بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

ۋاقتى:2012-01-05 16:45مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
       كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن .
    ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ بىر ئاز ھېرىپ قاپتۇ ۋە بىرەر يەرنى تېپىپ مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەھ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ .دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سىۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەھ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سېۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   -ھەي ، نەس باستى- دە،-كەرىم قاتتىق خاپا بولۇپ كېتىپتۇ، -ئوغرى نېمىشقا مېنى كۆزلەپ قالغاندۇ؟
    ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇنلار تۇرغۇدەك . ھەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا ئۇنىڭ قالپىقى بار ئىكەن . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن چىقىرشىپتۇ . ئۇ مايمۇنلارغا قاراپ ھەييارلىق قىلىپتۇ ، نەتىجىدە ھەييارلىق قىلىشقا مايمۇنلار ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئۇستا ئىكەن . ئۇ ئاخىرى ئۇلارغا قارىتىپ تاش ئېتىپتۇ ، مايمۇنلار بولسا ئەنبەھلەرنى ئۈزىۋېلىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپتۇ ، ئەنبەھلەر خۇددى يامغۇر تامچىلىرىدەك ئۇنىڭ بەدىنىگە تاراسلاپ تېگىشكە باشلاپتۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


    كەرىم ئامالسىز ئاچچىقىدا بېشىدىكى بۆكىنى ئېلىپ يەرگە قارىتىپ غەزەپ بىلەن ئېتىپتۇ . كىم بىلسۇن، ھېلىقى مايمۇنلارمۇ ئۇنى دوراپ بېشىدىكى قالپاقلىرىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ . كەرىم ھەم ھەيران ھەم خوشال بوپتۇ ، دەرھال بېرىپ قالپاقلارنى  يىغىپ سېۋىتىگە سېلىپتۇ-دە، يولىغا راۋان بوپتۇ.
    50 يىلدىن كېيىن كەرىمنىڭ نەۋرىسى ئاباد بوۋىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ سېۋەت كۆتۈرۈپ يېزا–كەنتلەر ئارىسىدا قاتراپ قالپاق سېتىش سودىسىغا كىرىشىپتۇ.
   ياز ئايلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرنى ئايلىنىپ بەك ھېرىپ كېتىپ ، ئازراق مۈگدىۋالماقچى بوپتۇ . ئۇ شاخلىرى زىچ ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر تۈپ ئەنبەھ دەرىخىنى كۆرۈپ قاپتۇ. دەرەخ تۈۋى سالقىن بولغاچقا ئۇ قالپاق قاچىلانغان سېۋەتنى يېنىغا قويۇپ ، ئەنبەھ دەرىخىگە يۆلەنگىنىچە ئۈگدەشكە باشلاپتۇ . بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن تاتلىق ئۇيقىغا كېتىپتۇ . بىراق ئۇ ئۇيقىدىن ئويغىنىپ قارىسا سىۋەتتىكى قالپاقلارنىڭ بىرىمۇ يوق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئاباد ئەتراپتىن يۈتكەن قالپاقلارنى ئىزدەشتۇرۈپ ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا دەرەخ ئۈستىدە سانجاق-سانجاق مايمۇن ، ھەر بىر مايمۇننىڭ بېشىدا قالپاق بار ئىكەن .
     ئاباد قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ ، ئەمما ناھايىتى تېزلا بوۋىسى ئېيتىپ بەرگەن ئەخمەق مايمۇنلارنىڭ قالپاقنى ئېتىپ بەرگەن ھېكايىسى يادىغا يېتىپتۇ .
   -توغرا، تاپتىم، -دەپ ئويلاپتۇ ئاباد، -مەن نېمىشقا بوۋامنى دوراپ بۇ مايمۇنلارنى ئەخمەق قىلىپ قالپاقلارنى قايتۇرۋالمايمەن .
    شۇنىڭ بىلەن ئاباد مايمۇنلارغا قول پۇلاڭلىتىپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئۇنىڭغا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپتۇ ؛ ئۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ، مايمۇنلارمۇ ئۇسسۇل ئويناپتۇ ؛ ئۇ قۇلىقىنى سوزۇپتۇ ، مايمۇنلارمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قىپتۇ ؛ ئۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتىكەن، مايمۇنلارمۇ ئوڭ قولىنى كۆتىرىپتۇ ، پەيت كەلدى دەپ بىلگەن ئاباد بېشىدىكى قالپىقىنى يەرگە قارىتىپ ئېتىپتۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    دەل شۇ چاغدا بىر مايمۇن دەرەختىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ ئاباد يەرگە ئاتقان قالپاقنى ئېلىۋېلىپ يەنە شۇنداق تېزلىكتە دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ . ئاباد گاڭگىراپلا قاپتۇ ، بۇ ۋاقىتتا دەرەختىكى بارلىق مايمۇنلار ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىشىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ.
    - مېنىڭلا بوۋام بار دەپ ئويلىغانمىدىڭ ، ئەخمەق .
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...