« پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

ۋاقتى:2010-12-15 15:23مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

 ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن.
  - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە.
  مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەرنى كۆمۈش، ئېچىش قاتارلىق ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا ياردەملىشىشكە پات - پات ئۆيىگە بېرىپ تۇراتتىم. بىراق، ھازىر باشلىق پارتىيە مەكتىپىگە ئۈچ ئايلىق ئوقۇشقا كەتكىلى خېلى بولدى، ئىش - كۈش چىقىدىغان مەزگىلمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خىزمەت ۋاقتى، باشلىقىمنىڭ بالىلىرى مەكتەپكە كەتكەن، ئۇ يالغۇز ئۆيگە مېنى نېمىشقا چاقىرغاندۇ؟ ئويلىغانچە خىياللىرىم چىگىشلىشىپ، قاناتلىنىپ، بىر خىل ۋەھىمە، ھاياجاندىن يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ۋېلسىپىتىمنى مىنىپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، كاللامدىن قانچە قوغلىغانچە غەيرىي خىياللار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئۇلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. «ئېھتىمال باشلىقنىڭ ئايالى يالغۇزلىقتىن زېرىكىپ مېنى چاقىرغان بولسىچۇ؟ بۇنداق ئىشلار كىتابلار، كىنولاردىمۇ كۆپ تەسۋىرلىنىدىغۇ؟ مەن ئىدارىدىكى بويتاق، ئۆزۈممۇ خېلى كېلىشكەن يىگىت، ئۇنىڭغا مېنڭىدىنمۇ مۇۋاپىق ئەرمەك تېپىلمايدۇ - دە؟». شۇئان كۆز ئالدىمدا باشلىقىمنىڭ خانىمىنىڭ بۇغداي ئۆڭ، كېلىشكەن، تولغان سىماسى زاھىر بولدى ۋە بىردىنلا قانلىرىم ئۇرغۇپ، تومۇرلىرىم كۆپۈشۈشكە باشلىدى. «ئەگەر شۇنداق تەلەپ قويسا قانداق قىلاي؟ باشلىقىمغا سادىق بولىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ مېنىڭ باشقا تاللاش يولۇم يوق، ئۇ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن مېنى بويسۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە مەنمۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقمايمەنمۇ؟ بىرىنچىدىن، مەن بويتاقچىلىقتا قاغىجىراپ تۇرغاندا، يېشى بىر ئاز چوڭ بولسىمۇ، تەجرىبىلىك، تولغان ئايالنىڭ باغرىدا جەننەت ھوزۇرىنى سۈرەلەيمەن، ئىككىنچىدىن، ئۇنى قارماق قىلىپ تۇرۇپ، باشلىقىمنى تىزگىنلەپ، ئىدارىدە مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمەن. توغرا، باشلىقىم ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. ئايالىنى ئوتتۇرىغا سېلىپ، يىللاردىن بۇيان تەستىقلانماي كېلىۋاتقان ئۇنۋان ئىشىمنى ھەل قىلىۋالسام، ياۋروپاغا ساياھەتكە چىقىش سانىنى قولغا كەلتۈرۈۋالسام، مائاشىمنى دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈش ئىشىنى بېجىرتىۋالسام... يەنە..يەنە... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  خىيال بولۇپ كېتىپ، باشلىقىمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى تۇيماي قاپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپلا بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ، «لاسسىدە» بولۇپ قالدىم ۋە ۋېلسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تاغدەك بىر دۆۋە كۆمۈر تۇراتتى، باشلىق خانىم تاقەتسىزلىق ئىچىدە مېنى كۈتۈۋاتاتتى.
  - تۇيۇقسىز كۆمۈر كېلىپ قالدى، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئاكىڭىز يوق، ئىشخانىدىكىلىرىڭىزنى چاقىرسىڭىزمۇ مەيلى، كەچكىچە ئۆيگە توشۇۋېتەرسىز، مەن ئىشقا كەتتىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
  باشلىق خانىم شۇنداق دېگىنىچە، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ قويۇپ، تاقىلداپ مېڭىپ كېتىپ قالدى.
  نېگىردەك قاراقۇرا بولۇپ كەتكەن چىرايىمنى، پۇرۇلداپ قۇيۇلۇۋاتقان تەرلىرىمنى سۈرتۈشكىمۇ ھەپسىلەم يوق، ئېغىر كۆمۈر قاچىلانغان سېۋەتنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىمچە دەلدەڭشىپ مېڭىپ، باشلىقىمنىڭ كۆمۈرخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىمەن، خىيالىمدىن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى دائىم مەلىكىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش خام خىيالىنى سۈرىدىغان پادىشاھنىڭ قويچىسى، «پادىچى تاز» كەچمەكتە ئىدى...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
50%
ناچار
(2)
50%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...

  • جاۋاپسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • ساڭا بەخىت تىلەيمەن

    بىلەمسەن گۈلۈمسىنى سېغىندىم،سىنى شۇنداق باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن لىكىن يېنىمدا سەن يوق ،سېغىنىشلىرىم تېىخىمۇ بەك ئەۋجىگە چىقىپ يۈركۈم كۈيىۋاتىدۇ ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇن كۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ سىنڭ ماڭا بەرگىنىڭ مانا بۇ مىنىڭ سىنىڭدىن ئېرىشكىنىم ، بۇ ئوت يۈركۈمن...

  • قىسىمەت دەرىخي

    ئىسەجان سۇلتان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىت...

  • ھەي... نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى ئالدىغا سېلىپ بالسى بىلەن بازارغا چىققان ئىكەن . بۇنى كۆرگەن يولۇچىلاردىن بىرى؛ (ئەخمەق قېرى، بالسىنى بولسىمۇ ئېشەككە مىنىدۈرۈپ قويسا بولماسمىدى) دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم دەرھال باكسىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ ، ئۆزى پى...

  • تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى

    قادىرنىياز ، توقسۇن ھوشۇر     بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ھىيلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. ئۇ ئولتۇرسا – قوپسا باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدىغان...

  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...