تەدبىرىڭ قانداق بولسا ،
تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
_________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى.
دەسلەپتە جامائەت بىلەن بىرگە چوڭ دەرۋازىغا ئاياق بېسىپ،تۈۋرۈكلىرى نەقىشلىك،شىپاڭلىق باغ ھويلىغا كىردى.ئۆلگۈچى مال-دۇنياسى ھەددى-ھىساپسىز،يۇرتقا داڭدار باي ئادەم ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ شەيتان كۆڭلىگە سالغان ۋەسۋەسىگە ئالدىنىپ،ئالتۇن -كۈمۈشلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش مەقسىدىدە ،ئونلاپ ئات-قېچىرلارغا مال يۈكلەپ،سودىگەرچىلىك بىلەن ھىندىستانغا بارغان،قايتاشىدا بەزگەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،ئۆيىگە قايتىپ ئىككى كۈن ئورۇن تۇتۇپ ياتقاندىن كىيىن ،ئامانىتىنى ئىگىسىگە تاپشۇرغانىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__ئادەملەر بايلىقتىن ھالاك بولىشىدۇ،__ دىدى مويسىپىت خىيال سۈرۈپ،__بۇنىڭ سەۋەپكارى قانائەتسىزلىك،ئاچ كۆزلۈكتۇر....
ئىككىنچى قېتىم ھويلا تاملىرى ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن نامرات بىر ئائىلىگە كىردى.ئۆلگۈچى تۇرمۇشنىڭ غەم-تەشۋىشىنى ئۆز يەلكىسىدە كۈتۈرۈپ، ھالا ئەمگىكى بىلەن خوتۇن بالىلىرىنى بېقىۋاتقان جاپاكە ئادەم ئىدى.مۇھتاجلىق ئېلىپ كەلگەن يۇقۇملۇق كىسەل ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۈزۈپ قويدى .
___ كىشىلە ئاچ-يالىڭاچلىق ،نامراتچىلىقتىن ھالاك بولماقتا!!__دىدى مويسىپىت ئېغىر تىنىپ،__ گەرچە ئۇنىڭغا ئادالەتسىزلىكنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ ،لېكىن تۈپ سەەپكارى __ روھى قۇللۇق ،جۈرئەتسىزلىكتۇر...... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاخىرقىسى مەەەللىنىڭ چېتىدىكى يالغۇز بىر ئۆي بولۇپ،ئۆلگۈچى قىمارۋازلىقنى ئاتا كەسپ قىلۋالغان نىكار تەلەپ ئادەم ئىدى.ئۇ ھەمشىرىكلىرى بىلەن قىمار ئوينىغان،ئارىدا ماجرا تۇغۇلۇپ باشقىلار تەرىپىدىن يۈرۈكىگە پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
__ بۇزۇقچىلىق ئادەملەرنى ھالاك قىلماقتا،__ دىدى مويسىپىت ئېچىنىش بىلەن ،__ بۇنىڭ سەۋەپكارى نادانلىق،ئەخمەقلىقتۇر.....
ئادەملەرگە قارىتا ئېچىنىش ،رەھىمسىللىك،غەزەپ،خورلۇق ۋە ئازاپلىنىش تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ دەرمانىنى قۇرۇتۇپ ،مويسىپىت كىسەللىك تۆشىكىدە ئورۇن تۇتپ يېتىپ قالدى .
__ ۋادەرىخا ! .....ئەجەل ماڭىمۇ يېقىن كىلىپ قالدى،__ دىدى جۆيلىۋاتقاندەك بىر ھالەتتە ئىڭىراپ.چىداپ بولغۇسىز تەشنالىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئوتتەك ياندۇرماقتا.كىسەللىك ئازابى زەئىب بەدەننى ھەركەتلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن قاردەك ئاپپاق چاچقا ئورالغان دانا باش تېخى ئۆز سېزىمىنى يۇقاتماستىن ،تەپەككۈر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.ئادەمگە ھاياتقا تۆرەلگەندىن كىيىن ،ئۆزىگە نىسىپ بولغان ئۆمرىنى ياشاپ،ئاخىرى ئۆلمىكى ھەق.ئۇ ئاز كەم 80 يىل ئۈمۈر كۆردى ۋە ئەقلىگە كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن ئۈمرىنى بىلىم ئېلىش،ئىزدىنىش،ئادەملەرنى مەرىپەت ۋە توغرا يولغا دەۋەت قىلىشقا سەرپ قىلىپ ،ساپ ۋە ھالال ياشىدى ،شۇڭا ئۈلۈم ئۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق ئەمەس،ئەجەل ئۇنىڭ جىسمىنى تۇپراققا دەپنە قىلسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ سىماسى ئۇزاققىچە كىشىلەر خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالىدۇ......... copyright by www.iz.la
يۇقۇرقى پىكىرلەر مويسىپىتكە كۈچ بېغىلاپ ،قەلبىدە ئىجادىي ئىستەكنىڭ كۈچلۈك يالقۇنى لاۋۇلىدىدى.ئاخىرقى ھاياتىدا كىشىلەرگە قالدۇرۇپ كىتىۋاتقان <<پەندنامە>>سەرلەۋھىلىك قوليازمىسىنى داۋالاشتۇرۇ،ئۇنىڭ ئاخىرىنى تۈۋەندىكى سۆزلەر بىلەن يەكۈنلىدى:<ھاياتلىق ئالىمىدە قىسمەت دۇچ كەلتۈرگەن ئەرزىمەس ھادىسىلەر كىشىلەرنى ياشاشتىن مەھرۇم قالدۇرىشى مۇمكىن ،نادانلىق بىلەن جۈرئەتسىزلىك ئىنساننىڭ ھايات يولىنى قىسقارتىدۇ.ئەقىل بىلەن جاسارەت ئۇنىڭغا يېڭى ھايات بەخش ئەتكۈسىدۇر.ئۈلۈش ئۈچۈن ياشىغاندىن كۆرە ،ياشاش ئۈچۈن ئۈلۈش مىڭ ھەسسە ئەۋزەل.ئۇلۇغ غايىسى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ياشىغان ئادەمگە ھەممە يار بولغاي!!>