ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

ۋاقتى:2010-12-14 17:57مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەزىز ئەيسا
(ھىكايە)
كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ  ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقان بازارلىق باج پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىغى زىياۋدۇننى كۈرۈپ قالدىدە سۈيۈنگىنىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى خۇددى تۇمۇزدىكى چۇكا  مۇزدەك "شۇررىدە"ئىرىپ كەتتى. چۈنكى  سايىم سوق بۇ بازاردا پونكىت باشلىغى زىياۋدۇننى ئۈزىگە ئەڭ يېقىن ئادەم دەپ  ھىساپلايتتى ،ھەم بۇ يېقىنلىقتىن كۆپ مەنپئەتمۇ كۆردى ھەم كۆرمەكتە. شۇ سەۋەپتىن سايىم سوق  زىياۋدۇننى قەۋەتلا ھۆرمەتلەيتتى شۇنداقلا ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۈتۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى،نىمىشقادىسىڭىز ؟زىياۋدۇن بازار باشقۇرۇش، باج يىغىش  ئۈچۈن بازارغا چىقىپلا قالسا ھەممە ھۈنەرۋەن كاسىپ، قاسساپلارغا باژ،باشقۇرۇش ھۆججىتى  كىسىپ كىلىپ پەقەت سايىم سوققا  كەلگەندىلا كۆرمەسكە سالاتتى ،بۇ "ئىلتىپات"تىن بېشى كۆككە يەتكەن سايىم سوق زىياۋدۇن سوجاڭ بىلەن ئۈزى  ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى" تىلدىن "پەخىرلەگەن ھالدا ئەتراپرىكى  رىقابەتچىلىرىگە قاراپ ئاتايىن گېلىنى  قىرىپ تۇرۇپ بىر ئىككى قۇرۇق يۈتۈلۈپ قۇيۇش  بىلەن "ئاكاڭ قارىغاي مانا مۇشۇنداق ئادەم "دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلاتتى ۋە ۋاختىدا بىرەر پۇت،ھېچ بولمىغاندا

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئىككى ئۈچ جىڭ گۆش بىلەن زىياۋدۇننىڭ ئۈيىگە يوقلاپ كىرىپ زىياۋدۇندىن ئىبارەت شەپقەتچىسىنىڭ ئىلتىپاتىغا جاۋاپ قايتۇراتتى. شۇڭا سايىم سوق ھەردەم شۇنداق ئويلايتتى "دىمەك زاسوجاڭدەك شەپقەتچىم بولمىسا ماڭا  بۇ قاسساپ بازىرىدا بۇنچىلىك كۈننىڭ سېرىغى نەدە تۇرۇپتۇ؟"سايىم سوق كىتىۋېتىپ خىيال ئارىلاش ئۆز ئۈزىگە پىچىرلايتتى "زاسوجاڭدەك ئادەملە  بۇلىدىكەن مىنىڭ كۈنلىرىممۇ بۇنىڭدىن كىيىن كۈنسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ؟شۇڭا  زاسوجاڭغا قانچىلىك ھۆرمەت ،ئىززەت قىلسام ئەرزىيدۇ .قارىمامدىغان ئۈزى  بىر باشلىق تۇرۇپ ئاددى  كىشىلەر  قاتارى  ئىشەك يىتىلەپ يۈرگىنىنى؟ئەسلىدىنلا كىچىك پئېل،كەمتەر ،ئىشچان ئادەم بۇ ؟مۇشۇنداق ئىسىل سۈپەت  كەمتەرئادەم باشلىق بولسا ،مەرتىۋىسى قانچە كۈتۈرۈلسە ئەرزىيدۇ جۇمۇ  ؟ توغرا ئىسىم قۇرغۇر!ئالدىمىزدا  سايلام  بارغۇ ؟مانا مۇشۇ   چوڭ  سايلامدا ئۈزەم باش بۇلۇپ مەھەللىدىكىلەرنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئاۋاز  بەرگۈزۈپ مۇشۇ زا سوجاڭنى ئۈزەم بىرقوللۇق باشلىقلىققا كۆرسىتىمەن.."ئۆز خىيالى بىلەن بۇلۇپ زىياۋدۇننىڭ ئۇتتۇرىغا كىلىپ قالغان سايىم سوق ھاپىلا،شاپىلا ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر  ھۆرمىتىنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن زىياۋدۇنغا پۈكۈلۈپ تۈرۈپ چۈڭقۇر  سالام  بىجا كەلتۈردى .دەل  سايىم سوقنىڭ سالىمىغا ئۈلگۈرتۈپ زىياۋدۇن  يىتىلەپ كىتىپ بارغان يۇغان بوز  ئىشەكمۇ قاتتىق پۇشقۇرتۇپ بېشىنى  سىلكىشكە  باشلىدى .ئەمما كۈتۈلمىگەندە زاياۋدۇن سايىم سوقنىڭ سالىمىنى كۆرمەسكە سېلىپ پاختا خالتىسىدەك يۇغان قۇسۇغىنى تومپايتقىنىچە سايىم سوقنىڭ سالىمىنى پىسەنتىگىمۇ ئالماستىن ئالدىغا قاراپ كىتىۋەردى -ھى!ھى!...ھىى!ھى….سايىمنىڭ چىشاڭ ئوغلى كۆز ئالدىدا زاھىر بۇلىۋاتقان كۈلكۈلۈك كۈرۈنۈشلەردىن كۈلكىسى قىستاپ ئۆز دادىسىغا قاراپ كۈلۈشكە  باشلىدى. زىياۋدۇنغا بولغان خوشەمەت تاۋۇزى قولتۇغىدىن چۈشۈپ كىتىپ ئۆز بالىسىنىڭ ئالدىدا ئوسال بولغان سايىم سوق تىرىككەن ھالدا بالىسغا ئاچچىق قىلىشقا  باشلىدى -نىمە بولدى ؟نىمىگە كۈلىسەن  ھاراملىق !-سوجاڭنىڭ ئىشىگى سالام قىلغاننى  بىلىدىكەن ؟سىزگە سالام قايتۇرى ..شۇ  …شۇڭا ... كۈلدۈم -چوڭلارنىڭ ئىشىغا  سەپ  سالغىچە ئۈژمەڭنى يەپ يۇلۇڭغا ماڭ! بىلدىڭدۇ ھاراملىق !سايىم سوق ئوغلىغا كۈزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ خۇددى ھازىرلا دۇمبالايدىغاندەك غەزەپ بىلەن ئالايدىدە ،ئۆز غەزىۋىدىن قورقۇپ بەدەر تىكىۋەتكەن ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن  يۇلىغا  راۋان...(ئاپتۇر ئاقسۇ شەھەرلىك5- ئوتتۇرا مەكتەپتە )

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
83.3%
ناچار
(1)
16.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...

  • جاۋاپسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • ساڭا بەخىت تىلەيمەن

    بىلەمسەن گۈلۈمسىنى سېغىندىم،سىنى شۇنداق باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن لىكىن يېنىمدا سەن يوق ،سېغىنىشلىرىم تېىخىمۇ بەك ئەۋجىگە چىقىپ يۈركۈم كۈيىۋاتىدۇ ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇن كۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ سىنڭ ماڭا بەرگىنىڭ مانا بۇ مىنىڭ سىنىڭدىن ئېرىشكىنىم ، بۇ ئوت يۈركۈمن...

  • قىسىمەت دەرىخي

    ئىسەجان سۇلتان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىت...

  • ھەي... نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى ئالدىغا سېلىپ بالسى بىلەن بازارغا چىققان ئىكەن . بۇنى كۆرگەن يولۇچىلاردىن بىرى؛ (ئەخمەق قېرى، بالسىنى بولسىمۇ ئېشەككە مىنىدۈرۈپ قويسا بولماسمىدى) دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم دەرھال باكسىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ ، ئۆزى پى...

  • تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى

    قادىرنىياز ، توقسۇن ھوشۇر     بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ھىيلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. ئۇ ئولتۇرسا – قوپسا باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدىغان...

  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...