ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ۋەزىرگە مۇنداق دەپتۇ، copyright by www.iz.la
-ئوغلۇمنى ئۆيلىگەن چېغىمىدا كېلىنىمىنى ئۆز قىزىمىزدەك كۆرۈپ ئىلتىپات ۋە ھۆرمەت قىلىدىم،ئۇ توي ھارپىسىدا ئوغلۇمغا(ئەمگەكتىن قاچمايمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دوئاسىنى ئالىمەن)دېگەنكەن.ئاتا-ئانىسى بولسا(قىزىمىزنىڭ گۆشى سىلەرنىڭ،سۆڭكى بىزنىڭ)دېيىشكەنىدى.گەرچە ئۆيىمىزدا بارلىق ئىشلارنى كېنىزەكلەر قىلىشىسىمۇ،لېكىن سۆزلىرىدىن بەكمۇ خۇشال بولغانىدۇق،بىراق،بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەي كېلىنىم ۋە قۇدىلىرىم ماڭغان-تۇرغىنىنى بىلىشمەي قېلىشتى ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا سىغمايدىغان گەپلەرنى،ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغان بولۇپ قېلىشىتى،مېنىڭ جەننەتتەك مۇشۇنداق ئائىلەم مانا مۇشۇدناق بەكمۇ ئېچىنارلىق بولسا كېرەك،دەپ ئويلايمەن،بۇنىڭىغا قارشى تەدبىر-چارىلەرنى كۆرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.سىزگە شۇنى تاپشۇرىمەنكى،نوپۇزلۇق بەش-ئالتە ئادەم بىلەن ھەرمكارلىشىپ،مەھەللىلەرگە بېرىپ،كېلىنلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر مەلۇماتلارنى توپلاپ كەلگەيسىز،ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز بەكمۇ ياخشى بولاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ۋەزىر بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ۋەزىپىسىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ.پادىشاھ مەنسەپدارلار،ئۆلىمالار،سودىگەرلەر ۋە باشقا تائىپىدىكىلەرنى چاقىرىپ چوڭ يىغىپ ئېچىپتۇ.ئەنە شۇ يىغىندا ۋەزىرگە سۆز بىرىپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ۋەزىر مۇنداق دەپتۇ؛ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شاھنىشاھىم،سىزنىڭ بىزگە يۈكلىگەن تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنلاش جەريانىدا بىز مۇنداق خۇلاسىگە كەلدۇق،يەنى ئائالىنىڭ تىنىچ-خاتىرجەم بولۇشىدا ئاساسەن كېلىن،يەنى ئائىلىنىڭ تنىچ-خاتىرجەم بولۇشىدا ئاساسەن كېلىن،قېيىنانا ۋە ئايال قۇدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن،بىز ئۇلاردىن بىر نەچچىسىنى تەكلىپ قىلىدۇق.ئالدى بىلەن سۆزنى كېلىندىن ئەلەم چەككەن قېينانىلارغا بېرىشكە رۇخسەت قىلغايسىز.مانا بۇلاردىن بىر ئاينىسا ھەدە. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئاينىسا ھەدە ئەلەم ئىچىدە سۆز باشلاپتۇ؛ ئىز تورى www.iz.la
-(كېلىن ئالساڭ كەمبەغەلدىن ئال،قىز بەرسەڭ بايغا بەر)دېگەن ماقالغا ئەمەل قىلىپ،تىرىكچىلىكىنى ئاران-ئاران ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋاتقان كەمبەغەل ئائىلىنىڭ قىزىغا ئوغلۇمنى ئۆيلەندۈرگەنىدىم.بۇ ئىشتىن ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىم ۋە قولۇم-قوشلىرىم ئەجەبلىنىپ،سەۋەبىنى بىرىشكە بەكمۇ قىزىقىشتى،چۈنكى،ئېرىم باي،چوڭ سودىگەر،ئوغلۇم بولسا نى-نى نوپۇزلۇق ئائىلىلەر كۈيئوغۇل قىلىۋېلىشنى ئارزۇق قىلىپ يۈرگەن ئەقىللىق،ئەدەپلىك ۋە كېلىشكە يىگىت ئىدى.ئېرىم قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئوغلۇم ئانامنىڭ ھۆرمتى،دەپ سۆزۈمنى قايتۇرمىدى ۋە ئاشۇ قىزغا ئۆيلىنىشكە رازى بولدى.مەن كېلىننى ئائىلىمىزدىكى مەمۇرچىلىق ئىچىدە ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ئوغلۇم بىلەن بىللە ياشاپ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدىغۇ،دەپ ئويلىغانىدىم.ئەمما،ئۈمىدىم يوققا چىقتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كېلىنىم نىكاھ كۈنىلا ئۆزىنى بەكمۇ مەغرۇر تۇتۇپ،ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى قالدۇردى.ئۇنىڭ چىرايىدىن شادلىق نۇرلىرى ئەمەس،بەلكى زەھەر تېمىپ تۇراتتى.باشتىلا يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى،شۇنداق بولسىمۇ چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ،دەردىمنى سىرتقا چىقارمىدىم.توي بەكمۇ داغدۇغىلىق ئۆتتى.شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىكە باشلىدى.كېلىن بولسا ئۆي ئىشلىرىنى چالا پەلىپەتىش قىىلدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۆپرەك پاراڭ قىلىپ ئولتۇرۇشنى ياكى ئۆيگە كىرىپ بىكار ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن.بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق تەشۋىشكە سالدى،شۇڭا،مەن ئۇنى كۆپرەك ئىشقا جەلپ قىلىشقا،شۇنداقلا تاماقلارنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىنى پىشۇرۇشنى ئۆگىتىشكە ھەرىكەتكە قىلىدىم،بىراق بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشمىدىم،بىلگىنىمنى يۈزىگە سېلىپ ئەيىبلىمىدىم،كېلىنلىك بولۇپ بىرەر يىل ئۆتە-ئۆتمەي ئېرىنىڭ ئىشلىرىنى يۇرۇشۈپ،بايلىقىمىزغا بايلىق قوشۇلدى،ئوغلۇم بولسا ئوردىغا خىزمەتكە ئېلىنىدى.بىز ناھايىتى خۇشاللىققا چۆمدۇق،لېكىن بۇ ئىشلاردىن كېلىنىمىز قىلچە خۇشال بولۇپمۇ قويمىدى،ئۇنىڭ تەپتىدىن قارىغاندا،ئۇ خۇشال بولۇشنىمۇ بىلمىسە كېرەك. copyright by www.iz.la
ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كېلىنىمنىڭ خاراكتېرى ۋە دىمىغى ئۆسۈپ،كاجلىقى ئېشىپ باردى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇنىڭغا؛
ئىز تورى www.iz.la
-بالام كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىگەنلىرىڭىزنى مەندىن ئۆگىنىۋېلىڭ.كيىن مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆزىڭىز بوپ قالسىز.ئۆزىمىزگە مەلۇم،روزغارىمىز چوڭ،كەلدى-كەتتىمىز كۆپ،خۇداغا شۈكۈر ھېچ نەرسىدىن خىجالەتچىلىكىمىز يوق.بۇنداق كېتىۋەرسىڭىز بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى پۇتلىشىپ مۈدۈرسىز.ئەمگەك كىشىنى سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.دېۋىدىم،بالاغا قالدىم. شۇ چاغدا بىردىنلا كېلىنىمىنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتتى.ئۇ زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،ئىككى قولىنى بېقىنىغا تىرەپ تۇرۇپ،-يىغا -زار ئارىلاش؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بولدى قىلىڭ! كەمبەغەلنىڭ قىزىنىڭ قورسىقى تويسا،كىيمى پۈتۈن بولسا قۇلدەك ئىشلەۋېرىدۇ،دەپ ئويلىغان بولسىڭىز كېرەك -ھە!مەن قۇل ئەمەس،نەسھەت قىلىۋېرىپ قېنىمغا تەگدىڭىز.جۆرە بولۇشنى خالىمايمەن،-دەپ ۋارقىراپ كەتتى،ئاندىن يېنىمغا دېۋەيلەپ كەلدى-دە،قولىنى شىلىتىپ،-ئەمدى مەن ساڭا كۆرسىتىمەن، جازايىڭنى تارتىسەن!-دېگىنىچە كوچىغا چىقىپ كەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىنىم ئانىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىللە كەلدى.ئانسى غەزەپ بىلەن مۇنداق دېدى؛
-قۇدام، بايلىقىڭىزغا ئىشىنىپ، قىزىمىزغا زۇلۇم-زولۇق قىلىۋەرمەڭ،بىزنىڭ ئەيبىمىز پەقەت كەمبەغەل بولغانلىقىمىزدا،خالاس.بىزمۇ ئادەم سىلەردىن ئوبدانراق يەرلەردىن ئەلچىلەر كېلىۋاتقان چاغدا،بېشىمنى ئايلاندۇرۇپ قىزىمنى كېلىن قىلىۋالدىڭىز.ئەمدى ئىش بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ھە دەپ قىزىمغا ئىش قىلىشنى ئۆگىنىڭ دەۋەرگۈدەكسىز،مال-دۇنياىيڭلار ئېشىپ-تېشىپ تۇغاندىكى كىيىن بىردىنبىر كېلىنڭىزگە خىزمەتكار سېلىپ بېرىڭلار.ئەنە شۇ چاغدا ھەممە كىشى سىلەرگە قايىل بولاتتى.تېخى قىزىم ياش،ئەمدى ئون توققۇزغا كىردى،بىرەر كۈن ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە،بىر-ئىككى كۈن ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە،ئۈچ-تۆت كۈن مېنىڭ ئۆيۈمىگە ئەۋەتىپ تۇرۇڭ،شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلىدۇ ۋە خۇشال بولىدۇ.شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭكى،(يالاك ئاياغ سۇدىن قورقىمايدۇ )دېگەندەك،بىز ھېچنەرسىدىن قورقىمايمىز.بىز ئۆلسەك ئۆلىمىزكى،باشقىلارغا ئاياغ ئاستى بولمايمىز ۋە باش ئەگمەيمىز.
www.iz.la
-قۇدام-دەپ جاۋاب بەردىم،-ھېچكىم قىزىڭىز بىلەن ئۇرۇشقىنى ياكى ئۇنى خاپا قىلۋاتقىنى يوق،بۇ گېپىم يالغان بولسا ئۆز ئېيتىپ قويسۇن،پەرزەنتىلەرنى ئىشلتىش، ئاش-تاماق ئېتىشكە ماھىر قىلىش ۋە سىلىق مۇئامىلىگە ئۆگىتىش ئاتا-ئانىنىڭ بۇرچى ھېسابلىنىدۇ،ئۇنى ئىش بىلىدىغان ۋە شېرىن-سۆزلۈك بولسۇن دەيمەن،سىلەر بولساڭلار بۇنى زۇلۇق قىلىغانلىق،دەپ ھېساۋاتسىلەر.قىزىڭىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى بىلىشى ۋە سەرەمجان بولۇشى ئۇنى بەخىتلىك ھاياتقا ئېلىپ بارىدۇ،ئۇنداق بولمىغاندا ئۆمرى دىشۋارچىلىقتا ئۆتىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور