ئايالىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە قىسقا ئۇچۇرى

ۋاقتى:2010-06-27 13:36مەنبە: يوللىغۇچى: ئەل تىكىن چېكىلىشى:قىتىم
  

 

خوتۇن دىگەن ئاپشاركا، مەن نەگە بارسام شۇ يەرنى سوراپ تېپىۋالىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولسام ئۇ شۇنىڭدىن خوشال بولۇپ ھېرىپ قالمايدۇ.
بىراق بۇ ئاپشاركا يامغۇر ياققان يېرىم كېچىدە مەڭگۈلۈككە غايىپ بولدى.
مەن قاتتىق ئازاپلاندىم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، ئۆزەمدىن ئۆتكەن سەھۋەنلىكنى كەچۈرۈۋەتەلمىدىم. توي كۈنى، ئايالىم ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىمىز يوتقان ئىچىدە يانفۇننىڭ مۇزىكا قوڭغۇرىقىنى تەكرار تەڭشەپ چىققان ئىدۇق.بىز تۇرمۇشنى خۇددى مۇشۇ يانفۇن قوڭغۇرىقىدەك جاراڭلىق، يېقىملىق ھېس قىلىپ، ئارزۇ ۋە ئۈمىتكە تولغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن دائىم ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. «ئەر كىشى، ئىشتىن يانغاندا كۆكتات ئالغاچ كېلىڭ»، «ئەر كىشى، سىزنى سېغىندىم، سىزنى سۆيىمەن»، «ئەر كىشى كەچتە ئاپامىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيلى». كۆڭلۈمدە شۇنداق ئىللىقلىق ھېس قىلاتتىم. بىر قېتىم تېلېفۇن مېيىغا توك قاچىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەل شۇنى كۈنى باشلىق بىلەن يېزىغا چۈشۈشكە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ. تېخى يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كەلگىنىمچۇ. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئايالىمنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەسلىدە، ئۇ مەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدىن باشلاپ ماڭا ھەر ئون بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىزچىل مېنى مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرغان ئىكەن. خوتۇنۇم تېخىمۇ جىددىلىشىپ، بىرەر كىلىشمەسلىك چىققان ئوخشايدۇ دەپ كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بىر قىتىمدىن تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇپتۇ.ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئەمدىلا قويۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى يوغۇنىۋەتكەنلىكىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس، نىمە ئىش چىقاتتى،-دىدىم. ئايالىم مېنىڭ تېلېفۇننى ئالماسلىقىمدىن بىر خىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى مېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ دەپ ھېس قىلغانلىقنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئايالىمنىڭ بېشىغا پەپىلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەخمەق،- دىدىم. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن تېلېفۇن باتارىيىسىگە توك قاچىلاشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدىم.
كېيىنچە مېنىڭ ئەمىلىممۇ ئۆستى. پۇلىمىزمۇ بولدى، يانفۇنىمنىمۇ نەچچە قېتىم ئالماشتۇردۇم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئايالىمغا ئاشۇ ئۈزۈككە قەرزى ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەچتى-دە ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سۆرىگىنمچە سودا سارىيىغا ئېلىپ كەلدىم. لېكىن ئۇ ئارىسالدا بولۇپ: ئىز تورى بەك ياخشى
-ئاق ئالتۇن، ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى بارماققا سېلىۋالغاننىڭ نىمىگە پايدىسى بار، ماڭا بىر يانفۇن ئېلىپ بېرىڭ، مەن سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمەن-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەردىم.
شۇ كۈنى بىرىمىز ياتاق ئۆيدە ، بىرىمىز مېھمانخانىدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ، ئىنتايىن خوشال ئوينىدۇق.
بىر كۈنى كېچىدە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن دوستلارنىڭ ئۆيىگە قەرت ئوينىغىلى باردىم. ئويناپ تازا قىزىغان چاغدا ئايالىمدىن تېلېفۇن كەلدى. 
-سىز نەدە؟ نىمىشقا تېخىغىچە ئۆيگە قايتىمايسىز؟
-مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
--بىردەمدىن كېيىن.
ئۇتتۇرۇپ، ئۇتۇپ، ئۇتۇپ ئۇتتۇرېۋىتىپ تۇرغىنىمدا ئايالىمنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئايالىمدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.
سىز زادى نەدە، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز، تېز قايتىپ كېلىڭ.
-سىزگە دىدىمغۇ، مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئوينىۋاتىمەن. قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان تۇرسا مەن قانداق قايتىپ كېتىمەن!
-ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ، مەن ئالغىلى باراي!
-ئۇنداق قىلماڭ!-بىرگە قەرت ئوينىۋاتقان دوستلىرىم مېنى زاڭلىق قىلىشىپ، «سايىماخۇن» دىيىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن تېلېفۇنۇمنى ئېتىۋەتتىم. ئىز تورى بەك ياخشى
تاڭ يورىدى، مەن ئوتتۇرۇپ ھېچنىمەم قالمىدى، دوستۇم مېنى ماشىنا بىلەن ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. ئەمما ئىشىك قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئايالىم كۆرۈنمەيتى. شۇ چاغدا تېلېفۇن جىرىڭلاپ قالدى، تېلېفۇننى قېينىئانام بەرگە ئىدى. قەينىئانام يىغلامسىراپ دىيىشىچە«-ئۇ يېرىم كېچىدە يامغۇرغا قارىماي، ۋېلىسىپىت مىنىپ، كۈنلۈك ئېلىپ خىزمەتداشىلىرىمنىڭ ئۆيىگە مېنى ئىزدەپ ، ھەممە ئۆيلەرگە بارغان، يولدا ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ، قايتا ھۇشىغا كېلەلمىگەن ئىكەن.
تېلېفۇنىمنى ئېچىپلا مەن تېخى ئۇقۇمىغان بىر قالدۇرۇلغان سۆزگە كۆزۈم چۈشتى. «ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، بۇگۇن بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىز، مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم، قالايمىقان چېپىپ يۈرمەڭ، مەن كۈنلۈك ئالغاچ ماڭدىم». ئۇ مېنى ئىزدەش يولىدا مەڭگۇلۇككە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزۇپ، بۇ قىسقا ئۇچۇرنى تەكرار ئوقۇدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۆزەمنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئايالىم ئالەمدىن ئۆتكىلى ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىچىدىن قايتىپ كېلەلمەيۋاتاتتىم. خىزمەتكە كۆڭلۈم تارتىمايتى، كۈنبويى خامۇش يۈرەتتىم، ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇ ئالەمگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشنى ئويلاپمۇ باقتىم....ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنى ھەرگىز ئازاپلىمايلى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باردا قەدرىگە يەتمەي ئايرىلغاندا قەدرىگە يەتمەيلى!
ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(95)
96%
ناچار
(4)
4%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...