ئالدىنقى ھەپتە نەۋرە ئاچامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ،ئىككمىىز
تاماق خانىدا تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەپ ئولتۇراتتۇق ،تۇيۇقسىز
ئاڭلانغان يىغا ئاۋازىدىن ،ئۈستەلدىكىلەر ھەمىمىز بىر-بىرىمىزگە
سوئال نەزىرىدە قاراشتۇق .
ئەسلىدە بىر ئايال بىر قىزنى ئۇرىۋاتقان ئىكەن ،قىز قارىماققا
يەتتە -سەككىز ياشلاردا ئىدى . ئايال قىزنى شۇنچىلىك قاتتىق ئۇردىكى ،
قىزنىڭ يۈزىگە تەگكەن تەستەكنىڭ ئاۋازى ھەممىمىزگە ئاڭلاندى ،
بىچچارە قىز ئاغرىققا چىدىماي ئىچىنىشلىق يىغلايىتتى ،ئاچچىقىمدا
يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالنى توسماقچى بولدۇم ،دەل شۇ چاغدا بىر ئايال :
-ئۇكام ئۇنى تۇسىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،ئۇ بىچچارە ئۇنىڭ ئۆگەي قىزى ،
ئۇ قىزنى ھەركۈنى سىرتلارغا بۇتۇلكا يىغقىلى بۇيرىيدۇ ،ئەگەر ئۇ بۇتۇلكىنى
ئاز تېرىپ كەلسە ،تاياق يەيدۇ ،بىزمۇ ئايالغا كۆپ نەسىھەت قىلدۇق ،
ئەمما سوغوق مۇئامىلىگە ئۇچىردۇق .-دىدى .
خوشال كەيپىياتىمىز نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى ،ھىلىقى ئايالنىڭ
ئۆگەي قىزىنى دۈشكەللەپ مىڭىشلىرى كۆز ئالدىمغىلا كەلسە ،
كۆڭلۈم ھازىرمۇ غەش بولىدۇ ...ئۆگەي بالىمۇ بالىغۇ ؟
ئۇ ئايالنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى باللىق چاغلىرىمدا تېلىۋىزۇردا
كۆرگەن <<كۈل قىز >> كارتۇن فىلىمىدىكى ئۆگەي ئانىغا ئوخشايىتتى ، ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شۇ تاپتا كۆزلىرىم ئاچچىق ياشقا تولدى ،بىر تەرەپتىن ھىلىقى
بىچچارە قىزغا ھىسداشلىقىم قوزغالسا ،يەنە بىر تەرەپتىن باغرى
تاش ئانىغا لەنەت ئوقودوم .
ئەتىراپىمىزدا بارلىقىدىن كېچىپ ،ئۆگەي پەرزەنىتلىرگە
چىن -موھەببەت ئاتا قىلىۋاتقان ئانىلىرىمىز ئالدىدا ئۇلارنىڭ
موبارەك نامىغا قارا سۈركەۋاتقان ھىلىقىدەك ئاياللارغا شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كەلدى :
<<ئەي تاش يۈرەك ئىنسان ،ئۆزۈڭنىڭ كىيىنلىكىن ئويلاپ قوي ،
قانداقلا بولسۇن سەن ئانىلىق شەرىپىگە خاتا بولسىمۇ ئېرىشكەن ئايال ،
ئاياللىق سۈپىتىڭ بىلەن قەدرىڭنى بىل ،باشقىلارنى قەدىرلەشنى بىل ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاشۇ سەبى بالىنىڭ ئاھۇ-زارى ئاخىر بىر كۈن ياقاڭنى سىققاندا ،
قانداق جاۋاپ بېرىشنى ئويلا >>
ئەنە ،ھىلىقى ئايالنىڭ ئالدىدا بېشىنى تۆۋەن سالغۇنچە كۆزلىرىدىكى
ئەلەملىك ياشلىرىنى سۈرتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي كىتىۋاتقان
سەبى قىزچاق ، ئۇ شۇتاپتا نىمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟،ئانىسىنىمۇ ،؟
مەكتەپنىمۇ ..؟ ياكى ...
خەيرىيەت ئوماق قىز ،ئەمدى ئۇنداق تەمتىلمەي ، دادىل قەدەم ئال ،
بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى بار ...
<<قانونچىلىق گىزىتى>> <<شاراپەت قۇربان >> ئىز تورى بەك ياخشى