنى بۆلۈمىمىزگە ئېلىپ كەلدى ،ئەمما بالا ئاللابۇرۇن قازالاپ بوپتىكەن ،ئايالنىڭ يۈز -كۆزلىرى قان بىلەن بۇيالغان ئېدى ،مەن ئانىنىڭ بولسىمۇ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش مەقسىتىدە ئوپراتسىيەگە تەييارلىق قىلغاچ ،سېستىراغا ئايالنىڭ يۈز-كۈزلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇشنى تاپىلىدىم، دەل شۇ چاغدا قۇلۇقۇمغا «پۇلات ،پۇلات بىزنى قۇتقۇزۋېلىڭ !»دىگەن ئاجىز ئاۋاز ئاڭلاندى ،بۇ ئاۋاز ئايال تەرەپتىن چىقىۋاتاتتى ،مەن ئۇ ئايالنىڭ يىنىغا بېرىپ چۈچۈپ كەتتىم، چۈنكى ئۇ رازىيە ئېدى ! ئۇ توختىماي «پۇلات ، بىزنى تارتىۋېلىڭ ، بالام ..بالام مىنى چىڭ تۇت »دەپ جۆيلۈيتى . مەن ئۇنىڭغا «رازىيە بەرداشلىق بېرىڭ ! يىنىڭىزدا مەن بار»دەپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كېرىشتىم، گەرچە مەن 4 سائەتلىك ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بولساممۇ ،ئەمما ئۇنىڭ بىرجۈپ پۇتى مەڭگۈلۈك مىيىپ بولغان ئېدى.
زۈبەيدە قىزىقىش ئۈچۈنمۇ ياكى ھېسداشلىق قىلىپمۇ ئەيتاۋۇر ئېختىيارسىز ھالدا :-ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرچۇ؟ -دەپ سورىدى.
پۇلات تاماكا كۈلىنى كۈلدانغا چۈشۈرگەچ:-ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قالغاچقا كىچىكىدىن ئاتا بىر ،ئانا بۆلەك ئاكىسى بىقىپ چوڭ قىپتىكەن ،ئۈلۈشكۈن قاتناش ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن ئېدى ئۇنىڭ ئېگە چاقىسىز قالغانلىقىنى شۇلاردىن ئۇقتۇم.-دىدى خورسىنىپ .
زۈبەيدە : -يولدىشىچۇ؟ سىز ئۇنى توي قىلغان دەۋاتمامتىڭىز؟-دەپ سورىدى.
پۇلات تاماكىسىنى كۈلدانغا ھېمىرگەچ :-بەلكىم رازىيە بىلەن ئايرىلىپ كىتىشىم ئۇنىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ باشلىنىشى بولسا كېرەك ،ئۇ يۇرتىدىكى بىر يېزا دوختۇرخانىسىغا يۈتكۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئۆتمەي بىرى بىلەن توي قىلىپتۇ،ئەمما ئۇ ئېچەرمەن ،قىمارۋاز بولۇپ دائېم ھاراق ئېچىپ كەلسىلا رازىيەنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ ،دومبالايدىكەن .بەدىنىدىكى تاياق ئېزلىرىنى كۆرسەڭ ھەقىقەتەن ئېچىڭ سېرىلىپ كىتىدۇ .ئۇلارنىڭ بالىسى 2 ياشقا كېرگەن يىلى ئۇنىڭ يولدىشى بىر قىتىملىق قىمار سورۇنىدا پىچاق يەپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ-دىدى ئۇلۇغ كېچىك تىنىپ.
زۈبەيدە :- ئاكىسىچۇ ؟-دەپ سورىدى.
-ئاكىسى؟-دەپ ئاچچىق كۆلۈمسىرىدى پۇلات،-دەپ كەلسەڭ كىنولاردەكلا ، شۇ قىمار سورۇنىدا رازىيەنىڭ ھېلىقى ناكەس ئېرى بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۋەتكەننىڭ ئۈستىگە يەنە رازىيەنى دوغا تىكىپ ئوينايدۇ،ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن بىر نەچچىسى رازىيەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ جىدەل قىلىدۇ ،رازىيە ياخشى نىيەتلىك قۇشنىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇلاردىن قىىچپ قۇتۇلۇپ ئاكىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ بولغان ئېشلازنى دەيدۇ،سېڭلىسىنى جىنىدىن ئەزىز كۆرگەن ئاكىسى ئۇنىڭ تارتقان ئازاپلىرىغا چىدىماي ،ئۇ ناكەسنى ئېزدەپ تىپىپ جان ئاچىققىدا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ-دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى .
زۈبەيدە ئاچچىق بىلەن:- سىز ماڭا ئۆزۈڭلارنىڭ رومانتىك مۇھەببەت تارىخڭلار بىلەن ئۇنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق مىنى ئاجرىشىشقا كۆندۈرمەكچىمۇ؟-دىدى.
پۇلات مىسكىنلىك بىلەن زۈبەيدەگە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كىيىن :-مىنى ئەپۇ قىلغىن ،بەلكىم ھاياجانلىنىپ كىتىپ سىنىڭ غورورۇڭغا تىگىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ قويغان بولۇشۇم مومكىن،-دىدى بىشىنى ساڭگىلىتىپ.
زۈبەيدە نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قادىلىپ تۇرۇپ :- بۇندىن كىيىنكى پىلانىڭىزنى بېلىپ باقسام بولامدۇ؟ دىمەكچى مەن بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزنى دەيمەن !-دەپ سورىدى.
پۇلات ئورنىدىن تۇرۇپ قەددىنى روسلىغان ھالدا :- رازىيە بىلەن توي قىلىمەن! ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقى بولۇپ ،ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىمەن! -دىدى قەتئېيلىك بىلەن .
زۈبەيدە ئۇنىڭ ئاخىرقى «ئولتۇماتوم»ىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بېشى قىيىپ لاسسىدە ئولتۇرلۇشۇپ قالدى،ئۇنىڭغا پۈتۈن ئۆي پىقىراۋاتقاندەك ،قۇلىقىغا يولدىشىنىڭ «رازىيە بىلەن توي قىلىمەن!» دىگەن سۆزى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرغاندەك بېلىندى،ئۇ چىدىماي قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى،كۆزىدىن بولسا توختىماي ياش ئاقاتتى.ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ:
-ئۇنداقتا بالا بىلەن ئېككىمىز قانداق قىلىمىز -دەپ سورىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-سىلەرگە ھەقىقەتەن يۈز كىلەلمەيمەن ، رازىيەنىڭ ھازىرقى ھالى سەندىنمۇ بەتتەر ،ھازىر قارانچۇقسىز ھالدا دوختۇرخانىدا ھوشسىز ياتىدۇ ،ئۇ ھەتتا بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ،بۇندىن 10 يىل بۇرۇن ئېرادەمگە خىلاپ ھالدا سىنى ئەمرىمگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا «ئۆزىڭىزنى زۈبەيدەنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلاپ بىقىڭ »دىگەن ئېدىم ،ئەمدى شۇ گەپنى ساڭا دەيمەن زۈبەيدە-دىدى پۇلات تەمكىنلىك بىلەن زۈبەيدەنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ.
زۈبەيدە ئاچچىق كۆلكە بىلەن تەئەددى قىلىپ :-سىز ئەينى ۋاقىتتا رازىيە سەن ئۈچۈن ئۆز بەخىتىنى قۇربان قىلغان ئېدى،ئەمدى سەن ئۇنىڭغا كەلگەن بەخىتسىزلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلە دىمەكچىمۇ سىز؟-دىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پۇلات مۇرەككەپ ھېسياتلار ئىچىدە زۈبەيدەگە قاراپ تۇرۇپ :-سەن تۇرماق باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ قۇيۇشۇم تەبئى ،شۇ تاپتا ساڭا ئۆزۈمنىڭ ھېسياتىمنى قانداق چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلەلمىدىم،-دىدى.
زۈبەيدە پۇلاتقا نەشتەردەك قادىلىپ تۇرۇپ :- ئەگەردە مەن ئاجرىشىشقا قۇشۇلمىسامچۇ؟ -دىدى.
پۇلات زۈبەيدەنىڭ مۈرىسىنى قۇيۇپ بېرىپ ئورنىدىن تۇردى-دە دېرىزە تەرەپكە قادىلىپ تۇرۇپ :-بەلكىم ئاجراشماسلىقتا چىڭ تۇرساڭ ئامال قىلالماسلىقىم مۆمكىن ،ئەمما شۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ بۇرۇندىن ساڭا بەخىت ئاتا قىلالمىغان ،روھى ئۆلگەن كىشى بۇندىن كىينكى تۇرمۇشۇڭدا ساڭا يەنە قانچىلىق بەخىت ،ھوزور بەخىش ئاتا قىلالىسۇن؟ -دەپ خېزمەت سومكىسىنى ئېلىپ كەينىگە بۇرۇلماقچى بولۇپ سەل ئېككىلەندى-يۇ ،ئەمما قەتئېيلىك بىلەن سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زۈبەيدە ئاستا بىشىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ :-پۇلات ،ئېككىمىز بىللە ئۆي تۇتقان شۇنچە يىلدىن بېرى مىنى بىرەر قىتىم ياخشى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
پۇلات كەينىگە ئاستا بۇرۇلۇپ:بىزنىڭ نىكاھىمىز ئەسلىدىنلا خاتا بولغان زۈبەيدە ،مەن سىنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈلۈك گۇناھكار ! -دەپ مىڭىشقا تەمشەلدى.
زۈبەيدە پەس ئاۋاز بىلەن :- ئاجرىشىش سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
پۇلات گويا يەلكىسىنى بىسىپ تۇرغان ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك :-شۇنداق ،بۇ مىنىڭ ئاخىرقى تاللىشىم !-دىدى- دە مەردانە قەدەملەر بىلەن دۇختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى.
زۈبەيدە ئەسەبىلەرچە ۋاقىراپ تۇرۇپ :-مەن ئۆلسەممۇ ئاجراشمايمەن !-دەپ ۋاقىرىدى .ئۇ ئېرىنىڭ بارا -بارا يىراقلاپ كىتىۋاتقان ئاياق تېۋىشىنىڭ يۇقۇلىشىغا ئەگىشىپ يىغىسىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. www.iz.la
بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە تۈگىدى ، بۇ باشقىلارنىڭ ئەسىرى،
باھا : زۇبەيدە بىلەن پۇلات كېچىكىدىن بىللە چوڭ بولغانلىقتىن چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىسىمۇ يېقىن ئۆتىدىغان بۇرادەرلەر ،شۇڭا زۇبەيدەنىڭ ئاتا -ئانىسى قىزىنى پۇلاتقا ئەمەس ،پۇلاتنىڭ ئاتا -ئانىسىغا تاپشۇرسا ،پۇلاتنىڭ ئاتا -ئانىسى ئاندىن پۇلاتقا تاپشۇرسا ۋەقەلىك تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولغىدەك.
ئەمدى بۇ ئۇچ بەخىتسىزنى قانداق قىلىپ بەختلىىك قىلغىلى بولىدۇ ؟مەن تولا ئويلاپ،تولا تەھلىل قىلىپ ئاخىرى ۋەقەلىكنىڭ داۋامىنى مۇنداق چۇشۇرسەك مۇكەممەل تامامللىنامدىكىن دىگەن تۇنۇشقا كەلدىم ،بىلمىدىم كوپچىلىك بۇ يېشىمنى ياقتۇرامدۇ يوق ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئون نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ،يولدۇشىنىڭ توساتتىنلا (يۇز ئۆرۇشى)نى زۇبەيدە دەسلەپ قۇبۇل قىلالمايدۇ ،خۇددى ھىكايىدە ئېيتىلغاندەك (ئۆلسىمۇ ) ئاجراشماسلىق نىيىتىگە كېلىدۇ ،ھەتتا خىلمۇ خىل خەتەرلىك ئۇسۇلار ئارقىلىق ،يۇمشاق قاتتىق ۋاستىلار ئارقىلىق زۇبەيدە ئۆز بەختىنى قوغداپ قېلىش ئۇچۇن ئۇرۇنىدۇ .
چۇنكى ئۇ ياخشى كورۇپ بارلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغان پولات .ئون نەچچە يىللىق بەخىتلىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ بەخىتلىك قىلماقچى بولغان ئايال ،كېسەل كارۋىتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەتىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىگە چاقىسىز بەخىتسىز بىمار .زۇبەيدە ئەقىللىق بولسا ،پولاتنىڭ بۇ يولنى مۇھەببەت ئۇچۇن ئەمەس ،بەلكى رازىيەگە بولغان قەرىزدارلىق ۋە مەسئولىيەت تۇيغۇسىدىن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى چۇشۇنۇپ يېتەلەيدۇ ،چۇنكى زۇبەيدە شۇنچە يىل پولات بىلەن ئۆي تۇتۇپمۇ رازىيە ئېسىملىك يانا بىر كۇشەندىسى بارلىقىنى سەزمىگەن ،دىمەك قىياسىمچە پولات تۇلۇمۇ مەسئولىيەتچان ، زۇبەيدەنىڭ بىر ئۆمۇر ياخشى كۆرۇشىگە ئەرزىيدىغان لاياقەتلىك ئەر . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەمما زۇبەيدە كېيىن گەرچە پولاتنىڭ قايتا ئاجرىشىشنى ئوتۇرغا قويمىغىنى بىلەن ، جېسمى يېنىدا ئەمما روھىنىڭ ئاللا قاچان ئۆزىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى ،زۇبەيدەنىڭ ساراڭلىق قىلىپ ،ئۆزىگە خەۋەپ يەتكۇزۋالماسلىقى ئۇچۇنلا بىر ئۆيدە چىشىنى چىشلەپ ياشاۋاتقىنى سەزگىنىدە ..زۇبەيدە قاتتىق ئازاپلىنىدۇ .ئەمما ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ ،زۇبەيدەنىڭ ھەر بىر ئۇرۇنىشى ھەر بىر تىرىشچانلىقى پۇلاتنى ئازاپلايدۇ ،ۋە ياكى ئۇنى بىزار قىلىدۇ ..
ئاخىرى زۇبەيدە ئامال قىلالماي قەتتى نىيەتكە كېلىپ رازىيەنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنى ئۆز بەختىگە چاڭ سالماسلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى بۇلۇپ ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ ،لېكىن زۇبەيدە رازىيەنىڭ كېسەل كارۋىتىدىكى ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرگنىدە ،ئىختىيارسىز ھالدا رازىيەدىن كەچۇرۇم سورايدۇ ۋە (پولاتنىڭ ئەزەلدىن رازىيەنى ئۇنۇتمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۇقۇشماسلىقتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قېلىپ رازىيەنىڭ بارلىق بەختسىزلىكلىرىگە سەۋەپ بولغانلىقىنى ئەمدى رازىيەنىڭ بەختىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۇچۇن كەلگەنلىكى)نى دەپ يىغلىغىنىچە چىقىپ كېتىدۇ . ۋە ئەتىسىلا پولات بىلەن جىممىدە ئاجرىشىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدۇ .پولات نىمە بولغىنىنى بىلمەيلا قالىدۇ ،گەرچە زۇبەيدەنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇيۇقسىز ئۆزگىرەپ قالغانلىىقىغا ھەيران قالسىمۇ ئەمما كۆپ ئويلاشقا ۋاختى يوق ،پۇتۇن نىيىتى بىلەن بارلىق مېھرى مۇھەببىتى بىلەن رازىيەنى بەخىتلىك قىلىشقا ئاتلىدۇ ،ئەپسوس رازىيە ئۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ ،ئەمما سالامەتلىكى يار بەرمەسلىكى سەۋەپلىك قۇبۇل قىلماسلىققىمۇ ئامال تاپالمايدۇ ....
رازىيە پولاتنىڭ مېھرى مۇھەببەتلىك كۇتۇشلىرى ئالدىدا ،پەقەت ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولغاندىلا ئاندىن پولاتنى بەختلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ ،ۋە قەتتى غەيرەتلىنىپ دوختۇرلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ ساغلاملىق جېڭىغا تۇتۇش قىلىدۇ ،ۋە پولاتنىڭ بەخىتلىك كۇلكىلىرىدىن ،مېھىرلىك بېقىشىدىن ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ئايال دەپ ھېس قىلىدۇ ،ئەمما ئۇ پولاتنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ،رازىيە كوڭلىدە زۇبەيدەنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ ۋە ئىلھاملىنىپ ۋە روھلىنىپ ھاياتقا قايتىدىن كۇلۇپ قارايدۇ ۋە ،ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەلتۇكۇس سالىمازا ساقىيىدۇ .ۋە ئاخىرى قەتتى نىيەتكە كېلىپ گەرچە پولاتنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ ،بەزىدە پولاتنىڭ مۇڭلىنىپ خيالغا چۆكۇپ قالىدىغانلىقلىرىنى ئويلاپ ،پولات بىلەن زۇبەيدەگە ئايرىم -ئايرىم خەت قالدۇرۇپ (نىمىلەرنى يازغانلىقىنى تەسەۋۇرىمىزنى ئەركىن قويىۋېتىپ ھەمىمىز پەرەز قىلايلى ...)بۇ شەھەردىن قىيمىغان ھالدا ئايرىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زۇبەيدە بالىسىنى بېقىپ ئۇقۇتقۇچىلىقىنى قېلىپ ئۆتۇۋېرىدۇ ،پولاتمۇ بارلىق زېھنىنى كەسىپكە بېغىشلاپ باش چۆكۇرۇپ جىددى خىزمىتىنى قىلىپ بەزىبىر تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇلىنىپ كۇنلىرىنى ئۆتكىزىدۇ ،بەزىدە بىر شەھەردە بولغانلىقتىن ،ۋە ياكى بالىسى سەۋەپلىك ئۇچرۇشۇپ قالغاندىمۇ كونا دوسلاردەك تەبىلا سوزلىشىپ چاندۇرماي ئۇتۇشۇپ كېتىشىدۇ ،ئەمما ئىككىلىسى ئارىسىدا شەكىلىلەنگەن كورۇنمەس ھاڭدىن ھالقىپ ئۇتۇلمەي بىر بىرىنىڭ كەينىدىن ھالسىز ئۇھسىنىشىدۇ ...
ئارىدىن يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتىدۇ ،(بەلكىم ئىككى يىلدۇ بەلكىم ئۇچ يىلدۇ ئىشقىلىپ بەك ئۇزاق ئەمەس )پولات تەتقىقاتىدا نەتىجە قازىنىپ كەسىپتە ئاجايىپ تىز ئىلگىرلەيدۇ ،گېزىت ژورنالاردا ،كىنو -تىلۋىزورلاردا ئۇنىڭ ئاجايىپ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇلۇپ نامى جاھانغا بىر كېلىدۇ .زۇبەيدەنىڭ ئوغلىمۇ بىر نوقتىلىق مەكتەپكە قۇبۇل قىلىىنىدۇ ،زۇبەيدە بىلەن پولات ئىككىسى ئىككى يەردە بۇ خوشالىقلاردىن بەھرىمان بولىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز يانا رازىيەنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇدۇ (رازىيە ساياھەت قىلىپ بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى ،قايتىش ئالدىدا ئۇلار بىلەن كۇرۇشكىسى بارلىقىنى ئايرىم ئايرىم پولات بىلەن زۇبەيدەگە ئېيتىدۇ )
پولات بىلەن زۇبەيدە دىيىشكەن ئورۇنغا كەلگىنىدە رازىيە ئۇماق بىر كىچىك بوۋاقنى كۇتۇرگىنىچە ،سالاپەتلىك يولدىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ .......
ئاخىرىدا بەختلىك ئىككى ئائىلە كىشلىرى ئۆتكەن كەچكەنلەرنى دىيىشىپ جەم بولىشىدۇ ....
تۇگدى . ئىز تورى بەك ياخشى