بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەن دىسە تاپقىلى بولمايدىغان.....
**************** تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەملەربىلەن كىتىۋاتىمەن................،.‹ئادەم بەك ئالدراپ كەتكەندە ئۆزلىكىدىن پۇتىدىغان ئشلارمۇ ئەكسىنچە نەتىجە بىردۇ.›دىگەن سۆزنىڭ تىگگە ئەمدى يىتىپ تۇرۇپتىمەن.مەن نىمگە ئالدىرايمەن؟ئۆزئۆزۈمگە سۇئال قوياتتىم.شۇتاپتا تونۇش بىلىشىتىن بىرەرسى ئۇچراپ قىلىپ يولۇمدىن قويشىدىن ئەنسىرەپ تاكسى توسۇپلاماڭماقچى بولدۇم ،كىم بىلسۇن يەنىلا شۇ مەھەللەمدىكى خىلى يىللار ئىلگركى نامەرت خۇمسى قەدىناس دوستۇمنىڭ ماشىنىسكەن ئەمەسمۇ،تۇرۇپلا قالدىم .چىقماي دىسەم تىىخى چىقاي دىسەم تىخى ئامالسىز ماشنىغا بوينۇمدىن سۆرىگەندەك چىقىتىم دە نىم كارىم كىرايىنى بىرىپ گەپ قىلماي ئولتۇرساملا بولمىدىمۇ دىگەنلەرنى غىلپال كاللامدىن ئۆتكۈزۈپلا ئۈن تىنسىز ئولتۇردۇم ، ئۇمەندىن گەپ تاما قىلغاندەك ياكى گەپ قىلغۇسى باردەك پات پات ئىغىزىنى ئۆمەللەيتى يۇ گەپ قىلالماي پات پات گىلىنى قىرىپ قوياتتى.ماشنا خىلىلا تىز مىڭىۋاتسىمۇ ماڭا شۇنچىلىك مىسىلداپ مىڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كىتىۋاتاتتى...ئاخىرى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم ،ئۇھ دىدىم مەن ماشىنىدىن چۈشۇپ ھىچنىمە دىمەيلا ئۆيگەقاراپ ماڭدىم .شۇئاردا ئۇنىڭ قاھار ماۋۇ قىلغىنىڭ قاملاشمىدى ،پۇلنى ئىلىپ كەت ھەي ھەي ساڭا گەپ قىلدىم !!!دىگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى.مەن ئۈندىمەيلا كىرىپ كەتتىم. بۇ قىسقىغىنە بىريىرىم يىل ئىچىدىكى ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى ئاچچىق ئەسلىمىلەر كۆزئالدىمدا يەنە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. www.iz.la
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە ئۇزۇندىن بىرى ئىچىپ باقمىغان كوت كوت نى ئىچىپ باقىقۇم كىپ قالدى ،بىردەم ئۇيان بۇيان ئۆرۈپ چۆرۈپ ئولتۇرسام ناتونۇش بىر توپتىن ئۇچۇر كەلدى،قارسام بىر تور مۇنبىرنىڭ ئادىرسى...ئىزلا تور مۇنىبىر دىگەن خەتلەر تۇراتتى ،ئىز دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ قىزقسىنىپ ئادىرسنى چەكتىم .مۇنبەرگەكىرىپ بىرقۇر ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ئەزابولۇش ئىسىتىگى پەيدا بولدى ..ئەزا بولدۇم قارسام بۇ مۇنبەرنىڭ تورمەھەللىسى مىنى قىززىقتۇردى شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ مەھەللەمگەكىرىپ بىرقۇرقاراپ بىقىپ ئۆزكەچۈرمىشلىرىمنى مۇنداقلاخاتىرە سۈپىتىدە ھىكايە قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولدۇم،بۇدەل‹ ئايالىم ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ› دىگەن ھكايەم ئىدى.يىزىشقاباشلىدىم ....يىزىپ بولۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن تورداشلار ئنكاس يازدى ،شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرقىز ماڭا تىلفون نۇمۇرنى قالدۇرۇپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ باققۇسى بارلىغىنى ئىيتىپ خەت قالدۇرغان ئىدى.مەن جاۋاپ يازمايلا چىقىپ كەتتىم ئاردىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ يەنە كىرسەم ئۇمىنى يولدا كۆرگەنلگىنى لىكىن گەپ قىلالمىغانلىغىنى يەنىلاشۇ مومكىن بولسا ئۆزىگەتىلفون قىلىشىمنى ياكى تىلفون نۇمۇرىمنى قالدۇرشۇمنى تەلەپ قىلىپ خەت قالدۇرغان ئىدى.مەن قانداق قىلسام بولا دەپ بىر دەم ئويلۇنۇپ تۇرغاندىن كىيىن خەت يازمايلا يەنە چىقىپ كەتتىم.يەنە شۇقىز...ئاردىن بىرئاي ئۆتكىچە ئۇزىرىكمەي خەت يىزىپ تۇردى.كىيىن مەن ئۇنىڭغا تىلفون قىلىپ پاراڭلىشىپ بىقىش قارارىغا كەلدىم دە ...تىلفوننى قولۇمغا ئىلىپ ئۇنىڭ نۇمۇرنى بىسىشقا باشلىدىم،قوللۇرۇم تىتىرەيتتى،خۇددى..مۇشۇ تىلفوننى ئۇرساملا..مەن ئايالىمغا قارايۈز بولىدىغاندەك...قىزىم كۆزئالدىمغا كىلىپ ماڭا بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرغاندەك....يۇركۈم ئىچىشتى..بۇرۇن تۆشۈكلىرىم كەڭىيىپ كۆزلىرىم تىلفون ئىكرانىدا قىتىپ قالغان ئىدى..مانا قولۇم ئۇلاش كونۇپكىسى ئۈستىدە ... ئىز تورى بەك ياخشى
************************ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىزگەپنى ھىلىقى خۇمسى ئاغىنەمدىن باشلاپ كىلەيلى.ئۇنىڭ ئىسىمى داۋۇت بولۇپ بىز ئون نەچچە ياشلار چىغىمىز دىن باشلاپلا قەدىناس دوسلاردىن بولۇشقا ۋەىلەر بىرشىپ قەسەم ئىچىشكەن قىيامەتلىك بۇرادەر بولىمىزدەپ ۋەدىلەربەك چىڭ ئىدى،كىم بىلسۇن 9يىل شۇنداق ياخشى ئاغا ئىنە بولۇپ ياشىغان بولساقمۇدادام تۈگگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مۇئامىلىسىدە ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىدى...ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆيدە مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك قانداقلا ئش بولسۇن مىنى چاقىرىپ ياردەملەشكىن دىسە مەن ئۆزئۆيۈمنىڭ ئىشدەك كۆرۈپ ئۇنىڭ قولىغا قول پۇتىغا پۇت بولاتتىم كۈنلىرىمىز شۇنچىلىك مەنلىك ئىدىكى ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشلەر بىزنىڭ دوسلۇغۇمىزغا ھەسەت قىلىشاتتى مەيلى نەگە بارمايلى بىز دائىملا بىللە ئىدۇق.ئۇنىڭ يىنىدا 10يۇئەن بولسا ماڭا بىرقاچا تاماق ئەپ بىرىپ ئۆزى قاتتىق نان يەيدىغان مەن ھەم شۇنداق ئۇنىڭدىن ھىش نىمىنى ئايمايدىغان قەدىناسلاردىن ئىدۇق ،شۇنداق بىركۈنلەر كەلدى يەنىلا شۇ ۋاڭبانىڭ كاساپىتى...بىركۈنى بىزئادىتىمىز بويچە ئۆيمىزنىڭ ئشلىرىنى قىلىپ تۈگەتكەندىن كىيىن بىرسائەت تورغا چىقماقچى بولدۇق شۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچىسى بىلەن خىلىلا يىقىن ئۆتىدىغان بىر ۋاڭباغا كەلدۇق ،بۇ دەل يەتتىنچى ئاينىڭ ئاخرى بولۇپ بۇمەزگىلدە شەھرىمىزدە پۇتۈنلەي دىگۈدەك تورئتىك بولغاچقا بىز پەقەت ئويۇن ئويناپلا قايتىپ كىلەتتۇق.بىز ۋاڭبانىڭ ئشكىنى چەكتۇق ھىلىقى باشقۇرغۇچى دوستىمىز بىزگە ئىشكنى ئىچىپ بىرىپ تۇرشىغا كەينىمىزدىن بىرسى كىلىپ كىرسەم بولامدۇ؟ دەپ سوردى،باشقۇرغۇچى ياق بولمايدۇ بۇلار مىنىڭ ئاغىنىلىرىم شەخسى ئش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ كەچرۈڭ دەپ تۇرشغا ھىلىقى لاۋزا ئىغىزىنى بۇزغان پىتى ئىشكىنى قويۇپ بەردى،بۇ ئەينەك ئىشىك بولغاچقا ئىشكنىڭ ياخشى كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدىن مۇ ياكى تولا ئىچىپ يىپىپ شۇنداق بولۇپ قالغانمۇ بىلمىدىم بىر بىرگە ئۆتۈشۈكلۈك ھالەتتە ئىكەنتۇق ئشك بىربىرگە قاتتىق سوقۇلدى ،جاڭ !!!!!!ۋاي خۇدايىم ئەينەك پۇچۇقلىرى چىچىلىپ ياتاتتى ،بىز گاڭگىراپلا قالغان ئىدۇق .بىرچاغدا قارساق ھلىقى لاۋزا ھىچ يەردە يوق،خجىللىق پۇتۈن بەدىمىنى سۇ قىلىۋەتتى.ئامال سىز بىز تۆلەپ بەرمەكچى بولدۇق.ئشكنى 1000يۈئەنگە كىلىشپ رىمونىتچىدىن بىرنى تىپىپ كەلدۇق .كەچ بولغۇچە ئشكمۇ پۇتتى بىراق شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كۆڭۈل ئاغىرقىمىزباشلاندى.ئىككىمىز تەڭ تۆلەيدىغان بولۇپ كىلىشتۇق.مەندىن 400 ئاغىنەمدىن 100 يۈئەن چىقىتى .قالغىننى بىز يەنە بىر دوستىمىزغا تىلفون قىلىپ ئەكەلدۈرۈپ بەردۇق.ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن توي قىلىدىغان بولدۇم شۇ كۈنلەردە دادامنىڭ كىسىلىگە قارمىسام تىخى توي ئشىمغا ئالدىرمىسام تىخى بەكلا ئالدىراش بوپ كەتتىم .دادامغا دوختۇرغا كىتىۋاتقان پۇللار مىنى بىرتەرەپتىن قىينىسا ھلىقى دوستۇم يۈز يۈئەن ئۈچۈن كۈندە تىلفون قىلاتتى.مەن ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلۋاتقانلىغىنى پەقەتلا چۈشەمەيتتىم.بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىلدىمكى ئۇ ئاتا ئانىسىدىن ئۆي ئايرىپ چىققانلىغى سەۋەپلىك تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئىدى.مەن بىر كۈن كەچلىگى ئۇنى ئىزدەپ ئۆيگە بادىم ،ئاندىن ئۇنىڭغا 100يۇئەننى ناھايتى تەسلكتە سۇنۇپ ئاداش خاپا بولما بولسىغۇ كۆپرەك بەرسەم ياخشى بولاتتى ئۆزۈڭ بىلىسەن مەن بەك قىينچىلىقتا قالدىم تويغا تۇرۇپتىمەن،دادام ماياندا كىسەل كارۋىتىدا ئالدىڭدا خىجىلمەن ،ئشلىرىمنى ئىزغا چۈشۈرۋالسام كۆپرەك ياردەم قلاي دىيشىمگە ئۇ ماڭا يوغان بىرنى ئالىيىپ قويۇپ قولۇمدىن پۇلنى شارتتدە تارتىپ ئالدى دە...ئىمكان بار تىزراق قالغىننىمۇ ئەكىلىپ بىرەسە...؟دەپ قويۇپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى،ئورنۇمدىن ناھايتى تەستە تۇرۇپ ئشكتىن قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن ،كاللامدا كۈرمىڭ سۇئال ئەگىيتتى.كىين بولدىلا مەندىمۇ با ئۇنىڭغا ۋاختىدا ئەكلىپ بەرگەن بولسام مۇشۇ ئىشمۇ يوق.ھەي ئۇنىڭ قالغىننى دىگىنى نىمىسى بىزتەڭ تارتىمىز دىيىشكەن تۇرۇپ......
تويمۇ بولدى...داداممۇ تۈگىدى...ئايالىم بىلەن شۇنداق بەختىلك ئۆتۋاتىمىز مەن يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ يەنە ئۇنى ئىزدەپ تۇردۇم.كىم بىلسۇن بىر كۈن ئايالىم سەي سىتىۋىلىپ كىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ئۇچراپ قاپتۇ..ئۇ ئۇياندىن بۇياندىن سۆزلەپ كىلىپ ‹سىز قانداق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىپ قالغانسىز قاھاردىگەن بەك شاپاق توردا دەمسىز يولدا دەمسىز ئۇنىڭغا قىزدىگەن بەك تولا..كىيىن پۇشايمان قىپ قالارسىزمۇئەمدى.ئۇنىڭ يا مۇقىم ئش ئورنى بولمىسا ئىغىزدا گىپى با شۇ.....›دىگەندەك بىرتالاي ماز گەپلەرنى قىپتۇ...ئايالىم ئۆڭ سۆلى يوقلا كىرىپ ماڭا بىرئغىزمۇ گەپ قىلماي يەنە ئۆزئىشىنى قىلى ۋەردى ..بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندە تۇرسام ئايالىم تۇيۇقسىزلا قاھار داۋۇت سىزنىڭ قانداق ئاغىنىڭىز تازا دۇرۇس بالا ئەمەسمۇ نىمە...؟دەپ سوراپ قالدى مەن قانچە قىتىملاپ نىمىشقا ئۇنداق سورايدىغانلىغىنى سورغان بولساممۇ ماڭا ھىچ نىمە مۇنداقلا سوراپ باقتىم دەپ گەپ قىلماي تۇرۋالغان ئىدى.بۇ ئشلارنى كىيىن ئايالىمنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرسىدىن كۆردۈم.ئۇ خاتىرسىگە داۋۇتتىن ئەنسىرەپ قالغانلىغىنى ماڭا بىرەر ئىش تىپىپ بىرشىدىن قورقۇپ قالغانلىغىنى يازغان ئىدى.بىشىم چىڭقىلىپ ئۇنى چايناپ پۈركىۋەتكۈم ھەتتا بىرىپ تازابىردىيشىپ كىلىشنىمۇ ئويلاشتىم،بىراق يەنىلا ئايالىم كۆزئالدىمغا كىلىپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم.مىنى ئاياپ ئۇ بۇتىتىقسىزلىقلارنى ماڭا دىمىگەن ئىدى.ئايالىم تۈگگەندىن كىيىن خىلى ۋاخ ئۆتۈپ مەن ئۇنى يوقلاپ كەلدىم .بارچە خاپلىقلىرىمنى بىلىندۇرمەي ئۇنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىغىنى تەبىرىكلىمەكچى ئىدىم،مەن ئۇنىڭ تاماكىغا ھەددىن زىيادە ئامراقلىغىنى بىلگەچكە ،ئۇنىڭغا بىركورۇپكا تاماكا سىتىۋىلىپ ئش ئورنىغا ئۇنى يوقلاپ كەلدىم .يولدا كىتىۋىتىپ ئىچىمدە خەير...نىمىلا بولمىسۇن بالا ۋاقىتلىرىمدا كۈلسەك تەڭ كۈلۈپ يىغلىساق تەڭ يىغلىغان دوس مەن كەڭ قورساق بولاي بىركۈنلەر كىلىپ ھە ياق بۇگۈن ئۇ مىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ خىجل بوپ كىتەمدۇ تخى...قۇچاقلىشىپ كۆرشۈپ كەتسەك دىگەنلەرنى خىيالىمدىن غىل-پال ئۆتكۈدۈم ،ھەش -پەش دىگۈچە ئۇ ئشلەيدىغان بازارنىڭ ئالدىغا كەپ قالغانلىغىمنى سەزمەي قاپتىمەن......ئايالىم كۆزيۇمۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇن مەن بىردورا شىركىتىگە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن ..داۋۇت بولسا چوڭ بىربازاردا سىتىقچىلاردىن ئورۇن پۇلى يىغىدىغان بىر خزمەتكە ئىرىشكەن ئىدى.مەن ئىشكنى چەكتىم ....تاك تاك تاك ...ئشك ئىچىلىپ 28~30ياشلاردىكى بىريگىت چىقتى مەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ...داۋۇت دەپ بىرسى سىلەرنىڭ بۇيەردە ئشلەمدۇ؟دەپ سوردۇم ...ھىلىقى كشى ھە ...داۋۇتما با..با..ئاۋۇ قۇشخاننىڭ كەينىدە بىر ئارام ئىلىش ئورنى با شۇيەردىن تاپا لايسىز..دەپ بولۇپ ساقلاپ تۇرۇڭ ..مەن قولۇمدىكى نەرسىنى ئىچىگە قويۇپ چىقىپ سىزنى باشلاپ باراي دىدى دە كىرىپ كەتىتى .مەن ئەتراپقا سەپ سالدىم گەرچە بۇيەر پاكىزتازلاپ قويۇلغان بولسىمۇ شۇنداق بەد بۇي بىر پۇراق دىماغنى ئىچىشتۇرۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرەتتى.ھىلىقى كىشى يۇرۈڭ دىگىنىچە ئالدىمدا يوغان قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتاتتى،قۇش خانا دىگەن يەرنى تۇنجى كۆرشۈم بولغاچقىمۇ مىنى سەل سۈر بىسىپ قىلىۋاتاتتى .مەن قۇشخانىغا يىقىنلاشقانسىرى ئەشۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان قان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئچىندى چىرىندىلىرنىڭ پۇرقى تىخمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.بىز قۇشخاننىڭ قاق ئوتتىردىن كىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى دەم ئىلىش ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق .ئشكتىن كىرشىمىزگە ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرشۇپ ۋوي ئەمەتجان قانداق بوپ بۇ بىزنىڭ غىرىپ كەپىمىزگە قەدەملىرى يىتىپ قالغاندۇ ...دىگندەك چاقچاق ئارلاش سۆزلىرى بىلەن بىزنى قارشى ئالدى ،ئۆي خلىلا چوڭ بولسىمۇ لىكىن ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىنمۇ ياكى ئۆي ئوتتۇرسىغا قويغان مەشتىن يانغان تۈتۈندىنمۇ ئۆي ئچىنى بەكمۇ قاراڭغۇ كۆرسۈتۈپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭمۇ تاماكا چەكمەيدىغىنى يوقتەك قىلاتتى ،بىزھەممىسى بىلەن دىگۈدەك قول ئىلىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن مىنى باشلاپ كىرگەن ئەمەتجان ...داۋۇت ئاغىنەڭ سىنى يوقلاپ كەپتىكەن باشلاپ كەلدىم،دەپ مىنى ئىما قىپ قويدى.داۋۇت ئىپادىسزلا ماڭا بىر قاراپ قويۇپ مەيدىسىنى كىرىپ قويۇپ ھە...دەپ قويۇپلا ئۈندىمىدى.مەن ئۇنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ ئۇلترسام ئەمەتجان جىمجىتچىلىقنى بۇزۇپ ،مەن چىقاي ھە راس يىگىتلە...ماۋۇ مەشنىڭ نورنى قىقىپ قويدىغان ۋاخ بولغان ئوخشايدۇ ،ئسلاپ كەتمەڭلا يەنە دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.مەش ئەتراپىغا قاتارسىغا قويۇلغان يۇملاق ئوتۇندۇقلاردا ئولتۇرغانلار مەشنىڭ ئىسسغىدىن قىزغانغاندەك قوچاقلاپ دىگۈدەك ئولتۇرشقان ئىدى.ئۇلارنىڭ يىنىدا مەن بارمۇ يوق ئۆزەممۇ بىلمەي ئولتۇرماقتا ئىدىم .راستىمنى دىسەم ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچىلىك بىزارلىق تۇيغۇسى بىرىپ تۇراتىتى ،مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ داۋۇتقا ئاداش سىرتقا چىقە ؟بىردەم پاراڭلىشىپ كىرەيلى دىيشىمگە ئۇ مىنى سىلكىپ ۋاي بولدى ،قانداق گىپىڭ بولسا مۇشۇيەردىلا دە ۋىرە...دەپ سىلكىۋەتتى.شۇنچىلىك نۇمۇس قىلدىمكى ئۆزەمدىن نىمدەپ كەلگەن بولغۇيدۇم ھەي .....ئۆزەمگە ئاز ...مەن قولۇمدىكى خالتىدىكى تاماكىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ..ئاداش ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ئۆزۈڭ بىلىسەن بەك كۆپ ئشلا بوپ كەتتى..بىشىمنى كۆترۈپ قارغۇدەك ۋاختىم چىقماي سىنى يوقلاپ كىلەلمىدىم ..خاپا بولما؟ۋاختىڭ بولسا باشقا بىركۈن تاماق يىيىشكەچ پاراڭلىشىارمىز ، دەپ كەينىمگە ئۆرلۈپ ماڭماقچى بولدۇم ..بىر قەدەم ئالدىمغا مىڭىشىمغا..ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى..قاھار ھىلىقى پۇلنى ماڭا قاچان بىرسە..؟قىتىپلا قالدىم.بىردەم تۇرۋىلىپ قايسى پۇلنى دەيسە ئاداش دىدىم مەن ....ئۇ 15~20ئادەمنىڭ ئالدىدىلا ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلۋاتاتتى،پۇتلىرىم كالامپايلاشقىلى تۇردى.ئۇ كۆرۋاتامسىلە ئاغىنىلە ئىلىشى بار نىڭكىدىن بىرشى بارنىڭ گىپى چوڭ بوپ كىتىپتۇ بۇ جاھاندا دىمەسمۇ...مەن ئۇنى تۇنجى كۆرۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ كىتىپتىمەن.ئسىمنى يىغىپ ...مەن ساڭا قەرىزمۇ؟ھە ..شۇنداق مەن ساڭا قەرىز، بەك پەس نىمكەنسەن ...ئىسىت دىگىنمچە چىقىپ كەتتىم .نەچچە كىچە ئۇيقۇسىز قالدىم ئۇنى ساناپ بىرەلمەيمەن.پەقەت كاللامدا ئۇنىڭ شۇ بىرئىغىز گىپى...شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۇنى پەقەتلا ئىزدەپ باقمىدىم .نەچچە نەچچە باشقلاردىن گەپ ئەيتىپ مەن ئاشۇرۋىتىپتىمەن قاھارغا دەپ قويساڭلا تىلفونىمنى ئەپ قويسۇن مەن كۆڭۈل قويۋالاي،دىگەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى.پات -پات تىلفون قىلىپ باقتى، لىكىن مەن قەتئى ئالمىدىم.بىزنىڭ ھىكايىمىزنى ئاڭلىغان ئۇنىڭ دوسلىرىمۇ ئاستا ئاستا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆردى....مەن شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دوس دىگەن نىمىگە ئشەنمەسلا بولغان ئىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
ئايالىمنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ ئەقللىق ئىكەنلىگىنى مەن ئۇنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىلگەن ئىدىم.
**************************
مانا قولۇم ئۇلاش كونۇپكىسى ئۈستىدە ...تىلفوندا مەن چۈشەنمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.مەن بۇناخشىنى كىتاپخانلارغا تونۇشتۇرمىساممۇ بولا...ئالدىرماي ئۆزۈڭلاچۈشۈنۇپ قالىسىلە....تىلفون ئىلىندى كەينىدىنلا بىرقىز تۈرۈكچە «ئالۇ»دەپ تىلفوننى ئالدى.مەن نىم دىيشمنى بىلمەي بىردەم تۇرۋىلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم...سىزنادىرەمۇ؟...دەپ سوردۇم...ئۇ ماڭا ھە مەن شۇ سىز؟ ھە !!مەن قاھار ..قاھارئىلھامى ئىز مۇنبىردىكى ..ۋاي خۇدايىم مىنى كەچرۈڭ..سەت بوپتۇ..سىزنى تىلفون قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان كەنمەن..قانداق ئەھۋالىڭىز قىزىڭىزتىچلىقمۇ...ئۆي ئىچىڭىزتىچلىق مەن ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم..قارسام سىز تۈزۈكلا تۇيغۇ بەردىڭىز ماڭا..شۇنىڭ بىلەن بىر يەرلىك ئكەنلىگىمىزنى ئويلاپ سىز بىلەن پاراڭلىشىپ دوس بوپ قالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم .خالىسىڭىز دوس بوپ قالايلى ..ئايال كىشى دىگەننىڭ دوستى بولمايدىكەن ..مان ئايال خەقلەربىلەن دوس بولۇپ بۇرۇن قۇلقۇمغىچە تويۇپ كەتكەن...دەپ كەلسەم گەپ جىق بىركۈنى ۋاختىڭىز چىقسا تىلفون قىلىڭ بىردەم يىرىمدەم پاراڭلىشايلى،كۆڭلۈمدە يىغىلىپ قالغان نۇرغۇن دەرت ئەلەملىرم با سىزگە سۆزلەپ بەرسەم ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەپ قالارمەن.قانداق قوشلامسىز...؟ مەن بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن مەن تىلفون قىلاي ھە دەپلا تىلفوننى قويۋەتتىم...ئۆزەمچە سۆزلەپ كىتىپتىمەن...توۋا قانداق خۇتۇن بۇ....كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگلىتىۋال دىگەندەك ماۋۇ ئاران تۇرغان بىشىمنى خام قاپاق چاغلاپ قالدىمۇ نىمە ماۋۇ....دوس بولامىش مەن تىخى..تىلفونىغا قويۋالغان ناخشىسى چۇ تخى..قوۋۇرغامنى ئىگىپ تۈركچە ‹ئالو›دەپ كىتىشى..قانداق قىلاي خۇدايىم ئۆزۈڭ كەچۈرەرسەن دەپ كەتىتىم.قىزىمنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرۇپ ئسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتتى.كىم بىلسۇن ئەتسىدىن باشلاپ تىلفونىمغا ئۈزۈلمەي ئۇچۇر كىلىشكە باشلىدى،قايتۇرمسام سايرىتىپ قويۋىتىدۇ..شۇنداق قىلسىمۇ يەنىلا قايتۇرمايمەن....نۇمۇرىنى قارا تىزملىككە كىرگۈزۈپ 3كۈن ئارامىمدا يۇرۇپتىمەن .كىم بىلسۇن ئاممىۋى تىلفوندىن تىلفون قىلىپ بىرمۇنچە كايىپ يىغلاپ كەتتى ،مەن ئۇنىڭغا قاراتىزملكتىن چىقىرۋىتىدىغانلىغىمنى ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم پاراڭلىشىدىغانلىغىمنى ئىيتىپ ئاران قۇتۇلدۇم.تىلفون سايرىسىلا ھە شۇنىڭدىن كەپتۇ!!دەپ بىلىمەن ئالماي دىسەم تىخى شۇنىڭ بىلەن تىلفوننى ئالمەندە...ۋەي ..ۋەي...ئاۋازىڭزنى ئاڭلىيالمىدىم ۋەي..ۋەي..دەپ تىلفوننى قويۋىتىمەن.كىين ئۇ تىلفون ئالماشتۇرۇپ تىلفون قىلىدۇ...يەنە ئوخشاش قىلىمەن.ئۇ مىنىڭ قەستەن شۇنداق قىلىۋاتقان لىغىمنى سەزدى..شۇنىڭ بىلەن تىلفونمۇ قىلمايدىغان پەقەت ئۇچۇرلا يوللايدىغان بولدى...جاۋاپ قايتۇرمىسام ئىز مەھەللەمگە كىرىپ سۆز قالدۇرپ ھىكايسىنى يىزىپ قويۇپتۇ...مەن ئۇ يازغان ھىكايىنى ئوقۇشقا باشلىدىم...
قاھار..مەنغۇ سىز ئۈنچىلىك پەس كۆرۈپ كەتكۈدەك ئايالمۇ ئەمەستىم..لكىن سىز مىنى نىمە ئويلاپ قالدىڭىز بۇنى بىلمىدىم.مەن سىزنىڭ غورۇرىڭىزغا تىگىدىغان گەپنى قەتئى قىلمايمەن..سىز ئوبدان ئويلۇنۇپ بىقىڭ..ياخشىلار يەنىلا كۆپ جاھاندا...لىكىن تىلى بىلەن دىلى بىردەك لىرى تولمۇ ئاز..مەن سىزگە دىيەلمىگەن سۆزلىرمنى مۇشۇ يەرگە يىزىپ قالدۇراي، ئۆزىڭىز مىنى ئىزدەش ئىزدىمەسلكنى قارار قىلىڭ......قاھار سىزنىڭ شۇنچە ئىغىركۈنلەرنى بىشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەنلىگىڭىزنى يازىمىلىلىرىڭىزدىن كۆرۈپ مەن قانچە قانچە قىتىملاپ كۆزيىشى قىلغانلىغىمنى بىر ئاللا بىلىدۇ.مەن سىزگە ھىس داشلىق يۈزسىدىن ئەمەس بەلكى بىر ئۇيغۇقزنىڭ تەپەككۇرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ سىزبىلەن دوس بولۇشقا سىزبىلەن سىردىشىپ ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان ئىدىم ،كىم ئويلىغان سىز مىنى بەلكىم خاتا چۈشۈنۈپ قالغانسىز..مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قىسقىچە تۇرمۇش مۇسەپەمنى سىزگە سۆزلەپ بىرەي ئوقۇغىڭىز كەلمىسە ئۆچۈرۋەتسىڭز مەيلىڭىز...،،مەنمۇ 18 ياش ۋاقىتلىرىمدا بىلىپ بىلمەي مەھەللەمدە بىريىگىتنى ياخشى كۆرگەن ..ئۇمۇ مىنى شۇنچىلىك ياخشى كورەتتى ،لىكىن بىزنىڭ بىرەر قىتىم بولسىمۇ كۆرۈشۈش سىردىشىش پۇرسىتىمىز يوق ئىدى.بىر-بىرمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى پەقەت كۆزىمىز روھىمىز ئارقىلقلا بىلىشەتتۇق ....ئاردىن بىريىل ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىر دوستى ئارقىلىق مەن ئۇنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ،شۇۋاقىتتا مىنىڭ قانچىلك خوش بولغىنىمنى سىز ھىس قىلالمايسىز..مەن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن مىنىمۇ ياخشى كۆردىغان يىگىتنى تاپقانلىغىمدىن ئالامچە سۆيۈنگەن ئىدىم ،كىم ئويلىغان دەيسىز مۇھەببىتىمىزگە چۈشكەن قارا سايىنىڭ بارغانچە بىزگە يىقىنلىشىپ كىلىۋاتقانلىغىنى،ئاردىن يىرىم يىل ئۆتۈپ مىنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىدىغان مىنىڭ بەختىم ئۈچۈن يىغلايدىغان ئەشۇ يىگىتىم مىنىڭ ئۆيۈمگە ئەلچى كىرگۈزدى.مىنىڭ سۈيۈملك ئاپام ئۇنىڭ ئەلچىلىرنى قايتۇرۋەتتى ،سەۋەبى ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغانلىغى ئۈچۈن مەن شۇ چاغدا ئاپامغا يىلىندىم بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن كىيىنكى كۈنلىرمىز ئۈچۈن بىزگە رازىلىق بىرشىنى ماڭا بەخت تىلىشىنى قان قان يىغلاپ ئۆتۈندۈم بىراق ھەممىسى بىكار بولدى.كىيىن يىگىتىم بۇ شەھەرنى تاشلاپ شۇنداقلا مىنى تاشلاپ يىراق جايلارغا پۇل تىپپ باي بولۇش ئستىگىدە كەتتى .ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن خەت چەك توشۇيدىغان دوستىنىڭ يامان نىيىتىنى ھىچكىم خيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى شۇ دوستى ئارقىلقلا ماڭا تىگەتتى.ئۇكىتىپ نەچچە ئايغىچىلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم .كىيىنكى كۈنلەردە بولسا ئۇيازغان خەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستىنڭ قولىدىن چىقماسلا بوپتۇ.بۇنى مەن كىيىن ئۇقتۇم.مەن يىغلاپ قاقشاپ سىغىنش ئىچىدە كۈنلەرنى ئاران -ئاران ئۆتكۈزۋاتقان كۈنلەردە بىشىمغا يەنە بىر ئىغىر كۈنلەرنىڭ سايە تاشلاۋاتقانلىغىنى كۆرۋاتاتتىم ،ئۆيگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ جىق لىغىدىن ئاپام بەكمۇ ئالدىراش..دادام بولسا پەرۋاسىز..چۈنكى بىزنىڭ ئۆيدە دادام ئاپامنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ چىش يىرىپ بىرنەرسە دىيەلمەيتتى.دادام ئاچچىقتىمۇ ياكى بۇرۇندىنلا تاپقان كىسەلمۇ ..ئۆپكە ۋەيۈرەك كىسىلى بىلەن دوختۇرخانغاكىرىپ قالدى.
ئاپام يەنىلا ئۆزنىڭ يۈز ئابرويى ئۈچۈن مىنى قۇربانلىق قىلىش كويدا،قايسىدۇر بىر ئۆزبك ئەلچىسىگە ماقۇللۇق بىرىپتۇ.مەن نىممۇ قىلالايمەن .ئۆزەم سۆيگەن ئادىمم بۇ ئشلاردىن بىخەۋەر ،ئۇنىڭ دوستىنى ئىزدەبىرىپ ئۇنىڭغا ھەممە گەپنى ئىيتقان بولساممۇ،ئۇماڭا ‹مەنمۇ شۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالماي ۋاتىمەن ،بولمىسا ئىككىمىز قىچىپ كىتەيلى ئۇنى چوقۇم تاپاليمىز›دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى.مەن ئۇزاق ئويلاپ ئۇنىڭغا مەن ئۆيدىكىلىرمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئش قىلمايدىغانلىغىمنى مۆمكىن بولسا قىسقا ۋاقت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىز دىركىنى قىپ بىرشىنى ئۆتۈندۈم.ئۇماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ نىمانداق ئۆزىڭىزنى قىينايسىز قىچىپ كەتسەكلا ئش پۇتمەمدۇ..سىزمۇ زە...دىگەندەك گەپلەرنى قىلغاندىن كىيىن مەن بەزى بىر ئشلارنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم دە خوش خەۋرىڭزنى كۈتمەن ،دەپلا كىتىپ قالدىم.مەن قاتتىق قارشلىق كۆرسەتتىم ،ئۆلىۋالمەن دەپمۇ باقتىم ،تومۇرۇمنى كىسىپ ھوشۇمنى بىلمەي ياتقان كۈلەردە يەنە شۇ ئاپام مىنى دوختۇرغا ئاپرىپ قۇتقۇزۋالدى.دورا ئىچىتىم يەنىلا ھايات قالدىم ،ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دىگەن گەپ راس ئوخشايدۇ.مەن ئۆلىمەن دەپمۇ ئۆلەلمىدىم.يىنىمدىن كۆزەتچى نىرى بولمايتتى،توي بولدى...مىنىڭ تويۇم بولدى بىراق بۇ تويدا مىنىڭ روھىم يوق ،مەن يىغلايمەن مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە شۇنداق بىر ئۆيدە ياشىغانلىغىمدىن ئۆكسۈپ يىغلايمەن.ئامال قانچە بەرى بىر قىزبالادىگەن بىر ئائىلىنىڭ ئىززىتى ھەم ھۆرمىتىكەن.مەن ئۆزەم خالىمايدىغان شۇ ئائىلىنىڭ كىلىنى بولدۇم،،، ..ئۇماڭا قىلغان مۇئامىلىنى ئنسان كۆرمىسۇن...تاياق دىگەنگە ئادەم ئۆلمەيدىكەن ....كىيىن مەن ئۇنىڭغا مەن تويدىن بۇرۇنمۇ مەن ساڭا دىگەن سەن پەقەت مىنىڭ جىسممىغا ئىرشەلەيسەن روھىم ھەرگىز بۇ ئۆمرۈمدە ساڭا تەۋە بولمايدۇ، دىدىم.ئۇماڭا ،قاراپ تۇر كىم كىمنى بويسۇندۇردۇ ،بۇنى كىيىن بىلىسەن دەپلا قويۇپ چىقىپ كەتتى.خورلۇق ..سىز بۇنى ھىس قىلالمايسىز....كىيىنچە ئۇ مىنىڭ چىيىمغا تامىقىمغا دوراسىلىشىنى باشلاپتۇ.....مەن قىز چىغىمدا بەش ۋاقىت نامازنى تاشلىماي ئوقۇيدىغان قىز ئەمدىلكتە ئىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىپ چىكىپ مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ھەممىنى ئۈگۈنۈپ كەتتىم ،يۈركۈم يىغلايدۇ،مەنمۇ بىر ئاللانىڭ مۇئمىن بەندىسى ئىدىمغۇ....ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن توي قىلالمىسامغۇ بوپتۇ.نىم دەپ مىنى مۇشۇنداق بىر ناكەس خۇمسىنىڭ قولىغا قويدىغاندۇ دەپ ...يىغلايتتىم.قاقشايتىم .بىراق مىنىڭ بۇ رەزگى ئىرىم كۈندە ھاراق كۆتۈرۈپ كىرىپ مىنى مەجبۇرلاپ تىگگە بىسىپ تۇرۇپ ئىغىزمغا ئەشۇ نىجىسنى قۇياتتى.كىيىنچە مەن كۆنۈپ كەتتىم .ئۆزۈم بازارغا چىقىپ ئەكىرىپ ئىچىمەن...خۇدۇمنى بىلمىگۈدەك بولغاندا...ئاندىن توختايمەن..ھەي ھايات ھەي ھايات....كىين مەن شۇ پەسنىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولدۇم ..ھامىلدار ۋاختىمدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دائىم بىللە چىكىپ ئىچىپ تۇردۇم...بالام تۇغۇلدى ،بالىدا ھىچ بىر گۇناھ يوق،،،،مەن ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەيىپنىڭ ھىچقايسىنى قىلمايمەن ،دەپ تۇرۋالدىم ،بىراق بىركىچە قاتتىق تاياق يەپ مەجبۇرى ئىغىزلىرمغا قۇيۇلغان ھاراق بەدەنلىرىمگە يىقىلغان تاماكا مىنى ئاراممدا قويمىدى..ئۇ ھەتتا پاھىشىلەرنى ئۆيگە باشلاپ كىلىپ بىللە ئىچىپ چىكىپ مىنى مازاق قىلىدىغان كىچىچە شۇ لاربىلەن بىللە ياتىدىغان ھالغا يەتتى .مەن يەنىلا ئۆلىۋىلىشنى تاللىدىم بىراق قىزم كۆزئالدىمغا كىلىۋىلىپ يىنىپ قالدىم .نەچچە قىتىملاپ ئاپامنىڭ ينىغا بارغان چىغىمدا مىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋاقىتلار كۆزئالدىمغا كىلپ ئۆزۈم چوڭ بولغان شۇ ماكاننىمۇ ئويلىماس بولغان ئىدىم.مەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دادام تۈگەپ كەتكەچكە..ئۆيدە مىنى قارشى ئالىدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى.مەن بار يوقنىڭ ئارلىغىدا يۈرگەن كۈنلەردە ئىككىنچى بالام بۇدۇنياغا كۆزئاچتى.ئۇ يەنىلا ئۆزىنى بىلمەي يۇرەتتى ،ھەتتا باللارنى سىتىش تەكلىۋىنى بەرگەن چاغلىرىمۇ بولدى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ ئادەم بولىشى ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيىمىزنى ئايرىم قىىۋەتتى.لىكن ئۇ بىريىل ئۆتكۈچە ئۆزىنى بىلمەي يۈردى ،ئۇنىڭ ئاپسى ئۇنىڭغا ھەرئايدا بەرگەن پۇللارنى ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ تۈگۈتۈپ يۇردى ..مەن باللىرىمنى بىقىش ئۈچۈن كوچىدا پايپاق ساتتىم ،كىيىن ھارۋىدىن بىرنى ئىلىپ مىۋە - چىۋە سىتىپ تۇرمۇشۇمنى قامداپ باللىرىمنى بىقىپ يۇردۈم ..ئۇ كۈندە كەچ كىلىپ مىنى پۇل بە دەپ قىستايتتى بەرمىسەم ...ئۇرۇپ ئاغزى بۇرنۇمنى قان قىلىۋىتپ يوقىلاتتى .بىركۈنى مەن بازاردىن ئەمدىلا كىلىپ تۇرسام ئۇنىڭ ئاپسى مىنى ئىزدەپ كەپتۇ..ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ ئوغلى مىنىڭ ئىرىم تۈرمىگە كىرىپ قاغان ئىدى.مەن راس گەپنى قىلسام بەك خوش بولدۇم...بىرئاي ئۆتۈپ مەن ئۇنىڭدن ئاجىرشش ئىلتىماسىنى سوتقا سۇندۇم ،سوت ئۇنى ئىزدەپ بارغاندا نەچچە يىللار بىرى ئاجىرششقا قوشۇلمىغان ئادەم قوشۇلۇپ تۇ...بىز ئاجراشتۇق مەن ئاجراشتىم.بىرخىل يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم ،قىيىن ئاپمنىڭ ئۇنىمىغىنغا ئۇنماي ئىككى بالامنى ئۆزۈم بىقىش ،ھچ قانداق تۆلەم ئالماسلق شەرتى بىلەن بۇ مۇقەددەس ماكاندىن ئايرىلدىم.نەگە بارمەن بىشىم قىيىپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى ،،،،ئايال بولماق ئانا بولماق شۇنچىلىك تەسمۇ...مەن نەچچە يىللار يوقاتقان ئۈلىكسىز سىغىنىپ كەلگەن ئەشۇ نىگارىمنى ئىزدەش قارارىغاكەلدىم .ئەشۇ نامى ئۇلۇق ئىچكىرگە يول ئالدىم.ئۇنىڭ ئەينى چاغدا يازغان ختى دەل مۇشۇ گۇۋاڭجۇ دىگەن شەھەردىن باشلانغان ئىدى.باللىرىم يىنىمدا ھىچ نىمىدىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇخلاۋاتىدۇ.مەن بولسام خىياللار دىڭىزدا...ئۇنى تاپسام بىز بىربىرمىزگە مەنىلك قارشىپ كەتسەك كىيىن ئۇ مىنى باغرىغا چىڭ بىسىپ مىنى كەچۈر دىسە ...باللىرىمنى كۆرۈپ بۇلار مىنىڭ خاتالىغىمنىڭ مەسئۇلى....مەن ئۇلارنى ئۆز باللىرىمدەك كۆرۈپ ئاسرايمەن....كەتكۈزگەنلىرىمنىڭ ئورننى تولۇقلايمەن دىسە دىگەندەك خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن،بۇشەھەرگە كىلىپ كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىدى ،مەندەك بىرتولۇقسىزنى پۇتتۈرگەن ئايالنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ دەيسىز...ئۇيغۇر ئىزدەپ بارمىغان يىرىم قالمىدى..نەگىلا بارماي ئەشۇ ئوماق باللىرىم پۇتلىشىپ قالدى..يىنىمدىكى پۇللىرىممۇ قالمىدى.ئاخىرى بىز چىملىقتا يىتىشقا مەجبۇر بولدۇق..چىمىقتا ئۈچ كۈن يىتىپ تۆتىنچى كۈنى مەن بىر ئاشپۇزۇلدىن كۈتكۈچىلىك خىزمىتىنى تاپتىم،بىراق ئىشلىمەي تۇرۇپ پۇل دىگىلى بولمىغاچ،يەنىلا چىملىقتا يىتىشقا مەجبۇرى بولدۇق،بىركىچىسى كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقىغا بىرۋىدى..بىشىمنىڭ ئاستا ئاستا پەسلەپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىسقىپ ئويغانسام ئىككى ئۇيغۇر بالا سومكامنى سۇغۇرۇپ قىچىپ كىتىۋىتىپتۇ...يىلىنىپ يالۋۇرۇپ كەينىدىن ھالىم قالمىغۇچىلىك يۈگۈردۈم ..پايدىسى بولمىدى..ئۇلارنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم....قايتىپ كەلسەم قىزىم يوق..يىغلاپ قاقشاپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ بارمىغان يىرىم قالمىدى،تاڭ ئاتتى بىر چاغدا بىرقاراشقا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كىتىدىغان قاۋۇل بىركىشىنىڭ قىزمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا پەيدا بولىشى مىنى ئالەمچە خوش قىلدى.ئۇ ئالدىمدا بىرنىمىلەرنى دەپ كالدىرلا ۋاتاتتى.نىمە تىلدا سۆزلەۋاتقانلىغىنى چۈشەنمىسەممۇ قىزمنى ئەكىلىپ بەرگەنىلگىدىن ئالەمچە خوش ئىدىم ،مەن ئۇنىڭغا توختىماي رەخمەت سىزگە دىگەن گەپنىلا تەكرارلايتتىم.ئۇ كىتەر چىغىدا ماڭا بىرتال ئىسىم كارتىسىنى قالدۇرۇپ بىرنىمىلەرنى دەپ كىتىپ قالدى.مەنمۇ باللىرىمنى ئىلىپ ئش ئورنۇمغا كەلدىم ..بىرئاي بولماي بۇ يەرگىمۇ باللىرىم سەۋەبلىك سىغماي قالدىم ...ئىجارە ئالغان ئۆيۈمنىڭ ئىجارسىنى تۆلىيەلمەي يەنىلا چىملىقتا يىتىشقا مەجبۇر بولدۇم..يىغلاپ يىتىپ ھىلىقى ئىھىم كارتىسى ئسىمگە يەتتى ،شۇنىڭ بىلەن تىلفون قىلدىم ...يەنىلا چۈشەنمەيدىغان گەپلەر..كەينىدىن بىر ئۇيغۇر تىلفوننى ئالدى دە ،سىزتاكسىغا ئولتۇرۇپ ساراي تۈرۈكچە تائاملار رىستۇراننىڭ ئالدىغا كىلىڭ مەن ئالدىڭىزغا ئالغىلى چىقىمەن ....تاكسى پۇلىڭىزنى بىز بىرمىز خاتىرجەم كىلىۋېرڭ دەپلا تىلفوننى قويۋەتتى ،ئۇلار دىگەن ئىسىمنى خەنزۇچە بىلمىگەچ نەچچە ئون تاكسىنى توسۇپ ئاران دىگەندە بىر خۇيزۇنى تاپتىم ئۇ مىنى باشلاپ بادى.تەرجىمان ماڭا چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ مەن تىل ئۈگۈنۈپ بولغۇچە ماڭا ھەرجەھەتتىن ياردەم قىلدىغانلىغىنى ياخشى ئىشلىشىمنى باللىرم ھەم ئۆزۈم تۇردىغانغا ئۆي تىپپ بىردىغانلىغىنى ئىيتقاندا مەن ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم...ئالتە ئاي ئۆتكۈچە مەنمۇ تۈرۈكچىنى خىلىلا ئۈگۈنۈپ قالدىم،،ئۆز ھاجىتىمدىن چىقالىغۇدەك دەرجىگە يەتكەن ئىدىم.ھىلىقى تۈرۈك مەندىن ئىلگىركى تۇرمۇشۇمنى ،نىمە سەۋەپتىن ئىككى بالام بىلەن بۇيەرگە كەلگەنلكىمنى..سوراپ قالدى ،مەن بولغان ئشلارنى بىرمۇ بىر ئيتىپ بەردىم ...ئۇماڭا بارغانسىرى ياىشى مۇئامىلە قىلىۋاتتاتىتى.كىم بىلسۇن ئۇنىڭ ئايالى تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ماڭا قانات سۆرەشكە باشلىدى،مەن رەت قىلدىم ،ئۇمىنى ئىككىنچە خوتۇنلۇققا ئالىدىغانلىغىنى نىمە دىسەم شۇنى بىردىغانلىغىنى ئىيتقاندا...مەن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلدىم ....مىنى ئۆزئەمرىگە ئىلىپ بەختىلك قىلالايدىغان بىركىشىنىڭ مىنى ساقلاۋاتقانلىغىنى ئۇنى پات ئاردا ئىزدەپ تاپىدىغانلىغىمنى ئىيتقان چىغىمدا ئۇنىڭ تەرى تۈرلۈپ ،بوپتۇ ئەگەر ئشلىگۈڭىز كەلمىسە كەتسىڭىز بولىدۇ..دەپلا چىقىپ كەتىتى.ئاردىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ بىركۈنى مەن ئۇزۇندىن بىرى كۈتكەن تەقەززا بولغان ئەشۇ ئاق ئاتلىق شاھزادەمنىڭ كۆزئالدىمدا پەيدا بولىشىنى كىم ئويلىغان...ئۇمۇ ماڭا قاراپ قىتىپلا قالدى...بىز سىرتقاچىقىپ بىريەرنى تىپپ ئولتۇردۇق ..ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق...ئۇماڭا ئۈزۈلدۇرمەي خەت يازغانلىغىنى لىكىن جاۋاپ خەت كەلىمىگەنلىگىنى ئەگەرمەن ئىشەنمىسەم دوستىغا تىلفون قىلىپ ئسپاتلاپ بىردىغانلىغىنى ئىيتىپ دوستىغا تىلفون قىلدى ..ئويلىمغان يەردىن دوستى ئۇ خەتلەرنى بىرمۇ بىر ماڭا يەتكۈگەن بولسىمۇ..مىنىڭ ھىچ قانداق ئىپادە بىلدۇرمەي باشقىلارنىڭ كەينىدىن كەتكەنلىكىمنى نۇمۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا سۆزلە ۋاتاتتى،مەن چۈشەندۈردۈم ،،يالۋۇرۇپ يىغلاپ دىمىگىنم قالىمدى،ھەممىسى بىكا بولدى..ئۇ باللىرمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپلا كىتىپ قالدى..مەن پۇتلىرىغا ئسلىپ ئۆتۈندۈم تاش بولسا ئىرىپ قالارئىدى قاھار،لىكىن ئۇ ئىرىمىدى.نەچچە ھەپتە روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا يۈردۈم.كىيىن ئۇرىستۇراندىنمۇ كەتتىم .....داۋاملىق تۈرۈكچە خەنزۇچە ئۈگەندىم ..ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرمۇشتا يەنە قىيىچىلىق تارتىشقا باشلىدىم ..شۇنىڭ بىلەن تۈرۈك رىستۇرانىدا ئىشلىگەن چىغىمدا تونۇشقان بىر ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر تۈرۈك تەرجىمانغا تىلفون قىلىپ ماڭا خىزمەت تىپپ بىرشىنى ئۆتۈندۈم ...ئۇماڭا يىقىندا يەرمەنكە با..مەن سىزگە بىرەر تۈرۈكنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ھەقنىمۇ خلىلا كۆپ بىردۇ...ساقلاپ تۇرۇڭ نەچچە كۈندىن كىيىن مەن سىزگە تىلفون قىلاي ھە دەپ كۆڭلۈمىنى كۆتۈرۈپ قويدى....ئۇ دىگەن نەچچە كۈن توشۇپ راس دىگەندەك بىر قانچە تۈرۈككە تەرجىمان بوپ قالدىم،كۈنلىرىم ھەر ھالدا ياخشى كىتىپ باراتىتى ،بىركۈنى ھىلىقى تەرجىمان بالا ماڭا كىركىيملىرنىڭ يىغلىپ كەتكەنلىكىنى ئايالىنىڭ ئاغرىپ ئۆيدەيىتىپ قالغانلىغىنى مۆمكىن بولسا ئايالى بىلەن مۇڭداشقاچ ياردەم قىلىشىنى ئۆزىنىڭ بۇگۈن بىرچەتئەللك مىھمانلاربىلەن بىرگە بولىدىغانلىغىنى ئىيتىپ تىلفون قىلغان ئىدى.مەن ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەيلا ماڭاىمۇ ياردەم قىلغان تۇرسا نىم بوپتۇ ؟دەپلا باللىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ بىرپتىمەن .ئاھ خۇدا...بۇدۇنيانى نىمانداق ياراتقانسەن...پشانىسىدە كۆرگىلى بولسىچۇ كىشىنىڭ قانداقلىغىنى ،مەن ئىشك ئالدىغا كەلگەن چىغىمدا ئىشك ئوچۇق ئىكەنتۇق...شۇنداقتىمۇ ئىشكنى چەكتىم ،بىرچاغدا ئۇ چىقتى، قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن ئۇ ئەمسە مەن كەتتىم ،ئالدىن رەخمەت دىگەچ تۇراي دەپ سىرتقا ماڭدى ..مەنمۇ نىرى بىرى ئويلاشمايلا....ۋاي بولدى قىلىڭە قانچىلىك ئىشتى بۇ ..كىتىۋېرىڭ دىگەچ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.بىرچاغ كىرئالغۇنىڭ غوڭ غوڭ ئاۋازىدا ئاڭلىمىغان بولسام كىرەك ...ئۇ قايتىپ كىرىپتۇ...كەينىمدىن كىلىپلا قۇچاقلاپ سەتلەشكىلى تۇردى ...ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،قايەردىن كەلگەن كۈچكىن ئۆزۈمنى شۇنداق بىر سىلكىسەم ئۇ سۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن پولدا ئوڭدىسغا چۈشتى،ئىغىزمغا كەلگىننى دەپ تىللاپ بىشغا نىمە قولۇمغا چىقسا شۇنى ئىتىپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتم.كوچىدا يۇگرەۋاتىمەن..كىيىۋالغان ئۇزۇن كوينىكىم پۇتلىرىمغا يۆگىشىپ مىنى ھازىرلا يىقىتىشقا تەييار...ئىڭىكىمدىن چىگىۋالغان ياغلىغىم ...قايەلەردە چۈشۈپ قالدىكىن بۇنىمۇ بىلمەيمەن...ئاران دىگەندە ئۆيگە كەلدىم ...ئۆسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن....ھەي ئاللا بەندىلىرىڭ ئارسىدىكى نىجاسەتلەرنى نىم دەپ ياراتقان بولغۇيدۇڭ....كىيىنكى كۈنلىرىم يەنىلا شۇتەرجىمانلىق بىلەن ئۆتتى.ئۇ رەزگىمۇ ئىككىنچىلەپ ماڭا باش كۆتۈرۈپ قاراپ باقمىدى.مىنىڭمۇ ئۇنى كۆرە كۆزۈم يوق .
بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ..باشتا ئۇنىڭ سۆزلىگەن ئىسلامى سۆزلىرگە قاراپ دۇرۇس قىز ئوخشايدۇ دەپ ئىچ سىرىمنى تۆكۈپ يىغلاپ بىرىپتىمەن..كىم بىلسۇن بۇ تۈلكجىن مىنى ئەرەبلەرگە سىتىۋىتىپ قىچىپ كىتىپ تۇ...شۇنچىلىك نۇمۇس قىلدىمكى مىللىتىم ئەركەكلىرىدىن قىزلىرىدىن قەتئى دوس تۇتماسلىق قارارىغا كەلدىم .بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.ھەممە كىشىنىڭ ئۇلاردەك بولىشى ناتايىن ئەلۋەتتە..لىكىن بۇيەردە ياشاۋاتقانلىرى پۇل دىسە قىز دىسە ئانىسىنى سىتىشتىن يانمايدىغان نىملەركەن.ئاخرقى كۈنلىرىم تور بىلەن سىردىشش ...ھىكايە..رومان شئىرلار..ۋە ئسلامى تور بىكەتلەر ئارسىدا ئۆتتى....بىركۈنى توربەتلەرنى ئارلاۋىتىپ سىزنىڭ «ئايالىم ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ»دىگەن ھكايىڭز دىققىتىمنى تارتتى ..سىز ھىكايىنى ئۈزۈپ ئۈزۈپ يوللىغاچقا داۋامىغا شۇنچىلىك تەققەززا بولدۇم...داۋامىنى كۆرۈپ كۆزلىرمدىكى ياشلارنى تۇتۇپ قالالمىدىم...ھەقىقەت دىگەن ھامان ھەقىقەت...مەن شۇنىڭدىن كىيىن سىز بىلەن سىردىشىپ بىقىشنى دوس بولۇپ قىلىشنى كۆڭۇلۈمگە پۈكۈپ ئىزچىل سىزگە ئۇچۇر ۋە خەت يازدىم ،لىكىن غىرىپ مىسكىن كۆڭلۈم تەسەللى تىپىش ئورنىغا سىز مىنىڭ سەممى سۇنغان دوسلۇق قولۇمنى كۆڭلۈمنى كۆرمەسكە بىلمەسكە سالدىڭىز..بەلكىم سىزنىڭ مەن توغىرسىدا قىلغان پەرەزلىرىڭىز توغىردۇ،لىكن مەن سىزگە بىرگەپنى دەپ قوياي مەن ھەرگىزسىزئويلىغاندەك چەتئەللىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان مىللىتىدىن چانىدىغان تانىدىغانلاردىن باشقا ئەللەرگە ھەۋەس قىلىدىغانلاردىن ئەمەس...كۆڭلىڭىزنى رەنجىتكەن جايلىرى بولسا كەچۈرۋىتەرسىز....قىزڭىزغا سالامەتلىك سىزگە ۋە ئاپىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۇر چىدام غەيرەت تىلەيمەن.تىلفونىڭزنى كۈتىمەن.كەچىرۈڭلا قىرىنداشلا بىۋاستە كومپىيوتىرغا يىزىۋاتقاچقا .....بەكلا ھاردۇق يىتىپ قالىدىكەن ...داۋامىنى تىزلا يوللايمەن....
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن