بۇ توي كۆينىكىڭ

ۋاقتى:2012-01-07 11:42مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

گۈلباھار سىدىق ئابباس 

www.iz.la



       بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل رەڭ كاستۇيۇم بۇرۇلكا،قىز  ئاق رەڭلىك نېپىز توي كۆڭلىكى كەيگەن بولۇپ،كۆڭلىكىنىڭ بىر مۈرىسىدە ئىنچىكە يىپ،يەنە بىر مۈرىسىدە ھېچنىمە يوق،يۈزىنى يېپىۋالغان تور ياغلىقىمۇ ناھايتى نېپىز بولغاچقا،نازۇك يەرلىرى ناھايتى رۇشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى،مەن خۇددى باشقىلارنىڭ ئىپپەتلىك يېرىنى كۆرۈپ قالغاندەك،ئوڭايسىز ھالدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.مەن ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى مېھمانلار قىزنى چىقرىش ئوغۇل ئۆيلەش ئالدىدىكى ئانلار ئىدى.ئۇلارمۇ كەيپى ئۇچقان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدى. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   _توۋا،قىزلىرىمىزدا شەرمى-ھايا دىگەن نەرسە قالمىدىمۇ نېمە؟ توي بولدىغان قىز شۇنداقمۇ يالىڭا چلىنىۋالامدۇ؟ 
   _ئاۋۇ خوتۇن ئالدىغان يىگىتچۇ كىيىم تاللىغاندا يېندا تۇرۇپ پۇل تاپشۇرغاندۇ؟ شۇچاغدا:<خاس مەنلا كۆردىغان يەرلىرىڭنى باشقىلارغا كۆرسەتمە>دىگەن بولسا،ئاشۇ كۆڭلەكنى كىيىشكە پېتىنالامتى؟ 
  _ئۆتكەن يولدۇشۇممۇ بىر تويغا قاتنىشىپ قالغانكەن،ئۆيگە كېلىپ قىزىمغا:<ئەگەر تويىڭزدا ئاتا-ئانامنى رازى قىلاي دېسىڭز،ئۆزىمىزنىڭ ئەتلەس رەختىدىن يەڭلىك توي كۆينىكى تىكتۈرۈپ بېرىمەن،چىرايلىق چىمەن دوپپا بىلەن ئەتلەس كۆڭلەكنى كىيىپ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىدەك توي قىلسىز.ئەگەر سىزمۇ سەتلىشىپ باشقىلار ئىجارىگە ئېلىپ نەچچە قېتىم كېيىلگەن كونا كىيىم كەيسىڭز،تويىڭىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىمەن، لېكىن تويىڭزغا قاتناشمايمەن>دىگەندى،قىزىممۇ:<دادا،مەن سىزنىڭكى دېگىنىڭز بويىچە ئىش قىلمەن >دېدى. 

ئىز تورى www.iz.la


  _مىنىڭمۇ شۇنداق ئارزۇيۇم بار،_دېدى ھېلىقى ھەدىمىزنڭكى يېندا ئولتۇرغان بىر ئاپپايمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ،_خۇدايىم بويرۇسا مەن قىزىمنىڭ تويىدا چوقۇم ئايرىم توي كۆينىكى تىككۈزۈپ كەيدۈرمەن،توي دىگەن ئۆمرىدە بىر بولدىغان تۇرسا باشقىلارنىڭ بەدىنى تەككەن كىيىمنى كېيىشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا بىر ئىشتە. 
  ياۋرۇپالىقلار توي قىلدىغان چاغدا توي كۆڭلىكىنى يېڭدىن تىكتۈرۈپ كىيىپ،تويدىن كېيىن خاتىرە سۈپىتىدە ساقلايدىكەن.بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كەيگەن كىيمىنى بىرمۇنچە پۇلغا ئارىيەتكە ئېلىپ،توي كۈنى كىيىشكە قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈردىغاندۇ؟ 
  بىز توي قىلغان چاغلاردا بېشىمىزنى بىر كۈن گىجىم رومالغا يۆگەپ بېشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرەلمەي بويۇنلىرىمىز ئاغرىپ كېتەتتى،ھازىرقى قىزلىرىمىز يۈزلىرىنى ئېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن،مانا مۇشۇنداق مۈرىسىز،يەڭسىز،كۆڭلەكلەرنى كىيىپ،كۆزلىرىنى ماي سالغان چايدەك پارقىرىتىپ ئولتۇرسا......  www.iz.la
_ۋاي ئاداش يەنە شۇچاغلارنى ئويلىسام ھاياجانلىنمەن،توي بولدىغان قىز ئۆزىنى بەك يۇشۇرغاچقىمۇ ئۇ قىزنى باشقىلارمۇ كۆرۈشكە بەك قىززىقاتتى.تويىمىز بولۇپ بىرەر ئايغىچە تالا-تۈزگە يالغۇز چىقىشتىن خىجىل بۇلۇشاتتۇق.ھازىرقى قىزلارنىڭ توي قىلىش،يېڭى كېلىن بولۇشلىرىنىڭ ئانچە مەززىسى قالمىغاندەكلا،ئۆزىنىڭ تويىدا ئۆزى ئويناپ... 
  يىگىت بېشى يىگىتنىڭ ئانىسى قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىپ ۋېچىركا باشلىندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئانا گۈلدۇراس ئالقىش ۋە ھاياجانلىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئوتقاشتەك چىرايلىق قىزىل شارپىنى ئېلىپ كېلىننىڭ يېنىغا ماڭدى،قىز بىلەن يېگىت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئاننىڭ ئالدىغا چىقتى.ئانا كېلىننىڭ يۈزىگە ئارتىۋالغان تور ياغلىقنى ئېلۋېتىپ،قىزىل شارپىنى قىزنىڭ بوينىغا ئارتىپ، كېلىن بىلەن ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى ھەمدە بىرتال ئالتۇن ئۈزۈكنى ئېلىپ بارمىقىغا سېلىپ قويدى.قىز قولدىشى ئانىنىڭ بوينىغا بىر كۆينەكلىك شىپىڭ دۇخاۋا ئارتىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن قىز-يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئۇلىشۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىشتى،شۇتاپتا ئانا قولىنى ئۇسۇلغا كۆتۈرگىنى بىلەن كۆزلىرى يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى...ئاھ ئانا!بەلكىم ئۇ ئوغۇل ئۆيلەپ كېلىنلىك بولغىنى ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ،خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكىۋاتقاندۇ،شۇنداقتىمۇ بۇ كۈندىكى باللارغا ئانا بولماق ئاسان ئەمەستە...شۇنداق ھاياجانلىق تۇيغۇدا كۆزلۈرۈمگە يىغا ياماشتى يېنىمدىكى ئانلارمۇ ئاللاقاچان كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتىشكە باشلىغان ئىدى.  www.iz.la
  _يائاللا،يۈزىنى ئەمەس كۆكسىنى تۇلۇقراق ياپقان بولسا ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا بىلەيزۈك سالاتتىمىكىن جىنتەككە..._دېدى بۇغداي ئۆڭ ئورۇققىنە كەلگەن ئايال. 
  توي داۋاملىشىۋاتاتتى.قىز بىلەن يىگىت تانسىغا چۈشتى،ئۇلار ئىككى-ئۈچ قەدەم ئېلىشىغىلا بىر بالا ئۇزۇن قىزىل تاۋاردا قىز بىلەن يىگىتنىڭ سۆڭگىچىدىن بىر-بىرىگەچېتىپ باغلاپ قويۋېدى،ئولتۇرغان قىز يىگىتلەر چوقان سېلىشىپ چاۋاك ئارلاش ئالقىش ياڭراتتى.مەن يېنىمدىكىلەرگە قارىدىم،ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەيران بولۇشۇپ بىر-بىرىگە قارسا،بەزىسى خىجالەت بولغىندىن يەرگە قاراشتى. 
  _ۋاي بۇ نىمە ئالامەت؟مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ياكى ئاۋۇ پۇتىنى نىمىگە... 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  _خاتا كۆرمىدىڭز قوشنام،ئۇلارنى مەڭگۈ ئايرىلمىسۇن دەپ چىڭ باغلاپ قويۋاتقان چېغى... 
  _قوپىشامدۇق؟يەنە ئولتۇرىۋەرسەك،ئۇنىڭدىنمۇ بەك سەتچىلىكنى كۆرۈپ قالمايلى. 
   ئاشۇ كۈندىن كېيىنكى تويدىن كېيىن،توي كۆڭلىكى بىلەن ھېلىقى پوتا باغلىغان كۆرۈنۈش كۆڭۈل ئېكرانىمدا پات-پات پەيدا بۇلۇپ،مىنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويۋاتقان،بۇ توغرۇلۇق چوڭلاردىنمۇ نۇرغۇن نارازىلىق پاراڭلارنى ئاڭلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يەنە بىر قىزىمىزنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم.بۇ تويدىكى قىزىمىز ئىككىلا مۈرىسى، ھەتتا دۈمبىسى ئۇچۇقلا توي كۆڭلىكى كەيگەن ھالەتتە يىگىتنىڭ يېندا كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ئولتۇراتتى. قىزغا قارىساملا ئۆزۈمنىڭ بىر يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ،بۇ تويدىنمۇ بالدۇرلا قايتتىم.  www.iz.la
  ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قىز-ئاياللارنىڭ نازاكىتى،جەلىپكارلىقى توغرسىدا مۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە:<ئاياللار رۇباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كەڭ چىقىرىپ قويسا،كۆرگەن ئادەم ئەجەپ كۆڭلىكىدىن روباشكىسىدىن كۆڭلىكى قىسقا ئىكەن،ئىچىدىكى بىرنىمىسىنى ساڭگىلتىپ قويماي ئوڭشاپ كېيۋالسىچۇ دەيدۇ،ئەگەر روباشكىسىنىڭ جىيىكىنى كىچىككىنە چىقىرىپ قويۇپ كەيسە،كۆرگەن ئادەم رۇباشكا ئىچىدىكى گۈزەللىككە قىزىقىدۇ...>،دېمەك قىزلىرىمىز يۇشۇرۇشقا تېگىشلىك يەرلىرىنى يۇشۇرۇپ،ئۆزىگە خاس نازاكىتىنى ساقلاپ قالسا،ئۇلاردىكى جەلىپكارلىق تېخىمۇ كۈچەيمەسمۇ؟؟؟ 
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  ئىگىلىشىمچە،توي كۈنى قېينانىسى كېلىننىڭ يۈزىنى ئاچقاندا،قىزىل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويدىغاننىڭ ئەسلى ماھىيتىى:<ئاتا-بوۋىلىرىمىز تويى بولغان قىزنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىر كۆرۋېلىش ئۈچۈن قىزىل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈك كۆرۈملىك قىلىش >ئىدى.بۈگۈنكىدەك ياۋرۇپاچە كونا كىيىملەرنى كىيىپ،بەدەننىڭ يېرىمىنى ئېچىپ ئولتۇرغان يېڭى كېلىنلىرىمىزگىمۇ يەنىلا شۇنداق كۆرۈملۈك ئارتۇق كەتمەسمۇ؟؟؟ئۇلار ئاشۇ قىزىل ياغلىق بىلەن ئالتۇن ئۈزۈككە لايىق جاۋاپ قايتۇرغان بولسا، بۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئۆرۈپ- ئادىتىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۆ زقىممىتى بىلەن تاپشۇرغان بولساق،قانداق ياخشى بۇلاتتى ھە؟  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  يېقىندا بىر ژورنالدا<ئاياللىرىمىزنىڭ يېرىم يالىڭاچ كوچىغا چىقىشى ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر>دىگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ قالدىم.ئۆتكەنكى تويدىكى ئانلار ئېيىتقاندەك خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق يامان ئادەتلەرنى ئۆگنىۋېلىشىدا ئەرلەرنىڭ،يىگىتلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى بار. 
   سۈيۈملۈك سىڭىللار،سىلەرنىڭ تويدا كەيگىنىڭلار توي كۆينىكىمۇ؟ئىچ كۆڭلەكمۇ؟؟؟ 
   قەدىرلىك يىگىتلەر،تويىڭىز بولغان كۈنى سۈيۈملىك مەھبۇبىڭزنىڭ،ئۆزىڭزگىلا تەئەللۇق بولغان خاس جايلىرىنى باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا تاشلاپ بېرىپ نېمىگە ئېرىشەرسىز؟؟؟ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،توي كۈنى مەھبۇبىڭزنىڭ كۆڭلىكى ئىچ كۆڭلەك بۇلۇپ قالمىسۇن.  ئىز تورى www.iz.la
 مەنبە:زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى دىگەن ئەدەبىي توپلام . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
80%
ناچار
(1)
20%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇرسەت ئەنە شۇنداق ئاددى!

    بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنتايىن چىرايل...

  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...