ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى ئۇرغۇتتى. سۈبھى بىلەن تەڭ شايار بازىرىدىن چىقىپ كەتكەن ماشىنىغا، ئەمدىلەتىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوچاققا ئوت قالاشقا تۇتۇنغان ئاشپەز كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئۇۋىلاپ ئەسنىگىنىچە قاراپ قالدى. يولدا مەسچىتكە ئالدىراپ ماڭغان كىشىلەر بىر - ئىككىدىن ئۇچرىدى. قويۇق مەھەللە ئاخىرلىشىپ، چەكسىز دالا، سوك - سوك، يۇلغۇنلار ۋە ئۇيەر - بۇيەردە موماينىڭ ئاق لېچىكىدەك پارچە قارلار كۆرۈندى. كېچە بولسىمۇ قاراڭغۇ ئەمەستەك زەڭگەر بىلىنىدىغان ئاسمان سەبىينىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈك ئىدى. ئۆچۈش ئالدىدىكى خىرەلەشكەن يۇلتۇزلار يىراقلاپ كېتىۋاتقان قىزغا كۆزى قىيماسلىق بىلەن تەلمۈرگەندەك، كۆز قىسقاندەك كۆرۈندى. ئالدىمىزدا قارا كۆرۈنگەن مەھەللىدىن ئاندا - ساندا ۋاخ قالغان خورازنىڭ چىللىشى ئاڭلاندى. قويۇق يۇلغۇن چاتقاللىرى ئارىسىدىكى يول بالا ۋاقتىمىزدا سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ سامانغا سەكرەپ ئوينىغان چېغىمنى ئەسكە سېلىپ، بىردە ئېگىزگە ئەپچىقىپ، بىردە يەرگە تاشلاپ ئىلگىرىلىدى. تاڭ سۈزۈلدى. پايانسىز دالا چىرايلىق جۇۋاندەك يېقىملىقلاشتى. قويۇق يۇلغۇننىڭ قىش سوغۇقىدىن قاتقان ئىنچىكە قىزىل ياپراقلىرى مەڭزىدىن قان تېمىپ تۇرغان پەردازسىز سەھرا قىزىدەك يېقىملىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇششاق تال چىۋىقلىرى قىرىق كوكىلىلىق قىزنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا ئوخشىسا، ئاراشلىرىدىن كۆرۈنىدىغان ئاق قارلار قىز ۋىلىقلاپ كۈلسە كۆرۈنىدىغان چىشلىرىدەك، ئادەمگە لەززەت بېغىشلىدى. ھۆركىرەپ يۈگۈرەۋاتقاندەك ماڭغان يوغان ماشىنىدىن ھۈركىگەن چۆل تورغايلىرى چاتقاللار ئارىسىدىن قاڭقىپ، ئېگىز - پەس ئۇچۇپ ئەنسىز سايرىسا، ياۋا توشقانلار ھەر تەرەپكە پەرتىلدەپ قاچتى. يىراقتىن يەنە توغراقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىز تورى www.iz.la ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! ئىز تورى www.iz.la بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن www.iz.la بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن www.iz.la ئىز تورى بەك ياخشى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق ***************************** ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(23)
85.2%
ناچار
(4)
14.8%
------分隔线----------------------------
![]() ![]() |