كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە «مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن» دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ ھاجەتخانىنى تازلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلۇپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپئاق يۇمران قولىغا لاتىنى ئىلىپ تارەت قاچىسىغا ئۇزاتقان چاغدا، ئىچى ئۆرلەپ ناھايتى بىئارام بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر مويسىپىت ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ تەرەت قاچىسنى قايتا- قايتا، پاكىز بولغۇچە سۈرتۈپتۇ. ئاندىن كىيىن تەرەت قاچىسىدىن بىر ئىستىكان سۇنى ئىلىپ ئىچىۋىتىپتۇ. لېكىن چىرايىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولماپتۇ. ئارقىدىنلا ئۇ چۈشەندۈرۈپ «پەقەت تەرەت قاچىسىنى پاكىز يۇيۇپ ئىچىدىكى سۇنى ئىچكىلى بولىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەندىلا، ئاندىن تەرەت قاچىسىنى پاكىز تازلىدۇق دېسەك بولىدۇ- دەپتۇ.» قىزچاق بۇنىڭدىن ناھايتى چوڭ ئىلھامغا ئىگە بوپتۇ ۋە «بىر ئۆمۈر ھاجەتخانا تازلىساممۇ، چوقۇم بىر كۆزگە كۆرۈنگىدەك تازلىق ئىشچىسى بولىمەن» دېگەن نىيەتكە كەپتۇ ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىر ئاكتىپ پۇزىتسىيە، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپتۇ. ھەمىشە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆزخىزمىتىنى ناھايتى پۇختا قىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايتى تىز ئۆسۈپ ياپۇنيەدىكى ئەڭ ئەستايىدىل ئايال دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي ياپۇنيە سەھيە ئىشلىرى مىنىستىرى غا ئايلىنىپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
www.iz.la