سىز نيۇ-يوركتىكى چوڭ كۆۋرۈكنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟ بەلكىم كىنولاردا كۆرۈپ باققانسىز ... ئەگەر بىر كۈنلەردە پۇت-قولىڭىز ئۇزىراپ شۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن بىر ساناقتا نيۇ-يوركنىڭ سىمۋولى ئاتىلىدىغان ھەمدە برۇكلىن رايونى بىلەن مانخاتتون رايونىنى ئايرىپ تۇرىدىغان كۆك دېڭىز ئۈستىگە سېلىنغان بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ <بىر بارماقنىڭ قوماندانلىقىدا> سېلىنغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىز تورى www.iz.la
1883-يىلى ئىجادىيەت روھىغا باي ئارخىتېكتور جون روبلىن مانخاتتون بىلەن برۇكلىننى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ كۆۋرۈك سېلىش نىيىتىگە كەلدى . ئەمما باشقا كەسىپداشلىرى بۇنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بۇ ئەخمىقانە خىيالدىن بالدۇرراق ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . روبلىننىڭ ئوغلى ، ئىستىقباللىق ياش ئىنژىنېر ۋاشىنگتون روبلىن بولسا بۇ كۆۋرۈكنى سالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئاتا-بالا ئىككىيلەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، كۆۋرۈكنىڭ لاھىيىسىنى تۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مىڭ تەسلىكتە بانكىرلارنى قايىل قىلىپ بۇ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈردى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەمما قۇرۇلۇش باشلىنىپ بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئىش ئورنىدا ھادىسە يۈز بەردى : جون روبلىن بەختكە قارشى قازا قىلدى ؛ ئوغلى ۋاشىنگتوننىڭ چوڭ مېڭىسى زەخمىلەندى . كىشىلەر بۇ كۆۋرۈكنى سېلىشنى پەقەت روبلىن ئاتا-بالىلا بىلەتتى ، ئەمدى بۇ قۇرۇلۇش يوققا چىقتى ، دەپ قارىدى . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورى www.iz.la
گەرچە ۋاشىنگتون روبلىن ھەرىكەت ۋە گەپتىن قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تەپەككۇرى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ ئاتا-بالا ئىككىيلەننىڭ نۇرغۇن قان-تەرى سىڭگەن بۇ كۆۋرۈكنى چوقۇم سېلىپ پۈتتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى . ئەمما ئۇنىڭ بىردىنبىر كارغا كېلىدىغان يېرى تەپەككۇرى بىلەن بىر بارمىقى ئىدى : ئۇ ئاشۇ بارمىقى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بىر بارمىقى بىلەن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىدى . ئۇ بارمىقى بىلەن خوتۇنىنىڭ بىلىكىگە چېكەتتى ، خوتۇنى پەقەت ئىككىسىلا بىلىشىدىغان مەخپىي سىفىرلارنى تەرجىمە قىلىپ قۇرۇلۇش ئىنژىنېرلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى . مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ تاكى كۆۋرۈك پۈتكەنگە قەدەر توپتوغرا 13 يىل بىر بارمىقى قۇرۇلۇشقا قوماندانلىق قىلدى .
www.iz.la
دەرۋەقە ... بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!