نان قېپى

ۋاقتى:2011-11-24 11:50مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن «پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم» دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا «ھۇ نان قېپى، كارغا يارىماس» دېگەنلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام، خەپ ...
  ****
  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈندە مايلاپ تارىلىدىغان چېچىم ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تارغاق كۆرىدىغان بولدى. پىچاق تىغىدەك تىك قىرلانغان ئىشتىنىمنىڭ تىزى بۆكتەك پۇسكۇيۇپ چىقتى. توپا قونمايدىغان پارقىراق ئايىقىم «ماي» دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئەمدىلىكتە رەڭگىنىمۇ تونۇغىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتقا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان قىزلارنىڭمۇ رايى يېنىپ، ھازىر ئۇلار بىردىن بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. تەڭتۈشلىرىم بولسا، «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشىپ بولدى. كىچىكلەر مېنى «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قېرى يىگىت» دېيىشىپ، قارىماستىن ئۆتۈپ كېتىشتى. ئۆيدىمۇ مېھمانلىنىپ - چىمانلىپ بولدۇم. ئانامنىڭ قىز مېلىنىمۇ ساتتۇرۇپ پۈتۈن ئائىلىنى قاقسەنەم قىلىۋەتكەن تۇرسام، ئۆيۈمدىكىلەرگە قايسى يۈزۈم بىلەن قاراپ، قايسى ئېغىزىم بىلەن نېمىمۇ دەيمەن؟ لېكىن ئامال يوق، بەرگەننى يەپ تۇردۇم (كۆڭلۈمدە يېمەكچى بولغانلىرىمنى يېيەلمىسەممۇ). ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل مەخسۇس تارىخ ئوقۇدۇم. ئۇيغۇرنىڭ دەمدۇ، جۇڭگونىڭ دەمدۇ، چەت ئەلنىڭ دەمدۇ، قەدىمقىنى دەمدۇ، يېقىنقىنى دەمدۇ ... قوغۇرسۇر ئالتۇندىن تارتىپ كۇڭ زى، ئەپلاتۇنغىچە بىلمەيدىغىنىم يوق. ئالتۇن دەۋر، قانلىق يىللار ... ھازىرچە بىرى مەندىن سوراپمۇ قويمىدى، سورايدىغان بولسا، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شارىلداپ ئاققان سۇدەك راۋان دەپ بېرەتتىم. قورسىقىمدا باشقىلارغا ئوخشاش يېگەن ئاش - ناندىن باشقا بىلىم دېگەن تولۇپ يېتىپتۇ. سەھرايى قىيامەتنىڭ ئادەملىرى كور، نادان، ئۇ خەق ئالتۇننىڭ قەدرىنى نېمە بىلسۇن؟ ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ. مەن مۇنداق قالمايمەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
  كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. ئۈمىدىم كۆپۈككە، زېرىكىش - تېرىكىشكە ئالماشتى. مۇنداق يېتىۋەرسەم بولمايدىكەن. يەۋەرسەم ئۇيۇلىدىكەنمەن. يېمىسەم ئۆلىدىكەنمەن. بىلگەن «تارىخ»ىم بىلەن نېمە قىلالايتتىم؟
  دادامغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلماقچى بولدۇم. 16 يىل ئوقۇپ كەتمەن دېگەندىنمۇ چىقىپ قاپتىمەن. قوللىرىم قاپىرىپ، بەللىرىم سىرقىراپ بولالماي قالدىم. ئىنىمنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە ياردەملەشمەكچى بولۇپ باردىم - يۇ، توقماق بىلەن بىرنى قويۇپ، سول قولۇمنى خېلى قاتتىق سوقۇۋالدىم.

www.iz.la


  ماشىنا ئېلىپ كىراكەشلىك قىلىشنى ئويلىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا پۇل نەدە؟ ماگىستىرلىق كىنىشكام ماشىنا ھەيدەشكە ئەسقاتمايدۇ.
  باققالغا قاراپ باقتىم، ياماقچىغا قاراپ باقتىم، مەن بىر باكالاۋر، ئۇنداق ئىشلارنى قىلسام قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭدىنمۇ رايىم ياندى. بازار كۈنى كوچىدا ساپايە سوقۇپ «ھەق ئاللا» دەۋاتقان سائىلغا قاراپ ھەيران قالدىم: ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق، سۆزلىرى يېقىملىق، يۈرەكنى ئېزىدۇ. ئۇنىڭ خالتىسى توشاي دەپ قالغان، قاپقارا قاتاڭغۇر قولىدا بىر تۇتام پۇل. ئۇنىڭغا نان، پۇل، مېۋە … ئىشقىلىپ ئۈسكەندىن چۈشكەن ئۈگۈتتەك ئۈزۈلمەي كېلىپلا تۇرىدۇ. ئۇ نېمە دېگەن تەلەيلىك ھەم بەختلىك؟ مەن ئەدناسى شۇ ساپايىنىمۇ سوقالمايمەن - دە! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  16 يىللىق ئۆمرۈم دەرسخانىلاردا كىتاب - دەپتەر بىلەن ئۆتتى. مۇشۇ كەمگىچە مەن يادلىمىغان كىتاب، مەن توۋلىمىغان شوئار ئازمۇ؟ مەن مۇئەللىم نېمە دېسە شۇنى قىلدىم. «قىلما» دېگەننى ھەرگىزمۇ قىلمىدىم. ئويلىسام ئۇ چاغلاردا مەن قۇلىقى يۇمشاق، پەزىلەتلىك، رايىش بالا ئىدىم. ھەممە مېنى «ئەخلاقلىق، ئەقىللىق بالا» دەپ ماختايتتى. لېي فېڭچە، لېي نىڭچە ئۆسمۈر بولۇپ ئالغان مۇكاپات، تەقدىرنامىلىرىممۇ خېلى بار. ئاتا - ئانام، قولۇم - قوشنىلارنىڭ «شۇنداق بولسۇن دەپ ئەگكەندەك، قايچىدا قىرقىغاندەك، تاناپ تارتقاندەك ئوڭلۇق بالا» دەپ ماختاشلىرى، پەخىرلىنىشلىرىچۇ؟ ساردىن چىققان قارچۇغا، سەھرادىن چىققان ئۆلىما ئىدىم. ئىلگىرى ھەممە زوقلىنىپ ماڭا قارىشاتتى. ئەمدى مەن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىشىغا، يەۋاتقان نېنىغا، قولىدىكى پۇلىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالدىم. جاھاننىڭ تەڭشەلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ.
www.iz.la

  قازانچىنىڭ شاگىرتى ئۇستىسىنىڭ قازاننى قانداق قۇيغانلىقىنى كۆرمىسىمۇ، ئىككى يىلدا مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولارمىش. مەنچۇ، مەن 16 يىلدا نېمە ئۆگەندىم؟ مائارىپ ماڭا نېمە ئۆگەتتى؟ 50 يىل مابەينىدە ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىچىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتەلمىسە، مەن 6 يىلدا «باكالاۋر» بولدۇم.
  قاراپ باقسام، بىرىنچى يىللىقتا ساۋات چىقىرىپ ھايات مۇساپەمدە يېڭى ئىرا باشلىغان بولساممۇ 11 يىلدا، 16 يىلدا شۇ بىر ئوقۇرنى ئايلىنىپتىمەن. ئەمدى مېنىڭدە ساۋاتتىن ئۆزگە قالغىنى نېمە؟ ئادەمگە تەلەي قىيا باقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  ئۈمىدىم ئۈزۈلەي دېگەن كۈنلەردە ھۆكۈمەت ئورگىنىغا كاتىپ، تەرجىماننى نەق مەيداندا تاللاپ ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل ناھىيىگە چاپتىم. ئەمدى نېمىسىنى ئېيتاي، ئۇلار«چوقۇم ئىش ئورنى بولغان، ياش، ئالىي مەلۇماتلىقلاردىن بولۇشى كېرەك»كەن. چالمام سۇغا چۈشتى.
  ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملىققا جەمئىيەتتىن تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ دۆرەم ئىشلىرىم خېلى ئوڭغا تارتىپ دەخلىسىز تىزىملاش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. دۆلەت تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا پەنلىرى ئىمتىھانىدىن ئۆتسەك، ئاندىن كەسىپتىن ئىمتىھان بېرىدىغان گەپكەن. ئاتا - ئانامدىن راسخوت ئۈچۈن ئاران پۇل ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. «تىل - ئەدەبىيات» ئىمتىھانلىرى بىر ئويۇن ھېسابىدا ئۆتتى. ئەزەلدىن مەن ئۆچ كۆرگەن »ماتېماتىكا« بار ئۆچىنى ئالدى. ئۇنى دېمىسىمۇ سەككىز يىل مابەينىدە كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ماتېماتىكا كىتابىنى قولۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغان تۇرسام. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭبىر تىرىلدىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  ئومۇمىي نومۇرۇم تەلەپكە يەتكەن بولسىمۇ، «ماتېماتىكا» تەلەپكە يەتمەي قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر قىلدى.
  مۇناسىۋەتلىك ئىدارىدىكىلەرگە ئەھۋال قىلدىم. ئۇلار تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك جاۋاب بېرىشتى:
  _ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەيسىز، ئىمتىھان ئالدۇق، ئۆتەلمىدىڭىز ...
  _ ئاۋۋال كەسىپتىن ئالسۇن. كەسىپتىن ئۆتەلمىگەندە ئاندىن ...
  _ ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
  _ مەن 16 يىل ئوقۇدۇم، ئەمدى نېمە قىلىمەن؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  _ ئىختىيارىڭىز.
  _ ئوقۇتقان كەسىپ تارىخ تۇرسا ...
  _ ئوقۇتقان كەسىپ شۇ تۇرسا؟! ئۆزىڭىز ئوقۇغانسىز ...
  _ چاقىرىق كېلىپ، ئوقۇتقاندا ئوقۇدۇم.
  _ ئوقۇغان بولسىڭىز، بىلىم ئالغانسىز؟
  _ ئالدىم. ئەمدى ئۇنى نېمە قىلىمەن؟
  _ ئىختىيارىڭىز. سىزدەكلەردىن 13 مىڭى بار. قولىڭىزدىن كەلسە ئىش تېپىڭ.
  _ مەن قانداق تاپىمەن؟
  _ تازا مەتو، دەلدۈشكەنغۇ بۇ؟ ئىش تاپالمىساڭ خالاغا بېلەت سات_ ھۇ، نان قېپى ...
  بىر تاغار دەرد - ئەلەم بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  16 يىل ئوقۇپ خالاغا بېلەت ساتسام، باشقا ئىش ئۈچۈن قانچە يىل ئوقارمەن؟ خەيرىيەت، يېزىدا خالاغا بېلەت سېتىلمايدۇ. شەھەردىكى خالانىڭ ئىگىسى بار. 13 مىڭ كىشى بېلەت ساتقۇدەك يۇرتىمىزدا قانچىلىك شەھەر بار؟
  «نان قېپى ... ! نان قېپى!» بۇ سۆزلەر مېڭەمنى قوچۇۋەتتى. مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق«نان قېپى» يارالغاندىمەنمۇ؟ بىراۋ شۇنداق ياراتقانمىدۇ؟ سىلەر مېنى نان قېپى قاتارىغا چىقاردىڭلار. شۇ ئورنۇڭلار، شۇ ئىمتىھان نەتىجەڭلار بىلەن. سىلەر بىر بولساڭلار «ئىمتىھان ! ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شۇ سوئال دائىرىسىدىكى بىلىمىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بىلىمىنى ئۆلچىمەيدۇ؛ شۇ كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەيسىلەر. ئەمدى شۇ بىر «ئىمتىھان»بىلەنلا يارىماس قاتارغا چىقىرىسىلەر، زادى قايسى گېپىڭلار راست؟!ئېيتىڭلار قېنى، مەندىن ئالغان ئاشۇ ئىمتىھاننى سىلەردىن ئالسا، سىلەر قانداق قىلارسىلەر؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  سىلەر بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن نان قېپى. سىلەرمۇ، مەنمۇ، ئۇلارمۇ «نان قېپى» بولۇۋەرسە، بۇ نان قاپلىرىغا كەلگۈسىدە قايسى ناننى سالىمىز؟
  بالىلارغا شۇنى خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
  _ بالىلار، ئاگاھ بولۇڭلار، ئۇ نان قاپلىرى سىلەرنىمۇ مەندەك نان قېپى قىلىپ يېتىشتۈرمىسۇن. سىلەر ئۆزگىچە ئادەم بولۇڭلار!
  مەن بۈگۈن شۇنى تونۇپ يەتتىم. باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى دېيىش، ۋارقىراش بولسىمۇ كېلىدۇ: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
  _ خالايلىق ئۆيۈڭلاردىكى، ئەتراپىڭلاردىكى سەبىي بالىلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئوقۇش - ئوقۇتۇشنى دەۋرگە، زامانغا لايىق ئىسلاھ قىلىڭلار. ئەمدى ئىسلاھات قىلىش پەيتى يېتىپ كەلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، كۈندە دېگۈدەك تۇغۇلۇپ قاتارغا قېتىلىۋاتقان ساناقسىز نان قاپلىرى قەيەرگە سىغىدۇ؟ جېنىنى قانداق باقىدۇ؟ رىقابەتكە قانداق قاتنىشىدۇ؟ (ئاپتور: چىرا ناھىيە دامكۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...