ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز

ۋاقتى:2010-06-26 20:49مەنبە: يوللىغۇچى: يۇلۇچى چېكىلىشى:قىتىم
  
ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز

ئاپتورى : شۇ شىن

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىر مەھەللىدە گۈلشەن ئىسىملىك كېلىشكەن، ئەمما بەختسىز بىر ئۇيغۇر ئايال ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئېرى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، گۈلشەننىڭ ئائىلىسىدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنېمە قالمايدۇ. ئۇ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، ئۇ كۈنىنى ئاران كۈن ئېتىپ كېتىۋاتقان چاغدا، ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئايال تاشلىۋەتكەن بىر قىز بوۋاقنى تېپىۋالىدۇ. گۈلشەن ئۈچ بالىسى بىلەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئېرىنىڭ ئۆلۈمى

ئىز تورى بەك ياخشى

گۈلشەن 1995 _ يىلى ساددا قادىرغا ياتلىق بولغان چاغدا، تويى بولىدىغان قىزلار ئادەتتە ئېلىپ ماڭىدىغان قىز مېلىنىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ئىلكىدە بىر قورۇ جايمۇ بار ئىدى. تويدىن كېيىن، گۈلشەننىڭ ئېرى قادىر ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كاۋاپچىلىق قىلدى، دەسلەپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئىناق ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى دۇنياغا كېلىپ، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، گۈلشەن ئېرىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئېرىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يىغىپ كېلىۋاتقان پۇلى قاق پاكىز تۈگىدى. گۈلشەن 2 _ ئوغلىغا ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە، قادىر ئائىلىدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىنى ۋە ئىككى قورۇ جاينى زەھەرگە تېگىشىپ بولغانىدى...

www.iz.la


قادىر 2000 _ يىلى كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە گۈلشەنباغدىكى قەبرىستانلىقتا ئۆلۈپ قالدى، خەقلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى بايقىغان چاغدا، زەھەر ئوكۇل قىلىدىغان شپىرىس ئۇنىڭ بىلىكىدە ئېسىقلىق تۇراتتى.
شۇ چاغدا گۈلشەن 2 _ ئوغلىنى يېڭىلا تۇغقان بولۇپ، قىرقى تېخى توشمىغانىدى، چوڭ ئوغلى بولسا، ئاران تۆت ياشتا ئىدى.
گۈلشەننىڭ ئاغرىقچان ۋە ياشىنىپ قالغان ئاتا _ ئانىسى قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قايغۇ _ ئەلەم دەستىدىن كەينى _ كەينىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. گۈلشەن ھېچ ئىلاج قىلالماي، ئاخىر يىراق بىرنەۋرە ھەدىسىگە دەردىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى، ھەدىسى ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ھويلىدىكى بىر كىچىك ئامبارنى گۈلشەن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئولتۇرۇشىغا بوشىتىپ بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گۈلشەننىڭ ئىشلەيدىغان ئىشى بولمىغاچقا، كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى، ئەمما، بالىلىرىنى باقمىسا بولمايتتى. ئۇرۇق _ تۇغقان، دوست _ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا بىر مەھەل ياردەم بەردى. بىراق، قەيسەر ئايال گۈلشەن خەقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كۈن ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق بالىلىرىنى بېقىشقا كىرىشتى، ئۇ مۇشۇنداق جاپا _ مۇشەققەتلىك ئەمگىكى ئارقىلىق بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


تاشلىۋېتىلگەن قىز

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2002 _ يىلى ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى گۈلشەن ئادىتى بويىچە قاق سەھەردە ئۆيدىن چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ يولدا كېتىۋاتقىنىدا، يان كوچىنىڭ بېشىدىكى تام تۈۋىدىن چىققان بوۋاقنىڭ نازۇك يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. گۈلشەن ئاۋاز چىققان يەرگە ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ قارىسا، تام تۈۋىدە بىر بوغچا تۇرغان، ئۇ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوغچىنى ئاۋايلاپ يەشتى، دەرۋەقە، بوغچىدا ئانىسىنىڭ ئېمىتىشىگە تەشنا بولغان بىر قىز بوۋاق ياتاتتى.
بوۋاقنىڭ ھال رەڭ يۇمران يۈزىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق ۋاقىت بولمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، بوۋاق توختىماي يىغلاپ، گۈلشەنگە تەلمۈرۈپ قارايتتى. »بالىنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ!« گۈلشەن ئىچى ئاغرىپ بوۋاقنى كۆتۈرۈۋالدى _ دە، شۇ يەردە بىر ھازا ساقلاپ تۇردى، لېكىن، مۇنچە ئەتىگەندە بىر كىمنىڭ ئۆيىدىن چىقىشى ناتايىن ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بوۋاقنىڭ توختىماي يىغلىشى بۇ ئانىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشقا باشلىدى، گۈلشەن چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا، ئاۋۋال بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزاي، ئاندىن كېيىن بېقىۋالىدىغانلارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى سوراپ كۆرەي، دېگەن خىيال كەلدى.
ئۆيدە سۈت پاراشوكى يوق ئىدى، ئۇ چېنىگە سۇ قۇيۇپ، شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بال قوقوشۇق بىلەن بوۋاققا ئاز _ ئازدىن ئىچۈردى، بىچارە بوۋاق مۇشۇ ئازراق تاتلىق سۇنى ئىچىپلا يىغلاشتىن توختىدى. كېيىن گۈلشەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بوۋاقنىڭ تار كوچىنىڭ بېشىدىكى سالامئاينىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى.
سالامئاينىڭ ئېرى زەھەر چېكىپ ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغاچقا، بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن، سالامئاي ھامىلىدار مەزگىلىدە، يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئېنىقلىغانىكەن. ئۇ شۇ چاغدا "بوشانمىسام بولمايدۇ" دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانىكەن، كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلىشىپ، بالىنى بېقىش ئىمكانىيىتى يار بەرمەي قالغان، شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بوۋاقنى كوچىنىڭ بېشىغا تاشلاپ قويۇپ، ئىز _ دېرەكسىز غايىپ بولغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

گۈلشەن بوۋاقنى ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن باقتى، ئۇ تېخىچىلا بۇ بوۋاقنى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بىرەر ئائىلىنىڭ بېقىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بىرنەچچە ئائىلىدىن سوراپ كۆردى، ئەمما ئۇلار بۇ بوۋاقنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئايالنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىشى ھامان بېقىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. "بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈڭ بېقىۋال!" دەپ تاپا _ تەنە قىلغۇچىلارمۇ بولدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۆيدە بىر جان كۆپەيگەندىن كېيىن

ئىز تورى بەك ياخشى

گۈلشەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بوۋاقنى بېقىۋالغانلىق ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك ئىش بولدى. گۈلشەن ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق بېقىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ ئوغلى مەكتەپتە ئوقۇش يېشىغا كېلىپ قالغانىدى. بىراق، ھېلىقى يېتىم قىزنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ بوۋاقنىڭ ئۆلۈك _ تىرىكى بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ _ دە.
بۇ بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغانىدى، شۇڭا بۇ بىچارە قىزغا سۈت پاراشوكى بېرىشكە توغرا كېلەتتى. گۈلشەننىڭغۇ مۇشۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى، بىراق بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇشمۇ تەسكە توختاۋاتاتتى. كۆپ يىللاردىن بېرى، مەيلى ھېيت _ بايرامدا ياكى تۇغۇلغان كۈندە بولسۇن، گۈلشەننىڭ بالىلىرى تويغۇدەك گۆشلۈك غىزاغا يېتىشەلمەي، يېڭى كىيىم كىيەلمەي كېلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەر ئۇرۇق _ تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىغا كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملەر ئىدى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

گۈلشەن ئۇنداق ھېسابلاپمۇ، مۇنداق ھېسابلاپمۇ چىقىمنى قاپلىغۇدەك كىرىمنىڭ ئورنىنى قىلالمىدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ، شۇ ئايلىق يېمەك _ ئىچمەككە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ كۆپ قىسمىنى سۈت پاراشوكى، شېكەر ۋە ئېمىزگە بوتۇلكا سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلدى. شۇ ئايدا گۈلشەن ۋە بالىلىرى سويۇقئاش ئىچىپ، نان يەپ كۈن ئۆتكۈزدى.
ئۇ ھەر قېتىم بوۋاققا سۈت پاراشوكىنى بېرىدىغان چاغدا، ئۇنىڭدىن چىققان خۇش پۇراق گۈلشەننىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. گۈلشەن بالىلىرىنىڭ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، ئىچى ئېچىشىپ كېتەتتى، بىراق ئۇ يەنىلا تاقەت قىلىپ، بالىلىرىغا بىر قوشۇقتىن بېرىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. ئۇنىڭ 2 _ ئوغلى شۇ چاغدا ئىككى ياشتىن سەل ئاشقانىدى. گۈلشەن بالىسىنىڭ ھەر قېتىم بىر ئوتلام سۈت پاراشوكىنى ئىچكەندىن كېيىنكى تۇرقىغا قارىغىنىدا، يۈرىكى لەختە _ لەختە قان بولاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلشەن بېقىۋالغان بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتتى، بوۋاققا سۇ ئىچۈرسىمۇ، سوغۇق ئۆتكۈزسىمۇ كار قىلمىدى. قارىغاندا، بوۋاق سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى. گۈلشەن ئىچى تىتىلداپ پايپېتەك بولۇپ كەتتى: ئۇ بوۋاقنى داۋالىتىدىغانغا پۇلنىڭ ئىلاجىنى قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئامالسىز قېلىپ، نەۋرە ھەدىسىگە ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلاردىن پۇل سورىشى ئىدى. ئۇ نەۋرە ھەدىسىگە:
- پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن، — دېدى.
نەۋرە ھەدىسى گۈلشەننىڭ بۇ يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشقانلىقىغا باشتىن تارتىپلا قارشى ئىدى، ئۆزى مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئادەم تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ كۆپ يۈكنى زىممىسىگە قانداقمۇ ئالالايدۇ؟ نەۋرە ھەدىسى ئەينى ۋاقىتتا گۈلشەنگە تېخىمۇ كۆپ پېشكەللىكنىڭ كېيىن كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتقانىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەمما، ئەمەلىيەتتە نەۋرە ھەدىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى، ئۇنىڭ جاپا _ مۇشەققەت چېكىشىگە قاراپ تۇرالمايتتى. نەۋرە ھەدىسى بۇ دورام گۈلشەننى بىر دەم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇردى.
گۈلشەن پۇلنى ئېلىپلا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا باردى، دوختۇرنىڭ گېپىچە، سەللا كېچىكىپ كەلگەن بولسا، بوۋاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايتتىكەن.
بوۋاق كېسەلخانىدا ئۈچ كۈن ياتتى، ئۈچ كۈن ئاسما ئوكۇل سېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلۈم گىردابىدىن ئاخىر قايتىپ كەلدى. بوۋاق ساقايغاندىن كېيىن، گۈلشەن ھەر كۈنى ئۆيدىن تېخىمۇ بالدۇر چىقىپ، كەچ قايتىدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۇلنى تېخىمۇ تېجەپ ئىشلىتىدىغان بولدى، ئۇ نەۋرە ھەدىسىدىن قەرز ئالغان پۇلنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىككى ئاي ئىچىدە تولۇق قايتۇردى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۈزۈلمەس رىشتە

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئەمما، "ئىقتىسادىي كرىزىس" ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن يەنىلا قايتا _ قايتا يۈز بەردى، گۈلشەن بوۋاقنى بىرنەچچە قېتىم تېپىۋالغان ئورنىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى.
باش قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى گۈلشەن بوۋاقنىڭ قورسىقىنى ئوبدان تويغۇزۇپ، پاكىز كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئاستىغا پاكىز سۈيدۈك لاتىسىنى قويۇپ، كۆرپىسىگە چىڭ ئورىدى، ئۇ بوۋاقنى تېپىۋالغان ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇش قارارىغا كەلگەنىدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئېغىر ئەھۋالدا قالغاچقا، بىر ئاخشام ئىدىيىۋى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنداق قارارغا كەلگەنىدى.
ئۇ ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، يۈزىنى بوۋاقنىڭ يۈزىگە تەگكۈزۈپ، ئۇنى سۆيۈپ تۇرۇپ:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

— بەلكىم سىزگە ھاللىقراق بىر ئائىلە ئۇچراپ قالار، ئۇ چاغدا كۈنىڭىز بۇ يەردىكىدىن ياخشى ئۆتىدۇ، — دېدى. بوۋاق پاك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىدى، بوۋاققا ئۆزىنىڭ نامەلۇم دۇنياغا يەنە قايتىپ بارىدىغانلىقى ئايان ئەمەس ئىدى، ئۇ گۈلشەننىڭ تونۇش چىرايىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى ئېچىپ كۈلۈۋاتاتتى.
گۈلشەنگە بۇ ھال يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك تۇيۇلدى، ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان پېتى بوۋاقنى يان كوچا ئاغزىغا ئاپىرىپ قويدى.
گۈلشەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەمتىرەپ يۈردى، ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. بىراق، ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئىرادىسى پۇت _ قولىنى چۈشەپ تۇرۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بوۋاققا بولغان ئەنسىرىشى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدى، ئۇ كىمدۇر بىرىنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنداقلا كىمدۇر بىرىنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشىدىنمۇ قورقاتتى، ئۇنىڭ قەلبى قاتتىق زىددىيەت ئىچىدە قالغانىدى. ئارىدىن بىر سائەت، ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى... ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر بىر مىنۇت گۈلشەنگە تولىمۇ ئۇزاق بىلىنمەكتە ئىدى، ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندە، گۈلشەن ئۆزىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى _ دە، ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ شۇ تاپتا بوۋاقنىڭ ئۇ يەردە يوق بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى. www.iz.la
ئۇ يان كوچا ئاغزىغا بارماي تۇرۇپلا، قۇلىقىغا بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشال بولدى ۋە ئىچى سىيرىلىپ كەتتى _ دە، ئۇچقاندەك بېرىپ بوۋاقنى باغرىغا باستى. بوۋاقنىڭ تولا يىغلاپ ھېچ ھالى قالمىغانىدى. گۈلشەن بوۋاقنىڭ يېنىدا بىر خالتا سۈر پاراشوكى، بىر بوتۇلكا تازىلانغان سۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، يۆگەكنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە 01 يۈئەن پۇل چىقتى.
باشقىلارنىڭ بۇ بوۋاققا رەھىمى كەلگەنلىكى، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئۇنى بېقىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقى گۈلشەنگە ئايان بولدى. ئۇ خىجىللىق ئىلكىدە بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قايتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كېيىن، گۈلشەن يەنە ھېچ ئىلاج قىلالماي بوۋاقنى يان كوچا ئاغزىغا ئىككى قېتىم ئاپىرىپ قويدى، ئەمما، ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتەر _ ئۆتمەيلا ئۇنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالدى. ئۇ كېيىنكى ئىككى قېتىمدا بوۋاق ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھېسسىيات جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن بوۋاقنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا "بۇ دېگەن قازانغا بىر چۆمۈچ سۇنى ئارتۇق قۇيۇش، ئۆزۈم غىزانى بىرنەچچە ئوتلام ئاز يېيىش بىلەن پۈتىدىغان ئىشقۇ" دېگەن خىيال كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە، بۇ بىگۇناھ قىزغا بارغانسېرى ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قىز بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، گۈلشەن سالامئاينىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بىچارە قىزدىن ئىككىنچى ئايرىلماسلىققا بەل باغلىدى. گۈلشەن بۇ قىزغا »نۇرنىسا« دېگەن يېقىملىق ئىسىم قويدى.

ئىز تورى www.iz.la


ئانا مېھرى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى شەھەردىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۈلشەنگە ھەم خۇشاللىق، ھەم كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلدى.
ئۇنى خوشال قىلغان ئىش ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە نۇرنىسانىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى بولدى، ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىش ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقى بولدى.
گۈلشەنگە بۇ خەۋەر خۇددى بېشىغا چاقماق چۈشكەندەك بىلىندى، ئۇ ئېرى زەھەرنىڭ كاساپىتىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان چاغدا، ئۆزىگە ھەمىشە ئەگىشىپ يۈرىدىغان ئەزرائىلنى قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغا زادىلا كەلتۈرمىگەنىدى. ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن گۈلشەن بۇ كەمتۈك ئائىلىنىڭ بارلىقى ئىدى، ئۇنىڭ قولىغا قاراشلىق ئۈچ بالىدىن چوڭ ئوغلى يەتتە ياشقا، كىچىك ئوغلى بەش ياشقا، نۇرنىسا بولسا، ئاران ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
گۈلشەن يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىن چىقىپ، ئادەم يوق يەرگە يۈگۈرۈپ بېرىپ ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى:
گۈلشەن پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە، ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىغان كەلگۈسىنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن غەم _ قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىغا بولمايتتى، بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا، بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. چوڭ ئوغلىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتى بولغانىدى، گۈلشەن ئۇنىڭ بىلىملىك ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. تەلىيىگە يارىشا، گۈلشەن يەنە سەككىز _ توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن، ئۇ چاغقا بارغاندا، چوڭ ئوغلى 15_ 16 ياشقا كىرىپ، ئىنىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولاتتى. گۈلشەننىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بالىلىرى ئۈچۈن كۆپرەك پۇل غەملەش، ئۇلارغا قەيسەر بولۇشنى، قىيىنچىلىق ئىچىد قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
گۈلشەن ئەسلىدە قەيسەر، خۇشخۇي ئايال ئىدى. ئۇ ئېرى ۋاپات بولغاندا، ھېچنېمىسى يوق ئائىلە ئالدىدا قەيسەر بولۇش يولىنى تاللىۋالغانىدى، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئالدىدا يەنىلا قەيسەر بولۇش يولىنى تاللىۋالدى.
يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەر ۋە مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئىلھام ۋە تەسەللى بەرگىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭدىن ئەنسىرىمەڭلار، مەن بىر كۈن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بىر كۈن بەرداشلىق بېرىمەن، بالىلىرىم ئالدىدا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا ھاياتنى قەدىرلەشنى چۈشەندۈرىمەن، ئۇلارغا ئانىلىق مېھرىمنى بەخش ئېتىمەن. ئىز تورى www.iz.la
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن خۇددى باشقىلارغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك مەنە چىقاتتى.
گۈلشەننىڭ قەيسەر ۋە ئۈمىدۋار تۇرمۇش پوزىتسىيىسى يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، بۇ ئائىلە يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىنىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇ پونكىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن گۈلشەننى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويدى ھەمدە مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن گۈلشەنگە ئېيىغا 002 يۈئەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ھەل قىلىپ بەردى.
غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى ئەيدىز كېسىلى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۈپىڭ مۇنداق دەيدۇ:

www.iz.la

-بۇ يەردە ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما، گۈلشەنگە ئوخشاش كېسەلگە ۋە رېئاللىققا قەيسەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كەم تېپىلىدۇ.
2005 _ يىل 5 _ ئايدا شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش يۈزىسىدىن ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان قەيسەر ۋە مۇستەقىل ئىش كۆرگۈچى گۈلشەننى زىيارەت قىلدى. گۈلشەننىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتنىڭ مەنبەسى زەھەر بولغاچقا، ئۇ زەھەرگە چىش _ تىرنىقى بىلەن ئۆچ ئىدى، شۇڭا ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتقا ماسلاشتى.
ھازىر گۈلشەن پات _ پات بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئەيدىز كېسىلىگە ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى ئۇنىڭ ئورگانىزمىدا ئاستا _ ئاستا كۆرۈلمەكتە ئىدى. يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى ئۇنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش ئۈمىدىدە ئۇنى پائال قۇتقۇزماقتا. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
گۈلشەن خۇددى بىپايان چۆل _ جەزىرىدە ئۆسىدىغان چىغقا ئوخشاش، ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا قەيسەرلىك بىلەن ياشىما؛قتا. ئۇ ھاياتىغا كەلگەن بۇ بالايىئاپەت داۋامىدا ئۆزىلا تىرىشىپ _ تىرمىشىۋاتقىنى يوق، ئۇ بۇ تىرىشىش _ تىرمىشىش داۋامىدا باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھرىنى ئاتا قىلىشنى، بولۇپمۇ يېتىم قىز نۇرنىساغا مېھرىنى ئاتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئىز تورى www.iz.la

مەنبە   گۈلستان  تورى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(87)
94.6%
ناچار
(5)
5.4%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...