
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئويغىتالمىدى ، قاسىمكا ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى! www.iz.la مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ــ ئوي ئوغلۇم ، نىمىلەرنى خىيال قىۋاتىسەن ؟
قەيسەر خىيالىدىن چۆچۇپ ئويغىنىپ دادىسىغا قارىدۇيۇ ،ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۇن-تۇنسىز ئولتۇرىۋەردى ، قاسىمكا ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىدىن پەرىشان بولغاندەك يىراقلارغا كۆز تىكتى ، ئوغلىنىڭ قايسىدۇر بىر قىزنىڭ خىيالىنى سورىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى ، مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن ،ئۇنىڭ كەسكىن ، تەلەپچان ، تەمكىن مىجەزىنىڭ تۇتكىسىدە ئوغلىنىڭ مەيلى قانداقلىكى زەربىگە ئۇچۇرمىسۇن بۇنداق بوشىشىپ كېتىشتەك يارامسىزلىقىغا قاتتىق غەزىپى قوزغالغان بولسا ، كۇيۇمچان ، ئەپۇچان ئاتىلىق قەلبى قەيسەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا ، ئىچ ئاغىرتىشقا ، تەسەللى بىرىشكە ئۇندەتتى ، قاسىمكا ئۆزىنى سەل تۇتىۋالماقچى بولغاندەك بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىر ئىككىنى قاتتىق شورىۋەتكەندىن كىيىن « ھەي ياشلىق ...»دەپ بىر نەرسىلەرنى غوڭىلدىغۇنىچە ئويگە كىرىپ كەتتى ، قەيسەر قانچىلىك ئولتۇردىكىن بۇ نامەلۇم بىر ۋاقىتتا ئۇ سائەتىگە قاراپ قۇيۇپ ئورنىدىن ئالدىراش تۇرۇپ سىرتقا قاراپ چاپتى ،ئۇ شۇ چىققىنىچە گۇلنۇر ئىشلەيدىغان مەكتەپ ئالدىغا كىلىپ توختىدى ، بۇ ۋاقىت ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چۇشكەن ۋاقتى بۇلۇپ مەكتەپ ئىچىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوۋۇسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك چىقىۋاتاتتى ، شۇ قاتاردا گۇلنۇرمۇ سالماق قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەلدى ، ئۇ قەيسەرنى كۆرمدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالدىمۇ ئېيتاۋۇر ئۇ ھېچ كىمنى كۆرمىگەندەك كىتىپ باراتتى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ــ گۇلنۇر!
بۇ تونۇش چاراڭلىق ئاۋازنى ئاڭلاپ گۇلنۇرنىڭ نەپىسى جىددىيلەشتى ،بىر خىل سىرلىق ئەندىشە ، چۇشىنىكسىز قورقۇنۇچ يامراپ كىتىپ باراتتى .ئۇ يولىغا مېڭىۋېرىشنى ياكى چاقىرغان تەرەپكە قاراشنى بىلمەي تىڭىرقاپ ھەيكەلدەك بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدى .
ـــ ياخشىمۇسىز گۇلنۇر؟
گۇلنۇر چۆچۇپ بېشىنى كۆتۇردى ،ئۇنىڭ ئالدىدا قەيسەر كۆلۇمسىرەپ تۇراتتى .
ــ قانداق ئاھۋالىڭىز خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراشمۇ قانداق؟
شۇئان گۇلنۇرنىڭ يۇزى لاپپىدە ئوت ئېلىپ ، ۋىللىدە قىزىپ كەتتى ، نىمىشقىدۇر جاۋاپ بىرىشنى ، تۇغىرىسى نىمەدەپ ئەھۋال سوراشنى بىلمەتتى ، قەلبى بىر خىل بىماراملىق جۇلغىۋالغاندى .
نىمىشقىدۇر قەيسەرمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ،ئۇ ئەتىراپقا بىر قۇر قارىۋېتىپ گۇلنۇرنىڭ قېشىغا يېقىنراق كىلىپ :
ــ كەلگىنىمگە ئۈچ كۇن بولدى ، ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ ئىچىم سىقىلىپ شۇڭا شەھىرىمىزنى ئايلىنىپ چىقاي دەپ بۇ يەرگە كىلىپ قاپتىمەن ،ـدىدى
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن خېلىلا ھاياجانلانغانلىقى ، جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى
ــ ئوبدان بوپتۇ ، شەھىرىمىزدە ئۆزگۇرۇش كۆپ ھازىر ، نۇرغۇن جايلىرى ئۆزگەردى ،-دىدى گۇلنۇر بىر ئاز ئەسلىگە كىلىپ
ـــ بىردەم بىرگە ئايلانساق بۇلامدۇ ؟
ـــ كەچۇرۇڭ مەن بارالمايمەن .
ـــ نىمىشقا ؟
ـــ مەن ... مەن ئۆيگە بۇرۇنراق قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ــ مېنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى .
قەيسەر گۇلنۇرغا يېقىنلاشتى . تۇرىقىدىن ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى ،ئەمما تەلەپپۇزىدىن بۇيرۇق قىلىۋاتقانلىقى ياكى ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولماتتى .
گۇلنۇر بىر خىل مۇرەككەپ ھېسىياتتا قەيسەرگە قارىدى ،ئۇنىڭ يۇرىكى رېتىمسىز دۇپۇلدەتتى ، قاتتىق تەڭقىسلىق ، ئارىسالدىلىق ، سىرلىق ئەندىشە ئۇنى قىيناتتى ، بۇ يەردىن كەتمەكچى بۇلاتتىيۇ يەنە كىتەلمەتتى ، ئۇنىڭ يۇزى گاھ قىزىرىپ گاھ ئاقىرىپ تۇرغانلقىنى قەيسەر سەزمىگەندەكلا قىلاتتى ، ئۇنىڭ پۇتۇن ئەس يادى ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى گۇزەل ئارزۇلىرىنى گۇلنۇرغا تىز –تىز دەۋىلىشتىلا ئىدى .
ــ گۇلنۇر ، مەن سىزگە ئېتسام ، مېنىڭ قەلبىمدە ئوزۇندىن بىرى شېرىن بىر خىيال ساقلىنىپ كىلىۋاتقان مەن بۇگۇن مەڭگۇلۇك بەختىمنىڭ كاپالىتى بولغان ئاشۇ شىرىن ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى سىزنى ئىزدەپ كەلدىم ، سىز مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز ؟
گۇلنۇر چۇچىگەندەك بېشىنى كۆتۇردى ئۇنىڭ ياش ئەگىگەن كۆزلىرىدىن مۇرەككەپ ھېسىيات روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى .
ــ گۇلنۇر ،ـدىدى قەيسەر گۇلنۇرغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ ــ چىن مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلامسىز ؟
ــ ياق ... ياق !ـگۇلنۇر خۇددى قوقاسقا يولۇققاندەك ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئىتتىك ئېلىپ قاچتى .
قەيسەر گۇيا يۇزىگە بىر كاچات تەگكەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، ئۇ گۇلنۇردىن ئۆزىگە بۇنداق جاۋاپ چىقىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەندى .
ــ نىمىشقا ياق دەيسىز ؟ زادى نىمىشقا؟!...
گۇلنۇرنى سۇر بېسىپ تۇرۇپ قالدى ، ئاغىزىغا گەپ كەلمەتتى ، لەۋلىرى تېتىرەتتى ، نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنىمۇ بىلمەتتى ، قەلبىدە ھەسرەت بۇرىنى ھۇلاتتى ، يۇزى گاھ قىزىپ گاھ تاتىراتتى ، كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۇلۇپ ،يۇرىكى مۇجۇلۇپ ئاغىرىتتى ، شۇ تاپتا ئۇ ئادەمسىز ، خالىي ، يالغۇزلۇقنى خالاتتى ، ئۇ ئۆيىگە قاتماقچى بولۇپ ماغدۇرسىز ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكىدى
ــ گۇلنۇر نەگە بارىسىز ،ـدېدى قەيسەر ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ،ـ نىمىشقا ياق دەيسىز ؟ مېنى ياقتۇرمامسىز –يە؟!
ـــ ھە...ئە ياقتۇرمايمەن !ياقتۇرمايمەن!
گۇلنۇرنىڭ يۇرەك باغرىنى پارە –پارە قىلىپ چىققىۋاتقان بۇ سۆزلەر قەيسەرنىڭ ھاياجان ئىلىكىدە سۇقۇۋاتقان يۇرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلدى .
گۇلنۇر ئالدىنى تۇسۇپ تۇرغان قەيسەرنى ئىتتىرۋېتىپ ،ئوقتەك ئېتىلغان پېتى بىر كىرا ماشىنىسىنى تۇسۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئايىغىنىمۇ سالماي كارۋاتقا تاشلاندى ،ئۇنىڭ قەلبىنى زەھەردەك ئېچىشتۇرۋاتقان ھەسرەتكە ،ئۆكۇنۇشكە –پۇشايمانغا ، غەزەپ –نەپرەتكىمۇ ئوخشىمايدىغان تۇيغۇلار تاشقىنىدەك يامراپ ياشقا ئايلىنپ كۆزىدىن تاراملاپ قۇيۇلماقتا ئىدى.
«..........» كۇتۇلمىگەندە ئۇنىڭ تىلىفۇنى سايراشقا باشلىدى ،ئۇ تىلىفۇنغا قاراتتى ، ئەمما ئۇ تىلىفۇننى كۆتۇرمىدى ، گۇلنۇر جىددى سۇقىۋاتقان يۇرىكىنىڭ كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرگەندەك ئىككى قۇلى بىلەن مەيدىسىنى چىڭ بېسىۋالدى ، ئاۋاز توختىدى ، گۇلنۇر بۇ ۋاقىتتا نەپەس ئالالماي قېلىۋاتاتتى ، تىلىفۇن توختاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا « خانىم سىزگە قىسقا ئۇچۇر كەلدى »دىگەن سادا ئاڭلاندى ، ئۇ ئاستا تىلىفۇنىنى قولىغا ئالدى ھەم قىسقا ئۇچۇرنى ئوقۇپ كۆردى ، ئۇ قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۇپ چىرايلىرىدا بىر خىل مەمنۇنىيەت ئۇچقۇنلىرى چاقنىغاندەك بولدى ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى بۇ شەھەردىكى ساناقلىق باينىڭ ئەركە بەگزادىسى نىجات يوللىغان ئىدى ، ئۇ« گۇلنۇرغا ئالدىنقى كۇنى سىزگە چىرايلىق كۆرۇنگەن كىيىمنى ئېلىپ قويدۇم قاچان ئاپىرىپ بىرىمەن » دەپ قىسقا ئۇچۇر قىلغاندى ،ئۇ ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇردى شۇ تاپتا ئۇنىڭ چوۋۇلغان چاچلىرى ياش بىلەن يۇيۇلغان يۇزىگە ،مەيدىسىگە چۇشۇپ شۇنچە ئىللىق ، نازاكەتلىك ، سايىپجامال بىر قىزنى ئاجايىپ قىياپەتكە كەلتۇرۇپ قويغاندى ، ئۇ يەنە كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى ، ئۇ بۇ قېتىم نىجاتنىڭ بوي تۇرىقى ، مىجەز –خۇلىقى ، ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى ، خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا نەچچە كۇنلۇك خىزمەت جىددىيلىكى تۇپەيلىدىنمۇ كۆزلىرى خىرەلەشتى ، بىراق ئەمدىلا ئويقۇ مەسخۇشلىقىدا كۆزى يۇمۇلىشىغا ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك تىلىفۇن يەنە سايراشقا باشلىدى ،
قانداق گەپ بۇ ؟ گۇلنۇر تىلىفۇنىغا قاراپ بۇ تىلىفۇننىڭ شەھەردىكى ياش كارخانىچى كىچىك تۇرۇپ ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن ئەكبەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىنلا كۆڭلى جايىغا چۇشۇپ تىلىفۇننى كۆتۇرمەي كۆزىنى يۇمۇپ يېتىۋەردى .ئەمما يەنە بىر نەچچە مىنۇت ئۆتە ئۆتمەيلا « خانىم سىزگە قىسقا ئۇچۇر كەلدى »دىگەن سادا ئاڭلاندى ، ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن قىسقا ئۇچۇرنى ئوقۇدى ،« گۇلنۇر ،بۇگۇن دۇسىتلار بىلەن ئولتۇرۇش قىلغان ئىدۇق سىزمۇ كىلەمسىز ؟»دىگەن ئۇچۇرنى كۆردى ، ھازىر گۇلنۇردا نە ئولتۇرۇشقا بارغۇدەك ، نە سىرىتقا چىققۇدەك ماغدۇر قالمىغاندى . ئۇ ئەكبەر بىلەن بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا تۇنۇشۇپ قالغاندى ھەم شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق ، چاقچاقچى مىجەزىنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغاندى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تىلىفۇن يەنە سايرىدى ، بۇ قېتىم گۇلنۇرنىڭ كەيىپى ئۇچتى ، ئۇ ياستۇقىنى بېشىغا چۇنكەپ يېتىۋالدى ، تىلىفۇن توختاپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قىسقا ئۇچۇر كەلدى ، بۇ قېتىملىق قىسقا ئۇچۇرنى بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىدە دۇكان ئاچىدىغان ئەنىۋەر قىلغاندى ،بۇ قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۇش گۇلنۇرغا تازا خۇش ياقمىدى بولغان تىلىفۇنىنى ئىتىۋېتىپ ياتتى ، گۇلنۇر يەنە خىيالغا چۆكتى ،ئۇ قەيسەر بىلەن تولۇق ئوتتۇردا بىرگە ئوقۇغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن بىر مەكتەپكە ئۆتكەن ئەمما قەيسەر تولۇق كۆرۇسقا ، گۇلنۇر ئالىي تېخنىكۇمغا ئۆتكەچكە گۇلنۇر بۇرۇنراق ئوقۇش پۇتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندى ، مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا گۇلنۇر قەيسەرنى ياخشى كۆرەتتى ، گۇلنۇر سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن ئەڭ ئولۇغ ، ئەڭ قۇدىرەتلىك ، ئەڭ يۇكسەك بۇ سۆزنى ئاڭلاشنى ، پەقەت قەيسەرنىڭلا ئاغىزىدىن ئاڭلاشنى ئۆمۇت قىلاتتى . مانا بۇگۇن ئاخىرى قەيسەرنىڭ ئاغىزىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىدى ، قەيسەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدى . ئىشەندى ، گۇلنۇر ئەسلى شاتلانسا ، سۆيۇنسە ، پەخىرلەنسە ، قەيسەرنىڭ باغىرىغا ئۆزىنى ئاتسا بۇلاتتىغۇ ؟!
گۇلنۇر ئۇن سېلىپ يىغلىۋەتتى ، ئۇنىڭ يىغىسى ھازىدارلارنىڭ يىغىسىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى ، ھازىر كىممۇ ئۇنىڭ دەرى–ھالىغا يىتەلىسۇن ، ئۇ بىردەم يىغلىۋالغاندىن كىيىن يەنە خىيالغا چۆكتى ، ئوقۇش پۇتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نىجات ، ئەكبەر ،ئەنىۋەر قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشتى ، ئۇلارنىڭ گۇلنۇرنى بىر-بىرسىدىن قىزغىنىشىپ قوغلىشىشلىرى ،ئۇنىڭغا ھەر خىل ئىسىل بۇيۇملارنى سوغا قىلىشلىرى گۇلنۇرنى ئاللا بۇرۇن ھەشەمەتچىلىككە ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشكە بەنىت قىلىپ بولغاندى ، قەيسەر ئۇنىڭغا بۇنداق تۇرۇمۇش بەرمەتتى ھەم بىرەلمەتتى ، چۇنكى قەيسەر نۇرمال خىزمەتچى ئائىلىسدە ئۆسكەن تۇرمۇشىمۇ نۇرمال كىتىپ بېرىۋاتقان ئائىلىدە ئىدى ،
گۇلنۇر ھازىر قايسىسىنى تاللاش توغىرسىدا ئويلىنىپ قالغاندى ،ئەمما بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە قەيسەر ئاللا بۇرۇن تاللاش ئوبىكتىنىڭ سىرتىدا قالغاندى ،ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن ئاستا –ئاستا ئۇيقىغا غەرىق بولدى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئەنىۋەر دۇكانلىرىنى ئىچىش بىلەن ئالدىراش بۇلىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كەينىدىن بىرىسى پاققىدە ئۇردى ، ئەنىۋەر چۆچۇپ ئىتتىك كەينىگە قارىدى ،ئۇنىڭ زەردە بىلەن چەكچەيگەن كۆزلىرى شۇئان چاقناپ تۇرغان بىر جۇپ سىنچى كۆز بىلەن ئۇچراشتى .
ـــ ھە سەنمىدىڭ نىجات ؟ـ نىجاتنىڭ چىرايىدا بىر خىل جىددىيلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ سەل تۇرۇلگەن ئىنچىكە ، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى كىچىكرەك كەلگەن كۆزلىرى بىر خىل ئۆچمەنلىك ئارلاشقان گۇمانىي نەزەر بىلەن ئەنىۋەرنى كۆزىتىۋاتقاندەك قىلاتتى .
ـــ ھەر دائىم ھەممىدىن بۇرۇن سودا باشلايدىغان ئادەم بۇگۇن شەنبە بۇلىشىغا قارىماي كۇن چۇش بولغاندا دۇكاننى ئېچىۋاتىسەنغۇ؟ ئاخشام ئېغىر ئولتۇرغان ئوخشىمامسەن؟
ــ شۇنداق ئاغىنە ،ئاخشام شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئوينىغان ئىدىق ، نەدىن كەلگەن ئاشىقلاركىن ئۇنىڭغا تۇلا تىلىفۇن بىرىپ ، قىسقا ئۇچۇر يوللاپ بەك جىلە قىلدى مېنى ،ـدىدى ئەنىۋەر ھەييارلىق بىلەن كۆلۇمسىرەپ .
نىجاتنىڭ مۆرىلىرى سىلكىندى ،كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ، مۇشىتلىرىنىڭ قانداقسىگە تۆگۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى .
نىجات بىلەن ئەنىۋەر بۇرۇندىن تۇنىشاتتى بىراق ئۇلار كۇچىلاردا ئۇچۇرشۇپ قالسا باش لىڭشىتىپلا ئۆتۇپ كىتىشەتتى ،كىيىن ھەر ئىككىسى ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ گۇلنۇر بىلەن تۇنۇشتى ،گۇلنۇرنىڭ سەۋەبى بىلەن ھەرخىل سورۇنلاردا بىرگە ئولتۇرۇپ قېلىشتى ، كۇلكە –چاقچاق ، گەپ-سۆزلەردىن قارىشى تەرەپنىڭ كىمگە بەكرەك مەيلى بارلىقىنى بىلىشتى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار يولدا كۆرۇشسە قىزغىن سالاملىشىدىغان ، بىر –بىرىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان بولۇپ قېلىشتى قىسقىسى بۇلاردا بەسلىشىش ، رىقابەتلىشىش باشلانغاندى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇگۇن نىجاتنىڭ ئەنۋەرنى ئىزدەپ كىشىدە گەرچە ئۇ گۇلنۇرنىڭ ئەنىۋەرگە قارىغاندا ئۆزىگە مايىلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھەم گۇلنۇرنىڭ ئەخلاقلىق قىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ .لېكىن شۇنچە ئۇزۇن ئارلاشقىنىغا قارىماي ،گۇلنۇرنىڭ ئۆزىنى ، يا ئەنىۋەرنى ياكى ئەكبەرنى ياكى بولمىسا باشقا ئاشىقلارنى تاللىماي ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى ئۇنىڭ قەلبىدە قارا بۇلۇتقا ئوخشاش لەيلەپ تۇراتتى ، ئاخشام گۇلنۇرنىڭ تىلىفۇننى كۆتۇرمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ بۇگۇن ئەنىۋەرنى سىناش نىيىتىدە ئۇنىڭ قېىشىغا كەلگەن ئىدى ،مانا ئۇلار ئارىسىدا شۇنداق گەپ سۆزلەر بۇلىۋاتقاندا گۇلنۇرمۇ كىلىپ قالدى ، نىجات بىلەن قەييۇمنىڭ روھى ھالىتىدە بىردىنلا ئۆزگۇرۇش بولدى .ئىككەيلەن ئاڭسىز ھالدا تەقى تۇرىقىنى ئۆزگەتتى ، چاچلىرىنى ، كىيىملىرىنى تۇزەشتۇردى . copyright by www.iz.la
ـــ ياخشىمۇسىلەر ؟ـ دىدى گۇلنۇر ئويقسىزلىقتىن ، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇلاردىن چاچۇرۇپ ، قىزىق ئىش ، ئىككى يىگىت تەڭلا :
ــ تۇگۇنۇن كەچ تىلىفۇنۇمنى .... دېدى-يۇ بىر –بىرسىگە قارىشىپ توختاپ قېلىشتى ،نىجات ئەنىۋەرگە قاراپ كۆلۇپ قويدى بۇ ۋاقىتتا گۇلنۇر ئاخشام ئەنىۋەر بىلەن بىرگە دىگەن گۇمان ئاللىقاچان غايىپ بولغاندى.
ــ ئاخشام بەك ھېرىپتىكەنمەن ،شۇڭا بۇرۇن ئۇخلاپ قاپتىمەن ،ئەتىگەن كۆردۇم مەن ئۇ قىسقا ئۇچۇر ،تىلىفۇنلارنى ،-دىدى گۇلنۇر ئوڭايسىزلىق ئىچىدە يالغان ئېيتىپ ،ـئارقىدىن ئولاپلا بۇگۇن كەچ مېنىڭ قاتتىق ئوينىغۇم بار ،شۇڭا مەن ئەنىۋەرنى ئىزدەپ كەلگەن ، سىزمۇ ياخشى باركەنسىز ، ئەنىۋەردىن كىيىن سىزنى ئىزدەي دەپ تۇراتتىم ،كەچكە ھەمىمىز بىرگە ئولتۇرايلى ،-دىدى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ــ چاتاق يوق چۇقۇم كۆڭۇلۇك ئولتۇرشىمىز ،ـدىدى ئەنىۋەر گىدىيىپ
ـــ ھە ماقۇل ئەمىسە كەچتە تىلىفۇنلىشايلى ،،خۇش ئەمىسە ›-دەپ گۇلنۇر ئالدىراش كىتىپ قالدى ،نىجات بىلەن ئەنىۋەر گۇلنۇرنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ زىلۋا بۇيى ، يەڭگىل مېڭىشلىرىغا مەسىتخۇش بولغان ھالدا قاراپ قېلىشتى ، ئۇلار گۇلنۇرنىڭ قارىسى يۇتكۇچە قاراپ تۇرۇشتى ، كەچتە نىجات بىلەن ئەنىۋەر ئارقا –ئارقىدىن گۇلنۇرغا تىلىفۇن قىلدى ، گۇلنۇر ئۇلارنى « گۇلباغ رىستۇرانىغا» كىلىشىنى ئېتتى ،نىجات بىلەن ئەنىۋەر كىلىپ بولغان بولسىمۇ گۇلنۇر ھازىرغىچە كەلمەيۋاتاتتى ،ئۇلار ۋە يەنە بىر نەچچە بالىلار ئۇنى ساقلاپ تىتىت بولۇشقىچە تۇراتتى ، قاپقارا سۇرلۇك ، ئېسىل ماشىنا رىستۇراننىڭ ئالدىدا توختاپ گۇلنۇر بىلەن ئەكبەر ماشىندىن چۇشۇپ كەلدى ، ئەنىۋەر بىلەن نىجات بۇنى كۆرۇپ چىشلىرى كىرىشىپ تۇرسىمۇ زورىغا كۆلۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئۇلار بىلەن كۆرۇشكەندىن كىيىن ھەممەيلەن رىستۇرانغا كىرىشىپ ئورۇنلاشتى .
دىگەندەك بۇ ئولتۇرۇش باشلىنىشتىلا ناھايتى قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى ، قىز يىگىتلەر جۇپ جۇپ بولۇشۇپ چۆرگىلىشىپ ئوسۇل تانسا ئويناشتى ، بۇ قېتىملىق تانسدا نىجات بۇ قېتىم چۇقۇم گۇلنۇرنى تانسىغا تارتىمەن دىگەن ئۆمۇتتە ئولتۇراتتى ، ئەمما گۇلنۇر خىيالچان ئولتۇرغان ئەكبەرنىڭ قېشىغا كىلىپ «مېنى تانسىغا تاتمامسىز ئەپەندىم؟»دىگىنىچە چەل ئەللىكلەرنىڭ تانسىغا تارتىش ھەرىكىتىنى دوراپ ئۇنىڭغا قاراپ كۆلۇمسىرىدى ، ئەكبەر دەرۇ ئورنىدىن تۇرۇپ گۇلنۇر بىلەن تانسىغا چۇشتى ، نىجات بولسا باشقا بىر قىزنى تانسىغا تارتىپ ئويناشقا مەجبۇر بولدى ، ئۇ باشقا قىز بىلەن ئويناۋاتسىمۇ كۆزى گۇلنۇر بىلەن ئەكبەردە ئىدى ، ھازىر نىجاتنىڭ غەزىپى تېشىپ قانلىرى قايناۋاتاتتى ، ئەگەر ئۆزىنى سەل تۇتىۋالمىسا ھازىرلا بېرىپ ئەكبەرنى يەنجىۋەتكۇسى ، بۇغۇپ ئۆلتۇرۇپ قويغۇسى كىلەتتى ، ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەستە ھازىر بىردىن بىر ئامال بۇ مۇزىكىنىڭ تىزراق ئاخىرلىشىشنى ساقلاش ئىدى . مانا بۇ سورۇنمۇ ئەكبەر ، ئەنىۋەر ، نىجاتلارنىڭ بىر –بىرسىدىن قىزغىنىپ گۇلنۇرنى ئولتۇرغىلى قويماي تانسا ئۇسۇلغا تارتىش بىلەن ئاياغلاشتى ، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەتىسى نىجات گۇلنۇرغا تىلىفۇن بىرىپ ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ، گۇلنۇر بېرىش بارماسلىق توغىرسىدا كۆپ ئويلىنىپ ئاخىر بېرىشنى توغىرا تاپتى ھەم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، نىجاتنىڭ ئۆيى خېلىلا ھەشەمەتلىك بولۇپ ، بۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى گۇلنۇر ئۇخلاپ چۇشىدە كۆرۇشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتى ،
ـــ قانداق گۇلنۇر تۇنۇگۇنكى ھاردۇقىڭىز چىقىپتىمۇ ؟ـدىدى نىجات ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ
ـــ ئۇنداق كۆڭۇللۇك بەزمىدىمۇ چارچامدۇ كىشى ، پەقەتلا ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم
ــ ھە ئۇنداقتا بۇ شەنبە كۇنى مېھمان چاقىرغان سىزمۇ كىلەمسىز ئەمىسە
ـــ ئەلۋەتتە سىز ئاپىرىشنى خالىسىڭىزلا ...سىزدەك تۇز كۆڭۇل كىشىلەرگە يالغان ۋەدە بەرسەك بولمايدۇ ، ئۇنداق بولسا سىزگىمۇ سەت ،شۇنداقمۇ ؟
ــ توغىرا ئېتىڭىز ،ئەمما ئۇنداق سورۇنلادا مەن سىزدەك ئېچىلىپ كىتەلمەيدىكەنمەن
ـــ نىمىشقا؟ـدىدى گۇلنۇر كۆلۇپ
ـــ كۇندەشلىكىم تۇتۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ ،ـدىدى نىجات ئولۇغ كىچىك تىنىپ
ـــ چاقچاق قىلماڭە ، نىمىگە تۇتىدۇ ئۇ كۇندەشلىكىڭىز ...
ـــراسىت گۇلنۇر ، تۇنۇگۇن كىچىمۇ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە تىلىكىم ئەمەلگە ئېشىپ سىز بىلەن توي قىلىش شەرىپىگە ئىرىشىەلىسەممۇ كۇندەشلىك ئوتىدا كۇيۇپ كۇل بولۇپ كەتىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدىم ،ـدېدى نىجات ھەسرەتلىك كۆزلىرىنى گۇلنۇرغا تىكىپ .
ــ ئۇنداق دىمەڭە بىز شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىمىزغۇ، بىز مەڭگۇ مۇشۇنداق ياخىشى دوسىتلاردىن بولۇپ ئۆتۇپ كىتىمىز يەنە ئەنىۋەر ،ئەكبەرلەرمۇ ئوخشاش ھەمىمىز ياخشى دوسىت .. www.iz.la
نىجات ئەنىۋەر بىلەن ئەكبەرنىڭ ئىسىمنى ئاڭلاپ چىشلىرى كىرىشتى ، قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ،ئەمما جاندۇرمىدى .
ـــ ماڭا قاراڭ گۇلنۇر مەن بۇرۇنقىدەك ھەممىنى قەلبىمگە يۇشۇرۇپ يۇرسەم سىزنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قۇيىدىغان ئوخشايمەن ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئاڭلاۋاتامسىز ؟ مەن...-نىجات شۇنداق دىگىنىچە گۇلنۇرنى كاپپىدە قۇچاقلاپ ئۇنىڭ بۇيۇنلىرىغا لەۋلىرىگە سۆيۇشكە باشلىدى ، گۇلنۇر قارشىلىق قىلىپ بېقىپ كۇچ ئېلىشالمايدىغانلىقىنى بىلگىنىدە ئۇنى ئۆز مەيلىگە قۇيىۋېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى قوللاپ نىجاتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ، نىجات ئەسەبىيلەرچە سويۇشتىن بىردىنلا توختاپ ھاسىرغان ھالدا گۇلنۇرنىڭ مەڭزىدىن سىرغىپ چۇشكەن ياش تامچىسىنى كۆرۇپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى . ئىز تورى www.iz.la
ـــ مېنىڭ قۇپالىقىمنى كەچۇرۇڭ گۇلنۇر مەن ...مەن ئۆزۇمنى تۇتالماي قاپتىمەن ،ـدىدى نىجات يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ گۇلنۇرنىڭ ياشلىرىنى سۇرۇتكەن ــ ماقۇل دەڭ سۆيۇملۇك گۇلنۇر بىز توي قىلايلى ، بۇندىن كىيىن سىزنى ھەرگىز بۇنداق رەنجىتمەيمەن .
ــ مەن سىزدىن رەنجىمىدىم ، پەقەت مەندەك بىر قىزنى سىزدەك مەرد ، ئېغىر –بېسىق ، قەددى-قامەتلىك ، بايۋەتچە بىر يىگىتنىڭ شۇنچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۇشىگە ئىرىشەلىگىنىمدىن خۇشال بوپ يىغلاۋاتىمەن،ـدىدى گۇلنۇر يىغىدىن ئىسەدىگەن ھالدا
ـــ ئەمىسە ئىككىمىز توي قىلايلى ماقۇلمۇ ؟ـنىجات شادلىقتا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
گۇلنۇر بۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمىدى ، ماقۇل دىگۇسى بار ئىدىيۇ يەنە دىيەلمەتتى ، سەۋەبىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەتتى ،نىجات ئۇنى يەنە باغرىغا بېسىپ ئەسەبىيلەرچە سۆيۇشكە باشلىدى ، گۇلنۇرنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغۇدەك ماجالى قالمىغاندى ، ئۇ ئىككىسى سىرىلىپ كىرسلۇدا ياتتى ، مانا شۇ كۇنى گۇلنۇر قىز بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان قىممەتلىك نەرسە قىزلىق ئىپپىدىن ئايرىلدى ،ئەمما بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانچە ھار كەلمىگەندەك قىلاتتى ، ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۇرىۋەردى ، ئەمما ئۇنى نىجات كەمدىن كەم ئىزدەيدىغان بولۇپ قېلىشى ئۇنى سەل ئەندىشىگە سالسىمۇ يەنە بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە بىر ئىشتەكلا ھېس قىلاتتى ، كۇنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، بىر كۇنى گۇلنۇر بىر توي باغىقى تاپشۇرۋالدى ، بۇ نىجاتنىڭ توي باغىقى ئىدى ، ئۇ شۇ كۇنى كەچتە تازا بىر يىغلىۋالدى ، ئۆزىنىڭ نىجات تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ئەنە شۇ ۋاقىتتا بىلدى ، ئۇ نىجاتنى ئىزدىدى ئەمما نىجاتتىن كەلگەن جاۋاپ« ئاتا-ئانام مەجبۇرلاپ تۇرىۋالدى ، مەندىمۇ ئامال يوق مېنى كەچۇرۇڭ بولدى خالاس» ئىز تورى بەك ياخشى
گۇلنۇر شۇندىن كىيىن بىر مەزگىل ھېچ كىشى بىلەن ئالاقە قىلمىدى ، ھەر خىل ئايىغى ئۆزۇلمەس ئولتۇرۇشلارغىمۇ باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ بارمىدى ،ئەمما بۇگۇن ئۇ ئەكبەرنى ئىزدەپ ئۇنىڭ شىركىتىگە كەلدى ، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەكبەرنى ئىزدەپ بارماقچى بۇلىشىغا ئاخشام ئانىسىنىڭ دىگەن « يېزىدىكى بىر باي توغقىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۇزۇپ ، گۇلنۇرنى ئۆزلىرىگە بەرسە شۇ جايدىن چوڭ باغ ۋارانلىق ئۆي سېلىپ كۇچۇرۇپ كىلىمىز »دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقتىن بولسا كىرەك .
ـــ ۋاي ۋۇي بۇ چۆشۇممۇ ئوڭۇممۇ سىزنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى گۇلنۇر؟
گۇلنۇر ئەكبەرنىڭ شىركىتىگە تۇنجى كىلىشى ئىدى ، بۇندىن بۇرۇن پەقەت تىلىفۇنلىشىپ سىرىتلاردا كۆرىشەتتى ،ئۇلار سالام-سائەت قىلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئەكبەر دەم ئېلىش ئۆيىدىكى ئۇستەل ئۇستىنى ھەرخىل يەليىمىشلەر بىلەن تولدۇرۇپ گۇلنۇرنىڭ ئودۇلىغا كىلىپ ئولتۇردى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەقەت كۆز ئارقىلىقلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدىغان بىر قارىماققا مۇرەككەپ ۋە سىرلىق بىرقارىماققا قانداقلا چۇشەنسە بۇلىدىغان نەزەردە ئۇچۇرشۇپ قالدى گۇلنۇر سېھىرلىك كۆزلىرىنى ئەكبەرنىڭ كۆزلىرىدىن يۆتكىمەستىن چىرايلىق كۆلۇمسىردىكى بىردىنلا ئەكبەرنىڭ يۇرىكى توختاپ قالغاندەك بولۇپ بىر خىل ئىللىق ئېقىن ئۇنىڭ تاپىنىدىن شۇرىدە مىڭىسىگە قاراپ ئاقتى ...ئۇ ئىختىيارسىز گۇلنۇرنىڭ ئەتتىرگۇلدەك چېھرىگە ، تۇغىرىسى ئوتقاشتەك لەۋلىرىگە تىكىلگىنىچە قاتۇرۇپ قويغاندەك ئولتۇرۇپ قالدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۆيگۇ-مۇھەببەت ئۇچقۇنى يانغان كۆزلىرىگە گۇلنۇرنىڭ ئاشۇ ئەقىلنى ئازدۇرغۇچى لەۋلىرىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە كۆرۇنمەتتى ، ئەكبەرنىڭ روھى دۇنياسىدا پەقەت ئاجايىپ سىرلىق ، بىر خىل ئەسەبىي ئىستەك تەكرار-تەكرار ئورغۇپ بارغانچە كۆچۇيۇپ كىتىۋاتاتتى ... ئەكبەر خۇددى چۇش كۆرۇۋاتقان كىشىدەك مەقسەتسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ قالدى .گۇلنۇرنىڭ نازاكەتلىك سۆزلىرى ئەكبەرنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيۋاتاتتى ، ئۇ گۇلنۇرنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭقىرالمايۋاتقاندەك قىلاتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـــ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، مەن قايتايمىكىن ...
ـــ كەتمەڭ جېنىم ...ئەكبەر شۇ سۆزىنى تەكرارلىغىنىچە گۇلنۇرنى كاپپىدە قۇچاقلاپ پۇتۇن ھۇجۇدى بىلەن ئاچكۇزلەرچە سۆيۇپ كەتتى ، گۇلنۇر قارشىلىق قىلىپ باقتى لېكىن ئۇنىڭ ئاجىزغىنە قارشىلىقى ئەكبەرنىڭ غايىپتىن پەيدا بولغان تاغنى كۆتۇرۋەتكۇدەك كۇچ قۇۋۋىتىگە قانداقمۇ تەڭ كىلەلىسۇن ؟! ئۇلار مەھكەم قۇچاقلاشقان سۆيۇشكەن ھالدا ئاستا-ئاستا سۆرۇلۇپ كارۋات قېشىغا بېرىپ قالدى ئويلىمىغان يەردىن گۇلنۇرنىڭ پۇتى كارۋاتنىڭ گىرۋېكىگە تىگىپ ئىككەيلەن تەڭلا يېقىلدىدە گۇلنۇر ئەكبەرنىڭ ئاستىدا قالدى ئەكبەر بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ لەۋلىرىگە ، مەڭزىگە بۇيۇنلىرىغا سۆيسە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى،گۇلنۇر قارشىلىق كۆرسۇتۇپ باقتى ،ئەمما بۇ چاغدا ئۇمۇ ھېسىيات ئالدىدا ئاجىز كەلگەندى ، مانا بۇگۇن ئۇ يەنە بىر قېتىم يات جىنىس بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى ،ئەمما گۇلنۇر بىر ھەپتىدىن كىيىن ئەكبەرنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .
سالام قىممەتلىك گۇلنۇر:
خېلى كۇنلەر بوپ قالدى ، سىز كۇندە دىگۇدەك ماڭا تىلىفۇن بىرىپ ئۆزىڭىز بىلەن كۆرۇشۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىڭىزمۇ مەن بۇ تەلىپىڭىزنى ئورۇندىيالمىدىم ، قىسقىسى مەن ئۆزۇمنى سىزدىن قاچۇرۇپ يۇردۇم ، مانا بۇگۇن سىزگە خەت يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، راسىت مەن سىزنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىم ، شۇ كۇنلەردە سىزنى ھەر كۇنى بىر قېتىم ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۇشمىسەم ماڭا ياشىغاننىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلاتتىم ، مېنىڭ پانى ئالەمدىكى ئىزدىنىشلىرىم ، تىرىشىپ ئېگىلىك تىكلىشىم ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىم سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئىدى ،سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىرىشسەم ئۆزۇمنىڭ قانداق بوپ كىتىدىغانلىقىمنى ئۆزۇممۇ تەسەۋۇر قىلالماتتىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سۆيۇملۇك گۇلنۇر ئەگەر ئەبەدىيلىك پاك ئەقىدە باغلىغان قىز –يىگىت بىر ياستۇققا باش قۇيۇش ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا پۇتۇشۇش مۇھەببەت دىيىلىدىغان بولسا مەن كىچە –كۇندۇز ئارزۇ قىلغان مۇھەببەتكە ئىرىشتىم ، سىزنىڭ ھېجران ئازابىڭىزدا قېينىلىۋاتقان ۋاقتىمدا كۇنلەرنىڭ بىرىدە سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىرىشىپ قالسام خۇشاللىقتا يۇرۇكۇم يېرىلىپ كىتەرمۇ دەپ ئويلاتتىم ، بىراق مەن سىز بىلەن مېنىڭ ياتىقىمدا بىرىنچى قېتىم نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ھەر قانداق بىر ياشقا بىردەملىك فىزىئوگىيلىك شادلىقتىن كىيىن مەيۇسلۇك ، مەڭگۇلۇك ئازاپ ،ئۆمۇرلۇك ئۆكىنىش ۋە ھەسرەت-نادامەت ، قايغۇ ئەلەمدىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدىغان ھېلىقى ئىشىنى قىلغاندىن كىيىن مېنىڭ قەلبىم ۋىسالىغا يەتكەن ئاشىقنىڭ شاتلىقى ئەمەس،بەلكى ئوكۇنۇشكىمۇ ، مەمنۇنىيەتكىمۇ ، سۆيىنىشكىمۇ ، خاپىلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان زىددىيەتلىك چىگىش ، مۇرەككەپ خىياللار چىرىمىۋالدى، مەن بۇ چىگىش ، مۇرەككەپ خىيالنى ھەل قىلالماي تۇلىمۇ قىينالدىم،سىزنى ئىزدەپ بېرىپ سۆزلەشمەكچىمۇ بولدۇم ، بۇ مۇرەككەپ مەسىلىنى بىر قىز بالا ــ سىز بىلەن يۇز –تۇرانە سۆزلىشىش ماڭاــ بىر يىگىتكە نىسپەتەن مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدىم ، شۇڭا شۇ كۇنلەردە سىز بىلەن ئۇچۇرشىشىتىن ئۆزۇمنى قاچۇرۇپ يۇردۇم .
مەن بەك رومانتىك بوپ كەتتىمۇ ياكى ئۆزۇمگە بەك ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ مەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش بەخىتىلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئەر-خۇتۇننىڭ بىر –بىرىسىنى ياخشى كۆرىشى بىلەن بىرگە ھەر ئىككىلا تەرەپ ئەر-خۇتۇنلار بىر –بىرسىنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان ئادىمى بۇلىشى كىرەك دەپ قاراتتىم ، شۇنداق بولغاندا ئىككەيلەننىڭ ئېڭىدا ئاڭسىز ھالدىكى سېلىشتۇرۇشتىن پەيدا بولغان پەرىق تۇيغۇسى بولمايدۇ ، پەرىق تۇيغۇسىدىن ئىستىخلىك شەكىللەنگەن ئەرزىمەس ئىشلارنىڭ باھانىسى بىلەن بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىش ،بىر-بىرسىنى كەمسىتىش ،ئۆزى ھېس قىلغان بوشلۇقنى سىرىتتىن باشقىلاردىن تولدۇرۇشقا ئورۇنۇش، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكتەك پاجىئەلىك ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارىدىم ، مەن ...
ھەي ، مەن نىمىلەرنى دەپ كەتتىم ، سىز ئەقىلىق ، زىرەك قىز مېنىڭ سىزگە نىمە دىمەكچى بولغۇنۇمنى سىز چۇشۇنۇپ بولدىڭىز ، مەن تولىمۇ كىچىكىپتىمەن ، بىز كىچىكىپتۇق ، سىز ئاللا بۇرۇن باشقا بىرسىنىڭ بوپ بوپتىكەنسىز ، مەن كىچىكىپ قاپتىمەن گۇلنۇر .....
مېنى كەچۇرۇڭ ، سۆيۇملۇك گۇلنۇر سىزگە بەخىت تىلەيمەن ، مېنى ئونتۇپ كىتىڭ ، سىز يەنىلا سۆيۇملۇك .......
گۇلنۇر خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇن سېلىپ يىغلىۋەتتى ، ئۇ نىجات بىلەن بولغان شۇ تۇنجى قېتىملىق ئىشقا مانا ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتاتتى ، ئەمما ئۇ ئاللا بۇرۇن كىچىككەن ھەرقانچە يىغلىسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان بۇ ئىشلار يۇز بىرىپ بولغاندى ، ئەكبەرنىڭ ئۆزىدىن قېچىپ يۇرگەنلىكىدىن ئۇ ئاللا بۇرۇن بۇ ئىشنىڭ يۇز بىرىشىنى پەملەپ بولغاندى ، ئۇ شۇ كۇنلەردە تولىمۇ كەم سۆز بولۇپ قالدى ، بىرەرسى ئۇنىڭغا گەپ قىلمىسا ئۇ ھېچكىمگە گەپ قىلماتتى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھە دەپ يېزىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ بالىسىغا ماقۇل دىيىشكە ياكى بولمىسا ئوغۇل دوستى بولسا باشلاپ كىرىشكە قىستىشى گۇلنۇرنىڭ باش ئاغىرىقى بولۇپ قالغاندى ، ئۇ ئاخىرقى بىر ئۆمۇد ئەنىۋەرنى ئىزدەش قارارىغا كەلدى ، ئەنىۋەرنى ئىزدىگەن كۇن دەل يەكشەنبە كۇن بولۇپ ئەنىۋەرنىڭ سودىسى تازا ۋاش-ۋاش ئىدى .
ـــ گۇلنۇر توۋا سىزمۇ مېنى ئىزدەيدىكەنسىز ھە ؟
ـــ ئىزدىمەي ئەمىسە ئىككىمىز ياخشى دوسىتلاردىن تۇرساق ،ـدىدى گۇلنۇر كۆلۇپ
ـــ ھە...ئوغۇ شۇ ،ـ ئەنىۋەر قاقاقلاپ كۇلدى
ـــ سودىڭىز بەك ئالدىراشكەن كىلىڭ مەن ياردەملىشەي
ـــ سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ؟\
ـــ ۋاي ھېچقىسى يوق .... دىدى گۇلنۇر ھەم ئۇنىڭ سودىسىغا قارىشىپ قانداق بوپ كەچ بوپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى كەچ بولغاندا دۇكان تاقالدى ، گۇلنۇر بىلەن ئەنىۋەر دۇكاننى ئىچىدىن تاقاپ بۇگۇن سودا قىلغان پۇلنى سانىماقتا ئىدى
ـــ تۆت مىڭ يەتتە يۇز ، تۆت مىڭ سەككىز يۇز ، تۆتمىڭ توققۇز يۇز .. جەمئى ...بەش مىڭ ئىككى يۇز ئەللىك يۇەنگە سودا قىپتۇق بۇگۇن ،ـدىدى ئەنىۋەر ھارغىن چىرايىغا كۆلكە يۇگۇرتۇپ
ـــ ۋاي ۋۇي بىر كۇندە مېنىڭ نەچچە ئايلىق مائاشىمنى تاپىدىكەنسىزغۇ ،ـدىدى گۇلنۇر چاقچاق قىلىپ
ـــ ھە شۇ مۇشۇنداق ئىشلەپ كىيىنكى ئائىلەمنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرمىسەم بۇلامدۇ ؟
گۇلنۇر ئەنىۋەرنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرمىدى ، ئەنىۋەر گۇلنۇردىن كۆزىنى ئۆزمەي قاراتتى
ــ گۇلنۇر سىز نىمانچە چىرايلىق ....
ـــ قانداق دەيسىز ؟
ــــ مەن سىزگە دىسەم گۇلنۇر ، مەن سىز بىلەن توي قىلالىغان بولسام ئۆزۇمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ھېساپلار ئىدىم
گۇلنۇر بۇ گەپكىمۇ جاۋاپ بەرمەي يەرگە قاراپ مىيىقىدا كۆلۇپ قويدى ، بۇ چاغدا ئەنىۋەر گۇلنۇرنىڭ بارماقلىرىنى ئۆز قوللىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ سىلاپ تۇرۇپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـــ گۇلنۇر ماڭا تىگىڭ ماقۇلمۇ ؟ مەن سىزنى چۇقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم قىلىمەن
ـــ مېنى قانداق ئىشەندۇرىسىز... گۇلنۇر ئىللىققىنا كۆلۇمسىرەپ ئۇنىڭغا قارىدى
ـــ قانداق ئىشەندۇرسەم بۇلا ئەمدى سىزنى .....
ـــ ئىشەندۇرەلمىگەندىكىن ئارتۇق گەپ قىلماڭ ،ـدەپ گۇلنۇر ئۇنىڭ كاللىسغا بىرنى شاپىلاقلاپ قويدى
ـــ ھوي مانىڭ ئەسكىلىكىنى ،ئىككەيلەن شۇنداق چاقچاقلىشىپ قانداقسىگە بىر –بىرسىگە شۇنچە گىرەلىشىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالدى ، ئۇلار ئولۇغ –كىچىك تىناتتى ، بىر –بىرىسىنىڭ يۇرەك سۇقۇشى بىر-بىرسىگە بىلىنەتتى
ـــ مەن سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن گۇلنۇر ، بىز توي قىلايلى ماقۇلمۇ ؟
گۇلنۇر ئارتۇق گەپ قىلماي ئەنىۋەرنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، ئۇ مۇشۇنداق قۇچاقلىغانچە بارلىق غەملىرىنى تۇگىتىۋەتكۇسى ، ھەممىنى چۇشتىن ئويغانغاندەك ئۇنتۇپ كىتىشنى ئۆمۇد قىلاتتى ،ئەمما ئىش ئۇ ئويلىغاندەك چىقمىدى بۇگۇن مانا ئۇ ئۇچۇنچى يات جىنىس بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى ، ئەنە شۇ ئىشتىن كىيىن ئەنىۋەرمۇ ئۇنى ئىزدىمەس بولدى ، ئۇ ھازىر يەككە يىگانە قالغاندى ، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا بەكمۇ ئەلەم بولغاندى ، ئۇ يالغۇز قالسىلا يىغلاتتى ، كىملەردىندۇر ئاغىرناتتى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھە دەپ يېزىدىكى تۇغقىنىنىڭ گىپىنى قىلاتتى ، شەھەردە ئۆسكەن بۇ قىز قانداقمۇ ئۇ يېزىغا كۆنەلىسۇن كۇندۇم دىگەندىمۇ يېزىدا قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى بەكلا چوڭ بىلىدىغان تۇرسا كىيىن بۇ ئىش ئاشكارلىنىپ قالسا ئاتا-ئانىسى ئورۇق تۇغقانلىرى ئارىسىدا قانداقمۇ باش كۆتۇرۇپ يۇرەلىسۇن ، شۇڭا ئۇ قەتتى قۇشۇلماي كەلگەندى ، ئەمما ئۇ ئەنسىرگەن يەنە بىر ئىش يۇز بەردى ،ئۇ مۇشۇ يېقىندىن بىرى سەۋەپسىز قۇرۇق ھۆ بۇلىدىغان ، بېشى قايىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇ بۇ ئىشلاردىن قاتتىق چۇچىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدارىسىدىن بىر نەچچە كۇنلۇك رۇخسەت سوراپ يىراق بىر ناھىيەگە بېرىپ تەكشۇرتتى ، تەكشۇرتۇش نەتىجىسىدە ئۇنى ھامىلدار دەپ چىقاردى ، ئۇ يىغلىدى ، قاقشىدى ، ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى ،ئەمما بۇنداقلا ئۆلىۋالغۇسى كەلمىدى ،ئۇ بالىنى ھېچكىمگە بىلدۇرمەي چۇشۇرۋېتىشنى خىيالىغا پۇكتى ،ئەمما بۇ جايدىكى دوختۇرلار سىزنى بىز ئوپراتسىيە قىلالمايدىكەنمىز بالىنىڭ جايلىشىشى نۇرمال ئەمەسكەن دەپ يولغا سالدى ، ئۇ ئىلاجىسىز يەنە قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدى ،ئۇ بۇ شەھەردىكى قايسى دوختۇرخانىدا چۇشۇرسە ياخشى بۇلىدىغانلىقى توغىرسىدا كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى شەھەر سىرتىدىكى بىر شەخسى دوختۇرخانىغا كەلدى ، دوختۇرلار ئۇنى تەكشۇرگەندىن كىيىن ئەگەر بۇ بالىنى چۇشۇرۋەتسىڭىز بۇندىن كىيىن قايتا ھامىلدار بۇلالماسلىقىڭىز مۇمكىن دىگەن نەتىجىنى چىقاردى ، بۇ نەتىجىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ باشلىرى قايدى ، پۇتلىرى ھەر يان تايدى ، ئۇ ئۆزىنى ئاران –ئاران دىگەندە تۇتىۋېلىپ دوختۇرخانا ئالدىغا چىقتى ، كىممۇ ئويلىغان بۇ دوختۇرخانىنى قەيسەرنىڭ يېقىن دوستى ئاچقان بولۇپ قەيسەر بۇ جايغا كۆپ كىلەتتى ، مانا بۇگۇنمۇ ئۇ دوستىنى يوقلاپ كەلدى ، ئەمما ئىشىكتىن كىرمەيلا گۇلنۇرنى كۆرۇپ يۇرىكى قاتتىدە قىلىپ كەتتى ، چۇنكى گۇلنۇر ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىغان بولۇپ قالغاندى ، ئۇنىڭ قولىدىكى تەكشۇرۇش نەتىجىسى قەيسەرنىڭ كۆزىگە چېلىقتى ، ئۇ ئالدىراش دوستىنى ئىزدەپ گۇلنۇرنىڭ نىمە كىسەل ئىكەنلىكىنى سورىدى
ـــ نىمە كىسەل بۇلاتتى ، نۇمۇس قىلماسلىق كىسىلى
ـــ ۋاي ئاداش ئېنىق دىگىنە نىمە كىسەلكەن
ـــ توي قىلماي تۇرۇپ ھامىدار بوپ قاپتىكەن چۇشۇرۋېتىمەن دەپ كەپتۇ ، ئەمما تەلىيى كاجكەن ،ئۇ بالىنى چۇشۇرۋەتسە بۇندىن كىيىن ھامىلدار بۇلالمايدىكەن شۇڭا چىقىپ كەتتى .
قەيسەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ، ئۇ ھازىر نىمە قىلىشىنى ، نىمە دىيىشىنى بىلمەتتى ، ئۇ شۇ ھالەتتە بىردەم تۇرغاندىن كىيىن كەينىگە ئۆرۇلۇپلا يۇگۇرگەن پېتى چىقىپ كەتتى ، ئۇ شۇ چىقىنىچە شۇ ئەتراپنى كۆپ ئىزدەپ ئاخىرى گۇلنۇرنى تاپتى ، ئۇ ئادەمسىز تېنىچ جايدا ئادەمنى ئەزگۇدەك يىغلاپ ئولتۇراتتى ،قەيسەر بېرىپلا ئۇنىڭ مۇرىسىدىن تۇتتى ،گۇلنۇر بىر نەرسىدىن قوققاندەك ئورۇلۇپ كەينى تەرەپكە قاراپ قاتتىق چۇچۇپ كەتتى ، ئۇ ئالىقاچان قەيسەرنى ئونتۇپ قالغاندى ، ئۇنى بۇ جايدا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇچۇرتۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەندى ،گۇلنۇر قەيسەرنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن ھەممە ئىشىنى بىلىپ بولغانلىقىنى سەزدى .
ـــ مېنىڭ تاماشارىمنى كۆرگىلى كەپسىزدە تازا كۆرۇڭ ،ـدىدى گۇلنۇر ئاچچىق قىلىپ
گۇلنۇرنىڭ بۇ گىپىدىن قەيسەر گۇلنۇر تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك ئالدىدىكى گۇلنۇر بۇرۇن ئۆزى تۇنۇيدىغان ئۆمۇدۋار گۇلنۇر ئەمەستەك ھېس قىلىپ كەتتى
ـــ بۇ نىمە دىگىنىڭ گۇلنۇر ، مەن سېنىڭ تاماشارىڭنى كۆرەرمەنمۇ ؟
ـــ ئەمىسە نىمىگە كەلدىڭىز ؟
ـــ ساڭا ياردەم قىلغىلى كەلدىم ، مەن ياخشى كۆرگەن قىز بۇنداق خارلانماسلىقى كىرەك .
ــ ياخىشى كۆرىدىغان ، مېنىڭ نىمەمنى ياخشى كۆرىسىز ، مەينەت باسقان تىنىمنىمۇ ياكى ھارامدىن بولغان قۇرسۇقۇمدىكى بالىنىدۇ ئېيتىڭە نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ ئىز تورى بەك ياخشى
ـــ مەن سېنىڭ يۇرىڭىنى چىن قەلبىڭنى ياخشى كۆرىمەن ، بىلگىن گۇلنۇر ، ماڭا سېنىڭ تىنىڭ ياكى بىرەر مەنپەئەتىڭ ئەمەس چىن ئەقىدەڭ لازىم ، سەن بۇنى تا بۇگۇنگىچە چۇشەنمىدىڭ
گۇلنۇر قەيسەرگە قارىدى ،قەيسەرنىڭ قوي كۆزلىرى يالقۇنچاپ تۇراتتى ، گۇلنۇر شۇ تاپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ تازا بىر يىغلىۋالغۇسى كەلدىيۇ ئەمما ئۇنداق قىلمىدى ، قايسى يۇزى بىلەن يەنە قەيسەرگە گەپ قىلىدۇ ، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ .
ـــ گۇلنۇر بولدى قايغۇرما ، مەن سېنى ئالىمەن ، مەن سېنى ياخشى كۇرىمەن ..مەڭگۇ شۇنداق بولىدۇ .. مەن سېنى ياخشى كۇرۇىمەن گۇلنۇر
گۇلنۇر ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى ، قەيسەرنىڭ نىمىشقا ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق دەيدىغانلىقىغا ھەيرانلىق ھېس قىلماقتا ئىدى
ـــ گۇلنۇر ، قۇرسۇقۇڭدىكى بالا كىمنىڭ بولسۇن ، بۇندىن كىين ئۇنىڭ دادىسى مەن
ـــ ياق .. ئۇنداق دىمەڭ ، سىز ساراڭ بولدىڭىزمۇ ، مەندەك ئىپپىتىنى يۇقاتقان ،ئازغان بىر قىزنى يەنە ياخشى كۆرۇش كىتەمدۇ ، مەن ياخشى كۆرۇشكە ئەرزىمدىم
ـــ كاللاڭنى سىلكىۋەت گۇلنۇر ، مۇھەببەت ئويۇن ئەمەس ، بىرسىنى ياخشى كۆرۇش ھەرگىزمۇ ئۇ ئارقىلىق بىرەر مەنپەئەتكە ئىرىشىش ياكى ئۇنىڭ تىنىدىن پايدىلىنىش ئەمەس ، مەنمۇ ئۇنداق چاكىنىلاردىن ئەمەس ، سېنى ياخشى كۆردىممۇ سەن قانداق بولساڭ مەن شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ، بولدى ئارتۇق ئويلىما ، بىز توي قىلايلى ..
گۇلنۇر ئويلىنىپ قالدى قەيسەرنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ھېچ ئەقلى يەتمەيۋاتاتتى ، چۇنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ئاللا بۇرۇن پۇلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇشنى ئاساس قىلغان چاكىنا مۇھەببەت ئىدى، ھەقىقىي چىن مۇھەببەتنى ئۇ ئاللاقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندى ، گۇلنۇر ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، كىيىنكى كۇنلەردە قەيسەر ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالدى ، ئۇلارنىڭ تۇيى قەدىر ئەھۋال ئۆتكۇزۇپ بىرىلدى ، ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئىجىل –ئىناق ئۆتتى ، قەيسەر گۇلنۇرغا ئىنتايىن كۆيۇندى ، گۇلنۇر يەڭگىدى ، شۇ ۋاقىتتا قەيسەر بالىغا قاراپ خىيالغا چۆكتى ، بۇ بالا زادى كىمنىڭ نىجاتنىڭمۇ ، ئەكبەرنىڭمۇ ياكى ئەنىۋەرنىڭمۇ .....ياق بۇ بالا مېنىڭ دەيتتى ئۇ ، ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالماتتى ، بۇ بالا مەڭگۇ ئۇنىڭ قەلبىگە چۇشكەن ئۆچمەس داغ بوپ قالاتتى .
مەنبە؛ گۈلچى قىزلار بىلوگى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن