چ چ دىكى يالغانچى قىز

ۋاقتى:2010-10-31 18:56مەنبە: يوللىغۇچى: يۇلتۇز چېكىلىشى:قىتىم
  

چ چ دىكى يالغانچى قىز
ھېكايە
خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئۇنى قوشقۇم كەلمىدى. ئۇ قايتا - قايتا ئىلتىماس قىلىۋەرگەچكە ئۇنى قوشمايمۇ ئامال بولمىدى.
ـ مېنى بەك تۇلا قۇشۇپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ ـ  گېپىمنىڭ قوپال چىققانلىقى ئۈزۈمگىمۇ ئايان ئىدى.  
ـ نىمە ،مەندىن خاپا بۇلۇپ  قالغان ئوخشىمامسىز. 
ـ ياقەي...  

ئىز تورى بەك ياخشى

ـ ئەمىسە ياخشى مېنىڭ ئىسىم كامىران، تۇنۇشۇپ قالايلى.
ـ ھە - ئۇنىڭ ئىسىمنىڭ كامىران ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باشقىچىلا بوپ قالدىم. 
ـ قايسى كامىران؟
ـ ئاقسۇلۇق كامىران. نىمە مېنى تۇنامدىكەنسىز.
ـ ياقەي، ئىسمىڭىز بىرسىنىڭ ئىسمىگە ئوخشايدىكەن.
ـ كىمنىڭ ئىسىمىغا، قارىغاندا ئۇ سىزگە مۇھىم ئادەم ئوخشايدۇ.
ـ بەلكىم، - تۇرۇپلا جىلە بۇلۇپ قالغاندەك ئىدىم - سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
ـ سىز دائىملا مۇشۇنداقمۇ.
ـ قانداق ؟
ـ بەك ھاكاۋۇركەنسىز. 
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم بولمىغاچىقىمۇ گەپنى بىراقلا ئۈزۈۋەتتىم؛ 
ـ ئەمىسە بوپتۇ، خوش.
ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىمىپ كەتتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

نەچچە مىنۇتقىچە ئۇنىڭ خوش دىيىشىنى كۈتكەن بولساممۇ جىمىپلا كەتتى. ئۇنىڭ يۇرۇق چ چ رىغا قارىغىنىمچە يەنە خىيالىم كامران تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسلىگەنسىرى ئازاپلىق ھېسلار قوينىغا غەرىق بۇلاتتىم. كەيپىياتىمنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇنبەر كۆردۈم، شۇنچە كۆپ تېمىلار ئارىسىدىن قەلبىمگە دال بولغىدەك بىرەر تېما چىقمىغاندەك، ھېچقايسى تېمىنىمۇ كۆرگۈم كەلمىدى، ئۈزۈمچە ئىچىم سىقىلىپ دوستۇمغا تېلغۇن قىلىپ، بىزە ئازادىلىك ھېس قىلغاندەك بۇلۇپ، ئۆز ئىشىم بىلەن مەشخۇل بوپ كەتتىم. شۇ تەرىقىدە كۈنلىرىم بىر خىل مەنىسىز ئۆتمەكتە ئىدى. 
تۇرۇپلا چ چ رىمغا قاراپ قۇياتتىم، بىرەرى بىلەن پاراڭلىشىنى ، كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئېيتىپ،  ئۇنىڭدىن مەسلەھەت ئېلىشنى ئويلايتىم. ئەمما مۇۋاپىقراق ئوبىكىت بولمىغاچ، بەزىلىرى يېقىن دوستۇم، بەزىلىرى تۇنۇمىغان كىشىلەر بولغاچقا يەنىلا جىمجىت ئىدىم. كامىران ئىسىملىك تۇرداشمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك تۇردا بار ئىدى. تۇنجى قېتىملىق پاراڭدىلا ئۇنىڭغا قوپال تەككىنىم ئۈچۈنمۇ، نەچچە كۈنلەر بولغان بولسىمۇ،  چ چ رىمغا بىرەر پارچە ئۇچۇر يېزىپ قويمىغان ئىدى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا خەت يازغۇم كەلدى. ئىز تورى www.iz.la
ـ ياخشىمۇسىز! 
خېلى ۋاقىت ساقلىغان بولساممۇ ئۇ ئۇچۇرۇمغا جاۋاپ قايتۇرمىدى، تۇرۇپلا كۈلكە ئارلاش ئاچچىقىم كەلدى.
ـ نىمە؟ مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسىز.
ـ ئۇنچىلىك ئەمەسقۇ. 
ـ قارىسام رەنجىگىنىڭىز ئېنىقكەن، ئۇ كۈنى كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئىدى، سىزگە قوپاللىق قىلىپ سالدىم، كەچۈرۈڭ.
ئۇ كۈلگەن باش سۈرەت بىلەن قۇشۇپ - بىلىمەن ، ھېچقىسى يوق دېگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتتى .
ئۈزۈمچىلا كۈلىۋەتتىم، كۆڭلۈمدە بولسا ئۇ نىمىنى بىلەتتى دەپ ئويلاۋاتاتتىم.  
ـ سىز نىمىنى بىلىسىز؟ 
ـ ئادەتتە مەنمۇ كەيپىياتىم ناچار چاغلاردا باشقىلارغا قوپال تىگىمەن. www.iz.la
ئۇنىڭ گىپى ئاز بولسىمۇ، ماڭا جانلىق، كۈلكىلىك بىلىندى. 
ـ سىزنىڭ ئىسىمىڭىز نىمە؟
ـ مەن سىزگە دەپ بەرگەنغۇ،
ـ ھە راس ئىسمىڭىز كامىران. نىمىش قىلىسز. 
ـ سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭە. 
ـ پەرەز قىلىپ نىمىمۇ قىلارمەن، دىگىڭىز بولسا دەڭ، بولمىسا كۆڭلىڭىز.
ـ نىمە، يەنە رەنجىپ قالدىڭىزمۇ.  
ـ ھە راس سىزنىڭ ئىسىمىڭىز نىمە، 
ـ مەن ئەزەلدىن چ چ دا باشقىلارغا ھەقىقىي ئىسمىمنى دىمىگەچكە، ئادىتىم بويىچىلا ئادىلە دېدىم.  
ـ ئو؟؟؟ ئۇ بۇ گەپ بىلەن تەڭ سۇئال بەلگسىنى قۇشۇپ ئەۋەتىپتۇ.
ـ نىمە، ئىسمىڭىز راس ئادىلەمۇ؟
ـ ھە ئىشەنمەيۋاتامسىز، ئۈزۈمچە خۇدۇكسىرىگەندەك خەتنىمۇ تېز - تېز ئۇرۇۋەتتىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ـ ئانچەئەمەس، سىزنىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش توردا يالغان ئىسىم ئىشلىتەمدىغاندۇ دەپ قالدىم. 
ـ مەن سىزگە ئىشەنسەم سىز ماڭا ئىشەنمەمسىز.  
ـ  ياق، ھەر قانداق ئادەمگە ئىشەنمىسەممۇ سىزگە ئىشىنىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھال رەڭلىك ئەتىرگۈلنىڭ سۈرىتىدىن بىرنى ئەۋەتىپتۇ.
ـ قۇبۇل قىلىڭ، دوسلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۈنلىرىمىز شۇنداق بىر - بىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ، گاھىدا كۈلۈشسەك، گاھىدا ماي تارتىشىپ ئۈتەتتى، ئۇ ماڭا مېنى ئۈزىگە شۇنداق يېقىن دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېتىتتى، مەنمۇ ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق ئېيىتتىم.
ـ ئادىلە سىز نىمىشقا ماڭا راس ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەيسىز ، - ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى مېنى سەل تەمتىرىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئانچە زور ئەمەس ئىدى.  
ـ مېنىڭ ئىسم راس ئادىلە. مەنغۇ ھازىرغىچە سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم، ئەمما سىز ھازىرغىچە نىم ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىز.
ـ سىزگە پەرەز قىلىڭ دىگەنغۇ، سىز مەن توغۇرلۇق ئەزەلدىن ئەستاھىدىل ئويلىشىپ باقمىدىڭىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـ مەن پەرەز قىلالمىدىم. .
ـ ياق، سىز پەرەز قىلىشنى خالىمىدىڭىز. 
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى، مەن چ چ دا ئۇنى ئالداپلا كەلگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭ سۈزۈمگە ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغانلىقىنى بۈگۈن بىلدىم.
ـ سىز ماڭا ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىدىڭىزمۇ.
ـ ياق ، ئازراق ئىشىنىپ باقتىم.
 
سىزگە راس گەپ قىلىش پۇرسىتى بېرەي، بۇ قېتىم راس گەپ قىلىڭ بۇلامدۇ.
ـ مەن سىزگەراس گەپ قىلىپ كەلگەن، ئىشەنمىسىڭىز بوپتۇ، قېنى سوراڭ، مەن يەنىلا سىزگە راس گەپ قىلىمەن.
كۇنۇپكا تاختىسىدىكى قوللىرىم شۇنداق دەۋاتقان بولسىمۇ، كۆڭلۈمدە مېنى راس گەپ قىلغۇزىمەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ ما ساراڭ دەپ خىتاپ قىلۋاتاتتىم. ئۇچۇقىنى ئېيىتقاندا مەن ئەزەلدىن چ چ دىكى دوسلۇققا ئىشەنمەيتىم، ئۇلارنىڭ پارىڭىمۇ مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. www.iz.la
ـ سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ ؟ 
ـ بار، نىمىشقا بۇنداق سورايسىز. 20 دىن ھاللىقىغان مەندەك چىرايلىق قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بولمىسا بۇلامدۇ.
ئەمەلىيەتتە مەن يالغان سۆزلىگەن ئىدىم.
ـ ئوغۇل دوستىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟
ـ ئىشلەيدۇ. ئۇ بەك ياخشى ھەم كىلىشكەن.  
ـ ئۇنداقتا سىز ئۇنى ياخشى كۈرەمسىز؟
ـ ئەلۋەتتە، ئۇنى ياخشى كۆرمەم يۈرەتتىممۇ.
ـ مەن سۇئال سوراۋەرمەي، ئۈزىڭىزنىڭ مۇھەببەت ھاياتى توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەپ بېرىڭ بۇلامدۇ؟
ـ بۇلىدۇ، - راس گەپ قىلسام ئاشۇ چاغدا خىيالىمغا كامىران كەلدى، ئۇ مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ياخشى كۈرىدىغان، مەن ساقلاۋاتقان يىگىت ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ـ سىزگە ئەڭ ھەقىقىي مۇھەببەت كەچمىشىمنى دەپ بېرەي. 
    تۇللۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقىنىمدا كامىران ئىسىملىك بىر ساۋاغدىشىم بار ئىدى. [ ئۇ داۋامىغا تەشنامەن دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئەۋەتىپتۇ] ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۈتەتتىم، بىز دوس ئىدۇق، كېينكى چاغلاردا مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەم ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۈرىمەن دېدىم. ئۇ چاغلاردا مەنمۇ 19 دىن ھالقىغان ئىدىم، بىراق ئۇ جىمىپ كەتتى، مەن شۇ چاغدا ئۈزۈمنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنۇڭدىن بىراقلا يىراقلاشتىم. ئۇ بار تەرەپكە قارىسام، ئېزىپ تېزىپمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلماس بولدۇم. چ چ دىكى كامىراننڭ جىمىپ كەتكىنى كۈرۈپ

www.iz.la


ـ كامىران سىز بارمۇ ؟
ـ ھەئە، مەن بار، سىز ئۇنى راسلا ياخشى كۈرەمتىڭىز.
مېنىڭ ھەقىقىي يالغانچىلىقىم مۇشۇ سۇئال بىلەن تەڭلا باشلاندى. تۇرۇپلا ئۈزۈمنىڭ ھېسياتىنى قىلچە يۇشۇرمايلا ئاشكارلىۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ دەرھاللا گەپنى بۇرۇدۇم.  
ـ ياق. مەن كېيىن بىلدىم. ئەسلى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن، ئېھسان، [ ئۇنىڭ ئىسىمى يالغان ئېيىتمىغىنىمغا ھەيرانمەن ] مېنى قوغلاشقان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدىن بىزاردەك كۈرۈنسەممۇ، كېينچە مەن كامىراننى ئەمەس، ئېھساننى ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
ـ سىز ئەسلى كامىراننى ئەمەس ئېھساننى ياخشى كۈرەمدىكەنسىز.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ـ ھە، ئېھسان مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى راستىنلا ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، كېييىن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدىم... 
ـ ئۇنداقتا ھازىر كامىراننى ئەسلەمسىز. 
ـ ياق، ئۈزۈمنى ئۇنۇڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن.
ـ كامىران سىزنى ياخشى كۆرمەمدۇ،
ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنى ئاڭلاپ ئۈزۈمنى چۈشۈرىۋالغۇم كەلمىدى، مەن دەل كامىراننىڭ مېنى ياخشى كۈرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە مۇشۇنداق ئىزتىراپتا قالغان ئەمەسمىدىم.
ـ ئۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ، ئەمما مېنىڭ ياخشى كۈرىدىغىنىم ئېھسان، ئېھسانمۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ... باشقىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئارىنى خېلى كۆپ سۈكۈت قاپلىدى.
ـ مېنىڭ ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى مەن قايتاي.
چ چ دىكى كامىراننڭ بۇنداق دىيىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، ئادەتتە ئۇ بۇ چاغلاردا تېخى ئىشتىن چۈشمەيتتى. 
ـ نەگە . 
مېنىڭ سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ چ چ رى قارىداپ قالغان ئىدى. 
ئۇنىڭ قارىداپ قالغان چ چ رىغا قارىغىنىمچە خىيالغا چۈكۈپ كەتتىم، كامىران مەن سېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەسمەنمۇ، سەن مېنى قاچانلىققىمۇ ئىزلەپ كېلەرسەن... 
يەنە بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە ئۆيگە قايىتتىم، ئەمدىلا قورو ئالدىغا كېلىۋېدىم، تۇنۇشلا بىر ئاۋاز يۈرەك تارىمنى تىترەتتى. www.iz.la
ـ ماھىرە... 
بىر جۈپ كۆز ئۆز - ئارا تىكىلگەندە كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قالدى.
ـ كامىران. 
ـ ھەئە، ياخشى تۇرۇپسەن.
ـ ھە. 
ئۇ كۈزۈمگە تىكىلگىنىچە سورىدى؛  - سېنىڭ چ چ دىكى ئادىلە دىگىنىڭ كىم؟  
ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا سورىغان سۇئالىدىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.  
ـ كامىران ..بۇ.  
ئۇ قۇلۇمغا قىزىل بولاقنى تۇتقۇزۇپلا ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كىتىپ قالدى. 
مەن ئۈزۈمنىڭ قانداق بۇلىۋاتقانلىقىمنى بىلەمتىم، شۇنچە كۆپ يالغان گەپلەرنى ئويلاپ يۈرەكلىرىم كۈل بۇلۇپ كەتتى..  [ مەن كامىراننى ياخشى كۈرمەيمەن ] بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقىم ئىدى.  

ئىز تورى www.iz.la


خاس خانەمگە كىرىپ بولاقنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ئىچىدە چىرايلىق قاتلانغا بىر پارچە خەت تۇراتتى.. 
    [ قەدىرلىك ماھىرە 
ساڭا مۇھەببەت توغرىسىدا گەپ قىلغۇم يوق، ئەمما بىر گەپنى دىمەي چىدىيالمايمەن. مەن سېنى سۆيىمەن، ئىشەن ،دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئادەممۇ سېنى مەنچىلىك سۆيمەيدۇ، مەن سېنى مېنى سۈيىدۇ دەپ ئويلايتتىم، سەندەك بىر قىزنىڭ سۈيىشىگە ئىرىشكىنىم ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم، سېنى شۇنچىلىك ئاۋايلايتىم، كۆڭلىگە ئازار يەتمىسىكەن دەپ پېيىڭدا يۈرەتتىم. ئەمما [ مەن ئېھساننى سۈيىمەن ] دىگەن ئاشۇ دەقىقىدە ياشاش ماڭا ھارام بولدى.
مەن سېنى سۈيىمەن، ئەمما مېنىڭ ھازىر بۇنداق دىيىش ھوقۇقۇم يوق، چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ گۈلى، سېنى مېنى سۆي دەپ زورلىمايمەن، ئەمما مېنى ئەسلەپ تۇر... 1 بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سېنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىڭنى تىلەپ؛
كامران
ئىز تورى بەك ياخشى


مەنبە؛ سۇبات تىل مۇنبىرى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(31)
86.1%
ناچار
(5)
13.9%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...

  • ئالدىراڭغۇ كەپتەرنىڭ ھىكايىسى

    بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن،...

  • ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

    جىم-جىت پىچىرلاشلار ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇندا...

  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...