بىچارە ئانا

ۋاقتى:2010-10-21 16:32مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.بىزنىڭ بىرشىمىزغىلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۇتىۋالدى. بىزنى ئۆيىگە باشلاپ ، ھەر خىل نازى نىممەتلەرنى ئالدىمىزغا تىزغىلى تۇردى . ھەمدە بىزنى تارتىنماي ئولتۇرۇشقا ، ئۆز كۆرىشىمىزنى تاپىلاپ قويۇپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
بىزمۇ تارتىنماي ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن ئىلىپ، كۆڭۇللۇك ئولتۇردۇق. بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئىشىكتىن 80 ياشلار چامىسىدىكى ياشانغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى. بىز دەرھاللا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ، سالام قىلدۇق ، بۇ ئايالمۇ بىزنى كۆرۇپ ناھايىتى قىزغىن سالام قىلدى ھەمدە بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھەمدە دۇئا قىلىپ بىزدىن تىنىچ ئامان كەلدىڭلارمۇ دەپ تىنچ ئامانلىق سورىدى. بىزمۇ بۇ ياشانغان ئايالغا قىزغىن مۇئامىلە بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇق. بۇ ئايال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ راھىلەنىڭ چوڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى. ئۇ بەك توڭاپ كەتكەندەك كۆرنەتتى ، ئولتۇرۇشنى ئويلىدىمۇ قانداق يىنىمزغا كىلىپ ، ئولتۇرماقچى بولدى. مەن ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم . ئۇ ناھايىتى قىينالغان ھالدا ئارانلا ئولتۇرۋالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ ئەمدى ئولتۇرشىغا ، راھىلە گەپ باشلىدى: ۋايجان ، ئۆيۇڭگە چىقىپ ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، نىمە پۇتۇڭدىكى ، ئىغىلغا كىرگگنمىدىڭ . ما گىلەمىنى مەينەت قىلىۋەتتڭ قارا. بىزنى ئارامخۇدا پاراڭلاشقىنى قويۇپ ، چىقىپ كىتە .ئۇ نارازىلىق ئارلاش ھومىيىپ قويدى . بىز ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق . ئۇنىڭ بۇ تەلەپپۇزى بىر چوڭ ئاپىسىغا ئەمەس ، يات ئادەمگىمۇ قىلغىلى بولمايدىغان مۇئامىلە ئىدى. ئارىمىزدىن دوستىمىز گۇلمىرە ئىغىز ئاچتى:
- راھىلە ، بۇ يەردە ئولتۇرسىمۇ مەيلى ، كۆرمىدىڭمۇ ، بەك توڭاپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، بىردەم ئولتۇرسۇن .
- بولدىلا يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ . سىلەر ئاران بىر كەلدىڭلار . خاتىرجەم ئولتۇرۇڭلا دىۋىدى، ئىز تورى www.iz.la
بۇ ئايال ئۆزلىكىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ، ئۇ ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇۇرپ ، ھالسىرغان پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە بىزگە خوش دەپ چىقىپ كەتتى.
بىزنىڭ كۆڭلىمىز غەلىتىلا بولۇپ قالدى. مەن راسىت گەپ قىلسام راھىلەگە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ قىلغىنىغا شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.بىردەم ئولتۇرسا نىمە بولاتتى.
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق. شۇ ئەسنادا راھىلەنىڭ ئاپىسى تاماق كۆتۇرۇپ كىردى. گەرچە تاماق شۇنداق ئوخشىغان بولسىمۇ بايىقى ئەھۋالنى كۆرۇپ ، تاماق يىگىممۇ كەلمەي قالدى.
مەن بۇ ئايالنى كۆرگىنىمدە مىنىڭ مىھرىبان ، رەھمەتلىك چوڭ ئاپامنى كۆرگەندەك بولغان ئىدىم. بىراق بۇ ئايالنىڭ كۇنى مىنىڭ چوڭ ئاپامىنىڭكى بىلەن تۇپتىن قارشى ئىكەن . ئىشقىلىپ شۇ چاغدىكى ھىسسىياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەي قالغان ئىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
باشقا بالىلارغىمۇ بۇ ئىش تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ ، ئۇلارمۇ تامىقىنى تۇزۇك يىمەپتۇ . بىز مەكتەپكە قايتىشنى بانا قىلىپ قايىتماقچى بولدۇق . راھىلە يەنە تاماق ئىتەي دىدىيۇ ، بىزنى يەنىلا ئىلىپ قالالمىدى.بىز ئۇنىڭ ھويلىسىغا چىقتۇق. ھويلىسىغا چىققاندىن كىيىن ئۇ ئۆيىنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ كەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيى ۋاي دىگۇدەك بولمىسىمۇ ، بىز ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا بەردۇق خالاس. چۇنكى ئۇنىڭ مەمەدانلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتۇق. ئۇ ئۆزىچە بۇ ئۆيدە مەن ياتىمەن ،ئاۋۇ ئۆيدە ئۇ ، ما ئۆيدە بۇ دەپ تونۇشتۇرغىلى تۇردى. مەن قىزقىپ چوڭ ئاناڭچۇ ؟ دەپ سورىدىم .
- مۇشۇ ئۆيدە . دەپ يىنىمىزدىكى ئۆينى كۆرسەتتى. بىز تىخىمۇ ھەيران قالدۇق . بۇ ئۆينىڭ دىرىزىسى چىقىغلىق ، ئىشىكلىرىمۇ كونىراپ ، ئارلىق چىقىپ قالغان ئىكەن.

ئىز تورى بەك ياخشى

- راھىلە مۇشۇ ئۆيدە چوڭ ئاناڭ تۇرامدا. دەرىزىلىرىمۇ چىقىغلىق . بۇنداق تۇرسا ئۆي قانداق ئىسسىيدۇ؟ دىدىممەن.
- ۋاي شۇ ، ھازىرچە مەشكە ئوت ياقمىدۇق ، چوڭ ئاناممۇ داۋاملىق ئولتامايدۇ . كەچتىلا ياتىدۇ . توڭسا ئىككى كۆرپە يىپىنىپ ياتىدۇ . بۇ خوتۇننىڭ جىنى پىششىق . توڭلاپ قالمايدۇ . ھا ھا ھا ......... ئۇ كۇلۇپ كەتتى.
بىز نىمە دىيشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق . توۋا مۇشۇ 12- ئايغا ئاز قالغان مۇشۇ سوغۇقتا ، مەش قويمىغان بۇ ئۆيگە دەيدۇيا . ھەي .
- ئاداش ، كىم بىللە ياتىدۇ چوڭ ئاناڭ بىلەن ؟ سورىدى گۇلمىرە .
- ئۆزى يالغۇز . دەپلا راھىلە گىپىنى باشقا يانغا بۇرىۋەتتى. بىزمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي ، ئىشىكتىن چىقتۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز قەدەملىرىمىزنى تىز- تىز ئىلىپ بۇ يەردىن يىراقلاپ كەتتۇق . ئاشۇ بىچارە ئايال بولسا ئىشىك ئالدىدا بىزگە قول پۇلاڭلىتىپ قالغان ئىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(43)
89.6%
ناچار
(5)
10.4%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...

  • ئالدىراڭغۇ كەپتەرنىڭ ھىكايىسى

    بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن،...

  • ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

    جىم-جىت پىچىرلاشلار ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇندا...

  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...