ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

ۋاقتى:2010-10-18 12:21مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  
يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

سېرىق مەللەك مىكيان:--- بۇ يىلدا گەرچە يىل بۇيى بىر دانىمۇ تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ، لىكىن بەزى ئەتىگىنى تاساددىپى ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، (ھەتتا بارلىق چۆجىلەر ئىشقا كىرشىپ بولغاندا) ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن بىر نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ مىنى ئويغۇتۇپ قويدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ بولغۇچە، مەن خىزمەت قىلدىغان ئورۇننى پاكىز تازلاپ، مىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ماڭا بىر كۈن پاكىز مۇھىتتا خىزمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. يەنە تېخى بۇ يىل چاغاندا ئائىلەمگە بېرىپ تۇققان يوقلايمەن دەپ 45 كۈن رۇخسەت سوراپ، دەل 44 كۈن بولغاندا قايتىپ كىلىپ ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىشقا چىقتى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قارا مىكيان:--- بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ، لىكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغۇپ باقمىدى. ئۇ ھەر كۈنى باشقا مىكيانلار دان ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتتىمۇ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، كاتەكتىن ئايرىلماي، كاتەكتە ياخشى گۈزەتچىلىك قىلىپ، كۈن بۇيى تورغا چىقىپ، يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن كۆرشۈپ، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىماي، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. ھەم سىرتتا دان ئىزدەپ، چۆجە باقىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ھەر ۋاقىت ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەي، تاجىسىنى قىزارتىپ، تىرناقلىرىنى چىرايلىق ياساپ، پەيلىرىنى پارقىرتىپ يۈردى. قاچان ئىزدەپ كەلسەم شۇ ۋاقىتتا كاتەكتە «ھازىر» بولدى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
يۇقۇردىن بىزگە بىر نەپەر مىكياننى مەجبۇرى لاياقەتسىز سايلاش ۋەزىپىسى چۈشۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز چار مىكياننى تەپسىلىراق باھالاپ باقايلى--- دەپ يانچۇق خاتىرسىنى قۇلغا ئالدى.
چار مىكيان:-- بۇ يىل جەمئى 363 دانە تۇخۇم تۇغدى. لىكىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، 5-ئاينىڭ 6- كۈنى، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەنجى چۈجىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئالدىراپ، ئۈچ دانە يۇمشاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغدى. مەزكور مىكيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇققاندىن كىيىن ئۆزىچە يۇغان ئىش قىلدىم دەپ ئويلامدۇ قانداق ؟!كاتەكنى بېشىغا كىيىپ، « قى قىق قىق! جى جىق جىق » دەپ مەغرۇرلىنىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى بولماي نىمە؟! بۇندىن كىين دىققەت قىلشى كېرەك. بۇلۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ھېلىقى كىسەلچان كەنجى چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ مەندىن رۇخسەت سورىماي بىر كۈن كاتەككە كەلمىدى. ئەتسى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كىلىپ، تۇخۇم تۇغۇش ۋە ئارخىپلارنى ئىشلەش خىزمىتىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇلدا «مىكيانلارنىڭ قۇشۇن قۇرلۇشى» دىگەن مۇھىم ئارخىپ بار بۇلۇپ،  مەزكور مىكياننىڭ شۇ كۈندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، يۇقۇردىن تەكشۈرۈش كەلگەندە فورما كىيىپ كىلىش تەكتلىنىپ تۇرسىمۇ چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ، ھازدارنىڭ كىيىمنى كىيىپ، رەڭگى رويىنى سارغايتىپ،پەيلىرى پۇرلاش كاتەككە كىلىپ ، رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكتى. شۇڭا بۇ مىكيان يۇقارقى سەۋەبلىرى تۈپەيلى لايەقەتسىز بۇلۇپ، باھالىنىپ، ئىككى يىلغىچە 13- ئايلىق يەم خەشىكى بېرىلمەيدۇ. ھەم ئىككى يىلغىچە مۇنەۋەر مىكيان بۇلۇپ باھالىنىش سالاھيىتى بىكار قىلىندۇ.
ئىز تورى www.iz.la

ئاخىرى بۇ يىللىق باھالاش ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ، ھېلىقى تۇغۇمچان بىچار چار مىكيان « لاياقەتسىز» بۇلۇپ باھالاندى.
مەنبە؛بىزنىڭ بىلوگى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
83.3%
ناچار
(2)
16.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...

  • قەغەز ئۈزۈك

    بۇرۇن بىر يىگىت بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ،گەرچە يىگىت ئۇنچە پۇلدار بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن،ھەم يىگىتمۇ قىزنى شۇنداق قەدىرلەيدىكەن، ھەم قىزنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايدىكەن،ئۇ بەكمۇ تىرىشچان بولۇپ دائىم جاپالىق ئىشل...

  • مىنىڭ بوۋام

    مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ بولسام ئۇنداق بولىمەن، بۇنداق بولىمەن دەيتتىم. چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش توغرىسىدىكى سوئاللىرى دائىم دېگۈدەك سورىلىپ تۇراتتى. - چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن، بالام؟ - سوراپ قالدى بوۋام. بۇ دادامنىڭ دادىسى...