ھەقىقي بايلىق

ۋاقتى:2010-10-25 13:09مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،‹‹نۇرلۇق يۇلتۇز››،‹‹گاۋيۈباۋ››،‹‹ياشلىق ناخشىسى››،‹‹سۇ بويىدا››قاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇتقۇچى،شۇنداقلا كىتابخۇمار بولغاچقا،ئۆيىمىزدىن كىتاب-خۇمار ئايرىلمايتتى.گەرچە ئۇ چاغلاردا ماددىي تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىز باي ئىدى،كىتابخۇمارلىق ئادىتىمنى تا ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمىدىم.شۇڭا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياكى بىكار چاغلاردا ھەمىشە كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ،يىڭى كىتابلار چىقسىلا ئېلىپ تۇرىمەن،شۇ سەۋەبتىن ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىگە قارىسا كىتاب-ژۇرنال،ئىككى بالاممۇ مېنى دوراپ كىتابخۇمار بولۇپ چىقتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


گاھى چاغلاردا خوتۇنۇم نارازى بولۇپ:
-سىلى بىر ئۆمۈر كىتابقا تويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايلا،نەگە قارىسا كىتاب،يا ئۆينى بېزەيلى دېسەك ئۇنىمايلا،تاپقان پۇللىرىغا كىتاب ئالىلا،قارىسىلا،قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىنى بېزەپ بولدى،بىزنىڭ ئۆيىمىزلا ئۆز پېتى،شۇڭا باشقىلارنى ئۆيگە باشلاشتىنمۇ نومۇس قىلىمەن،ھازىر دېگەن قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل!-دەيتتى.مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلىغاندا كۈلۈپ قويۇپ،ئارتۇق بىرنېمە دېمەيتتىم.
بۈگۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا،خوتۇنۇمنىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلدى:
-ماڭا قارىسىلا ئاتىسى،ماۋۇ ئۆينى قاچان بېزەيمىز؟بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگىلى بەش يىلدىن ئاشتى،باشتا قانداق بولسا ھازىر شۇ پېتى ! ئىز تورى بەك ياخشى
مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن سەل ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-بۈگۈن ئۆي بېزەپ چۈش كۆرۈپ قالدىڭمۇ نېمە؟ئۆزۈڭچە نېمانداق تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا يەنە ئۆي بېزەشنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدىڭ؟
خوتۇنۇم تازا بىر ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن :
-سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى،مەن چوڭ ئاچىسى بولغاندىن كېيىن سىڭلىمنى قېيىنئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆي كۆرسىتىۋالمىسام بولماس،ئۇنداق قىلمىسام سىڭلىمنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن ئېرىنىڭ ئالدىدا يۈز-ئابرويى بولماس!
-سىڭلىڭنىڭ ئابرويى بىزنىڭ ئۆي كۆرسىتىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۆي كۆرسىتىۋالمامسەن ،داستىخاننى ئوبدان سېلىپ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالساڭ بولىدىغۇ،ئاچاڭ ئۆي كۆرسەتمىدى دەپ سىڭلىڭنى ئېرى يەنە ئەتە-ئۆگۈن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويمىسۇن!-دېدىم سەل جۇدۇنۇم تۇتۇپ،-ئۇلار ھەقاچان بىزنىڭ ئۆينىڭ بېزىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى كەلمەس؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-سىلى ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن سىڭلىمنىڭ قېيىنئانىسى كېلىنىمىزنىڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالى تايىنلىق ئىكەن ،ئۆيىدە كىتاب-ژۇرنالدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن دەپ قالمامدۇ ؟-دېدى.
خوتۇنۇمنىڭ بۇ سۆزلىرى سەل ئوغامنى قايناتتى :
-بىزدە ئۆيىمىزگە كىتاب ئىشكابىنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىشكاپىنى ياسىتىپ،كىتاب ئالغان پۇلنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكا ئېلىپ ئىچىپ،چېكىپ يۈرىدىغانلار بولغاچقا ،بىر نېنىمىز ئىككى بولماي،سۆلەتۋازلىق قىلىپ ئۆتۈۋاتىمىز.نەدىن چىقتى مۇشۇنداق ئۆي كۆرسىتىش دېگەنگە ئوخشاش چاكىنا ئۆرپ-ئادەتلەر ،باشقىلار ئۆيلىرىنى پەنەركە تاختا بىلەن زىننەتلىسە مەن ئۆيۈمنى كىتاب بىلەن زىننەتلەيمەن! قۇدىلىرىڭغا ئۆيىمىز يارىمىغان بولسا ھەشەمەتلىك تېز تاماقخانىدىن بىرىگە ئاپىرىپ شۇ يەردە مېھمان قىل ،ئۆي كۆرسىتىشتىكى مەقسەت__40-50 خوتۇن كىشىنى مېھمان قىلىشقۇ؟-دېدىم زەردە بىلەن.خوتۇنۇم زەردە بىلەن كۆزلىرىنى ئالايتىپ بىر نەرسە دەي دەپ ئاغزىنى گەپكە ئۆمەللىۋېدى، بۇ چاغدا 14 ياشلىق ئوغلۇم ئىرشاتجان گەپكە ئارىلاشتى: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ئانا،بىز ئۆيىمىزنى زىننەتلىمىگەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيىمىزدە كىتاب كۆپ،بىزنىڭ ئۆيىمىزدە بار كىتاب مۇشۇ قورودا كىمنىڭ ئۆيىدە بار؟ زىننەتلەنگەن ئۆينىڭ تام-تورۇسىنى ئوقۇغىلى بولامتى؟-خوتۇنۇم ئوغلۇمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:
-ئوھوش،سەن كىچىك بولغاندىن كېيىن تولا ئاتىكارچىلىق قىلماي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇغىنە،سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟-دېدى.
-قارا، ئوغلىمىز كىچىك بولسىمۇ ناۋاتتەك گەپ قىلدى،سېنىڭ ئاشۇ ئوغلىمىزچىلىك ئەقلىڭ يوق ئىكەن.سۆلەتۋازلىق نەگىمۇ بارارسەن؟مەن ئۆيىمىزنى ھەرقانداق ئېسىل بېزىلگەن ئۆيگە تەڭ قىلمايمەن،-دېدىم ھەم ئوغلۇمنى بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،-يارايسەن ئوغلۇم، ھەقىقىي ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ! ماددىي گادايلىقتىن مەنىۋى گادايلىق يامان،بىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىمىز مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ،بىراق ماددىي بايلىق ئاسانلا تۈگەپ كېتىدۇ.مەن ئۆزۈمنىڭ بايلىقىنى ھەرقانداق مىليونېرنىڭ بايلىقىغا تەڭ قىلمايمەن!-خوتۇنۇم بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى ، ئۇ ئوغلۇم ئىككىمىزگە ھومىيىپ قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى...
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...

  • ئالدىراڭغۇ كەپتەرنىڭ ھىكايىسى

    بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن،...

  • ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

    جىم-جىت پىچىرلاشلار ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇندا...

  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...