مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

ۋاقتى:2011-11-20 12:20مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن مەھرۇم قىلىپ، سازلىققا چۈشكەن بىلىجاندەك ئەركىن نەپەس ئىلىشىممۇ قىيىن بولۇپ، مۇشۇ سازلىقتىن بىر ئۆمۈر چىقالمايدىغاندەك، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى قىسمى ئازاپلىق كۈنلەر بىلەن داۋاملىشىدىغاندەك، چەكسىز سۈكۈنات ئىچىدە قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇرماقتىمەن. خخياللىرىم مىنى سەندىن ئايرىلغان ئاشۇ مىنۇت،ۋە دەقىقىلەردىن يەنە مىنى خەۋەردار قىلماقتا. ئاشۇ ئازاپلىق ئۆتمۈش يەنە كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەن ئىلگىركىدەكلا روھلۇق، ئىلگىركىدەكلا خۇشال كۆرۈنەتتىڭ. ئەمما شۇ خۇشال كۈلكەڭنىڭ ئارىسىدا يەنە قانداقتۇر بىر ئازاپنى تەڭ ئىلىپ كىلىشىڭنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم. بىزبۇرۇنقىدەك خۇشال پاراڭلىرىمىزنى قىلىشتۇق، سەن بىر دىنلا  تىما يۆتكەپ سۆزلىدىڭ. سىنىڭ يوتكىگەن تىماڭنىڭ مەزمۇنى ئىسلام توغرىسىدا ئىدى. سەن ئىسلامدىنىدا مۇھەببەتلەشسە بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ، بىر مۇنچە باھانىلەرنى كۆرسەتتىڭ.بىلىمەن، سەن ئىسلام توغرىسىدا مەندىن كۆپ بىلىملىك، سەن ئىلگىرىمۇ ماڭا ئىسلام دىنىدا مۇھەببەتلىشىشكە بولمايدۇ، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن ئىدىڭ، مەن يۈسۈپ زىلەيخانىڭ مۇھەببىتى توغرىسىدا سۆزلىسەممۇ سەن يەنىلا قايىل بولمىغان ئىدىڭ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن سۆزلەپ يەنىلا ئايرىلىپ كىتىەيلى دىگەن گىپىڭدە چىڭ تۇرۋالغان ئىدىڭ. مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئۇلۇق قۇدرەتلىك بولسا كىرەك، سەندىن ئايرىلىشقا قىيماي يالغان ۋەقە تۇغدۇردۇم، قاتناش ھادىسىدە پۇتۇمنىڭ سۇنغانلىقى تۇغرىسىدا دوستۇمنىڭ چ چ رىدا ساڭا خەت يوللىدىم. گىپىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈندە تورغا چىقىپ سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان چچ رىمنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىچىۋالىدىغان بولدۇم. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا زىرىكىپ تورغا چىققانلىقىمنى، يەنە يۈز بەرمىگەن قاتناش ھادىسىنى راس قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدىم.  شۇنداق ساختىلىقلار ئارقىلىق سىنىڭ ھىسداشلىقىڭغا، ئىلگىرىكى مۇھەببىتىڭگە ئىرىشىشنى ئويلىغان ئىدىم. دوستۇمنىڭ چچ رىدا سىنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىشىڭ، ئەمدى ئايرىلىش توغرىسىدا گەپ قىلماسلىقىڭ توغرىسىدا خەت يىزىپ، يوقۇتۇپ قۇيغان مۇھەببىتىمنى يەنە قايتۇرۋالدىم. بىز ئىلگىركىدىنمۇ ئامراق بولۇپ كەتتۇق. كىشىلىك تۇرمۇشتا كۈلكەڭدىن يىغاڭ كۆپ بولىدىكەن. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە سەن ئايرىلىش توغرىسىدا گەپ قىلدىڭ، سىنىڭ بۇ گىپىڭنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم ئىغىر يۈكنىڭ ئاستىدا قالغاندەك بولدۇم.  كىچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزنى ئەسكە سالىدىغان بىر قۇپ ئويماقتاك كۆزلىرىڭ يەرگە قارىۋالغان بولۇپ، خۇددى مەندىن كەچۈرۈشنى ئۈمىت قىلغاندەك بىشىڭنى كۆتۈرمەستىن كۆزۈڭنىڭ قۇيرىقىدا يەر بىقىپ ماڭا قارىدىڭ.  شۇ تاپتا ئىغىزىمغا بىر نەرسە كەپلەپ قويغاندەك گەپ قىلالماي بىر ئاز قاراپ تۇردۇم. كەلگۈسى ئۈمىدلىرىم، بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ مۇشۇ بىر ئىغىز سۆزۈڭنىڭ قۇربانى بولىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانكەنمەن. مەن ئۆزۈمنى بىسىۋىلىپ ئاران ساڭا گەپ قىلالىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- سىز راسلا ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
- كەچۈرۈڭ. ئاللانىڭ ئازابى قاتتىق. سىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. بىز قاتتىق گۇناھ يولىغا كىتىۋاتىمىز.
- سەۋەپ شۇما؟ - قايتىلاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
- ھەئە.  - ئۇنىڭ جاۋابى بىر ئىغىزلا بولدى.
- بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز نىمىگە ھىساپ، ئەمدى شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ سۇغا تەشنا بولغان بىلىقتەك يۈرەمدۇق. - ئاۋازىم تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
- ئاللانىڭ بۇيرىغان ئەمەللىرىنى قىلسىاق ئاللا بىزگە چەكسىز بەخىت ئاتا قىلىدۇ.
- ئەجىبا سىز دەۋاتقان چەكسىز بەخىتنىڭ ئىچىدە سىزدىن ئايرىلىپ قىلىشمۇ بامۇ؟ مەن نىمانداق شور پىشانە، پىشانەم كەينىمگە ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ. - ئاۋازىم تىخىمۇ زەئىپلەشتى. copyright by www.iz.la
- ئۇنداق دىمەڭ.
- ھەقىقەت شۇنداق دەۋاتسا، ماڭا نىمە ئامال.
- ئاللانىڭ كۈنلىرىگە شۈكرى قىلىشىمىز كىرەك. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچى. ئۇ يەنىلا شۇ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغاندەك قىلاتتى.
- نىمىدىگەن قاملاشقان سۆزلەر بۇ، مۇشۇ سۆزلىرىڭىزنى دىيىش ئارقىلىق مىنى ۋاز كىچىڭ دىمەكچىمۇ سىز.
- بۇ مەن دەۋالغان سۆزلەر ئەمەس، بۇ ھەقىقەت. تەقدىرگە تەن بىرىشىمىز كىرەك.
- مەن يىغلايمۇ؟ كۈلەيمۇ؟ توۋا بۇ دۇنيا نىمىدىگەن شەپقەتسىز. - ئامال با سەندىن كۆزلىرىمنى قاچۇراتتىم، كۆزلىرىمدىكى ياش يۇقىنى كۆرۈپ قىلىشىڭدىن ئەنسىرەيتىم، ئاۋازىمنىڭ تىترەپ چىقىشىدىن چىشىمنى چىشلەپ ئاچچىق كەلگەن يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاراندا توىتۇتۇپ سۆزلەيتىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

- بىز ئاللانىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتىشىمىز كىرەك. بۇ ئاللانىڭ سىنىقى، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى سىناق. ئاللانىڭ تۇرلۇك سىناقلىرىدىن ئۆتسەكلا ئۇ دۇنيا ۋە بۇدۇنيادا  مەڭگۈ بەخىتلىك بولالايمىز.
- نىمىدىگەن تەسىرلىك سۆز ھە. قايىل بولماي دىسە ئورۇنلۇق، قايىل بولاي دىسە بىرى تاشلاپ كىتىمەن ئۆلسەڭ ئۆل دەۋاتقان.  نىمىشقا كۆيدۈم نىمىشقا ئايرىلدىم، يەنە نىمىشقا ئازاپلاندىم، توۋا بۇ قىسمەتلەرنى. - سەن بىر ئاز سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن يەنە داۋاملاشتۇردۇڭ.
- قەدەمدە بىر سىناق، بۇ سىناقلاردىن چوقۇم غەلبىلىك ئۆتىشىمىز كىرەك.
- مەن چىدىمىدىم، بەرداشلىق بىرەلمىدىم، ئەجىبا بۇ سىناقلار پەقەت بىز ئۈچۈنلىما؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھىدايەت يولىنى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن. - ئىككىلەنمەيلا جاۋاپ بەردىڭ. سىناقلاردىن ئۆتسىڭىزلا مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئىرىشىسىز.
- مەن ئىرىشتىم، مەڭگۈلۈك ئازاپقا ئىرىشتىم.
- ئەجىبا مەن ئازاپلانمىدىممۇ؟ -  كۆزلىرىمگە ھەيرانلىق بىلەن خۇددى ئاڭلاپ باقمىغان سۆزنى ئاڭلىغاندەك قاردىڭ.
- سىز بۇ ئازاپلاردىن خىلىلا يىراق.
- سىز شۇنداق ئويلامسىز؟
- تاشلىۋىتىلگەن نەرسىنىڭ تاشلىۋەتكۈچىگە نىمە كىرىكى، ئەمما ئاشۇ تاشلىۋىتىلگەن نەرسە ئۈچۈن ئىگىسى كىرەك، ئۇ ئىگىسىگە مۇھتاج.
دۇنيا كۆزلىرىمگە بارغانسىرى غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىرى ئۇستۈمگە ئىغىر يۈك ئارتىپ قويغاندەك ئىغىر تىناتتىم. توغرائازاپلانغىنى مەنلا ئەمەس سەنمۇ ئازاپلانغان ئىدىڭ، سەن يىراقلاردىن كۆزۈڭنى ئۈزمەي قارايتتىڭ،  مىنىڭ سىنى خاتا چۈشەنگەنلىكىمنى ئىتىراپ قىلغاندەك  كۆزلىرىڭدىن مۇنچاقتەك ئىككى تامچە ياش يۈزىڭنى بويلاپ چۈشكەنچە قارا تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن ئىدى.   بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
                                                                                       ئابدۇللا ئابدۇراخمان يەركەندى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
57.1%
ناچار
(3)
42.9%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تۈز سىزىق

    تۈز سىزىق(ھېكايە) ئاپتۇرى : چۇشتاق پازىل بۈگۈن كېچىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىكوندىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە، غۇۋا يېنىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىغا، نېرىدىكى بىنانىڭ چىرىقى يېنىق تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىلىرىگە بىزارلىق ئىلكىدە قا...

  • مۇنبەردىن باشلانغان مۇھەببەت

    مۇشۇ چاغلارغىچە 23 بەتلىك ھايات مۇساپەمدە مەن ئۇچۇن مۇھىم ۋە ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەملەر ئارىسىدا يەككە -يىگانە ياشاپ كەلدىم .ھاياتتىن ،تۇرمۇشتىن رازى بولغان چاغلىرىممۇ كۆپ بولدى .چۇنكى مەن ھەر جەھەتىن كۆپ بەخىتلىك ..مىنىڭ مۇكەممەللىككە .مېھىر-مۇھاببەتك...

  • گۈزەل بىر ھىكايە

    پاناق بۇرۇن بىر ئوغۇل بالا ئىككى ياش ۋاقىتىدا مېڭە ياللۇغى بولۇپ قالغاچقا ئەقلىي ئىقىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۆگىنىشتە تولىمۇ قىينىلىدۇ.مەسىلەن،باشقىلار ئىككى-ئۈچ يۈز خەتلىك ماقالىلەرنى يازغاندا،ئۇ ئاران تۆت-بەش قۇرلا خەت يازىدۇ.ئەمما، ئۇنىڭ يازغان ماقالىس...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇرسەت ئەنە شۇنداق ئاددى!

    بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنتايىن چىرايل...

  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...