مىنىڭ سۆيىگىنىم لۈكچەك

ۋاقتى:2010-11-01 17:06مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئاپتۇرى ؛ نۇر زىيا

سالام گۈلىستان: 
ياخشىمۇسەن؟ مۇشۇ ئەڭ ئاددى ئەھۋال سوراشنىمۇ قانچىلىك تەسلىكتە ئېغىزىمدىن چىقارغانلىقىمنى بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى، بايىلا سەن تۇغۇرلۇق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقىمدا بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن! نىمە تۇغۇرلۇق يازغانلىقىمنى بىلىپ بولدۇڭ ئېھتىمال ،ھېچ ئېشەنگىم كەلمەيدۇ ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان ،ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ،يىنىدىن ئۈتۈپ كەتكەن ئەركەك زاتى ئاققان شۈلگەيلىرىنى تۇيالمىغۇدەك دەرىجىدىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ،دۆلەت مەمورى بولغان نەزىرى ئۈستۈن دوستۇمنىڭ بىر جەمىيەتنىڭ داشقىلىغا ، تۈرمىدە يىتىپ چىققان كۆك نامرات بىر كوچا لۈكچىكىگە ياتلىق بولماقچى بولغانلىقىڭ يالغۇز مىنىلا ئەمەس ،پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردى! بىز بىللە ئۇقۇغان بەش يىلدىن بېرى سىنى قوغلاشقان شۇنچە ئۇغۇللارنى رەت قىلىپ ئەمدىلىكتە تەگمەكچى بولغان ئادىمىڭ شۇمىتى؟! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھەي گۇلىستان ،ھەي گولىستان! ساڭا قانچىلىك ئېچىنۋاتقانلىقىمنى بىلەمسەن ؟ بەلكىم ئېسىڭدە باردۇ ، شۇ چاغلاردا كەينىڭگە كىرىۋالغانلارنىڭ ئېچىدە يىڭىدىن ئونۋېرسىتقا تەقسىم قىلىنغان ئۇقۇتقۇچىلار ، چوڭ باشلىقلارنىڭ ئوغلى ، نامى چىققان ،بىز چوقۇنۇپ يۈرگەن ناخشا چولپانلىرى بار ئېدى ،ئەمما سەن ئۇلارنى ئېككىلەنمەي رەت قىلغان ئېدىڭ! مەن سىنىڭ ئۇلارنىڭ مۇھەبىتىنى نىمىشقا قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىڭنى چۈشەنمەيتىم . ئېككىمىز ئۇقۇغۇچىلار ياتىقىدىكى تار كارۋاتنىڭ چىمىلدىقىنى چۈشۈرۋېىتىپ كەلگۈسىمىز ھەققىدە پىچىرلىشاتتۇق ، شۇ چاغدا مەن سەندىن :- سىنىڭ قانداقراق بىرى بىلەن توي قىلغۇڭ بار ؟- دەپ سورىسام، سەن قىزىرىپ تۇرۇپ يىگىتىڭنىڭ ھەممە جەھەتتە يىتىشكەن ، ئالى مەلۇماتلىق ،كېلىشكەن ،پۇلدار بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىڭنى دىگەن ئېدىڭ.مەن :-سىنى قوغلاشقانلارنىڭ ئېچىدە شەرتىڭگە توشىدىغانلار بارغۇ ،- دىسەم سەن بىشىڭنى چايقاپ قۇيۇپ ھېچنىمە دىمىگەن ئېدىڭ . ئەمدىلىكتە تاپقان ئادىمىڭنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ......بولدى دىمەيلا قوياي. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سىنىپتا تولۇق بىر سائەت سەن تۇغۇرلۇق مۇلاھىزە بولۇندى.
ساڭا ئاستىرتتىن كۆيۈپ يۈرگەن سىنىپ باشلىقىمىز شەپقەتتىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا سەن تۇغۇرلۇق پاراڭ .
«شىنجاڭ خەۋىرى»دەپ لەقىمى بار ماھىرە (سىنىڭ توي قىلىدىغانلىق خەۋىرىڭنىمۇ دەل شۇ يەتكۈزگەن ماڭا) خورسىنغىنىچە :
-توۋۋا بىر چىرايىلىق گۈل تېزەككە سانجىلىپ تۇرىدىغان بولدى-دە ئەمدى،-دىدى.
سىنىپىمىزنىڭ كېلىشكەن ئۇغۇللىرىدن بىرى بولغان ئېلىيار :- ئۇنى بىر دىمەڭ ، گۈلىستان بىلەن گەپلەشسەممۇ ھاياجاندىن بىر كىچە ئۇخلىيالماي چىقاتتىم خوشلۇقتا -دىدى كىتابىنىڭ قىتىدىن سىنىڭ سۆرىتىڭنى چىقىرىپ مىھىر بىلەن قاراپ تۇرۇپ .

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


- ئالدىمدىن پاتروشكىلىشىپ ئۈتۈپ كەتمىگەن بولسا زىنھار ئېشەنمىگەن بولاتتىم ، كۆزۈمگە ئېشەنمەي كەينىدىن خېلى بىر يەرگىچە باردىم ،قارىسام گۈلىستاننىڭ ھەممە يېرىدىن بىر خىل بەخىت كۈلكىسى چىقىپ تۇرۇدۇ ،- دىدى سەن بىلەن بىر رايوندىن كەلگەن پەرھات سېرىق گەردىشلىك كۆز ئەينىكىنى ئېرتىپ تۇرۇپ .
بابى قونچاقتەك ياسىنىپ يۈرىدىغان دىلنۇر ( ئاسپىرانتلىققا فاكولتىت مۇدىرىنىڭ «ھاجىتىدىن» چىقىپ ئۆتكەن دەپ گەپ تارقىلىپ كەتكەن) يالغان كېرپىكلىرىنى لىپىلداتقىنىچە :
- شۇنداق لۈكچەكلەرگە تەگمىسە باشقىلار ئالمايدىغان يېرى باردۇ بەلكىم ! ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەپ بىقىپ ئاندىن تاپقاندۇ شۇنداق لايىقنى!-دىدى.

ئىز تورى www.iz.la


ئاتتۇرۇپ جىق كۆرسەتكەن شالاڭ ،سېرىق چاچلىرىنى سىلىكىپ تۇرۇپ: - شۇ بىر يېرى بار دىگەنتىم مەن بۇرۇنلا ئۇنى ،- دىدى بىلىقىز سېغىزنى قاراسلىتىپ چايناپ .
-مەنغۇ بۇرۇنلا بىلگەن ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ! سىنىپتا كۆرگەنلا ئۇغۇل بالىغا چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ ئازدۇرمىغىنى قالمىغانغۇ !- دىدى سابىرە قىپ-قىزىل تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ ( فىلولوگىيە سىنىپىدا ئۇقۇيدىغان ھېكمەت ساڭا تەلەپ قۇيۇپ ئېككىنچى كۈنى سۇقۇشقانتىغۇ سەن بىلەن )
ئالدىمغا يىيىۋالغان كىتاپنى زەرىپ بىلەن ئۈستەلگە ئۇرۇپ يۈگرەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتمىگەن بولسام سىنى ھاقارەتلىگەن گەپلەردىن يەنە قانچىلىكنى ئاڭلايتىمكىن .
ئىز تورى بەك ياخشى

ئېيتقىنا دوستۇم ،سەن شۇ ئۆيۈڭگە كەتكەن قىسقىغىنا 2 ئاي ئېچىدە زادى نىمە ئېشلار يۈز بەردى؟ ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان ، توغرىمۇ؟ سەن ھەرگىز بۇنداق ئەقىلسىزلىق قىلمايسەن ! ئەمما ، پەرھات كۆردۈم دىگەن تۇرسا ، يالغان بولۇشى مومكىن ئەمەس ، ياكى بولمىسا ھېلىقى لۈكچەك سىنى بوزەك قىلغانلىق سەۋەپلىك ئامالسىز شۇنىڭغا تەغدىرىڭنى تۇتقۇزۇش نىيىتىگە كەلدىڭمۇ-يا؟ ۋە ياكى دىلنۇر دىگىندەك سەن راستىنلا شۇنداق ....ياق ..ياق دوستۇم ! بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ! سەن ناھايتى ئېپپەتلىك قىز ! سەن ھەرگىزمۇ ئۇلار ئېيتقاندەك قىزلاردىن ئەمەس توغرىمۇ؟ !
شۇ تاپتا مەن بۇ نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ تاپالماي ساڭا بۇ ئېلخەتنى يوللاۋاتىمەن دوستۇم !

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئوشبۇ خەتنى كۆرگەن ھامان دەرھال جاۋابىنى بىرەرسەن!
دوستۇڭ : ئاي زىبادىن
سالام دوستۇم ئاي زىبا:
ياخشىمۇسەن؟ ئالدىنقى خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، سەۋەبى ،ئەسئەت بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىمگە نارازى ئېكەنسەن.ئەڭ مۇھىمى مىنى چۈشەنمىگەنلىكىڭ بولدى. بىلىمەن دوستۇم ،سەنمۇ ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ماڭا ئېچىنىپ شۇنداق دەۋاتىسەن !
خىتىڭ ئاخىرىدا ماڭا نۇرغۇن سۇئاللارنى قالدۇرۇپسەن ، ئۇنىڭسىزمۇ ساڭا بۇ ئېش تۇغۇرلۇق ئايرىم خەت يازاي دەپ تۇرغانتىم .
بولىدۇ دوستۇم ، ئەمىسە جان-جىگەر دوستۇڭنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سالغىن، ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ماڭا ، ياق! ئەسئەت بىلەن ئېككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە بولغان قارىشىڭ ئۆزگۈرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئېشەنگىن دوستۇم ،ساڭا دىسەم ؛ مىنىڭ سۆيگۈنۈم -ھەقىقەتەن بىر لۈكچەك ! سىپى ئۆزىدىن كوچا لۆكچىكى! مەن مانا مۇشۇنداق بىر لۈكچەكنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، سەۋدايىلارچە ،ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالدىم ! ھەتتا ئۇنى سۈيۈپلا قالماي ئۇنىڭغا كەلگۈسۈمنى تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن! سىزىپ تۇرىۋاتىمەن شۇ تاپتا بۇ قۇرلارنى ئۇقىۋېتىپ كۆز چانىقىڭ ئېتىلىپ كىتەي دەپ قالدى ئېھتىمال . ئالدىرمىغىن ،ساڭا ئۇنى قاچان ،نىمە سەۋەپتىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى تەپسىلى دەپ بېرىمەن.
ئەسئەت -مەن بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىن باشلاپ بىللە ئۇقۇغان،غۇۋا ئېسىمدە قىلىشىچە شۇ چاغلاردا ئۇ سىنىپقا دائىم كىچىكىپ كىلەتتى ،شۇ سەۋەپلىك ئۇقۇتقۇچىمىزمۇ ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمەيتتى،بىر قىتىم ئۇ ئۇدا ئېككى كۈن مەكتەپكە كەلمىدى ،مەن شۇ چاغدا سىنىپ باشلىقى بولغاچقا سىنىپ مەسئولىمىز مىنى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشقا ئۆيىگە ئەۋەتتى . ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە تاپتىم ، ئەسئەتنىڭ ئۆيى ئاددى كېسەك بىلەن سىلىنغان كىچىك ھويلىلىق ئۆيكەن ،مەن شۇ چاغدا قىيا ئۇچۇق تۇرغان دەرۋازىدىن بىشىمنى تىقاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر ئايالنىڭ : بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-ئەسەت! ھەي ئەسەت ! يەنە نەگە كەتتى بۇ يىتىم ئۇغلاق پەسەندى؟! -دەپ غوتۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەن قورۇققىنىمدىن دەرھال ئارقىمغا ياندىم. شۇ ئەسنادا يۇغان ئېككى چىلەك سۇنى ئەپكەش بىلەن ناھايتى قىينىلىپ كۈتۈرۈپ كىلىۋاتقان ئەسئەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى :-نىمە بولدى ،2 كۈن بولدى مەكتەپكە بارمايسىزغۇ؟-دەپ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭغا يىقىنلىشۋېتىپ .
ئەسئەت سۆزۈمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتكىنىدىن دەلدۈگۈنۈپ يىقىلىپ چۈشكىلى قىل قالدى،ئۇ خىيالى بىلەن ماڭغاچقىمىكىن ماڭا دىققەت قىلمىغان ئېكەن. ئۇ ئەپكەشنى ئاۋايلاپ قويغاندىن كىيىن   ئۈندىمەي يەرگە قاراپ تۇردى. مەن :
-ئېمتىھان ۋاقتى يىقىنلاپ قالدى ، دەرىسلەردە يەنە ئارقىدا قالسىڭىز قانداق بولۇدۇ؟ -يەنە سىنىپتىن چۈشۈپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس ، پۈتۈن سىنىپنىڭ يۈزىگە سەت بولمامدۇ؟!-دىدىم مەن تومشۇقۇمنى ئۇچلاپ تۇرۇپ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا ئېشىك ئېچىلىپ بايا ئەسئەتنى چاقىرغان ئايال چىقىپ كەلدى.
-نەلەردە يۈردۈڭ ؟ -دىدى ئۇ ئايال قۇلىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ .
ئەسئەت پەس ئاۋاز بىلەن :-ئېدىشتا سۇ تۈگەپ قاپتىكەن ،سۇ ئالغىلى باردىم ئاپا،-دىدى .
مەن بۇ ئايالنىڭ ئەسئەتنىڭ ئاپىسى ئېكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم.
ئۇ ئايال:- كاللاڭدا پەقەت گەپ تۇرمايدۇ سىنىڭ ،ماڭ كىرىپ ئۇكاڭغا قارا ! -دىدى-دە ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.
مەن ئۇ ئايالنىڭ سۇغۇق قارىشىدىن ئەندىكىپ دەرھاللا:- مەن ئەسئەتنىڭ ساۋاقدىشى ،ئۇ مەكتەپكە كەلمىگەچكە مۇئەللىم مىنى ئەھۋال ئۇقۇپ بىقىشقا ئەۋەتكەنتى،- دىدىم .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۇ ئايال دىمىقىنى قېقىۋەتكەندىن كىيىن :- بېرىپ مۇئەللىمىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ ، ئەسئەتنى مەكتەپكە ئەۋەتسەم، كىچىك بالامغا شۇ مۇئەللىم قاراپ بېرەمدىكىن ،- دىدى چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ .
مەن :-يەنە بارمىسا دەرىستە چىكىنىپ كىتىدۇ،-دىدىم ئالدىراپ .
ئۇ ئايال ماڭا قاراپ كۆزىنى ئالايتىۋەتكەندىن كىيىن ئەسئەتكە ۋاقىرىدى:- نىمىگە ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرىسەن ؟! كىرە ئۆيگە ! -دىدى.
ئەسئەت ئېتتىك مىڭىپ ماڭا بىرنىمە دىمەكچى بولغاندەك قاراپ قويدىيو ئاپىسىدىن قورۇقتىمۇ كالپۇكىنى چىڭ چىشلىگىنىچە ئۆيگە ماڭدى
مەن : -ئەسئەت توختاڭ ،بۇ مىنىڭ ئېككى كۈنلۈك تۇلۇقلىما دەرىس ماتتىرياللىرىم ! سىزگە بېرىپ تۇراي ، دەرىسنى تۇلۇقلىۋېلىڭ ! ئۇنتۇپ قالماڭ دۈشەنبە كۈنى چۇقۇم مەكتەپكە بېرىڭ ،-دىدىم مەن سومكامدىن كىتاپلىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتقاچ. ئۇ بىشىنىمۇ كۆتەرمەسىتىن قۇلۇمدىن ماتىرياللارنى ئالدى-دە ئۆيىگە يۈگۈرۈپ دىگىدەك كىرىپ كەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارقىدىن ئۇ ئايالمۇ ماڭا ھۇمۇيۇپ قۇيۇپ ئېشىكنى جالاقشىتقىنىچە كىرىپ كەتتى.
مەن شۇندىلا ئەسئەتنىڭ مەكتەپكە بارماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.
بۇ مىنىڭ تۈنجى قىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىم ئېدى.
كىيىن ساۋاقداشلىرىمدىن ئۇقۇشۇمچە مەن كۆرگەن ئايال ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسى بولماستىن بەلكى ئۆگەي ئاپىسى ئېكەن.شۇندىن تارتىپ مەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بولدۇم.
كىيىن بىز باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بىللە ئۇقۇدۇق ،ئۇتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۇ يېزىلىق ئۇتتۇرا مەكتەپكە ،مەن مەركىزى ئۇتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىردۇق شۇندىن كىيىن ئۇنى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بولغان ئارلىقتا كۆرمۈدۈم دىسەممۇ بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەگەر بۇندىن ئېككى يىل بۇرۇنقى شۇ ئېش بولمىغان بولسا بەلكىم شۇنداق بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قىلىشىم مومكىن ئېدى.
ئۆزۈڭ بىلىسەن ،مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە خېزمەتكە چۈشكەن. كىيىن مەكتەپتە ئۇقۇغان بىلىمىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ھېس قىلىپ ئارزويۇم بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئېمتىھان بەرمەكچى بولۇپ ئېشتىن سىرتقى كەچلىك ئېنگىلىز تىلى كۇرىسىغا قاتناشتىم. ھەر كۈنى كەچ ئېشتىن چۈشۈپ كەچلىك تاماقنى ئاندا -مۇندا يەۋالغاندىن كىيىن كەچ كۇرسقا باراتتىم ،بىر كۈنى كەچ ( بۇ كۈن دەل مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى) دەرىستىن چۈشۈپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ،مەن كوچا چىراغلىرى ئاخىرلاشقان كوچىدىن قايرىلىپ ئۆيگە يىقىن قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ ماڭدىم ، تىم -تاس قاراڭغۇلۇق مىنى تىزىراق ئۆيگە مىڭىشقا ئالدىرىتاتتى .قاياقلاردىندۇ مەسلەرنىڭ ئالا -تاغىل ۋاقىراش -جاقىراشلىرى ، ئېتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن قەدەملىرىمنى تىز-تىز يۈتكەپ ئالدىراپ مىڭىشقا باشلىدىم. دەل شۇ چاغدا بىر نەچچسى مودا بولىۋاتقان ناخشىغا توۋلاپ ئالدىمغىلا چىقىپ قالدى. مەن ئۇلاردىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ ماڭدىم ،ئەمما ئۇلار مىنى كۆرۈپقالدى-دە :

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


-ۋوي ،قاراڭلار ئاغىنىلەر ! بۇ تۇمۇچۇق بىزنى ساقلاپ تۇرغانمۇ -نىمە ،ۋەيتتتت! -دىدى ئارسىدىكى بىرى .
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالغانلارمۇ تېتىقسىز گەپلەرنى قىلغاچ ئېسقىرتىشىپ ماڭا يىقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى،شۇ چاغدا مەن يۈرۈكۈم قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئارقامغا داجىدىم.قۇلىقىمغا غايىۋى «گۈلىستان ئەمدى تۈگەشتىڭ »دىگەن بىر سادا ياڭرايتتى.
شۇ چاغدا ئارىسىدىن بىرى:- توختاڭلار بۇرادەرلەر ،ئاۋال گەپنى دىيىشۋالايلى ! تەييار كەلگەن بۇ ئولجىنى قانداق بۆلىشىمىز؟ -دىدى .
مەن كىتاپ سىلىنغان سومكامنى چىڭ قۇچاغلىغىنىمچە جالاقلاپ تىتىرمەكتە ئېدىم.
يەنە بىرى :- بولدى ماڭايلى بۇرادەرلەر ! ئاجىز قىز بالىنى بۆزەك قىلمايلى!،- دىدى.

copyright by www.iz.la


-ۋاي- ۋوي ئەسئەت ئاكا ، مۇشۇنداق ئوبدان ئېشلارغىلا بولسا تارتىشىپ تۇرىۋالىسەن!-دىدى ئەڭ باشتا گەپ قىلغان بىرى.
-بولدى سەن ئوينىمىساڭ ئوينىما ئاكا ! بىز ئوينايمىز ، ئەمىسە تۆگە كۆردۈڭمۇ -ياق ،ھە؟-دىدى يەنە بىرى ماڭا يىقىنلاپ .
ھەش پەش دىگىچە ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدىم، ئۇلار مىنى قىستاپ كىلىشكە باشلىدى.مەن كەينىمگە داجىپ بىر چاغدا تامغا يۈلۈنۈپ قالدىم.
بىرى مىنىڭ قۇلۇمدىكى سومكامنى تارتىپ ئالدى-دە :- ئېلىشات ! تۈتە مانى ،ئېچىگە قاراپ باق نىمە باركىن؟ تەلىيىمىزگە بىر نىمە چىقىپ قالامدۇ تېخى-دەپ يىنىدا تۇرغان بىرىگە ئېتىپ بەردى.
مەن:- سىلەر نىمە قىلماقچى ؟ پۇل دىسەڭلار سومكامدا بار ، ماڭا چىقىلماڭلار !،-دەپ يىلىنىشقا باشلدىم.ئەمما ئۇلار ماڭا يۇپۇرلۇپ كەلدى، مەن شۇ چاغدا تۈنجى بۇلۇپ بۇ ئالەمگە تۆرەلگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم.ئېچىمدە «تۈگەشتىم »دىگەن سۆزلا ياڭرايتتى .مەن ھە دەپ ياق ، ياق دەپ ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا تىرىشتىم ،ئۇلاردىن بىرى ماڭا يىقىنلاپ كىلىپ ئېڭىكىمنى كۆتۈرۈپ چىرايىمغا قارىدى ۋە :

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-ۋاھ ، ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزاتمۇ -نىمە بۇ، قالتىس سەتەڭ نىمىكەن ! -دەپ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇشقا باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئېچىدىن بىرى پەس ئاۋاز بىلەن :-گۈلىستان ؟-دىدى. ئاۋاز گەرچە ئاستا چىققان بولسىمۇ ئۇ گويا قۇتقازغۇچى ئېلاھى ئاۋازدەك ماڭا ئۇچۇق ئاڭلاندى، مەن دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئۈمۈت بىلەن قارىدىم.
ئەمما قاراڭغۇ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى بىشىنى بۇرىۋالغاچقىمۇ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم.
شۇ ئارىدا بىرىنىڭ :- مۇشۇمۇ ئېشمۇ ، جۈرۈڭلار ئاغىنىلەر كىتەيلى !-دىگىنى ئاڭلاندى.
يەنە بىرى :- قويە سىنى ! دائىم ئالدىڭغا تەييار ئولجا كەلسىلا ئېش بۇزىسەن! ئوينىغۇڭ بولمىسا مەن ئەپلەشتۈرەلمەيمەن دەپ بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ تۇرساڭلا بولمىدىمۇ؟-دىدى چىقىراق ئاۋاز بىلەن. ئىز تورى بەك ياخشى
-شۇ ئەمەسمۇ ، ئالدىنقى قىتىممۇ تاۋكادا ئۇتقان سابىرنىڭ پۇلىنى ئاپىسى مىچىلداپ يىغلاپ قويسىلا زورمۇ-زور قايتۇرۇپ بەرگۈزۋەتتىڭ ! ئەمدى گىپىڭگە كىرىۋەرمەيمىز جۇمۇ ئەسئەت،-دىدى دوغىلاق بىرى ماڭا يىقىنلاپ كىلىۋىتىپ.
- قېنى نوچى بولساڭلار چىقىلىپ بىقىڭلارچۇ ! مەن بىر كۆرەي!- دىدى ئەسئەت دىگىنى .
- ئەسئەت بولدى قىل ! تاقەتنىڭمۇ چىكى بولۇدۇ ! -دىدى دوغىلاق كەلگىنى .
-بىزنىڭ ساڭا كۆچىمىز يىتىدۇ جۇمۇ ئەسئەت ! -دىدى ئالدىدا گەپ قىلغان چىقىراق ئاۋازلىق.
-توغرا ،تۆتىڭلار بىرلەشسەڭلار كۆچۈم يەتمەسلىكى مومكىن ،ئەمما بۇرۇنقى قىلغان -ئەتكەنلىرىڭلارنى مىنى مەلۇم قىلىپ قويمىسۇن دىسەڭلار ئاستا كەتكىنىڭلار تۈزۈكمىكىن،-دىدى ئەسئەت دىگىنى نەسىھەت ئارلاش تەئەددى بىلەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-نىمە ! بىزنى ئۇنداق گەپلىرىڭ بىلەن قورقۇتىمەن دىمە ! ئۇنتۇپ قالما ،ئۇ ئېشلارغا سەنمۇ شېرىك جۇمۇ!- دىدى چىقىراق ئاۋاز ئەسئەت دىگىنىگە يىقىنلاپ .
-توغرا ! سىلەر قىلغان ھەر بىر ئەسكى ئېشنىڭ ئېچىدە مەنمۇ بار ! بۇنىڭدىن تانمايمەن، ئەگەر بۇ قىزنىڭ بىر تال مۇيىغا تىگىدىكەنسىلەر سىلەرگە جىنىمنى تىكىپ قويدۇم!-دىدى ئەسئەت دىگىنى مىنى گەۋدىسى بىلەن توساپ تۇرۇپ . مەنمۇ ئېختىيارسىز ھېماتچىمنى تاپقاندەك ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم.
-نىمانداق پەيزىمنى ئۇچۇردۇ بۇ ؟ بۇ پاسكىنىنى ھەجەپ ئاشناڭدەك قوغداپ كەتتىڭغۇ ؟! ...-گىپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا دوغىلاق كەلگىنى ئەسئەت قويغان بىر مۇش بىلەن ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-مىنى ئۇرۇۋاتامسەن ؟ مانا مۇش دىگەن !!! -دەپ ئورنىدىن تۇرغۇزغان ھەمرىيىنى ئېتتىرۋىتىپ مۇشتۇمى بىلەن ئەسئەتنىڭ يۈزىگە ئۇردى.مەن قورقۇپ چىقىرىۋەتتىم.
ئۇلار بىر -بىرىنىڭ ياققىلىرىنى سىقىشقىنىچە ھۆرپىيىشىپ تۇراتتى.
دەل شۇ چاغدا قاياقتىندۇ ساقچى ماشىنىسىنڭ سىگىنال ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئۇلار تەڭلا بىر -بىرىنىڭ ياققىسىنى قۇيۇۋىتىشتى.
-خەپ ئەسئەت ! بۇ ئىششڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ! جۈرۈڭلار ! -دەپ ماڭدى ئۇلار .
مەن شۇندىلا خەتەردىن قۇتۇلغاندەك يىنىك تىن ئالدىم.
ئەسئەت بايا ئۇلار ئۆرۈپ چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن سومكامنى يەردىن ئېلىپ قېقىشتۇرغاچ ماڭا سۇندى.مەن سومكىنى ئېلىۋىتىپ: ئىز تورى www.iz.la
-رەھمەت سىزگە! -دىدىم.
ئۇ ئۈندىمەي مىڭىشقا تەمشەلدى.
مەن :-ئېغىر كۆرمەي مىنى ئاپىرىپ قۇيالارسىزمۇ ؟-دىدىم .
ئۇ بىشىنى لىڭشىتتى.بىز خېلى بىر يەرگىچە قاتارلىشىپ مىڭىپ غۇۋا يورۇق جايغا كەلگەندە ئۇنىڭغا سەپ سىلىپ جاۋغىيىدا قان يۇقۇندىسى تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
مەن:- ۋاي ،قاناپ كىتىپتىغۇ؟ -دەپ قول ياغلىقىم بىلەن ئاغزىنى سۈرتمەكچى بولدۇم. ئۇ چۈچۈپ كېتىپ دەرھال بىشىنى قۇلۇمدىن ئەپ قاچتى.
مەن ئوڭايسىزلىنىپ :-سەت بولدى ! مىنى دەپ مۇشۇ دېشۋارچىلىققا قالدىڭىز ! -دىدىم .
ئۇ ئۇلۇغ -كىچىك تىنىپ ئۈندىمەي ماڭدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كىتىۋىتىپ ئۇنىڭغا زەن سالدىم، ئۇ ئېگىز بويلۇق ،بەستلىك قارا قاش ،قۇشۇمىسى دائېم تۈرۈك تۇرغاچقىمىكىن قىشىنىڭ ئۇتتۇرسىدا ئىز بار ئېدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىمەي مىڭىپ ئۆيگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
مەن ئېشىك ئالدىدا توختاپ :- سىزگە كۆپ رەھمەت !سىز بولمىغان بولسىڭىز قانداق بوپ كىتەردىمكىن، تنۇشۇپ قۇيايلى ،مىنىڭ ئېسمىم گۈلىستان،شەھەرلىك ھۈكۈمەتتە ئېشلەيمەن!-دىدىم
ئۇ ماڭ قارىماي تۇرۇپ پەس ئاۋاز بىلەن :-مەن بىلىمەن ،-دىدى.
مەن ھەيرانلىق بىلەن:- مىنى تۇنۇمسىز؟-دەپ سورۇدۇم .
ئۇ بىشىنى بىلىنەر -بىلىنمەس لىڭشىتىپ قۇيۇپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى.
شۇ ئاخشىمى قانداقتۇ چوڭقۇر خىياللار ئېچىدە ىېلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىيالمىدىم.
دوستۇم ئاي زىبا ، بەلكىم شۇ تاپتا « بىر -بىرىمىزدىن سىر يۇشۇرمايدىغان دوسلار تۇرۇپ بۇ ئېشنى نىمىشقا دىمىدىڭ ؟»دەپ رەنجىشىڭ مومكىن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن شۇ بىر قىتىملىق تەسەددىپى ۋەقە بىلەن ئۇچۇرىشىشىمىز بولغان بولسا ساڭا ئۇنىڭ دەردۇ-مەردانلىقىنى ، قەھرىمانلارغا خاس قىياپىتىنى زوق -شوق بىلەن سۆزلەپ بىرەر ئېدىم ،ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكى كىچچىكىنە بىر ئېش ئۇنىڭغا بولسان مىننەتدارلىقىمنى يۇيىۋىتىپلا قالماي يەنە نەپرىتىمنى قوزغاپ قويدى. ئىز تورى بەك ياخشى
شۇ ئىش ئۈتۈپ ئەتسىدىن باشلاپ ئۆيگە يول يىراق بولسىمۇ كوچا چىراغلىرى بار يول بىلەن ئايلىنىپ قايتىدىغان بولدۇم.
ئەمما يول يورۇق بولسىمۇ نىمە ئۈچۈندۇ بىرى كەينىمگە چۈشكەندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. بىر قىتىم كەچتە ئۆيگە كىرىپ كىتىدىغان چاغدا ئۇنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇندىلا مەن ئۇنىڭ مىنىڭ سەزگۈم ئەمەسلىكىنى بىلدىم .مەن ھەر قىتىم مەن بىلەن ئارىلىق تاشلاپ سوڭدۇشۇپ كىلىۋاتقان سايىگە قارىساملا ئۇ كۆلەڭگە دەرھال يۇشۇرنىۋالاتتى . كۈنلەر ئۈتۈپ مەن ئۇنىڭ مەن ئۆگە كىرىپ كەتسەملا ئاندىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالىدىغانلقىنى سەزدىم .بىر كۈنى كەچتە مەن قەستەن بىر دەرەخ كەينىگە يۇشۇرنىۋىلىپ بۇ كۆلەڭگىنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولدۇم. ئۇ مىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم دەپ ئويلىغان چىغى يۈگۈرۈپ ئۇ ياق- بۇياققا قاراپ مىنى ئېزدەشكە باشلىدى ، ئۇ ئەسئەت ئېدى .مەن دەرەخ كەينىدىن چىقىپ:

ئىز تورى www.iz.la


-مىنى ئېزدەۋاتامسىز؟-دىدىم خوپسەنلىك بىلەن .
ئۇ مىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتى-دە مىڭىشقا تەمشەلدى. مەن ئۇنىڭ ماڭار يۇلىنى توساپ تۇرۇپ :
-مىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قۇيۇپ كەتسىڭىز مەن قورۇقمامدىمەن؟- دىدىم شوخلۇق بىلەن .
ئۇ ناھايتى يىقىملىق كۆلۈمسىرەپ قويدى.
بىز يەنە بىللە ماڭدۇق.
مەن :-نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مىنى يەنە شۇنداق ئېشقا يۇلۇقۇپ قالمىسۇن دەپ قوغداپ مىڭىپسىز-دە ئارقامدىن؟ -دەپ سورۇدۇم .
ئۇ بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ ئۈندىمىدى.
مەن :- سىز بەك كەمسۆزكەنسىز،-دىدىم. ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ مىڭىۋەردى.
ئۇ شۇ تەرىزدە تاكى كۇرۇسۇم ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغۇچە مىنى ھەر كۈنى ئەكىلىپ قويوپ تۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر كۈنى كەچ نىمىشقىدۇ ئۇ كەلمەي قويدى .مەن ئۇ كۈنى خۇددى بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك خامۇش ھالدا بىر دەم بىر دەم كەينىمگە قارىغىنىمچە ناھايتى تەستە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
ئەمما ئەتىسى كەچ، يەنى كۇرۇس ئاخىرلىشىشقا 2 كۈن قالغاندا ئۇ ئادەتتىكىدەك مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن خۇددى ئۇ چۇقۇم مىنى ئاپىرىپ قۇيۇشقا يارالغاندەكلا ئالدىراپ :
-تۈنۈگۈن كەچ نىمىشقا كەلمەيسىز ؟ -دەپ سورۇدۇم .
ئۇ شوخلۇق بىلەن :-ئاخشام ئېششىم چىقىپ قالدى،-دىدى.
بىز باشقا كۈنلەرگە ئوخشاش خۇشال ھالدى قاتارلىشىپ ماڭدۇق، باشقا كۈنگە ئۇخشىمايدىغان يېرى ئۇ توختىماي گەپ قىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەل قاراڭغۇ يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئۇ قەدىمىنى توختۇتۇپ ماڭا قاراپ:
-مىنى راستلا تۇنۇمىدىڭىزما ؟ -دەپ سورىدى.
مەن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ بىشىمنى چايقىدىم.
ئۇ : - مەن سىزنى بۇرۇندىن تۇنۇيمەن ،-دىدى
مەن ئۇنىڭغا سەپ سىلىپ قاراپ :- ئەينى ۋاقىتتا سىزمۇ ماڭا تۇنۇش چىراي كۆرۈنگەنتىڭىز ،ئەمما ھەرقانچە ئەسلەپمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم،-دىدىم.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئۇ كۈلۈپ قۇيۇپ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغاچ مەسخىرە تەلەپپوز بىلەن :- ئېسىلزادىلەر ئۇنتۇغاق كىلىدۇ دەپ توغرا ئېيتقان !-دىدى .
مەن جىددىلىشپ :-ۋوي ئادەمنى تىپىشماق تاپقۇزىمەن دىمەي دەڭا ،مىنى قانداق تۇنۇيسىز ؟-دىدىم .
ئۇ تاماكىسىدىن ئېس چىقىرىپ تۇرۇپ :- بىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-5- يىللىقىدا بىللە ئۇقۇغان،-دىدى.
مەن شۇندا ئېسىمگە ئالغاندەك بولۇپ :- ھە ،توغرا ! سىز ھېلىقى بىزنىڭ سىنىپقا .... ؟-دەپ ئۇنىڭ غورورىغا تىگىدىغان گىپىمنىڭ يېرىمىنى يۇتۇۋالدىم .
ئۇ پەرۋاسىزلارچە ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ:- شۇنداق ،سىلەرنىڭ سىنىپقا چۈشۈپ قالغان ئەسئەت بولىمەن -دىدى . ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقان چىغىدا ئۇنىڭغا قارىغاندا مەن بەكرەك خىجىل بولدۇم.
مەن:- كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، سىز جىق ئۆزگۈرۈپ كىتىپسىز ،-دىدىم ئۇنىڭغا زەن سىلىپ قاراپ .
ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ :-سىز تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز ! -دىدى .
مەن خىجىل بولۇپ :- ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن -ھە ؟ قايسى مەكتەپتە ئۇقۇدىڭىز ؟ ھازىر نىمە قىلىۋاتىسىز ؟ -دەپ سورۇدۇم.
ئۇ -مەن تۇلۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئۇقۇشتىن توختاپ قالدىم، سىز ئۇقۇغان ئالى مەكتەپنى پەقەت چۈشۈمدىلا كۆرىمەن -دىدى چوڭقۇر تىنىۋەتكەندىن كىيىن چىكىۋاتقان تاماكىسىنى يەرگە تاشلاپ.
مەن ئۇنىڭدىن سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان سۇئالنى سوراپ قويغانلقىمنى ھېس قىلىپ :- ھېچقىسى يوق ئالى ئۇقۇش تارىخى ھېچنىمىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ -دىدىم ئالدىراپ ئىز تورى www.iz.la
ئۇ دىمىقىنى قىقىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا قاراپ:- ماڭايلى،- دىدى.
مەن ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ جىق گەپلەشكىنىمىز شۇ بوپتۇ.
ئۆيگە قايرىلدىغان دۇقمۇشقا كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا قاراپ :- بولدى ئەمدى تۇرۇپ قىلىڭ ،كۇرۇس ئۆگۈنلۈككە تۈگەيدۇ ،سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ئەسئەت ،-دىدىم .
ئۇ ماڭا ئوت چقاناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇزاق تىكىلىپ تۇردى .
مەن ئۇنىڭ قارىىشدىن ئۇيۇلۇپ كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدىم ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ مىنى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز قۇچاغلىدى ،ئۇنىڭ يۈرۈكى كۆكرەك قەپىزىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك دۈپۈلدەيتتى ،مەن ئۇنىڭ ئەرلەرگە خاس پۇراق چىقىپ تۇرغان قۇچىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېركەشتىم.ئەمما ئۇنىڭ قوللىرىدن بوشىنىش مومكىن ئەمەس ئېدى! بىلەمسەن ، مەن ئۇنىڭ مەيدىسىدىن ئېتتىرىپ تۇرغان چىغىمدا ئۇ بىشىنى سەل ئېگىپ سىڭايان بولۇپ مىنى شۇنچىلىك قاتتىق سۆيدىكى ! ئۇنىڭ لەۋلىرى بەئەينى چوغ ئېدى، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭ شۇ سۈيۈشىنى بەلكىم ئۆمۈر بويى ئۇنتالماسمەن ئاي زىبا ! شۇ دەقىقىدە مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قىچىشنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ قالدىم ! بىر دەمدىن كىيىن مەن ئېسىمگەكىلىپ بار كۈچۈم بىلەن قۇچىقىدن بوشاندىم-دە يۈزىگە بىر تەستەك سالدىم . ۋە :- لۈكچەك ! -دەپ تىللىدىم-دە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتىم. ئۇ داڭ قىتىپ تۇرپ قالدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن ھوجرامغا كىرىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم ،چۈنكى شۇ يىشىمغا كىلىپ بىر ئەر كىشىنىڭ قولى تەگمىگەن بەدىنىمنى بىر لۈكچەك قۇچاغلىغان ئېدى ! ئۆزۈم سۆيگەن ئادىمىمدىن باشقا ھېچكىمگە تەئەللۇق ئەمەس دىگەن پاك لەۋلىرىم ھىلىلا بىر لۈكچەك تەرپىدىن بولغانغان ئېدى.
ئەتىسى كەچ ئۇنى لۈكچەكتىن -لۈكچەككە سىلىپ تاززا تىللاپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋىلىش مەقسىتىدە خېلى ساقلىغان بولساممۇ ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدىم.
كىيىن ئېشتىن سېرتقى ئاسپىراتلىق ئېمتىھانىدىم ئۆتتۈم،ئۇندىن كىيىنكى ئېشلارنى مەن ساڭا تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بىلىسەن !جىددى ئۆگۈنۈش بېسىمى ،ئائېلەمدىكىلەرنىڭ تەربىيەسى ،ئۆزۈمگە بەك ئېشەنگەنلىك سەۋەبلىك مۇھەببەت تۇغۇرلۇق ئويلانغۇدەك بولمۇدۇم ،ئەمما نىمىشقىدۇ بەزىدە ئەسئەتنىڭ قۇچاغلاپ سۆيگۈنىنى ئەسلەپ قالدىغان بولدۇم ،ئۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى نۇمۇسلۇق دەپ ئاتىغان ئېش بولغاچقا سەن بىلەن يىقىن دوست بولساممۇ دىمىگەن ئېدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىلەن قانداق بولۇپ مۇھەببەتلىشىپ قالغىنىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈڭ كىلىۋاتقاندۇ؟شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۇنىڭغا بولغان تۇنۇشۇم نەپرەت دىسە نەپرەت ئەمەس ،يېرگىنىش دىسە يېرگىنىش ئەمەستەك بىر تويغۇغا كىلىپ قالغان ئېدىم .شۇنداق تويغۇ تاكى ئۇنىڭ ئاپىسىنى ئوچراتقانغا قەدەر داۋاملاشتى.
بىلىسەن ،يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىمىز ئۇقۇش تاماملاش ئۈچۈن ئېلمى ماقالە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇردى ،سەن خېزمەتكە چۈشمىگەن بولغاچقا ئۈرۈمچىدە قىلىپ قالدىڭ ، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم.ئۈرۈمچىدىن يۇرتۇمغا تىزرەك كىتىۋىلىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس ئالمىشىشقا توغرا كەلدى،ئابتۇبۇستا 50 ياشلار ئۆپچۆرىسىدكى بىر ئايال بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ قالدۇق. يول يىراق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۇرتلۇق چىقىپ قالغاچقىمىكىن ئۇ ئايال بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم ، مەن نەگە بارغانلىقىنى سورۇدۇم. www.iz.la
ئۇ ئايال ئېغىر تىنىپ :- نەگە باراتتىم قىزىم ،تۈرمىگە بېرىپ ئوغلۇمنى يۇقلا پ كەلدىم ،-دىدى .
مەن قىزىقىپ :- شۇنداقمۇ ؟ئوغلىڭىز نىمە سەۋەپ بىلەن تۈرمىگە كېرىپ قالغانتى ؟-دەپ سورۇدۇم.
ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ :- بۇ بالامنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قىلىشىغا مەن سەۋەپچى ،-دىدى يىشىنى ئېرتىپ تۇرۇپ .
ئۇنىڭ دىيىشىچە ،بىر يىل بۇرۇن بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قوشنىسى بىلەن بىر كىچىك ئېش تۇغۇرلۇق ئارازلىشىپ قالغاندا ئۇ قوشنسىنىڭ يولدىشى سەت گەپ بىلەن بۇ ئايالنى ھاقارەتلەپ تىللاپتۇ ،ئەتىسى بۇ ئايالنىڭ ئوغلى ئاپىسىنىڭ ھاقارەتلەنگىنىنى ئاڭلاپ ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇ قوشنىسىنى قاتتىق ئۇرۇپ ،ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ قۇيۇپتۇ، شۇ سەۋەپلىك تۈرمىگە كىرىپ قالغانكەن. copyright by www.iz.la
مەن تەسىرلىنىپ :- ئۇغلىڭىز سىزنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىپتۇ-دە ؟-دىدىم .
ئۇ ئايال ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ :- ھەر قىتىم شۇ ئېشنى ئويلىسام ئۆزۈمگە شۇنداق نەپرەتلىنىپ كىتىمەن ،-دىدى .مەن ئۇ ئايالنىڭ يىشىنى ئېرتىپ تۇرۇپ :- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،سىزمۇ ئوغلىڭىزنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇ سىزنىڭ ھاقارەتلىنىشىڭىزگە چىدىماي شۇنداق قىلغان گەپ ،-دىدىم.
ئۇ ئايالنىڭ يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى :- ياق بالام سىز بىلمەيسىز بەزى ئېشلارنى! -دىدى ئۈكسۈپ .مەن قېزىقىپ كوچىلاپ سورۇدۇم .
ئۇ ئايال يىشىنى ئېرتىپ تۇرۇپ :- دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن بالام ،باشقا بىرى بولسا دىمەيتتىم ،مىھرىڭىز ئېسسىق بالىكەنسىز ،سىزگە باشتىن دەپ بېرەي قېزىم ،مەن بۇ بالامنىڭ ئۆز ئاپىسى ئەمەس ، مەن بۇ ئوغلۇمنىڭ دادىسىغا ياتلىق بولۇپ بارسام ئەسئەت بالام ئېككى ياشقىمۇ توشماپتىكەن ،شۇ چاغلاردا مىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدى ! مىنى توختىماي ئاپا ،ئاپا دەپ چاقىراتتى،مەنمۇ باشتا ئۇنىڭغا يامان ئەمەس قارىدىم ،خوتۇن كىشى دىگەن شەخسىيەتچى كىلىدىكەن قاراڭ ،كىيىن ئۆزۈم بىر بالا تۇققاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇشقا باشلىدىم ،ئۇنڭغا بولغان مۇئامىلەممۇ ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى ، كىيىنچە بېرىپ ئۇنى دائېم ئۇرىدىغان بولدۇم -دىدى ئۆز -ئۆزىدىن ئۆكۈنۈپ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ زەن قۇيۇپ تىڭشاشقا باشلىدىم.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:- مەن ئۇنى شۈنچە قاتتىق ئۇرۇپ تىللىساممۇ ئۇ پەقەت گەپ ياندۇرمايتتى ،دادىسىغىمۇ بېرىپ ئېيتمايتتى،كىيىن دادىسى ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قىلىپ ئېقتىساتتا قىينالدۇق ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۇقۇشتىن توختىتۋالدىم،ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسىمۇ قازالاپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئەسئەت ئۇ يەر بۇ يەرلەردە كۈنلۈك ئېشلەپ ئېنىسىنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۆينىمۇ قامدىدى ،شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆز بالام بولمىغاچقا ئۇنى پەقەت ياخشى كۆرمەيتتىم،-دىدى ياشاڭغۇرىغان كۆزلىرى بىلەن يىراقلارغا قاراپ
مەن بۇ تۇنۇش ئېسىمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ :- نىمە ؟ ئەسئەت دىدىلىمۇ ؟ -دەپ سورۇدۇم .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۇ ئايال مەندىكى چۈچۈشنى سەزمىگەن ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى:-شۇنداق ،بۇ بالامنىڭ ئېسمى ئەسئەت ،! ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ئۆلىمى بىلەن مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلەم ،يەنە ئۆينى ئۆزۈم بىلەن بالام ئېگەللىۋىلىشىم بەك ئېغىر كەلگەچكىمىكىن بارا-بارا چۈشكۈنلىشىپ جەمىيەتتىكى يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قالدى!ئۆيگىمۇ ئانچە كەلمەس بولدى -دىدى.
مەن :-سىلەرنىڭ ئۆي دۆڭ مازار مەسجىتىنىڭ يېنىدىمىدى؟ -دەپ سورۇدۇم جىددىلىشپ.
ئۇ ئايال سەل ھەيرانلق بىلەن:- شۇنداق،سىز قانداق بىلىسىز ؟ -دەپ سورىدى.دەر ھەقىقەت ،ئۇ ھەقىقەتەن ئەسئەتنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئېكەن ! مەن ئۇنىڭغا ئەسئەت بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ساۋاقداش ئۇقۇغانلىقىمنى دەپ بەردىم.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئۇ ئايال سوس كۈلۈمسىرەپ :- شۇ تاپتا سىزمۇ مىنى جادىگەردەك خوتۇن ئېكەنسىز دەۋاتقانسىز بەلكىم ،شۇنداق ، ئۆزۈممۇ شۇ تاپتا قانچىلىك ئەسكىلىكمنى ھېس قىلىۋاتىمەن ! ئۇ تۈرمىگە كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۆيگە مەس ھالدا كېرىپ« ماڭا سىڭلىمغا بەرگەن ئانىلىق مۇھەببىتىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى بولسىمۇ بېرەلمەمسەن؟» دەپ تىزىمنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتتى ،شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ تەسسەللى بېرىش تۈگۈل « سەندەك لۈكچەك ئۇغلۇم يوق» دەپ ئېتتىرىپ چىقىرۋىتىپتىمەن ،ئەتىسى ئۇ قوشنىمىزنىڭ مىنى تىللىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى قاتتىق ئۇردى ! ھە بىر ئۇرۇشىدا «ئاپامنى نىمىشقا تىللايسەن ئېتنىڭ بالىسى ! ئوغلى يوق دەپ قالغانمىتىڭ؟! »دىدى ،ئۇ قوشنىمىزنى ئۇرۇپ بولۇپ ساقچىغا ئۆزى تېلىغۇن قىلدى ، -دىدى ئۇ بۇرنىنى ئېرىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :-بايا تۈرمىگە بارغىنىمدا ئۇ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كەتتى! مەن ئۇنىڭدىن «نىمىشقا شۇنداق قىلىسەن ؟» دەپ سورىسام ئۇ «سەن دىگەن مىنىڭ ئاپام ! مەيلى سەن مىنى ياخشى كۆر ياكى يامان كۆر سىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ھاقارەتلىنىشىڭگە قاراپ تۇرالمايمەن »دىدى ،ۋاقىت تۇشقاندا ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئاپا ،سىنىڭ ئۆز ئاپام ئەمەسلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن ،شۇنداقتىمۇ سىنى ھېچقاچان ئۆچ كۆرۈپ باققان ئەمەسمەن ! چۈنكى مەن بۇ ئۈمرۈمدە تىلىم چىقىپ تۈنجى قىتىم ئاپا دىگەن ئادەم سەن بولىسەن! سەن ئېتراپ قىلمىساڭمۇ مەيلى ،مەن مەڭگۈ سىنىڭ ئوغلۇڭ ئاپا! »دىدى ،ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم پۇچۇلىنىپ كەتتى،-دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەسئەتنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىغان كۈندىن ئېتبارەن مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇنۇشۇمنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ، توغرىسى ؛ئۇنى بارا-بارا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم .تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ ھە دىسىلا چۈشۈمگە كىرىپ قالىدىغانلىقى بولدى.ھازىر ئويلاپ باقسام مەن ئۇنى مىنى زورلاپ سۈيىۋالغان چېغىمدىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن ئاداش ! « يۈزلىرىم شۇ تاپتا بۇ گەپلەرنى دىگەنلىكىم ئۈچۈن ئوت ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ» كىيىن مەن تۇنۇشلىرىم ئارقىلىق ئەسئەت تۇرۇشلۇق تۈرمىگە تىلىفون بېرىپ ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ قېسقارغانلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ چىقىش ۋاقتىنى بىلىۋالدىم.
ئىز تورى بەك ياخشى

دوستۇم ئاي زىبا شۇ تاپتا مىنى تىللۋاتقانسەن -ھە ؟ مانا مەن زارىققان كۈنلەرمۇ يىتىپ كەلدى ! مەن ئۇنى ئالغىلى بېرىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ تۇرۇشلۇق تۈرمە رايونىغا بېرىۋالدىم، ئەتىسى تاڭ سەھەردە مەن ھاياجانلىق ئېلكىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم ! تۈرمە دەرۋازىسىنڭ يىقىمسىز ئېغىر ئېچىلىشى بىلەن ئۇ باشقۇرغۇچى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەلدى،مەن يۈرۈكۈم دۈپۈلدىگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ يىقىنلاپ كەلدىم . ئۇ باشتا بەلكىم تۇنۇيالمىدى بولغاي پەرۋا قىلمىدى ،يىقىنلاپ كەلگەندە مىنى كۆرۈپ توك تىپىۋەتكەندەك چۈچۈپ كەتتى ! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئۇزۇن تۇردۇق ،بىر چاغدا مەن بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن كىيىملىرى سىلىنغان سومكىنى ئالدىم،شۇندىلا ئۇ ئېسىگە كىلىپ سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى .
مەن شوخلۇق بىلەن :-سىزنى ئالغىلى كەلدىم،ئاپىڭىز بىزنىڭ يولىمىزغا قاراپ كۆزى تىشىلەي بولغاندۇ ،-دىدىم.
ئۇ ماڭا يىقىمىق كۆلۈمسىرىدى،مەن ئۇنى قولتۇقلىغىنىمچە داغدام ،يورۇق ،كەڭ يولغا باشلاپ يۈرۈپ كەتتىم.
خېتىمنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن كۆزلىرىڭ ئاغرىپ كەتكەندۇ دوستۇم ، خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي ،ئەسئەتنىڭ مەسىلە سوراپ قىلغان ئۇچۇرىغا ئەمدى جاۋاپ قايتۇراي ! نىمىشقا دەمسەن ؟ ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئېمتىھانىغا تىزىملاتتى ،مانا تېلىغۇنىمۇ كىلىپ قالدى، خەير دوستۇم ئامان بولغىن !ئۇنتۇپ قالماي ماڭا بەخىت تىلە دوستۇم! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە ؛ سەئىدىيە بىلوگى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
90%
ناچار
(1)
10%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...

  • ئالدىراڭغۇ كەپتەرنىڭ ھىكايىسى

    بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن،...

  • ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

    جىم-جىت پىچىرلاشلار ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇندا...

  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...