[تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

ۋاقتى:2010-03-31 14:26مەنبە: يوللىغۇچى: ئەيساجان چېكىلىشى:قىتىم
    

قىز مۇھەببەت ئوڭۇشىسىزلىققا ئۇچراپتۇ. قىزنىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يېگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەندەكلا ھېس قىلىدىكەن. قىز ھەتتا ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلاپتۇ. بۇ ئۆمرىدە ئىككىنچى مۇھەببەتلەشمەسلىككە قەسەم قىلىپ، بۇ خەۋەرنى بىر يىگىتكە ئېيتىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يىگىت كۈندە توختىماستىن قىزغا تەسەللىي بېرىپ، قىزى رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. ھەركۈنى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىپ قىزغا ئەۋەتىپ قىزنى كۈلدۈرىدىكەن، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋال قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، قىز ئاستا-ئاستا ئازاپتىن قۇتۇلۇپ، بۇرۇنقى شوخ، ئوماق ھالىتىگە قايتىپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يىگىت يەنىلا ھەركۈنى ئاخشىمى قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن، قىز مانا مۇشۇ گۈزەل تىلەكلەر ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدىكەن. بىراق بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالماپتۇ. كۆڭلى بىر خىل ئۈمىدسىزلىككە ۋە ئەنسىزلىككە تولۇپتۇ. "ھەجىبا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ؟" دەپ سوراپتۇ قىز ئۆزىدىن. قىز بۇرۇن قىلغان قەسىمىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى يىگىتنى ئويلىماسلىققا مەجبۇرلاپتۇ. بىراق يىگىتنىڭ سايىسى يەنىلا قىزنىڭ كاللىسىدىن ئەگىپ كەتمەيدىكەن. قىزغا بۇ خىل سېغىنىش غەلىتە بىلىنىپتۇ: مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكى سېغىنىش يالقۇنلۇق ئوتقا ئوخشاش بولۇپ، توختىماستىن يېلىنجاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يۇتۇپ، پۈتۈن ئەس يادىنى ئىگەللىۋىلىپ، سېغىنىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن. بىراق ھازىرقى بۇ سېغىنىشنى قىزمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ. ئۇ ھېچقاچان بۇ خىل سېغىنىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئىكەن. سۇس ئەمما ئىللىق، يوقتەكلا بىراق ھەممىلا يەرگە تولۇپ تۇرغان، خۇددى ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا قويۇلغان سامساقگۈلدەك، سۇس پۇرىقى پۈتۈن ئۆيگە تولۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئالايىتەن ئەسلىمەيسىز. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

قىز ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ. بىر كۈنى، يىگىت قىزغا تېلىفۇن قىلىپ، يېقىندىن بېرى كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، خوشال ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ. پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ قىز تۇيۇقسىز يىگىتتىن قىز دوستى بار يوقلىقىنى، يوق بولسا ئۆزىنىڭ بىرسىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز سۇئال سورىغان چاغدا يۈرىكى دۈپۈلدەپ ئىتتىك سوقۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چاندۇرماي، چاخچاق قىلغان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. يىگىت شۇنداق بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز نەلەردىندۇر كەلگەن بىر جاسارەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۇيۇقسىز "ئۇنداقتا مېنى ئويلىشىپ باقسىڭىز قانداق؟" دەپ ساپتۇ. يىگىت خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىپتۇ. قىز ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىقىنى سېزىپ ، بىر نېمىلەرنى يوقىتىپ قويىدىغان ھېس قىلىپتۇ. يىگىت خېلىدىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ، " بىز يەنىلا مۇشۇنداق دوست بولۇپ ئۆتسەك ياخشى " دەپتۇ. " نېمىشقا؟ مېنىڭ نەرىمنى ياقتۇرمايسىز؟" دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ قىز يىگىتتىن. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقتىن كېيىن، يىگىت ئاستا تەلەپپۇزدا، خۇددى ھەر بىر ئىغىز سۆز قىزنىڭ يۈرىكىگە بارسۇن دېگەندەك ، دانە دانە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەببەت ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز، تەسەللىي بېرىدىغان ئادەم قالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن
دەپتۇ.
ئىز تورى www.iz.la

كۆز ياشلار ئېتىلىپ چىقىپتۇ. قىز ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.... بىر خىل سېغىنىش بار بولۇپ، ئۇ مۇھەببەت ئەمەسكەن.... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

بىر خىل سېغىنىش بار، ئۇ مۇھەببەت ئەمەس. بۇ خىل سېغىنىش ئىللىق، سىلىق، ھېچقانداق باشقىچە نىيەتلەر ئارىلاشمىغان، ئالاھىدە تەمىمۇ يوق، شۇنداقلا ئىگەللىۋىلىش خاھىشىمۇ يوق...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىز يىگىتنىڭ بۇرۇن دۇنيادا پەقەت ئۈچلا خىل رەڭ بار دېگىنىنى ئەسكە ئاپتۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قىزىل - ئوتلۇق ھېسيات ۋە قىزغىنلىق، بارچە نەرسنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلەيدىغان كۈچ.
كۆك - ئازاپ ۋە مەيۈسلۈك، ھەممە نەرسىنى سوۋۇتالايدىغان كۈچ.
يېشىل- ئىللىقلىق ۋە تەمكىنلىك، بارچە نەرسىگە تەسەللى بېرەلەيدىغان كۈچ.

ئىز تورى www.iz.la

قىزىل رەڭلىك مۇھەببەت، كۆك رەڭلىك ئازاپتىن كېيىنكى يېشىل رەڭلىك سېغىنىش سىزنىڭ قەلىب شورپىڭىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى قانچىلىك بولالايدۇ؟ نەچچە ھەپتە؟ نەچچە ئاي؟ يا بولمىسا نەچچە يىل؟؟؟ مەيلى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ۋاقتى ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىراق بۇ خىل سېغىنىشنىڭچۇ؟ ئۇنىڭ ۋاقتى مەڭگۈ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مۇھەببەت ۋە دوستلۇقتىن ھالقىغان ھېسيات دەل مۇشۇنداق سېغىنىشتۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قەلبىڭىزنى توختىتىدىغان پورت تېپىڭ. شۇندىلا قەلبىڭىزنى خاتىرجەم توختىتىپ ئارام ئالدۇرالايسىز.
قەلبىڭىزنى قوغدايدىغان پەرشتە تېپىڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويمايسىز.
ئۇنى تاپقىنىڭىزدا، دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم سىز بولغان بولىسىز

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(365)
80.9%
ناچار
(86)
19.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...